رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
كىم ئىدىڭ
كىم ئىدىڭ ئۇنتالماي ياشلار تۆككىدەك،
كىم ئىدىڭ يالۋۇرۇپ باشلار ئەككىدەك.
بىلمىدىڭ بىۋاپا قەدىرلىگەننى،
كىم ئىدىڭ شۇنچىلىك قىلىپ كەتكىدەك.
يۈزسىزلىك قىلدىڭ سەن باغرىمنى تىلىپ،
سۆيگۈمنى خارلىدىڭ ئۇيۇنچۇق بىلىپ،
سۆيگەننى بىلمىسەڭ پىچاقنى ئىلىپ،
كىم ئىدىڭ يۈرەكنى يېرىپ بەرگىدەك.
قەدرىمگە يەتمىدىڭ سۆيگەنتىم سېنى،
جىنىمدىن ھەم ئەزىز كۆرگەنتىم سېنى،
كەتسەڭ كەت يۈرۈكۈم سۆيىدۇ مېنى،
كىم ئىدىڭ يۈرەكنى ئىلىپ كەتكىدەك.
رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
زار بوپ قالىسەن
ئالدامچى يار ئۆچ بولدۇم ساڭا،
ۋاپاسىزلىق قىلدىڭ سەن ماڭا،
قىلغانلىرىڭ بىر كۈنى يانا،
مەندەك يارغا زار بوپ قالىسەن.
مەندىن كەچكەن يۈرەكىڭ تېخى،
قان يىغلايدۇ سېغىنىپ مېنى،
تاشلىغاندا ئۆزگىلەر سېنى،
مەندەك يارغا زار بوپ قالىسەن.
ئاغرىمىغان كەتكەندە ئىچىڭ،
كۆككە يەتكەن بەلكىم شۇ بىشىڭ،
قەدرىم ئۆتۈپ ئاققاندا يېشىڭ،
مەندەك يارغا زار بوپ قالىسەن.
رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
مەيلى يوق
سىزنى دىدىم سىزنىلا سۆيدۈم،
چىن يۈرەكتىن سىزگىلا كۆيدۈم،
چۆشۈمدىمۇ بىر سىزنى كۆردۈم،
يۈرۈكۈمنىڭ ئۆزگە مەيلى يوق.
قىلسام دەيمەن سىز بىلەن سەيلە،
ناخشا ئيتسام ئايدىڭدا بىللە،
بەخىت ئىدى ماڭا شۇ دەملە،
يۈرۈكۈمنىڭ ئۆزگە مەيلى يوق.
ساچى تال-تال بولسىمۇ سۇمبۇل،
سۆيگۈسىنى قىلمايمەن قۇبۇل،
سىز ئەتىرگۈل مەن كۈيچى بۇلبۇل،
يۈرۈكۈمنىڭ ئۆزگە مەيلى يوق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-31 04:48 PM