بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ،سىناريىسمۇ ئىنتايىن ياخشى،تەسىرلىك يېزىلپتۇ،ۋەقەلىكمۇ تەرتىپلىك،تەبىئى،جانلىق چىقپتۇ،تورداشىلار دىگەندەك سەۋىر قىلىشنى بىلىش كىرەك ،بەزىدە زىيادە ئالدىراقسانلىق قىلىش ياخشىلىق ئەپ كەلمەيدۇ،دادىمۇ بالسنى ياخشى كۆرگەچكە بالسنىڭ ئۆمىرنىڭ قاراڭغۇلۇقتا ئۆتشنى خالماي ئۇنى تاشىلۋەتتى ،لىكىن تاشىلىۋتنىشنىڭ مەسلنىڭ ئەڭ ياخشى چارسى ئەمەسلىكىنى كىچىكىپ تۇنۇپ يەتتى ،يەنى گەرچە ئۇ بالسنى ياخشى كۆرسىمۇ لىكىن ئۇنى قوغداشنى بىلمىدى ۋەبالسنىڭ كەمتۈكلىنى قۇبۇل قىلشنى خالماي ئەنە شۇنداق تىراگىديەنى كەلتۇرۇپ چىقاردى ،ئازراق سەۋېر قىلىپ ،سەۋەپ قىلىپ ئۆز مىھىر مۇھەببىتىنى توغرا يول بىلەن ئىپادىلگەن بولسا بۇنداقمۇ بولماس ئىدى ،ئەر بىلەن ئايال ئوخشاشلا بالسنى ياخشى كۈرەتتى ئەمما بۇ ئەھۋالغا كەلگەندە ئىرى ئايالنىڭ توغرا پىكىرنى تۈزۈك ئويلاشمايلا ھاياجان ئىلكىدە ئەنە شۇنداق يارتقۇچنىڭ غەزبنى كەلتۇردىغان قارارنى چىقاردى ....
كىرشتۇرۇلۇشمۇ شۇنداق ياخشىكەن،مەيدان، مەنىزىلىرمۇ ياخشى تاللىنىپتۇ،رەڭمۇ جايىدا تەڭشىلىپتۇ،چىراغنىڭ رۇلىمۇ ئۈنىمىنى ياخشى كۆرسىتپتۇ،رىژىسسور،ئوپىراتور،كىرشتۇرگۈچىلەرنىڭ تېخنىكىسمۇ خېلى ياخشىكەن،بۇلۇپمۇ ئات چاپتۇرغاندىكى كۈرۈنۈش بەكلا ياخشى سۈرەتكە ئېلنىپتۇ ۋە بەكلا دەبدەبلىك چىقپتۇ،شۇنىڭغا قارىغاندا ئەجدادلرىمىزنىڭ ئات چاپتۇرغان تارىخى فىلملەرنىمۇ ياخشى ئىشليەلىگىدەكسىلە
يەنە ئەڭ ئاخىرقى دادا بالنىڭ كۆزنىڭ ئېچىلغانلىقى ۋە بۇ دۇنيادىن خوشلاشقانلىقنى كۆرۈپ ئازابلانغان ھالدا بالنى كۆتۈرۈپ نىشانسىز سايلىقتا ماڭغان كۆرۈنۈشمۇ بەكلا ياخشى چىقپتۇ،ئات بىر ياندا تۇرغان،ئانچە مۇنچە ئوت چۆپلەر بار سايلىق،كەينىدە چوڭ تاغ،ھاۋا بۇلۇتلۇق،شاماللار غۇر-غۇر سۇقۇپ تۇرغان...بۇ خىل ھالەت دادېنىڭ شۇ چاغدىكى پىسخىك ھالىتىگە تۇلمۇ ماس كەلگەن،دىمەك سىنارسىت،ئوپىراتور،رىژسسورلار تۇلمۇ ياخشى ماسلىشالغان بولغاچقا بۇ فىلىم تۇلمۇ مۇۋەپپىقەتللىك چىققان،دىيارمىزدەك يامغۇر ئاز ياغىدىغان جايدا يامغۇرنىڭ كۆرۈنۈشنى ئالماقمۇ ئاسان ئەمەس،يامغۇر ياققانلىقنى كىرشتۇرگەن بولساڭلارمۇ لىكىن تەبى چىقپتۇ،بىرلا يىرى كەينى مۇزىكلارنىڭ بەزىللىرى بۇ فىلىم بىرخىل كىشىگە ۋەھىمىلىك فىلمدەك تۇيغۇ بىرىپ قۇيىدكەن،كەچتە كۆرگەنتىم بۇ فىلمىنى ئاخىرغىچە كۆرەي دەپ، بەزى مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ ئازراق سۈر بېسىپ تڭشۇغۇچنى ئېلۋەتتىم...بۇ مىنىڭ شەخسى قارشىم،خاپا بولماڭ جىق سۆزلىۋەتتىم،لىكىن فىلىم ياخشى چىققاچقا ھەمدەماڭا بەك ياققاچقا كۆپ سۆزلىۋەتتم،ئارتىستلارمۇ بەكلا تەبى ئاپتۇ رولنى
ئاخىرىدا سىتودىيەڭلارنىڭ مۇشۇنداق تېخمۇ نادىر فىلملەرنى ئىشلەپ تۇرۇشنى تىلەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا BUEREZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-17 01:32 AM