ahmat888 يوللىغان ۋاقتى 2013-12-17 12:05 AM
بۇ فېلىم مۇساپىرغا ھېيت بولمايدىكەن ناملىق فىلىمدىن ك ...
پىكرىڭىز ئورۇنلۇق، ئەلۋەتتە بىز مۇشۇنداق پىكىرلەرگە مۇھتاج. يەنە بىر تەرەپتىن تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق ئىشلار مەۋجۇت ،بۇنىڭغا ھەرگىز كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. ھەرقانداق ئېسىل سۈپەتلىك مىللەتنىڭمۇ ناچار تەرەپلىرى بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش بۇفىلىمدىكى ئاتا ماھىيىتى رەزىل ئەمەس بەلكى تۇنجى ئاتا بولغان چېغىدا بۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ ئەقلىنى يوقاتقان يەنە دەرھال ئەقلىنى تاپقاندا بولسا كىچىككەن. بۇپەقەت كىچىككىنە تۇرمۇش كارتىنىسى. بىزنىڭ مىللىتىمىزدە مەدھىيلەشكە تىگىشلىك ئىشلار ئىنتايىن كۆپ ئەمما ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە.
يەنە بىرسى فىلىمنىڭ ئاخىرىنى ئەڭ ياخشىسى كۆرۈرمەنلەر كۆرۈپ ئاخىرىنىڭ قانداق بولىشىنى ئۆزىگە قويغان ياخشى. سىز فىلىمنىڭ خاتىمىسىنى كاللىڭىزدا بىر قۇر ئويلاپ بولدىڭىز دىمەك بىزمۇ شۇنداق ئويلىغان ھەم شۇنداق بولىدۇ.
قىممەتلىك پىكرىگىزگە رەھمەت ھەم بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى باشقىلارغىمۇ تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ.
www.davrcg.net