ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ئۇزۇن بوپتۇ مىسرانىمغا يېڭى خەتلىك فىلىملەردىن يوللىمىغىلى، بۈگۈن سىلەرگە يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنغان ياپونىيە 26قىسىملىق كارتون فىلىمى ‹گىگانىتلار زەربىدە›نى ئالغاچ كەلدىم.
ئىسمى: | گىگانتلار زەربىدە |
خەنزۇچە ئىسمى: | 进击的巨人
|
چەتئەلچە ئىسمى: | attack on titan
|
دۆلىتى: | ياپونىيە |
تىلى: | ياپونچە |
تۈرى: | كارتون |
فورماتى: | باشقا |
ۋاقتى: | 2013-04-06 |
يېزىقى: | ئۇيغۇرچە |
رازمېرى: | 1080× 1920 |
سىغىمى: | 800MB~1G |
ئۇزۇنلىقى: | 24~26 مىنۇت |
رېژىسسور: | ئاراكى تېتسۈرو (ئەجەل پۈتۈكى كارتون نۇسخىسىنىڭ رېژىسسورى) |
باش روللاردا: | ئېرېن يېگار- كاجى يۈكى مىكاسا ئاكېرمان- ئىشىكاۋا يۈيى ئارمىن ئارلېرت- ئىنوۈۋې مارىنا رىۋايل- كامىيا خىروشى |
قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى: | يۈز نەچچە يىللار ئىلگىرى ئىنسانلارنى ئوزۇق قىلغۇچى گىگانتلار پەيدا بولۇپ ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. ئىنسانلار ئۈچ دانە مۇستەھكەم سېپىل ئىچىدە يۈز يىللىق تىنچ تۇرمۇشنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. ئەمما ئېرېن يېگار بۇسېپىللار نىڭ سىرتىدىكى دۇنياغا ئىنتىلەتتى، ئۇ باشقىلارغا ئوخشاش سېپىل ئىچىدە مەڭگۈ تۇرۇشنى خالىمايتتى، سىرتتىكى دۇنيانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى... ئىنسانلارنىڭ تىنچ تۇرمۇشى غايەت زور گىگانت ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز سېپىل تۈۋىدە پەيدا بولۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ چوڭ گىگانت ئەللىك مېتىر ئېگىزلىكتىكى مارىيا سېپىلى سىرتىدىن سېپىل ئىچىدىكى ئىنسانلارغا قاراپ تۇرغان شۇ دەمدە ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ گىگانتلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى قورقۇنچنى، ئۆزىنى ئۆزى قوتانغا سولىۋالغان مالغا ئوخشاش ھاقارەتنى ئەسكە ئالىدۇ. |
1- قىسىم «ئىككى مىڭ يىلدىن كېيىنكى سىزگە» نىڭ مەزمۇنىدىن پارچە:
845- يىلى، ئىنسانلار سېپىل ئىچىدىكى يۈز يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تىنچ تۇرمۇش قوينىدا بىغەم ياشاۋاتاتتى. بۇ كۈنى سېپىل سىرتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان يەزەك قوشۇن قايتىپ كەلدى، ئەمما ئۇلار زور بەدەل تۆلىگەنگە چۇشلۇق ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي قايتقان ئىدى، كوچىلاردا كىشىلەر ئۇلارنى كەينىدىن ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشىۋاتاتتى... ئەمما ئېرېن يېگارنىڭ يەزەك قوشۇن ۋە ھازىرقى تۇرمۇشىغا بولغان قارىشى باشقىچە ئىدى، ئۇنىڭ نەزىرىدىكى يەزەك قوشۇن جەڭچىلىرى ھەقىقى قەھرىمانلار ئىدى، ئەكسىچە قاتمۇ-قات سېپىللار ئىچىدىكى ھاياتنى قوتاندىكى مالنىڭ كۈنىگە ئوخشىتاتتى...
شۇ كۈنى تۇرمۇش بۇرۇنقىغا ئوخشاش تىنچ داۋام ئەتمەكتە ئىدى، كوچا رەستىلەردە سودا-سېتىق قايناۋاتقان، بالىلار خۇشال ئويناۋاتقان، ئەسكەرلەر سېپىل قوۋۇقىنى ساقلىغاچ ھاراق ئىچىۋاتقان... ئەمما ئۇلار ھوشيارلىقنى يوقاتقان ۋاقىتنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇشقان ئىدى...ئاتالغۇلار ئىزاھاتى:
يەزەك قوشۇن: سېپىل سىرتىدا گىگانتلارنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قىسىم. (يەزەك- تۈركى تىللار دىۋانىدا قوشۇننىڭ ئالدىدا يۈرگۈچى ئاۋانگارت ئەترەت دەپ چۈشەنچە بېرىلگەن.)
تۇرغۇن قوشۇن: سېپىل ساقلاش، رېمونت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قىسىم.
يورتۇغ قوشۇن: پادىشاھنىڭ يېنىدا شاھنى قوغداش، پۇقرالارنى باشقۇرۇش، تەرتىپ يۈرگۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قىسىم. (يورتۇغ- تۈركى تىللار دىۋانىدا ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا خاقاننى قوغداپ ماڭغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر ياكى خاقاننىڭ ئۆزى بىلەن ئېلىپ يۈرگەن ھەمراھلىرى دېيىلگەن.)
باشقا ئاتالغۇ ۋە مەلۇماتلار فىلىم ئوتتۇرىسىغا قىستۇرۇلغان، ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بەزى مەزمۇنلار ئاشكارىلىنىپ ماڭىدۇ..
360 تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://yunpan.cn/QUjuq45giTFix
访问密码 0dfc
2- ۋە 3-قىسىملىرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ