مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Gvlbargi0999

ئاياللاغا 100 نەسىھەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1977
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4270
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 978 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 10:07:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2013-12-25 10:04 PM
نىيىتىڭىز زادى شۇنداقتى سىزنىڭ.

پاھ ئىككىڭلارنىڭ ئىنكاسلىرى قىززىققۇ، مەن ئارتۇقچە ئويلىۋالمىغاندىمەن-ھە!

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10879
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2211 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 10:24:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بەزىلەرنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا    مۇنبەرگە يوللانغان تېمىلارنى بىرگە كۆرەمدۇ نىمە....... ئىككى كومپىيوتىرنى تورغا چېتىپ قويۇپ


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ
sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 11:10:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 861
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1737
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3113 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 11:26:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسلىمە خانىم ھۆكۈمران ئەپەندىنىڭ ئايالى ئىكەندە ئەسلى ، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىلمەي يۈرۈپتۇق .

بۇلبۇللار تۇتقىن بولدى يۇرتنى بۇلغىدى قاغا ،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئىسىلۇر دارغا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4327
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 11:42:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ ، نىمىدىگەن ياخشى نەسىھەتلەر  . مەن بەك ياقتۇردۇم ، داۋاملىق يوللاڭ جېنىم .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10206
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2333 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:01:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى نەسىھەتلەركەن ھارماڭ ھەدە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:45:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2013-12-25 09:53 PM
سىز كۆپرەك كۆرسىڭىز بولغۇدەك موماي.
كۈندە تاماق ئەتكە ...

گۈلەن ئاكىمىز توغرىلىق ئۇچۇر بىلەمسىز ھۇكۇمران قېرىندىشىم.باشقا مەقسىتىم يوق.ئۇنىڭدەك قەلبى ئويغاق زىيالىيلارنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىنى بىلىپ تۇرساقكەن دېگەن ئۈمۈتتىمەن.ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:45:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن يوللاپ تۇرۇڭ گۈلبەرگىخان.تىمىڭىزنى ياقتۇردۇم.ئۇزۇنراق يوللارسىز .تاش شەھەردىكى ئاياللارمۇ كۈرەر بەلكىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yancin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-26 12:54 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:47:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭ گۈلبەرگى تىمىڭىزغا قىسىلىۋالدىم مەن يوللىغان بۇتىمىنىڭ ئۆمرى 30 سائەتكىمۇ يەتمىدى شۇڭا ئىنكاس شەكلىدە سىزنىڭ سايىڭىزغا يوللاپ قويدۇم.كىشى كۆڭلى تارتمىغان كىشىنىڭ ئۈيىگە بارغۇسى كەلمەيدىغۇ؟سىزنى كۆڭلۈم تارتىپتۇ دوستۇم.
ناماز ئۇقۇماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ

تاڭ ئۇيقۇسى خاننىڭ ئۇيقۇسى،
شېرىن-شېرىن كىلەدۇ راسا.
ئىسسىق يوتقان ئىچىدە ياتىپ،
ئۇخلا-ئۇخلا سەھەردە راسا.

سەھەرىڭدە ئارمان بولمىسا،
تېنىڭ ئاجىز دەرمان بولمىسا.
ئېتىقادىڭ ئىمان بولمىسا ،
ئۇخلا-ئۇخلا سەھەردە راسا.
(ئىسكەندەر سەمەت)
        كېچىدىن ئېشىپ-تېشىپ كۈندۈزدىمۇ ئۇخلاۋاتقانلار....ئاللاھ ئۇيقۇ ئۈچۈن ياراتقان سىيارەڭ كېچىلەرنى تۈرلۈك-ئەيشى-ئىشرەت،ئاتالمىش كۈڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا،دىنسىزلارنىڭ ئادىتى بولغان تۇغۇلغان كۈن زىياپەتلىرىدە لەلەڭلەپ  بىباھا ئۆمرىنى غاپىللىق تۇمانلىرىدا خۇرىتىۋاتقانلار، تورخانىلاردا(ياخشى تىمىلارنى كۈرۈپ ئەمەس،ئۇيۇن ئويناپ،كىنوكۈرۈپ ئۆتكۈزگەنلەر) ،كۇلۇپلاردا شەيتان نەغمىسى بىلەن تۈنەۋاتقان مىللىتىم ياشلىرى،....كۈندۈزلەردە،ئاخشاملاردا گىرىمخانىلاردا نۆۋەت ساقلاپ ،ناماز ۋاقتى بىلەن ھېساپلاشمايۋاتقان قىز-ئاياللار .....كۇرىيەنىڭ تۈگىمەس كۆپ قىسىملىق لاۋزا كىنولىرىنى سائەت قوغلىشىپ ،نامازنى قۇيۇپ كۈرۈپ ،ياكى كىنوغا ئالدىراپ ئوپۇل-توپۇللا ئۇقۇپ يەنە تىزگىنەككە يۈگرەۋاتقانلار...
بۇ ناخشىنى ئۇقۇغان ئاكاش ئېھتىمال
تاڭ ئۇيقۇسى خاننىڭ ئۇيقۇسى
دەپ ئېلىپ، ھاياتى دۇنيادىكى باقاسى يوق خان شاھلارنىڭ غاپىللىقىنى شېئىر بىلەن ئىشارەت قىلغان بولسا كېرەك.
       «ئۇيقۇ ئۈلۈمنىڭ مۇقەددىمىسى»- دەيدۇ ئاقىللار. پاك ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە «كېچىنى لىباس،ئۇيقۇنى بەدىنىڭلار ئۈچۈن راھەت قىلىپ بەردۇق»-دەيدۇ. دەرۋەقە  نورمال ئۇيقۇ بىزگە راھەت بېغىشلاپ ساغلاملىق ئەكەلسە،زىيادە ئۇيقۇ روھنى قاساۋەتلەشتۈرۈپ ،دىلنى بىخوتلاشتۇرۇدۇ.كىشىنى ھۇرۇن ،چۈشكۈن ئىزلەڭگۈ،خامۇش قىلىدۇ.سۈيۈملۈك رەسۇلىمىز «مۇناپىقلىق بامدات بىلەن خۇپتەندە ئايرىلىدۇ.يەنى دىلىدا نىفاق بار ئادەمگە نىسبەتەن شەيتان«ئۇخلا ،نامازنى ھېلى ئۇقۇيسەن»-دەپ ئازدۇرسا خۇپتەندە بولسا «ئۇخلا، ئەتە ئۇقۇيسەن »-دەيدۇ»دېگەن.دېمىسىمۇ ئىشلەيدىغان كۈنلەردە نامازنى ۋاقتىدا ئۇقۇيدىغان قېرىنداشلار،دەم ئېلىش كۈنلەردە كۈن چىقىپ بولغاندا بامدات ناماز ئۇقۇيدىغان ئەھۋاللار بار.بۇ خاتا قىلمىش قېرىندىشىم!!!!ئىشلەيدىغان كۈنلەردە نامازنى ۋاقتىدا ئۇقۇيدىغان تۇرۇقلۇق دەم ئېلىش كۈنلەردە بولسا تېخىمۇ سەھەر تۇرۇپ نامازلارنى تەئدىل-ئەركانلىرى بىلەن ئادا قىلىپ بۇلۇپ ئاندىن يېتىپ ئۇخلاپ ۋاقچە تۇرسىڭىزمۇ  بۇلىدۇغۇ؟؟؟؟ناماز پاك ئىسلامنىڭ تۈۋرۈكى بۇلۇش مۇھىملىقى بىلەن بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇدىغان ،روھىمىزنى پاكلاپ ،گۇناھلىرىمىزنى يۇيۇپ پېردەۋېسكە يەتكۈزۈدىغان يولخەت!!!!!بىزنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى دەرىجىمىز تەقۋالىقات ئۆلچىنىدۇ.يەنى نادان ئېسىلدىن تۈۋەن تەبىقىدىكى تەقۋا كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى دەرىجىسى ئارتۇقتۇر.ناماز ھەقتىكى بايانلارنى ئاڭلاپ باقايلى.      
        پاك ئىسلام -شاھادەت، ناماز ،زاكات،رامىزان، ھەججىدىن ئىبارەت بەش پەرىز ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇلۇپ ،ناماز دىننىڭ تۈۋرۈكى ھېساپلىنىدۇ.يەنى ئىسلامنى بىر بىناغا ئوخشاتساق ،شاھادەت بىنانىڭ ئۇلىغا ،ناماز تېمىغا ،باشقا ئەمەلى سالىھلار ئۆگزىسىگە ئوخشايدۇ.سۈيۈملۈك رەسۇلىمىز (ئۇنىڭغا پاك ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن)دىنىمىزدىكى ئەركانلارنى جانابى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ۋەھيى ئېلىپ كېلىشى بىلەن قۇبۇل قىلغان بولسا،نامازنى  مىئراجقا چىققاندا ،جانابى ئاللاھ سۇبھانە ۋەتائالادىن بىۋاستە تاپشۇرۇپ ئالغان.
ناماز ئىسلامدىكى شەرتسىز ئۆزرىسىز پەرىز بۇلۇپ ،قىزلارغا نىسبەتەن نامازنىڭ بالاغەت يېشى  (مەيلى ئادەت كۆرسۇن ،كۆرمىسۇن)توققۇز ياش.ئۇغۇللارغا نىسبەتەن(مەيلى ئېھتىلام بولسۇن بولمىسۇن)ئون بىر ياش دەپ بەلگىلەنگەن.ناماز بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ،شەرتسىز ،ئۆزرىسىز پەرىز بۇلۇپ ،كېسەللىك،ئەنسىزلىك،دۇنيالىق مەشغۇلاتلارنىڭ جىددى كېلىشى ۋە باشقا سەۋەپلەرنىڭ ھېچقايسىسى نامازنىڭ ئادا بولماسلىقىغا نىسبەتەن  دەرگاھى ھەقتە ئۆزرىسى قۇبۇل بولمايدىغان پەرىزدۇر.يەنى ناماز بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ئۈلۈپ كەتكۈچە پەرىز بولغان  مۇھىم ئەركاندۇر.
     ،بىراق ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق نامازنى ئادا قىلمايۋاتقان « ئاللاھ قەلبىمدە،نىيەت ئەلا ،ھازىر ناماز ئۇقۇشقا راستىنلا شارائىتىم يوق ،كېيىنچە  ئۇقۇيمەن دەيدىغان»،ۋەياكى نامازغا نىسبەتەن   يەڭگىلتەكلىك بىلەن كۇفرانى مۇئامىلە قىلىدىغان   قېرىنداشلارنىڭ يەنىلا كۆپ ئىكەنلىكى دىلىمىزنى ئۆرتەيدۇ.چۈنكى ئۇلار بىلەن رەببىمىز رەسۇلىمىز دىنىمىز تىلىمىز،  بىر  بولغاچقا ،ئۇلارنىڭ نۇرسىز قالغان ھاياتى ،غاپىل قالغان ئۆمرى ،ھىدايەتسىز ،ھۇسۇلسىز كېتىۋاتقان ئالتۇندىن قىممەتلىك بىباھا دەملىرىگە قېرىنداشلىق تۇيغۇمىزدا ئېچىنماي تۇرالمايمىز.چۈنكى يېقىنلىرىمىز،غەمخانلىرىمىز بولغان مىھرىبانلىرىمىز ئوتقا كىرىمەن دەۋاتسا ،بىز قانداقمۇ خاتىرجەم ياشىيالايمىز؟ قانداقمۇ چىن دىلدىن كۈلەلەيمىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ناماز دىننىڭ تۈۋرۈكى ،مۇئمىن بىلەن كاپىرنىڭ پەرقى ،جەننەتنىڭ ئاچقۇچى ،پىردەۋىسنىڭ يولخېتى ،دەۋزەخ ئۈستىگە قۇيۇلغان قىلدىن نىپىز،قىلىچتىن ئىتتىك پىلسىراتنىڭ ئۇلىقى تۇرسا ؟؟؟؟؟؟ قېرىندىشىم بەلكىم سىز ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن نامازنى  تەئدىل-ئەركانلىرى بىلەن ئادا قىلىدىغان ،ئاللاھنىڭ ۋەلىيلىرىدۇرسىز.بىلىڭكى ناماز روھنىڭ ئۇزۇقى ،قەلىپنىڭ چىرىقى ،كۇفرىلىقتىن ئىبارەت زۇلمەتنى يۇقاتقۇچى نۇردىن ئىبارەت .نامازسىز دىل- زۇلمەت كېچە .نامازسىز ھايات- يىلىكسىز ئۇستىخان.نامازسىز شان-شەرەپ-،قۇدۇقتىكى ئاي شولىسى!!! نامازسىز ياخشى ئەمەل- قۇمغا سېلىنغان سېپىل!!!!نامازسىز ئۆمۈر-نىشانسىز ئوقتىن ئىبارەت.دىمەك ناماز بىزنىڭ بەندىلىك بىقۇۋۇللىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ ،پاك ئاللاھ بىلەن بولغان رىشتىمىزنى ئۇلايدىغان،دۇنيا ئاخىرەتلىك بەختىمىزنىڭ ئالتۇن يىپلىرىدۇر.
بىلەمسىز قېرىندىشىم ئەگەر ئايال بولسىڭىز توققۇز ياشتىن باشلاپ بەش ۋاق نامازنى ئادا قىلىپ ماڭدىڭىزمۇ؟؟؟ئەر بولسىڭىزچۇ؟؟؟؟؟ ھېچقايسىمىز نامازنى تۇلۇق ئۇقۇغان دىيەلمەيمىز ،ھەتتا بەزىمىز ئوتتۇرا ياشتىن ھالقىپمۇ تېخىچە بەش ۋاق نامازنى تاپالمايۋاتىمىز.ناماز توغرىلىق دەۋەت بۇلۇنسا  يۈزىمىز قىزارماي «نىيەت ئەلا،مەن ناماز ئۇقۇمىغىنىم بىلەن كۆڭلۈم ياخشى»-دەپ شەيتان شۇئارى بولغان بۇ ئاتالمىش سەپسەتىنى جار سالىمىز.بەلكىم نىيىتىڭىز شۇنداقتۇ،بىراق ئىسلامنىڭ تۈۋرۈكى بولغان نامازنى ئۇقۇماسلىق توغرىسىدا ھېچكىمنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى ھېچقانداق ئۆزرىسى مەقبۇل ئەمەس.يەنى كادىر خىزمىتىم ئالدىراشتى دەپ ،دېھقان خامان سوققانتىم دەپ ،چولپانلار سەھنىدە شەيتانغا يار بولغان دەپ،ئاياللار نان ياققان دەپ ،قىز-ئۇغۇللار ئۇيۇن-تاماشا بىلەن ناماز ئۇقۇمىغان دەپ ،تىجارەتچىلەر سودام قىزىپ كەتكەن دەپ ئىشقىلىپ ھەر قانداق بىر كەسىپ ئىگىسى ئۈزىنىڭ دۇنيالىق  ئىش-مەشغۇلاتىنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن نامازنى پەقەت ئۇقۇماسلىق ئەمەس بەلكى قازا قىلىشقىمۇ ئۆزرە مەقبۇل ئەمەس دەپ تۇرسا شۇنچە ياشلارغا كىرىپمۇ پەقەت ناماز ئۇقۇماسلىققا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىمىز.
سۈيۈملۈك رەسۇلىمىز ئاخىرقى دەملىرىدىمۇ «نامازنى چىڭ تۇتۇڭلار»دېگەنىكەن.دېمەك ناماز بىزنىڭ جەننەتكە كىرىشىمىزنىڭ ھۆججىتىدۇر.
ئۇنداقتا سىز بىز ناماز ئۇقۇدۇقمۇ؟؟؟
ئەي قېرىندىشىم ، سىز بەلكىم ئالىي خىزمەت شارائىتى ،يۇقۇرى مائاشلىق ئىش ئورنىڭىزدىن سۈيۈنۈپ ،نامازنى ئادا قىلماي يۈرگەن كىشى بولسىڭىز،ئەمدى يەنە نېمىگە ساقلايسىز؟؟؟تۇرۇڭ نامازنى باشلاڭ.!!!!ئەگەر سىزدە ماشىنا كىنىشكىسى بولمىسا،يولغا چىقالامسىز؟؟؟؟؟سىزدە پاسپورت بولمىسا چەتئەلگە چىقالامسىز؟؟؟؟؟ئاددىسى بىر ئىشنى بىجىرمەكچى بولسىڭىز شۇنىڭغا مۇناسىپ رەسمىيەتلەر بولمىسا ھەرگىز بىجىرەلمەيسىزۇ-ئەجىبا مۇسۇلمانلىقنىڭ رەسمىيىتى بولغان نامازنى ئۇقۇماي تۇرۇپ مۇسۇلمان بۇلالامسىز؟؟؟؟؟ناماز بىزنى ئىككى دۇنيادا ئىززەتلىك قىلىدۇ.نىمىشقا دېگەندە  پاك ئاللاھ بىر بەندىنى ئىززەتلىمەكچى بولسا ئىسلام بىلەن ئىززەتلەيدۇ.پەس قىلماقچى بولسا ئىسلامدىن مەھرۇم قىلىپ پەس قىلىدۇ.چۈنكى ئىسلام بىزنىڭ بارلىقىمىز،ھەممە نېمىمىزدۇر.ئىسلامسىز ، ئىمانسىز ھايات چۆلدىكى ئالۋۇن كەبىي بىزنى ئېزىقتۇرۇدۇ.بىر ئالىمىمىز(ئۇنىڭغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن)؛-«ناماز باشلىغان ئادەم ئاللاھنىڭ  ئىشىكىنى چەككۈچىگە ئوخشايدۇ.گەرچە دەسلەپتە ئۇنىڭ نۇرغۇن يامان قىلىقلىرى  بولسىمۇ بىراق ناماز بىلەن ئاللاھنىڭ ئىشىكىنى قېقىۋەرسە پاك ئاللاھ ھامان بىر كۈنى ئىشىكنى ئاچىدۇ.كىشىنىڭ يامان قىلىقلىرىمۇ تۈزۈلىدۇ.ئاللاھنىڭ ئىشىكنى ئېچىشى دېگەنلىك ئەمەللەرنىڭ مەقبۇل بۇلىشىنى كۆرسىتىدۇ.ئەمەللەر قۇبۇل بولغاندا كىشىنىڭ ئەھۋالى بۇرۇنقى ئەھۋالى بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرق بۇلىدۇ»-دېگەن.«نامازئۇقۇماي تۇرۇپ ،يەنە مېنىڭ نىيىتىم ئەلا دېگۈچىلەر خۇددى ئىمتىھان بەرگەن بىراق،مېنىڭ ھەممە بىلىمىم مېڭەمدە ئىدى  دەپ قۇيۇپ قەغەزنى ئاق تاپشۇرغان كىشىدۇر »دېدى يەنە بىر بىر ئالىم.
      پەيغەمبىرىمىزنىڭ تىبابىتى دېگەن كىتاپتىمۇ «ئىككى ئادەمگە ئوخشاش بىر بالا كەلسە ،ناماز ئۇقۇيدىغىنىنىڭ ئاقىۋىتى،ناماز ئۇقۇمايدىغىنىنىڭ ئاقىۋىتىدىن كۆپ يەڭگىل بۇلىدۇ»-دىيىلگەن.دىمەك ناماز بىزنى تاشقى دۇنيانىڭ ھادىساتلىرى ۋە باقىي ھاياتنىڭ كۈلپەتلىرىدىن ساقلايدىغان قۇرغاندۇر.
پاك ئاللاھ بىزنى بىكارغا ياراتمىدى.قېرىندىشىم يەنە نىمىگە ساقلايسىز؟؟؟تۇرۇڭ نامازغا !!!!سىز كېيىن  باشلايمەن دەپ يۈرگەن بىلەن ھېچكىمنىڭ قۇلىدا مۇنچىلىك ياشايمەن دەپ ھۆججەت يوق.سالامەتلىكىم شۇنداق ياخشى دىيىشمۇ ۋاقتى كەلسە بىر تىيىن!!!!!چۈنكى پاك ئاللاھ ھەر قاچان بىزنىڭ جېنىمىزنى ئېلىشقا قادىر.نىيىتىم ئەلا دەپ قۇيۇپ نامازنى ئادا قىلماي يۈرۈپ ،تۇيۇقسىز ئۈلۈم كەپقالسا جانابىي ئاللاھقا نېمە دەپ جاۋاپ بىرىمىز؟؟؟؟؟؟؟بىر كىشى مەيلى تاغدەك زاكات،ھەجلەرنى ئادا قىلسۇن، ئەگەر ناماز ئۇقۇمايدىكەن ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى بىكاردۇر.چۈنكى كالامۇللاھتا ناماز زاكات   بىرلىكتە زىكىر قىلىنىدۇ سۈيۈملۈك رەسۇلىمىزمۇ-كىشىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال نامازدىن سۇرىلىدىغانلىقىنى ،نامىزى تۇلۇق بولسا باشقا ھېسابى ئاسان بۇلىدىغانلىقىنى ،ئەگەر نامىزى تۇلۇق بولمىسا باشقا ياخشى ئىشلىرى سۇرالماستىنلا شەقىيلەر قاتارىدىن سانىلىدىغانلىقىنى بىر مىڭ تۆت يىل يىل بۇرۇنلا بىزگە كۆرسەتكەن.شۇنداقلا پاك ئىسلامنىڭ ئەركانلىرىنى  جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبىرىمىزگە ۋەھيى ئارقىلىق بىلدۈرگەن بولسا ، نامازنى رەسۇلىمىز مىئراجقا چىققاندا ئاللاھتىن ئىزنى بۇلۇپ  جىبرىئىل ئەلەيھىسسلامنىڭ ئەلچىلىكىسىزلا پەرىز بولغان.
تۇرۇڭ قېرىندىشىم نامازغا !!!!!!ئاللاھ سىز بىزنى چاقىرىۋاتىدۇ؟؟؟؟؟ھاياتى دۇنيادا باشلىقىڭىزدىن تېلىفۇن كەلسە نېمە ئىش بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر دەرھال تېلىفۇننى ئېلىپ كۆرسەتمىسى بولسا دەررۇ بەجا كەلتۈرۈسىزۇ ،سىز بىزنى كائىناتنى ياراتقان ئاللاھ ئالىم ئۈلىمالىرى ئارقىلىق كۈندە بەش ۋاخ ئەزان بىلەن سىز بىزگە ناماز ۋاقتىنى ئېلان قىلىۋاتسا سىز بىز تالاي ئەزانلارغا پەرۋا قىلماي دۇنيانىڭ باقاسى يوق نېمەتلىرى ئۈچۈن پالاقلىمىدۇقمۇ؟؟؟؟؟؟شۇنچە قىلىمىزۇ-«مەن قىلارمەن ئوتتۇز،خۇدايىم قىلار توققۇز»دەپ ھالىمىز يەنىلا شۇ پېتى تۇرىۋاتمامدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟ بىز قەۋىمنىڭ ئۇشبۇ ھالىدىن شىكايەت قىلىشتىن بۇرۇن ئۈزىمىزدىكى   ئىللەتلەرنى سانىغىلى تۇرساق ،ئىككى قۇلىمىز يىتىشمەي تاس قالىمىز باشقىلارنىڭ بارماقلىرىنى ئۆتنە ئالغىلى.
بىلەمسىز قېرىندىشىم ناماز بىزنى ئاللاھقا باغلايدىغان   سائادەت رىشتىسىدۇر.قاچانىكى ئاللاھ سىزنى ياخشى كۆرسە ،ئاندىن سىز بۇ رىشتە بىلەن ئاللاھقا باغلىنىسىز.بولمىسا نەپسى ئۈچۈن ۋەيرانە بولغانلار توپىدا ئاللاھنى تۇنىماي ، دۆلەتمەن بولسىڭىزمۇ  روھى جەھەتتە  قاغدىلىپ خار مايمۇندەك ،زەبۇن ھالەتتە قەدىرسىز قالىسىز.        ۋاقىت سۇدەك ئۆتمەكتە . بىز ھەر بىر تىنىقىمىزدىنمۇ ھېساپ بەرگۈچىلەر تۇرساق ،مەھشەردە  شۇنچە زامان نۇرسىز ،ھىدايەتسىز ،گۇمراھ ئۈتۈپ كەتكەن  ھايات ئۈچۈن قانداقمۇ ھېساپ بىرىپ بۇلارمىز!!!!!!!!ئاللاھ رەھمەت قىلىپ تەۋبىگە ئۇلاشساقمۇ بىر نېئمەت،بىراق تەۋبىگە ئۈلگۈرمىسەك پۇشايمان پايدا بەرمەيدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟ ئەي قېرىندىشىم نامازغا تۇرۇڭ !!!!!سەھەر كەچلەردىكى ئۇيقۇ،سىزنى نامازدىن غاپىل قويمىسۇن.بولمىسا كەمىنە ھەمشىرەڭلار سىلەرگە

«تاڭ ئۇيقۇسى شەيتان  ئۇيقۇسى،
شېرىن-شېرىن كىلەدۇ راسا.
ئىسسىق يوتقان ئىچىدە ياتىپ،
ئۇخلا-ئۇخلا سەھەردە راسا.

سەھەرىڭدە ئارمان بولمىسا،
تېنىڭ ئاجىز دەرمان بولمىسا.
ئېتىقادىڭ ئىمان بولمىسا ،
ئۇخلا-ئۇخلا سەھەردە راسا.»دەپ خىتاپ قىلىدۇ.ھەم ئاللاھتىن بارلىق ئۇيغۇرلىرىمغا ئىمان ئىسلام-ھىدايەت تەقۋالىق   تىلەيدۇ.
بىنامازنى بىچارە دەڭلار
پىشانىسى سەجدە كۆرمىگەن،
تەۋھىد نېمە ئۇنى بىلمىگەن،
ئەمەل قىلماي ئەپۇنى كۈتكەن،
بىنامازنى  بىچارە دەڭلار.

ئاچقۇچىدۇر ناماز جەننەتنىڭ،
پاسىلى ھەم كاپىر مۇئمىننىڭ.
ئىگەم بىلەر نىيەتلەرنى دەپ،
گۇمراھلىقتا خەندانە يۈرگەن،
بىنامازنى بىچارە دەڭلار.

ھايات بىزگە بىرىلگەن سىناق،
باردۇر چۇقۇم مەھشەردە سۇراق.
نامازدىندۇر ئاۋۋالقى ھېساپ،
نامازسىز دىل مايسىز جىن چىراق،
بىنامازنى بىچارە دەڭلار.

ناماز شەرتسىز ئۆزرىسىز پەرىز،  
ئۇقۇلمىسا مەڭگۈلۈك قەرىز.
نىيەت ئەلا -بۇ شەيتانى سۆز،
ناماز شەرتسىز ئۆزرىسىز پەرىز،
سەۋەپخورنى بىچارە دەڭلار.

بىلىم دېسە ھەممىنى بىلگەن،
شانۇ-شۆھرەت تاجىنى كەيگەن.
ئۈگۈتلىرى ئالتە ئېشەككە يۈك!!!!!
ئەھلى يەنە غەيرىيدەك يۈرگەن،
زىيالىينى بىچارە دەڭلار.

گۇناھلاردىن توسقۇچى ناماز،
پاسىقلىقنى يۇغۇچى ناماز،
پاك ئاللاھقا قۇللۇق بىلدۈرگەن،
بەندىلىكنىڭ شۈكۈرى  ناماز.
ھەمدە،
قىلدىن نېپىز قىلىچتىن ئىتتىك،
پىلسىراتنىڭ ئۇلىقى ناماز.
بىراق ،
ناماز ئۇقۇپ غەيرىيدەك يۈرگەن
رىياخورنى بىچارە دەڭلار.

چېچى ئالا خۇيلىرى بالا،
تۇرقى كاتتا ۋىجدانى ئاختا.
يۈزى نۇرلۇق يۈرىكى چۇرۇق،
يانچۇقى لىق ئىمانى  يارتا
بىنامازنى بىچارە دەڭلار.

مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىپ،
يەنە ياتلار كەبىي ياسىنىپ،
ئىبادەتسىز ئېھسانلىرىدىن،
پەخرلىنىپ خۇدىن يۇقىتىپ،
ئۈلۈم ھەقتە ئويلانماي يۈرگەن،
غاپىللارنى بىچارە دەڭلار.

بەش نامازنى بۇيرۇدى ئاللاھ،
ناماز بىزگە دەۋزەختىن پاناھ.
بىر ۋاق ناماز دەپ يوق كىتاپتا،
ناماز بەشتۇر بىلىڭلار خانلار!!!!!
بىراق،
ئوقۇماسلىق ئۆزرىسى ئېيتقان،
شەقىيلەرنى بىچارە دەڭلار.

ئايرىمايدۇ ئۈلۈم ياش-قېرى،
ئۈلۈم كەلسە قالار ھەممىسى،
ئەسقاتمايدۇ پۇل-مال ھېچبىرى.
ناماز بىزگە ئاللاھ رەھمىتى ،
ئىمان ھەممە  بايلىق ئەۋزىلى .
نەپسى ئۈچۈن ۋەيرانە بولغان،
سەرسانلارنى بىچارە دەڭلار.
      
تۈگەنچە،
ئاچقۇچىدۇر ناماز جەننەتنىڭ،
نېمىتى ھەم تەنھا ئاللاھنىڭ.
نەھايەت،
نىيىتىنى پەش قىلىپ دائىم
گۇمراھلىقتا يۈرگەن بىر ئۆمۈر،
بىنامازنى بىچارە دەڭلار.
دوستلارنىڭ چۈشۈرىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.نۇرغۇن ئېسىل تىمىلار يۇيۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ.مۇنبەر تىنىچلىقىنى بۇزمايلى.ھەراست  ئىسلامى تىما چىقسىلا ،نېرۋىسى قىزىپ قالىدىغان بىر قىسىم مۇنبەرداشلار ،ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن  پىتنە تېرىماڭلار.ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلغاي!!!!!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yancin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-26 12:57 AM  


تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 02:37:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yancin يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 12:47 AM
كەچۈرۈڭ گۈلبەرگى تىمىڭىزغا قىسىلىۋالدىم مەن يوللىغان  ...


سەللەللاھۇ ئالەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئىسىم شەرىپلىرى ۋاقىئى بولسە دۇرۇد ئوقۇغاي ، لار تا كىم ساۋابنى ئول زاتنىڭ روخ مۇتاھھارات لارىغە باغىشلاغاي ۋە ئول مەجلىس داكى جەمائەت ئەدەب تەۋازىخ بىلە ئولتۇرغايلار . ئول كۈنى ھەركىم بۈگۈن ھەزرەتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئالەيھى ۋە ئالى ۋەسسەللىمنى كۆردۈم دەپ ئان ئىچسە قەسەم ھانىس بولماس ، ھەق ۋە راست دۇرلار ھەركىم ئوقۇسە بىھشىت . ئول كىشىگە مۇنتەزىر دۇرلار قىيامەت كۈنى خۇدايى تەئالا ئول كىشىدىن ئازابى قەبرەنى كۆتەرگەي ، ئول كىشى ئەھلى بەيت ۋە بۇرادەرلەرىنى ھەم شەئەت دىن بەھرە مەند قىلغاي . بۇ بەندەگە ھەر نۇرى بەرگەي خەلق ئەۋۋەلىن ۋە ئاخىرىن بۇ  قايسى پەيغەمبەر ئىكەن ، قايسى ئەۋلىيا ئىكەن دېپ ھەيران قالغاي ، ھەركىم تابىپ مەئالچە قىلا ئالماغان ئاغرىق غە ئوقۇپ دەم قىلسە شىپڧا تاپقاي ...


جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش