kaqvr يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 11:42 PM
پاھ ، نىمىدىگەن ياخشى نەسىھەتلەر . مەن بەك ياقتۇردۇم ، ...
ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت گۈلۈم.
تۆتىنجى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال،شۇنى بىلگىنكى،كىمكى تەپەككۈر قىلىدىكەن ئىبرەت ئالىدۇ،ئىبرەت ئالغان كىشى ناچار ئىش-ھەركەتلەردىن يىراق بولىدۇ. ناچارئىش-ھەركەتلەردىن يىراق بولغان كىشى كېلىشمەسلىكلەردىن سالامەت قالىدۇ. ئادەمنىڭ شان-شەرىپى باشقىلاردىن بىھاجەت بولۇش بىلەندۇر. كۆڭلى-كۆكسى كەڭ بولۇش پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقتۇر. قانائەتچان بول،تەما قىلما،تىرىشچان بول،يېلىنما، ئېسىڭدە تۇتقىنكى،تۆۋەنكى قولدىن ئۈستۈنكى قول ياخشىدۇر. بايلىقنىڭ ئەڭ ئالىسى ئەقىلدۇر. يوقسۇللۇقنىڭ ئەڭ تۆۋىنى نادانلىق-ئەخمەقلىقتۇر.ئەخمەقلەر بىلەن دوسلىشىشتىن ساقلان. ئۇ ساڭا پايدا يەتكۈزىمەن دەپ زىيان سالىدۇ،يالغانچىلار بىلەن دوسلىشىشتىن ھەم ساقلان.
بەشىنجى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال،شۇنى بىلگىنكى،ئادەملەر ئۈستىدىكى ھەقلەر ئىچىدە كىشىلەرنىڭ مىننەتلىرىدىن ئېغىر نەرسە بولمايدۇ،مەيلى قانچىلىك چوڭ نەرسە بولىشىدىن قەتئينەزەر يۈزۈڭنى تۆكۈپ قولغا كەلتۈرگەن نەرسەڭ بىلەن خوشال بولۇپ كەتمىگىن. مەيلى نىمىلا ئالغىن،يۇز-ئابرۇيۇڭنى سېتىپ ئېرىشكەن نەرسە تولىمۇ قىممەت سېتىۋېلىنغان نەرسىدۇر. قانچىلىك سىناقتىن ئۆتكەن كىشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سىرىڭنى بەرمە،ئېھتىيات قىل،ئېھتىيات دانالىق دېمەكتۇر. سىنىڭ سىرىڭ ناۋادا سەن ئۇنى چىڭ ساقلىيالىساڭ ئۇ سىنىڭ ئەسىرىڭ بولىدۇ،ئەگەر ساقلىيالمىساڭ سەن ئۇنىڭ ئەسىرى بولىسەن.ئاقىلنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسى تەپەككۈرىنىڭ ئارقىسىدا،ئەخمەقنىڭ تەپەككۈرى بولسا ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ ئارقىسىدىدۇر.