رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
تۇنجى سۆيگۈ ئۇنتۇلماس
سەن كىتىپ يار ئاشىق يۈرەك ساق ئەمەس،
يالغۇز قالدىم دوستلۇرۇممۇ تاق ئەمەس.
باشقا يارغا ئىشەنمىگىن ئالدىراپ،
بەلكى قەلبى مېنىڭكىدەك ئاق ئەمەس.
دەسلەپ شېرىن سۆزلەيدۇ جان گۈلۈم دەپ،
سېنىڭ ئۈچۈن ھىچ گەپ ئەمەس ئۆلۈم دەپ.
كەتكىنىدە تاشلاپ سېنى خار قىلىپ،
ئويغۇنىسەن ئىكەن بۇ بىر چۈشۈم دەپ.
كەتتى ئارزۇ-ئارمانلىرىم سەن بىلەن،
قالدى ئەلەم قايغۇ-ئازاپ مەن بىلەن.
چىدالمايمەن كۆزۈڭدىن ياش ئەگىسە،
قەيەرلەردە يۈردۈڭ سەرسان كىم بىلەن.
ئەنسىرەيمەن دېمەمېنى چىدىماس،
يامانلارغا يار بولمىغىن ئېلتىماس.
سېغىنىسەن سەنمۇ مېنى يۈرەكتىن،
چۈنكى ئىشەن تۇنجى سۆيگۈ ئۇنتۇلماس.
رۇستەم قاراسۇ....2013.12.28
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-29 10:07 PM