رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
پالۋانلار يۇرتى
سالام مەندىن پالۋانلار يۇرتى،
يۈرۈكۈمدە يۇرت ئىشقى ئوتى.
پالۋانلارنىڭ يېلىكى بولغان،
ئۆشبۇ يۇرتنىڭ نېنى ئاش تۇزى.
ھەسەن نوچى ھاۋاز پالۋانلار،
يېنى يەرگە تەگمەي ئۆتكەنلەر.
ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ مىراس،
پالۋانلىقنى قۇيۇپ كەتكەنلەر.
توققۇز بۇلاق سۈيىنى ئىچكەن،
ئەركەكلەردە بار پالۋان جىسمى.
يۇرتىمىزنى ئەلگە تۇنۇتقان،
پالۋانلارنىڭ يۈرەكتە ئىسمى.
پەخرىم مېنىڭ يۇرتۇم قاراسۇ،
قاراسۇلۇق پالۋان ئەۋلادى.
چېلىشىشتا شان-شەرەپ قۇچقان،
ئەزەلدىن بۇ پالۋانلار يۇرتى.
ئېناق يۇرت
كېچىڭىزدە قاينايدۇ ئەمگەك،
قېر بېشىدا سايرايدۇ ئەركەك.
ئېتىزىدا كۆك باش چامغۇرى،
يېگەنلەرنىڭ يۈرۈكى سەگەك.
ئەزىز يۇرتنىڭ پەرزەنتى ئەزىز،
بۇ تۇپراققا ھەمىمىز قەرىز.
ۋاقۋاق دىگەن ئەزىزنىڭ يۇرتى،
سەيپىدىندىن قالغان ئۆچمەس ئىز.
باغلامنىڭكى باغلىرى گۈزەل،
سۈيى شەربەت مىسالى ھەسەل.
باغ ياسالدى زەيلىك سازلىققا،
ئىشچان خەلقىم تۆلىگەچ بەدەل.
قاراسۇدۇر چوڭ ئۆينىڭ ئۆزى،
ئۈچ كەنىتنىڭ بىر كۇپتا تۇزى.
كۈيگە قاتتىم ئېناق يۇرتۇمنى،
بولغاچ ئەلنىڭ قۇتلۇق نورۇزى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-9 06:12 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-1-17 06:06 PM):