sikiltar يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 12:12 AM
بۇ يەردىكى مۇنازىرە ھازىر ئىچكىرگە بارسا بولۇش بولما ...
ۋاي سىكىلتار، مەن چ چ دا ئىچكىرىگە ئۆلكىگە ئىشلىگىلى بارغان قىزلارنىڭ نىداسىنى ئاڭلاپ باققان.
ئىچكىرىدە زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان قىزلارنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى، نىمە مەقسەتتە باش بولۇپ ئىلىپ بارغانلار مەجبۇرىي يىغىۋالىدۇ؟
ئەگەر قىزلار ئىشلەشنى خالىماي قايتىپ كىتىشنى تەلەپ قىلسا، دىھقان ئاتا- ئانىسىغا، يىزا- كەنىت شۈجىلىرى نىمىشقا، قىزىڭ ئىشلىمىسە يەر ھۆكۆمەتنىڭ، يەرنى قايتۇر، بۇ يىزىدىن كەت دەپ قورقۇتىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟
چۈشەنچە بىرىڭ؟
سىز ھەقنى دىيەلىسىڭىز، بىز ئايرىم كۆرۆشۈپ باقساقمۇ بولىدۇ. سىكىلتارلانىڭ دىھقانلار ئارىسىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت مەسىلىلىرى ھەممە يۇرتلاردا ئوخشاش بولىشى مۇمكىن، لىكىن تۇتقان يولىدا پەرىق بار. قىنى سىز تارىخى، سىياسىي خاراكتىرلىك ھەقىقەتنى يۇرۇتالىسىڭىز، مەن سىزگە قول قويىمەن. لىكىن مەنپەئەتنى دەپ ھەقىقەتنى يۇشۇرسىڭىز ئۇنىڭغا نىمە ئامال سىكىلتار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-28 02:15 PM