تاھارەت ئىلىش كىشىگە بىر خىل دىننى نۇقتىدىن بەلگىلەنگەن پەرىز بولۇپ . بۇ ئىبادەتتە ئىنسان ئۈچۈن ئىككى خىل ھېكىمەت بار .
بىرنىجى ھىكىمەت بولسا ئىسلام پاكىزلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ، شۇڭلاشقا ئىسلامدا ھەر بىر ئىبادەتتىن بۇرۇن شۇ خىل ئىبادەتنى پاكلاشتىن كىيىن باشلاشنى ئىسلام كۈچلۈك ھۆكۈمدە قىلغان .شۇڭلاشقا نامازنى باشلاشتىن بۇرۇن تاھارەت ئىلىش پەرىز جۇملسىدىن ھىساپلىندۇ .
ئىككىنجى خىل ھېكىمىتى بولسا تاھارەت ئىلىش ئىنسانىڭ گۈزەلىكىنى تىخىمۇ تاكامۇللاشتۇردىغان ئەڭ ئېسىل ۋە ئەڭ ياخشى بولغان تەبئىي يېشىل تىرە ئاسىراش ھەركىتىدۇر .
بۇنداق قاراش . كۈندۈلۈك جەمىيئىتىمزىدە بوران-چاپقۇن ، ھاۋا تەركىبىدە ئۇچۇپ يۈرگەن ئاددىي كۆزلەر بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان زىيانلىق زەرچىلەر ، ۋە ئۇچۇرشۇپ تۇرۋاتقان كىشىلەر ئىچىدىكى بەدقىلىق ،يامان نىيەت ،كۆزى ئاچ ( قەلبى ئاچ ) كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن چىققان رادىئاتسىيلىك نۇرلارنىڭ ئاشكارە تىرىمىز يەنە يۈز ،قوللىرىمزىغا ئورنىشى بىلەن تىرنىڭ ئىچىدە مىكۇرۇپ پەيدا قىلىپ ۋاقىتلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تىرىمزىدە سارغۇچ سىرىق رەڭلىق داغ ، تىرىنىڭ رەڭگى سۇسلۇشۇش، رەڭگى ئۆڭۈپ تاتىراڭغۇ خۇنۇك بوپ قىلىش .....قاتارلىق گۈزەللىكنى سۆيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن قەلبىنى بىئارام قىلدىغان ئامىللار يۈز بىردۇ .
بۇنى تىرە ئاسىراش بۇيۇملىرى بىلەن ھەل بولدى دىگەندىمۇ ،تىرە ئاسىراش مايلىرى ئارقىلىق ئالدىنى ئالغاندا گەرچە ۋاقىتلىق پايدا قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ بۇ تىخىمۇ زىيانلىك ،چۈنكى تىرە ئاسىراش مايلىرى تىرنىڭ يۈزىگە تولىمۇ نىپىز بولغان بىر قەۋەت پەردە ھاسىل قىلىپ تىرىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، تىرە ھۇجەيرىللىرىنىڭ تاشقى مۇھىتتىتن ئالدىغان ۋە سەلبىي تەرەپلەرگە بولغان قارشلىق ئىنكاسىدا پاسسىپ ئىنكاستا بولۇپ . بۇ خىل ئۇسۇل ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىۋەرسە قىز-ئاياللار ياش تۇرۇپلا يۈز تىرىسسى بوشىش ، مەڭزى ، بويۇن قىسملىرى تۆۋەنگە ينىك تۆۋەنلەش ئالامىتى كۆرۈلۈپ ،گەرچە يىشى 30-20 لەردە بولسىمۇ زەن سىىلىپ دىققەت قىلغاندا 50 نەچچە ياشلىق ئاياللارنىڭ يۈزىدە كىلماتىريە دەۋرىدە كۆرلىدىغان ئالامەتلەرنىڭ ئوخشىشى كۆرنىدۇ .
بۇ ئىشنىڭ ئۈمۈملىك چارىسى بولسا تاھارەت ئىلىش ، تاھارەت ئالغاندا ھەر كۈنى مۇسۇلمان ئەر-ئاياللار كەم دىگەندە ئىككى ياكى ئۈچ قىتىم تاھات ئالىدۇ ، ھەر نەچچە سائەت ئىچىدە بىر قىتىم ئىلىنغان تاھارەت ئىككى تاھارەت ئىچىدە يۈز قىسمىغا قونغان ھاۋادا لەيلەپ يۈرگەن ھەر خىل زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئورۇنلىشىپ تىرىنىڭ ئىچكى قىسمىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ بولغۇچە كىيىنكى قىتىمدا ئىلىنغان تاھارەتتە بۇ ماددىلار سۇ بىلەن تازلىنىپ كىتىپ تىرە قوغدىلىپ كىتىدۇ . شۇڭلاشقا مۇسۇلمان كىشىلەر مەيلى ئەر مەيلى ئايال بولسۇن يۈز-كۆزلىرىنىڭ تولىمۇ نۇرلۇق ۋە تىرسنىڭ تولىمۇ سىلىق پاقىراق كىلدىغاننى ئاسانلا ھىس قىلۋالىمىز .
تاھارەت ئالدىغان سۇ ئىمكان بار يىڭى بولىشى ، تەركىبىدە دۇغ ، ھەر خىل ئۇچۇچان ماددىلار بولماسلىقى ،قۇياش نۇرىغا بىۋاستە قاقلانمىغان لازىم . بىراق بۇ خىل سۇ تىپىلمىغاندا باشقا چوڭ جەھەتتىن بۇلغانمىغان توختام سۇلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ .
بىر ئىش باركەن بەزى كىشىلەر تاھارەت ئالغاندىن كىيىن تاھارەتكە بىرلىدىغان ساۋاپنىڭ نۇرى چىقىپ كىتىدۇ دەپ يۈز-كۆزلىرىنىڭ يۈندىسىنى ئىقىتىپ تۇرۇشقا رازىكەنكى ، يۈز-كۆزلىرىنى قەتئىي لۆڭگە ياكى تازلىق قەغىزى ئارقىلىق سۈرتىشكە ئۇنمايدىكەن . بۇ ئىشنىڭ ھىچ بىر ئاساسى يوق ئىسلام گۈزەل مەدىنىيەت، گۈزەل ئەخلاق ،گۈزەل ئىش-ھەركەتنى سۆيدۇ ۋە تەشەببۇس قىلىدۇ . شۇڭلاشقا تاھارەت ئالغاندا پاكىز سۈرتۇش كىرەك يەنى لۆڭگە ياكى تازلىق قەغىزىنى خۇددى ئاشخاندا خىزمەت قىلدىغان بۇس تارتقۇنىڭ تازلىغاندەك يۈز-كۆزلىرىمزىنى ناخشا ئيتقۇزۇپ سۈتمەستىن
يىنىك بىسىپ قالدۇق ئارتۇق سۇ دانچىللىرىنى يوقاتساقلا كۇپايە . زىيادە بىسىپ ، زىيادە غىرتىلدىتىپ سۈرتۈپ يۈز-كۆزلىرىمىزنىڭ ئىگىز-پەس دۆشىنى ئالىمىز دىسەك
تىرە زەخمىلىنىپ ياللىغلىنىدۇ ۋە كۈچلۈك ھاۋا ياكى قۇياشنىڭ نۇردا ئىچىشىپ قىزىل داغلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ . بۇنى زبىر قىسىم دۆت دانىشمەن كىشىلەر ئىجات قىلىپى چىققان زىيادە پاكىزلىق كىسىلى دەيمىز .
ئىسلام يۇقارقى كۆپ تەرەپلىك ھېكىمەتنى چىقىش قىلىپ مىۋە مۇراباسى ، شەك بولمىغان ھەر خىل قۇۋەت ئىچىملىكلىرى سۈيىدە تاھارەت ئىلىشنى چەكلىگەن .