uzum-tal يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 12:45 PM
تاھارەت ئىلىش كىشىگە بىر خىل دىننى نۇقتىدىن بەلگىلە ...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << بىر مۆئمىن بەندە ياكى بىر مۇسۇلمان بەندە تاھارەت ئېلىپ ، يۈزىنى يۇغاندا كۆزى بىلەن قارىغان گۇناھىنىڭ ھەممىسى سۇ بىلەن ياكى سۇنىڭ ئاخىرقى تامچىسى بىلەن يۇيۇلۇپ چىقىپ كېتىدۇ . قولىنى يۇغاندا قول بىلەن تۇتۇل قىلغان گۇنالارنىڭ ھەممىسى سۇ بىلەن ياكى سۇنىڭ ئاخىرقى تامچىسى بىلەن بىللە يۇيۇلۇپ چىقىپ كېتىدۇ . پۇتىنى يۇغاندا پۇتى بىلەن مېڭىپ قىلغان گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسى سۇ بىلەن ياكى سۇنىڭ ئاخىرقى تامچىسى بىلەن بىللە يۇيۇلۇپ چىقىپ كېتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئادەم بارلىق گۇناھىسەغىرىلەردىن پاكلىنىدۇ . گۇناھلىرى پاك - پاكىز يۇيۇلۇپ كېتىدۇ >> . مۇسلىم توپلىغان .
مۇنۇ ھەدىسنىڭ روھى بۇيىچە ئاۋۇ قارارىڭىزدىن يانامسىز . تاھارەت ئالغاندىكى ھۆللۈكنى يۇندا دېمەيمىز ، بەلكى مۇشۇ ھەدىسنىڭ روھىغا بىنائەن رەھمەت سۈيى دەپ ئاتايمىز .