مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: madina520

ئەتىرگۈل قىسمىتى(ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78332
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3674
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 05:39:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(داۋامى با)    مۇشۇ  گەپكە   يامان  ئۆچ بولدۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 05:41:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
pikAso يوللىغان ۋاقتى  2013-12-29 05:39 PM
(داۋامى با)    مۇشۇ  گەپكە   يامان  ئۆچ بولدۇم

ئەسلى مىنىڭ مۇ خوشۇم يوق ئىدى. ئەمما بۇ ئەسەرنىڭ ھەجمى سەل چوڭراق بولغاچقا يازغاننى ئۇتتۇرلۇق يوللاۋاتىمەن  . كەچۇرۇڭ

http://www.iptihar.net/bbs/

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12766
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31787
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4675 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 05:57:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىن بىر دوستۇم ماڭا كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندەك ،مۇڭلۇنۇپ ئولتۇرۇپ ئوقۇپتىمەن...

داۋامىغا تەشنامەن....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 06:06:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
__ تېز بول، ئاغىينەم ئەنىۋەر ئۆيىگە مېھمانغا  چاقىرىپتۇ،خېلى كۆپ ئادەملەرنى چاقىرغاندەك قىلىدۇ، ئۇلارنى ساقلىتىپ قويمايلى. چىرايلىق كىيىمىڭنى كىي، مىسىلدىماي تېزرەك بول دەيمەن!   
ئۇ دوستىنىڭ مېھمانغا چاقىرىشىدىن خۇشالمۇ يا باشقا ئىشقىمۇ، ئۆزىچىلا تېرىكىپ، ئۆزىچىلا خۇشال بولۇپ قالىدىغان بۇ ئەرگە ئارتۇق گەپ قىلىشقىمۇ رايىم بارمىدى. ئادەتتە ئاغىينىلىرى ئۆيگە كەلسىمۇ بۇنداق يىغىلىشنىڭ كۆپىنچىسى تۇترۇقسىز جېدەل بىلەن ئاخىرلىشاتتى. مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئوچۇق چىراي بىلەن كىرسەممۇ، تۇتۇلۇپ كىرسەممۇ ئوخشاشلا گەپ ئىشىتەتتىم. ئاغىينىلىرى ئۇزاپ بولغاندىن كېيىنمۇ خېلى بىر چاغلارغىچە سوئال- سورىقى تۈگىمەيتتى. خاھىشىمغا قويسا بۇنداق مېھماندارچىلىقىمۇ بارماي ئۆيدە ئولتۇرسام دەيتتىم.   
__ ئۇچامدىكى مۇشۇ كىيىممۇ بولىۋېرىدۇ، بىر ئوبدان تۇرمامدۇ، ماڭايلى،_ دېدىم.     نېمە دېمەكچى سەن؟ ئېرىمنىڭ ماڭا ئېلىپ بەرگەن تويلۇق كىيىمى مۇشۇ، دەپ خەققە سازايى قىلماقچىمۇ مېنى؟! مېنىڭ يۈزۈمنى چۈشۈرەي دەمسەن؟! تولا چىشىمنى قېرىشتۇرماي ئاۋۇ مومايلارنىككىدەك قىلىۋالغان چېچىڭنى قويۇۋەت، ئۆرۈمەيلا قويۇۋەت!   
جەھلىم قاتتى، قاچانلاردىن بېرى ئۆز خاھىشىم بويىچە يۆتىلەلمەيدىغان بولۇپ قالدىمكىن، ھەتتا چېچىممۇ مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس! ئەمما بۇ ئەر بىلەن تاقارىشىپ تۇرۇۋېرىشنى خالىمىدىم، ئۆرە ياقىلىق ئاق پوپايكا بىلەن بىنەپشە رەڭلىك ساراپانىمنى كىيىپ، ئۈستىگە ئەترەڭ پەلتۇيۇمنى كىيدىم. شارقىراتمىدەك يېيىلىپ چۈشكەن بۇلۇتتەك قويۇق  چاچلىرىم ئەزەلدىن رايىش ئىدى، مۇنداقلا تاراپ قويۇپ ئالدىراپ ماڭدىم.   
ساھىپخانلار خېلى ئەتراپلىق تەييارلىق قىلغاندەك تۇراتتى، گىلەملەر بىلەن چىرايلىق بېزەلگەن چوڭ ساراي ئۆيگە باشلاندۇق. ھەممەيلەن ناھايىتى خۇشال ئىدى، مەنمۇ ئۆزەمنى خۇشال تۇتۇشقا تىرىشتىم. كۇلكە- چاخچاقلار ئىچىدە تاتلىق- تۈرۈملەرگە ئېغىز تەگدۇق.   
__باشقا يېرىڭىزنى دېمىسىمۇ مۇشۇ سۇمبۇل چېچىڭىزغىلا  جان تەسەددۇق قىلىشقا ئەرزىيدۇ جۇمۇ، نىمانچە قويۇق، ئۇزۇن چاچلار بۇ!  
يېنىمدا ئولتۇرغان ئاقپىشماق چوكان چېچىمنى ئالىقىنىغا ئېلىپ، سىيلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.  
__ شۇنى دەڭا، بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە بۇنداق ئەركىن، ساغلام ئۆسكەن گۈزەل چاچنى كۈندۈزى چىراق يېقىپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. خوتۇن- قىزلارغا نېمە بولدىكىن، بىر ئوبدان چاچلىرىنى كېسىپ، ئانا شىرنىڭ بېشىدەك ھۈرپەيتىۋېلىشقان.   
چوكاننىڭ قارشىسىدا ئوتۇرغان ئەر ئۇنىڭغا گەپ قاتتى. __ چاچ دېگەن ئايال كىشىنىڭ يارىشىقى، سۆلىتى، شۇڭىمۇ «ئۆزى بىر قىز، چېچى بىر قىز»  دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ، «ئالدىڭدىن قاراپ قاشىڭغا كۆيدۈم، كەينىڭدىن قاراپ ساچىڭغا كۆيدۈم» دېگەن ناخشىلامۇ ر بىكار ئېيتىلمىغان-دە!  
سورۇن ئەھلىنىڭ چېچىم ھەققىدىكى تەرىپلىرى مېنى خۇش قىلماقتا يوق، ئەكسىچە، يۈرىكىمدە ۋەھىمە پەيدا قىلماقتا ئىدى. ئېرىمنىڭ ھېلىلا قارا يامغۇر ياغىدىغاندەك تۇتۇلۇپ كېتىۋاتقان چىرايىغا قاراپ ئەندىكىشكە بدشلىدىم. بۇ ئادەملەرگە باشقا گەپ تېپىلمىغاندەك نېمىشقا مېنىڭ چېچىم بىلەنلا قالىدىغاندۇ ؟!  
_ۋاقىتسىز كېتىپ قالغان ھېلىقى رەھمەتلىكمۇ چېچىغىلا كۆيگەن بولسا كېرەك بۇ قىزنىڭ.  
يېنىدىكى ھەمراھىنىڭ ئىتتىك نوقۇشى بىلەن گېپىنى توختىتىۋالغان ئايالغا چۆچۈپ قارىدىم. ۋاراقشىپ قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك  سورۇن ئەھلى جىمىپ كەتتى، يۈرىكىمدىن ئېتىلىپ چىققان پىغان بوغۇزۇمغا كەپلىشىپ قالدى، چاناقلىرىمدىن تېشىپ كېتىشكە ئاران تۇرغان ئاچچىق ياشلىرىمنى كۈچ بىلەن ئىچىمگە سىڭىرىۋەتتىم...ئۇ ئايال تۇيالماستىن شۇنداق دېدىمۇ ياكى ئەتەيمۇ بىلمىدىم، بىركىمنىڭ يۈرەك يارىسىنى تاتىلاشتىن خۇشاللىق تاپىدىغان ئادەملەر يوق ئەمەسقۇ بۇ دۇنيادا!   
ئىچىمنى سىقىۋاتقان بۇ ئۆيدىن ئىتتىك چىقىپ كەتكۈم بولسىمۇ، ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ ئورنۇمدىن مىدىرلىمىدىم. ئايال ساھىپخان چاققانلىق بىلەن گەپنى يوتكىۋەتتى:   
__ ئېزىز مېھمانلار، ئۇنداق قىلماي مېنىڭ جاپا تارتىپ ئەتكەن تامىقىمنىمۇ ماختاپ قويۇڭلار، مانا پولۇمۇ تازا ئوبدان دەم يېدى.   
__ چاققان ئەكىرمەمسەن پولۇيۇڭنى!   
__ خۇدايىم بۇيرۇسا مانا ھازىرلا.   
تاماقتىن كېيىن ئاياللار ئايرىم ئۆيگە جايلاشتۇق. ئۇلار قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى، مەن پاراڭغا ئارىلاشمىدىم. يۈرىكىم ئەنسىز سېلىپ تۇراتتى.  
__ خانىم، ئېرىڭىز كېتىمەن دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋېلىۋارىدۇ، شۇنچە تۇتساقمۇ ئۇنىماي قويدى. 
ساھىپخان ئايال قۇلىقىمغا بوشقىنە پىچىرلىدى، ئورنۇمدىن تۇردۇم. قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئاياللارغا «سىرتقا چىقىپ كىرەي» دەپ قويۇپ ئىشىكتىن چىقتىم.   
كېتىۋاتىمىز، ئۇ گەپ قىلمىغانسېرى پۇتلىرىم پۈكۈلۈپ كېتىۋاتقاندەك، بەدىنىمدىمن ماغدۇر قېچىۋاتقاندەك ئارامسىزلانماقتىمەن. بۇ قورقۇنۇچمۇ؟ قورقۇۋاتامدىمەن؟ قايسى خاتالىقىم، قايسى گۇناھىمغا قورقىمەن؟
ئويگە كەلدۇق، ئۇ ئۇزۇن يىللىق قان- قىساسى بار ئادەمدەك ئىشىكنى قاتتىق تەپتى، چوڭ بىر كۆڭۈلسىزلىكنىڭ بولىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى. ئۆزۈمنى سالماق تۇتۇتشقا تىرىشىپ، ئوچاققا ئېڭىشتىم.   
__ سوغۇققا ئۆلۈپ قالمايسەن،  ئۆتە ماياققا! كۆزۈمگە قارا، كۆزۈمگە قارا دەيمەن!  
يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى ئىتتىكلەپ نەپىسىم قىسىلغاندەك بولدى.   
__ مەن تامغا گەپ قىلىۋاتمايمەن، سەن بەزگە گەپ قىلىۋاتىمەن! كۆزۈمگە قارا دەيمەن، دەلدۈش! ئاڭلىمايۋاتامسەن؟!   
بېشىمنى تىك كۆتۇرۇپ ئۇنىڭ ئوبدانلا قىزارغان كۆزلىرىگە دادىل قارىدىم، نېمىشقا قارىمىغۇدەكمەن؟!  
__ ئەجەپ قارايسەنغۇ؟ ئەجەپ ئەيمەنمەي قارايسەنغۇ دەيمەن؟!  
كىرپىكىمنى قېقىپمۇ قويماستىن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم:   
__ نېمىشقا قارىمىغۇدەكمەن؟ بىركىمگە قارىيالمىغۇدەك گۇناھىم بولمىسا – يە؟  
__ۋۇي، تىلىڭ ئەجەپ ئۇزۇراپ قاپتا؟ كىمگە گەپ قىلىۋاتقىنىڭنى بىلىۋاتامسەن؟! :  
__كىم گەپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان بولسا شۇنىڭغا ! يۈرىكىمنىڭ ئەنسىز دۈپۈلدىشىمۇ، پۇت- قولۇمدىكى تىترەكمۇ بېسىقىپ قالغاندەك، بەدىنىمگە ماغدۇر كىرىۋاتقاندەك ئىدى...  
__ قۇشقاچ تىلىڭ چىقىپ قاپتىغۇ سەن دەلدۈشنىڭ !   
__ مەن دەلدۈش ئەمەس، ئاتا- ئانام ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ، ئەزىزلەپ، پاكىزە  باققاچقا ئەقلى- ھۇشۇم جايىدا، ساق، بېجىرىم!   
ۋاي- ۋۇي، شۇنداقمۇ تېخى؟! كۆڭلۈڭمۇ ساق، بېجىرىم بولسا، نېمىشقا ھەممىلا ئادەم سەن بىلانلا قالىدۇ؟ قاش- كۆزۇڭنى ئوينىتىپ، خۇلق چىقارمىساڭ  ئۇلار سەن بىلنلا قالامتى؟!  
خۇدايىم بوي- بەستنى ئايىماي بەرگەن بىلەن، ئەركەكلىكنى بېرىشاە بېخىللىق قىلغان بۇ ئەر بىلەن تاكاللىشىشقا رايىم بارمىدى، «چىرايلىق ياسان، چېچىڭنى قويۇۋەت» دېگەندىلا بىر شۇملۇقنىڭ يۈزبېرىدىغانلىقىنى كۆڭلۈمنىڭ تۇيغانلىقى سەۋەبسىز ئەمەسكەندە!
__ ھە، زۇۋانىڭ ئۆچۈپ قالدىغۇ ئەمدى؟! بايا شىلتىڭ ئېتىپ كېتىۋىدىڭ، «تازنى تاز دېسە ئۆلگۈسى كېلەر» دەپ تىتاڭ تومۇرۇڭغا تېگىپ كەتتىممۇ نېمە؟!  جىمىپ قالدىڭغۇ، سەكرىمەمسەن دەيمەن!  
يەلكەمدە يېيىلىپ تۇرغان چېچىمنى تېزلىكتە تۈرمەكلەپ ياغلىقىمنى چىگدىم. ئىچكىرىكى ئۆيگە مېڭىشىمغا ئۇ ياغلىقىمنى تارتىپ ئېلىۋېتىپ، چېچىمنى قاماللاپ تۇرۇپ قاتتىق تارتتى.
__  ئەرلەرگە كۆز- كۆز قىلىدىغان مۇشۇ دەسمايەڭدىن باشقە نېمەڭ بار سېنىڭ؟! ئوتقا تۇتۇپ كۆيدۇرىۋەتسەمغۇ شىلتىڭ ئاتالماي، شۈمشىيىپ ئولتۇرارسەن!   
ئۇنىڭ ئامبۇردەك قوللىرى بىلەن تارتىشىدىن بېشىم گويا چاچلىرىم ھېلىلا ئاجراپ كېتىدىغاندەك قاتتىق ئاغرىدى.   
__ ئېيتە، ھېلىقى ئۆلۈمتۈك ئۆلۇپ بېرىپ يوقالمىغان بولسا شۇنىڭغا تېگەتتىڭغۇ- ھە؟ ئېيت دەيمەن!
توغرا دەيسەن، بادام دوپپىسى بۇغداي ئۆڭ چىرايىغا خويمۇ يارىشىدىغان ئاشۇ يىگىت، «سىز قات- قېتىدىن پاكلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان مۇشۇ قىزىل ئەتىرگۈلگە ئوخشايسىز، سىز مېنىڭ سۇلماس گۈلۈم... » دېگەن ئاشۇ يىگىت ھايات بولسا، مەن قىزلىق غۇرۇرۇمنى، ئادەملىك ئىززەت- ھۆرمىتىمنى پايخان قىلغان سەندەك بەتخۇي ئەرگە تېگىپ قالاتتىممۇ؟ ئۇ بەرق ئۇرۇپ ئېچىلغان چوغدەك قىپقىزىل ئەتىرگۈلنى ماڭا سۇنغاندا دۇنيا خۇددى شۇ گۈلدەك گۈزەللىشىپ كەتكەن ئەمەسمىدى؟!  مېنىڭ كۈلكەم، مېنىڭ خۇشاللىقىم، ھاياتتىن تالات ئۇمىدلەرنى كۈتىدىغان، ياشلىقنىڭ جەلپكار، ھوسۇللۇق بېغىدىن تالاي نېمەتلەرنى كۈتىدىغان  يۈرىكىم، مېھىرگە، سۆيگۈگە، پەرۋىشكە تەشنا يۈرىكىم ئىززەتنى، ھۆرمەتنى بىلمەيدىغان سەندەك ئەر بىلەن پۇچۇلىنارمىدى؟!
ئەلەمدىن، خورلۇقتىن، ھاقارەتتىن قاتتىق مۇجۇلغان يۈرىكىم بىلەن، ئۆكۈنۈشتىن تىترىگەن ۋۇجۇدۇم بىلەن بېشىمنى قاتتىق سىلكىپ ئۇنىڭ قولىدىن بوشىنىپ چىقتىم. كىچىككىنى يۈرىكىمگە پاتمايۋاتقان ئاچچىق ئازاب بىراقلا پارتلاپ چىقتى:   
__ توغرا دېدىڭ، ئۇ بىر ئۆمۈر بىللە ياشاشقا ئەرزىگۈدەك ئېسىل يىگىت ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەنلا ياشىدىم، روھىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە...قانداق قىلاتتىڭ؟! سەندەك پۈچەك ئەرگە ئۆزۈمنى خار قىلغۇچە ئۇنىڭ گۆرىگە كىرىپ يېتىۋالسامچۇ! ئېسىت، سەندەك نېمىنىمۇ ئەر دەپ يارىتىپتىكەن، ئەمدى سېنى كۆزۈم كۆرمىسۇن! ھەرگىز، ھەرگىز كۆرمىسۇن!!!   
نازۇك ۋۇجۇدۇمغا نەدىن كەلگەن كۈچكىن، ئالدىمدا دېۋىدەك تۇرغان بۇ ئەرنى كۈچەپ ئىتتىرىۋېتىپ، ئۆزۈمنى ئىشىككە ئاتتىم. قاپقارا ئاسماندا نە ئاي، نە يۇلتۇز كۆرۈنمەيدۇ. سۆڭەكلىرىمنى تېشىپ ئۆتكۈدەك ئاچچىق شامال نە ئارزۇ، نە ئارمان قالمىغان يۈرىكىمنى مۇزلىتىۋەتكەندەك پۈتۈن بەدىنىم تىترىمەكتە! >v...ئوچاقتىكى گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ تەپتىدە ھۆپپىدە ئىسسىپ كەتكەن ئۆيدە ئۇششاق ئۆرۈمە چاچلىق ئوماق بىر قىزچاق بىردە ئاتىسىغا، بەردە ئاپىسىغا ئەركىلەيتتى. ئاتىنىڭ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىدىن مېھىر تۆكۈلەتتى، ئانىنىڭ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىدىن مېھىر تۆكۈلەتتى، گويا مېھىرگە تويۇنغان ئۆينىڭ تام- تورۇسلىرىدىنمۇ مېھىر تۆكۈلۈۋاتقاندەك...   
ئوتقاشتەك قىپقىزىل ئەتىرگۈل شۈنچە جۇلالىق، شۇنچە خۇشپۇراق ئىدى، قات- قات بەرگىلىرىدىن مېھىر تۆكۈلەتتى، قات- قات بەرگىلىرىدىن سۆيگۈ تۆكۈلەتتى
      تۈگىدى

http://www.iptihar.net/bbs/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 06:07:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2013-12-29 05:57 PM
يېقىن بىر دوستۇم ماڭا كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاند ...

داۋامى يوللاندى

http://www.iptihar.net/bbs/

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12766
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31787
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4675 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 06:16:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇھ..ۋاي يۈرىكىم،مۇشۇنداق بىر كۈنلەمچى ،گۇمانخور،رەھىمسىز ئەر بىلەن ئۆي تۇتۇپ قالغان ئايالنىڭ جېنىغا ۋاي...

شۇنداق بېرىلىپ ئوقۇدۇم..


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100780
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 06:40:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئىچىم سىرىلدى.

ئانا بىر دۇنيا،ئاتا بىر دۇنيا،ئىككىسى ھەقىقىي بىرلەشكەندىلا بالىلارنى گۈزەل دۇنيا قىلىپ تەربىيەلىگىلى بولى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2320
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5672
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1401 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 07:05:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2013-12-29 06:16 PM
ئۇھ..ۋاي يۈرىكىم،مۇشۇنداق بىر كۈنلەمچى ،گۇمانخور،رەھى ...

ئايال كىشىدىمۇ بار گۇناھ

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 07:14:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2013-12-29 07:05 PM
ئايال كىشىدىمۇ بار گۇناھ

سىزنىڭچە ئاۋۇ ئەر ئۆزى ياسان دىگەن ئايالنى سەۋەپسىزلا باشكىلاردىن كۈنلىسە يەنە ئايال كىشى گۇناھكار كەندە؟ بىر ئوبدان كىيىم كەيسە ياراتمايدۇ تېخى سالتاڭ-سۇلتاڭ كىيىن دەپ. اللە ھەممىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن

http://www.iptihar.net/bbs/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85762
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1146
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 08:15:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش