مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: madina520

ئازغانلار ۋە ئېزىۋاتقانلار(پوۋېست) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4661
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 07:24:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
326ayixa يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 06:57 PM
مەنمۇ بۈگۈن بىر پوۋىستنى باشلاي دەيمەن . بۇنداق چوڭ ھە ...

يېزۋېرىڭ ، ئۇنى دەپ بۇنى دەپ يەنە ئوقۇيمىز

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4661
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 07:25:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولىدىغان پوۋسېتتەك قىلىدۇ ، داۋامىنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن گەپ قىلاي............

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99170
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 390
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 07:49:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 07:52:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ana يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 07:24 PM
يېزۋېرىڭ ، ئۇنى دەپ بۇنى دەپ يەنە ئوقۇيمىز

ئەسلىدە ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا باشلىغانتىم . ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا يېزىپ  ، بىر خەتنى خاتا يېزىپ قويۇپ تۈزىتىش ئۈچۈن بىر كۇنۇپكىنى خاتا بېسىپ قويۇپتىمەن . شۇنىڭ بىلەن شۇنچە ئەجىر قىلىپ يازغىنىم يوق بولدى . كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى . بوپتۇلا دەپ يەنە قايتا يېزىپ بىرىنچى بۆلىكى تۈگەي دىگەندەتور ئۈزۈلۈپ قېلىپ يوق بولدى دەڭە . ھەي ....

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4661
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 09:05:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
326ayixa يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 07:52 PM
ئەسلىدە ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا باشلىغانتىم . ئىككى سائە ...

ۋاي ئېسىت !!........ چاتاق بوپتىغۇ !! قانچە جاپا تارتقانسىز قايتا-قايتا يېزىپ؟!..... ئازراق يېزىپ ساقلاپ ، يەنە ئازراق يېزىپ باشتىكىسىگە قوشۇپ  ساقلاپ .......مۇشۇ بويىچە قىلسىڭىز توككەتسە ياكى باشقىچە ئەھۋاللار بوپقالسا بۇرۇن ساقلىۋالغان قىسىملىرى قېپقالارمىكى ، بۇنىڭ پايدىسى بوپقالسا ئەجەپ ئەمەس ، سىزمۇ ئازراق جاپا تارتىسىز دىگەن گەپ .

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 09:15:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ana يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 09:05 PM
ۋاي ئېسىت !!........ چاتاق بوپتىغۇ !! قانچە جاپا تارتقانسىز ...


ۋاي نەدىكى، يوقاپ كېتىدىكەن . ئىشقىلىپ مەن يازغىنىم يوقاپ كەتتى . قايتا يازدىم . ھازىر يەنە قايتا يېزىپ يوللىدىم . تەستىقلىنامدۇ بىلمەيمەن تېخى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   326ayixa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-30 09:15 PM  


ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 10:14:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رويال يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 04:36 PM
‏ۋاي ئەسەر دىگەننى ھەممىنى يېزىپ بولۇپ ئاندىن چىقارسا ...

كەچۈرۈڭلار پوۋېستنىڭ ھەقىمى چوڭراق بولغاچقا، خەتلەرنى ئۇرۇپ بولۇپ ئۇتتۇرلۇق يوللاۋاتىمەن

http://www.iptihar.net/bbs/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 10:23:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(2)

ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى. ئايال بولمىغان ئۆي ھېزىمغا بارا-بارا دوۋزاقتەك بېلىنىشكە باشلىدى. ئۇ بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە تۇنساگۈللەرنىڭ چوڭ ئۆيىگە ئىككى قىتىم بىرىپ كەلدى. بىراق ھەر ئىككى قىتىم ئىش ئەپلەشمىدى. بولۇپمۇ ئىككىنچى قىتىم قىيىن ئانىسىدىن ئوبدانلا دەككىسىنى يىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى يەنە بىرقىتىم بىرىشقا ئۇنىمىدى.راستىنى ئېيتقاندا قورقتى.  
بىرىنچى قىتىم بارغاندا ئۆيدە قىيىن ئاتىسى بار بولۇپ تۇنساگۈل ئانىسى بىلەن بازارغا كەتكەن ئىدى. ھېزىمنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن تونساگۈلنىڭ دادىسى زىياۋدۇن ئۇنى چىرايلىق قارشى ئالدى. ئۇمۇ ئايالى گۈلسۈمدىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنى ئاڭلىغان ئىدى.  
-    كەل بالام ، قېنى ئۆيگە كىر ، - ھويلىدا ئىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان زىياۋدۇن دەرۋازىدىن كىرىپ كەلگەن ھېزىمنى كۆرۈپلا ئىشىنى تاشلاپ ئۇنىڭغا بۇرۇلدى.  
-    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دادا ، - ھېزىم ئېسىنى يېغىپ قىيىن ئاتىسىغا سالام قىلدى.   
-    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بالام ،قانداق تۇردىڭ، قىنى ئۆيگە كىر .
زىياۋدۇن ئۇنى ئۆيگە باشلىدى. ئەگەر ماۋۇ قىيىن ئاتىسى بولغىنىدا ئىدى ،ئۇ بۇنچە قورقۇپ كەتمەيتتى. گەپ تۇنساگۈلنىڭ ئانىسى گۈلسۈمدە. ھېزىم قىيىن ئانىسى ھازىرلا ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ ، ئۇنى تىللاپ قوغلاپ چىقىرىدىغاندەك تارتىنىپقىنە ئۆيگە قەدەم تاشلىدى.
ئۆيگە كىرىپ جايلىشىپ ئولتۇرغان ھېزىم ئۆيدە قىيىن ئاتىسىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ يوقلىقىنى جەزىملەشتۇردى.   
-    ئانام ئۆيدە يوق ئوخشىمامدۇ دادا ؟ - ھېزىم قورۇنۇپقىنە سورىدى.   
-    شۇنداق ، ئەتىگەن تۇنساگۈل ئىككىسى بازارلىق ئالىدىغان ئىشىمىز بار دەپ چىقىپ كەتكەن . مانا ھازىرغىچە كەلمىدى. بەلكىم ئەمدىلەتىن كىلىپمۇ قالار.
زىياۋدۇننىڭمۇ بۇ بىچارە بالىغا ئىچى ئاغرىيتتى. بولۇپمۇ ئايالى ھەر قىتىم ئۇنى تىللاپ ئەدىبىنى بەرگەندە ئۇ ئارىغا چۈشەتتى. تۇنساگۈل بۇ ئۆيگە كەلگەندە ئايالى ئوچۇقتىن –ئوچۇقلا ئۇنىڭغا ئېرىنى قانداق باشقۇرۇشنى ئۈگىتەتتى. بۇنداق چاغلاردا زىياۋدۇن ئارتۇقچە گەپ قىلمايتتى. تۇنساگۈل كەتكەندىن كىيىن ئايالىغا بىر مۇنچە كايىتتى. زىياۋدۇننىڭ نەزىرىدە ھېزىم ئۇنچە يامان بالا ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ رەھمەتلىك ئاتىسى ناسىرپاڭ بىلەن زىياۋدۇن قىيامەتلىك ئاغىنىلەردىن. ئىككى ياشنىڭ نىكاھ ئېشىمۇ ئۇلارنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن بولغان. ئەگەر گۈلسۈمنىڭ مەيلىچە بولغاندا بۇنداق «ئۆيىدىن چاشقان يامانلايدىغان قەلەندەر»گە ھەرگىز قىزىنى بەرمىگەن بولاتتى.   
زىياۋدۇن بىلەن ناسىرپاڭ بىر مەھەللىدە چوڭ بولغان ئاغىنىلەردىن. بولۇپمۇ ھېلىقى ئاپەتلىك يىللاردىكى بوران –چاپقۇنلاردا بىرگە تاۋلانغانلاربولۇپ، شۇ يىللاردىلا قىيامەتلىك ئاغىنىلەردىن بولۇشقا قەسەم ئېچىشكەنىدى. ناسىر پاڭ ئەسلى چوڭ بىر باينىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ ، شۇ يىللىرى دادىسى ئەمەت باي« چەتكە باغلانغان ئۇنسۈر »لەر تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ ، مۇشۇ يېزىغا سۈرگۈن قىلىندى.ناسىرمۇ ئاتا –ئانىسى بىلەن قوشۇلۇپ بۇ يېزىغا كەلدى. بۇ دەل ناسىرنىڭ 20لەرنىڭ قارىسىنى ئالغان تازا كۈچىگە تولغان مەزگىلى ئىدى. ئۇ چاغلاردا زىياۋدۇن دۈينىڭ ئات ھارۋىسىنى ھەيدەتتى. 
كەنت مۇدىرى ئۇلارنى زىياۋدۇنلارنىڭ ئائىلىسى قاراشلىق ئەترەتكە تەقسىم قىلدى. مۇشۇ كۈنلەردە بۇ يەرگە ئەمەت بايغا ئوخشاشلار دائىم كىلىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى ھالىي تولىمۇ ناچار بولۇپ ، دۇينىڭ قوراسى ئىچىدىكى ئاددىي ياتاقلار ئۇلارنىڭ يىتىپ –قوپۇشى ئۈچۈن بىرىلگەن ئىدى. ئەنە شۇ چاغلاردىن باشلاپ بۇ ئىككى ياش يېقىن ئاغىنىلەردىن بولۇپ قالدى. زىياۋدۇننىڭ ئانىسى بۇنىڭ ئۆزلىرىگە ئارتۇقچە باش ئاغرىقى ئىلىپ كىلىشىدىن قورقسىمۇ بىراق ئەمەت باي ۋە ئايالى ئامىنەمنى ياقتۇرۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئاپەتلىك يىللاردا بۇ ئىككى ئائىلە نورغۇن جەبىر –زۇلۇملارنى باشتىن كەچۈرۈپ ،ئۇرۇق –تۇققاندەك بولۇپ قىلىشقانىدى. `  
تازا قاتتىق قىشنىڭ بىر كۈنى كەنت مۇدىرى ناسىرنى تاغقا ماللارنىڭ سانىنى ئېلىش  ئۈچۈن ئەۋەتتى. زىياۋدۇن بىرگە بىرىشنى ئېيتقان بولسىمۇ كەنت مۇدىرى ئۇنىڭغا باشقا ئىش تاپىلاپ ئۇنى بارغىلى قويمىدى. ئامالسىز قالغان زىياۋدۇن ئاغىنىسىنى يالغۇز يولغا سالدى. زىياۋدۇن بۇ ئىشلارنىڭ كەنت مۇدىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بولىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇنىڭ ناسىرنىڭ ئانىسى ئامىنەمگە كۆز تاشلاپ بىر قانچە قىتىم دەككىسىنى يىگەنلىكىنى ، كەنتنىڭ بۇ پاناق مۇدىرىنىڭ دائىملا ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىن ئەگىپ كىتەلمەيدىغانلىقىنى ئۇ ئوبدان بىلەتتى. ناسىر كىتىپ ئىككى كۈنگىچە خەۋىرى بولمىدى. ئەمەت باي بىلەن ئامىنەم ئۇنىڭدىن كۆپ ئەنسىرىدى. بىراق ئەمەت باينىڭ مۇشۇ كۈنلەردە دېگەندەك سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئالدىغا چىقىشقا ئامال بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەنت مۇدىرىنىڭ يالغاندىن يېتىۋاپسەن دەپ يەنە قىشتا مۇز قومۇرتىشىدىن قورقتى. زىياۋدۇن ئەھۋالدىن خەۋەر تىپىپ ، ئۆزى ھارۋىغا قىتىپ ئىشلىتىۋاتقان ئاتنى مىنىپ تاغقا قاراپ كەتتى. كەنتكە يىقىن بۇ تاغدا دۇينىڭ ماللىرى بار بولۇپ ،قىش –ياز بۇ يەردە بولاتتى. بۇنىڭغا قارايدىغان مەخسۇس ھېلىقىدەك «گىزەندى»لەر بار ئىدى. زىياۋدۇن ئۇ يەرگە چىققاندا ئۇلار ناسىرنىڭ بۇ يەردىن ئەتىگەن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى. زىياۋدۇن دېمىنىمۇ ئالماي ئۇ كەتكەن يول بىلەن دەرھال كەينىگە ياندى. زىياۋدۇن يول بويى ناسىر قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزنى قوغلاپ ماڭدى. ئۇ ماڭغاچ ئەتراپقا نەزەر سالدى يىراقتىكى ئاقباش چوققىلار تولىمۇ ھەيۋەت كۆرۈنەتتى. يېقىنلا يەردە پۈتۈن بەدىنى قار بىلەن چۈمكەلگەن قارىغايلار، ئۆزىنىڭ جەسۈرلىقىنى نامايەن قىلىۋاتقاندەك ئاسمان بىلەن بوي تالىشىپ قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.  تاغنىڭ ياز پەسلىنىڭلا ئەمەس ،قىش پەسلىنىڭمۇ بۇنچە گۈزەل بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ زىياۋدۇننىڭ  كۆڭلى ئېچىلىپ قالدى. لىكىن ئۇنىڭ خىيالى يەنىلا ناسىردا ئىدى. ئۇ ئاتنى ئىلدام چاپتۇرۇپ ماڭدى. بىر چاغدا ئالدىدىكى جىلغا ئىچىدىن گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. «قار كۆچكەن ئوخشايدۇ» زىياۋدۇننىڭ كاللىسىغا ئاللىقانداق قورقۇنچلىق خىياللاركەچتى. ئۇ ئاتنى چاپتۇرۇپ جىلغا تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.

http://www.iptihar.net/bbs/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 10:25:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(3)

ناسىر ئۇرۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئىشەكنى ئۇلاغ قىلىپ تاغقا چىقتى. مۇدىرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ماللارنىڭ سانىنى ئالدى. بۇ يەردە بىركۈن تۇرغاندىن كىيىن  ئۇلار ئالدىن تەييارلاپ قويغان توشقان ، قىرغاۋۇل ، تاغ ئۆچكىسى قاتارلىق ئوۋ غەنىمەتلىرىنى ئىشەككە ئارتىپ، ئەتىگەندىلا يولغا چىقتى. قايتىشىدا ئۇ يولنى قىسقارتىش ئۈچۈن جىلغا ئىچى بىلەن ماڭدى. بۇ جىلغا ئۇدۇل مەھەللە ئىچىگە تۇتىشاتتى. ياز كۈنى بۇ يەر تاغقا چىققۇچىلارنىڭ دائىملىق يولى ئىدى. لىكىن قىش پەسلىدە يول تىپىپ مېڭىش سەل قىيىن بولغانلىقى ئۇندىن باشقا تۈرلۈك يىرتقۇچ ھايۋانلار ھە باشقا ئاپەتلەر سەۋەبىدىن بۇ يەردىن ماڭغۇچىلار ئاز بولاتتى. ناسىر يول بويى باشقىلار قالدۇرغان يول بىلەن ماڭدى. بىر چاغدا ئۇ گۇلدۇرلىگەن ئاۋازدىن چۆچۈپ جىلغىنىڭ ئۈستىگە قارىدى. خۇددىي تاغ سىيرىلىپ چۈشىۋاتقاندەك غايەت زور قار دۆۋىلىرى تۆۋەنگە چۈشىۋاتاتتى. قورقۇپ كەتكەن ئىشەك ئالدى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى. ناسىر قىچىشقا ئۈلگۈرەلمىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئىشەكنىڭ چۇلۋۇرىنى قولىدىن چىقارمىدى. «گۈپ»قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇ قارنىڭ ئاستىدا قالدى.
ئىسسىق بىر ھارارەتنىڭ تەسىرىدىن ئېسىگە كەلگەن ناسىر كۆزىنى ئاستا ئاچتى. ئۇ كۆزىنى ئېچىپ كۆرگىنى ئاغىنىسى زىياۋدۇن بولدى.   
زىياۋدۇن بايىقى ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كىيىن تىزلىك بىلەن جىلغا ئىچىگە يېتىپ كەلدى. بىراق نەچچە يۈز مېتىر ئورۇندىكى يول پۈتۈللەي توسۇلۇپ قالغان بولۇپ ، سەللا بىخەستەلىك قىلسا چوڭقۇر ھاڭغا غۇلاپ چۈشۈپ كىتەتتى. ئۇ ئاتنى يېتىلەپ ئالدىدا ئۆزى يول ئېچىپ ماڭدى. ئالاھەزەل بىرەر سائەت ئۆتتى. زىياۋدۇن ھىرىپ ھالىدىن كەتتى.بىرچاغدا ئۇ  تاشنىڭ دالدىسىدا تۇرغان ئىشەكنى كۆردى. زىياۋدۇنغا قايتا جان كىرگەندەك بولۇپ ، دەرھال شۇ ئەتراپتىكى قارنى ئاچتى. ئۇ ئىشەكنىڭ ئارغامچىسىنى بويلاپ ئىزدىۋىدى ، قارغا كۆمۈلۈپ قالغان ناسىرنى تاپتى . بۇ چاغدا ناسىر پۈتۈللەي ھوشىنى يوقاتقان بولۇپ ،جانسىز نەپەس ئېلىۋاتاتتى. زىياۋدۇن دەرھال جۇۋىسىنى يېشىپ ئۇنىڭغا كىيدۇردى. ئۈستى –بېشىدىكى قارلارنى تازلىدى. بىر چاغدا ناسىر سەل ھوشىغا كەلگەندەك بولدى.   
-    ئاداش ، ساقمۇسەن ، بۇ مەن زىياۋدۇن ، - زىياۋدۇن ئاغىنىسىنىڭ ھوشىغا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنى ئاستا يولىدى.  
-    ئاداش ،بۇ سەنمۇ ؟ - ناسىرنىڭ ھالى تولىمۇ ناچار ئىدى.
زىياۋدۇن ئۇنى ئاتقا مىنگەشتۈردى. ئالدىغا ماڭاي دېسە يەنە ئالاھەزەل يىرىم كۈن ماڭاتتى. ناسىرنىڭ ئەھۋالىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرگەن زىياۋدۇن  دەرھال كەينىگە ياندى.
شۇ قىتىملىق ۋەقەدە ناسىرنىڭ بىر قۇلىقى سوغۇقتا ئۈشۈپ قىلىش باھانىسى بىر مەزگىللەرگىچە ئاغرىپ يۈردى. كىيىن بارا –بارا ئاڭلىماس بولۇپ قالدى. بۇ ئىككى ئاغىنە شۇ ئىشتىن كىيىن جاپالىق كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزۈش توغۇرسىدا قەسەم ئېچىشتى.
يىللار بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئاپەتلىك يىللارمۇ ئۆتۈپ ، بەختىيار كۈنلەريېتىپ كەلدى. بىراق ناسىرنىڭ ئاتا –ئانىسى بۇ كۈنلەرنى كۆرۈشكە نېسىپ بولالمىدى. بىر قىتىملىق قاتتىق يامغۇردا ئۇلار ياتقان ئۆي كىچىسى تويۇقسىز ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ئەمەت باي بىلەن ئامىنەم ئاستىدا قالدى. بۇ كۈنى ناسىر يەنە «ۋەزىپە»دە ئىدى. ئۇ كەلگەندە باشقىلار ئۇنىڭ ئاتا –ئانىسىنى لاي توپا ئاستىدىن كولاپ چىقىرىپ قويۇشقانىدى. ناسىر يېغلاپ –قاقشاپ يۈرۈپ ئاتا –ئانىسىنى ئۈزاتتى. دۇنيادا ئۆز مېھرىبانلىرىدىن بىرلا ۋاقىتتا ئايرىلىپ قىلىشتىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولمىسا كىرەك. يالغۇز ئوغوللىقى ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆزلىرىنىڭ سەۋەبىدىن بالىسىنىڭمۇ مۇشۇ كۈنلەرگە قالغانلىقىدىنمۇ ئاتا –ئانىسى ئۇنىڭغا بۆلەكچىلا كۆيەتتى. ناسىرمۇ ئاتا –ئانىسى بىلەن بىللە بولغاندىلا ئۆزىنى خوشال ھېس قىلاتتى. مانا ئەمدى بۇ غەمگۈزارلىرىدىن ئايرىلىپ ،بىر قانىتى سۇنغاندەك بولدى. شۇندىن كىيىن ئۇ بىردىنلا بۇرۇنقى شوخ ھالىتىنى يوقىتىپ شۈكلەپلا كەتتى. زىياۋدۇننىڭ ئاتا –ئانىسى ئۇنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپ بېشىنى سىيلىدى. كىيىنكى يىللاردا ناسىرمۇ بۇ يېزىدا مۇقىم تۇرالغۇ جايغا ئىگە بولدى ھەم شۇ يېزىدىكى خۇرشىدەم ئىسىملىك قىز بىلەن تۇرمۇش قوردى. زىياۋدۇنمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دېگۈدەك گۈلسۈم بىلەن توي قىلدى. ئىككى ئائىلە دەسلەپ شۇنداق ئىناق ئۆتتى. ناسىرنىڭ ئايالى خۇرشىدەم تولىمۇ ئوڭلۇق ئايال ئىدى. بولۇپمۇ «قازان بېشى»غا قولى تولىمۇ كەڭ بولۇپ، بۇ تەۋەدە ئۇنىڭ تەرىپنى قىلمايدىغانلار يوق دىيەرلىك. زىياۋدۇننىڭ ئايالى گۈلسۈم دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە. باي ئائىلىدە چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئۇ ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتاتتى. ئۇ ھەدېسىلا زىياۋدۇننى ئۇلار بىلەن باردى –كەلدى قىلىشتىن توساتتى. بىراق جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ ئىككى ئاغىنىنىڭ كۈنلىرى ئاساسەن بىرگە بولۇپ ، بىر كۈنى ئۇنىڭ يەنە بىر كۈنى بۇنىڭ ئۆيدە دېگەندەك بولاتتى. دەسلەپ ناسىرنىڭ ئايالى بىر ئوغۇل بوشاندى. كىيىنكى يىلى گۈلسۈممۇ چىرايلىق قىزدىن بىرنى توغدى. ئىككى ئائىلە ئوخشاشلا خوشاللىققا تولدى. زىياۋدۇن قىزى تۇغۇلغاندىلا ناسىربىلەن كەلگۈسىدە قۇدا –باج بولۇشقا ۋەدە قىلىشتى. ئەلۋەتتە ،بۇ ئىشلاردىن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ خەۋەرلىرى يوق ئىدى. بالىلار چوڭ بولغاندا بۇ ئىشلارنى ئۇلار بالىلىرىغا ئاندىن ئاياللىرىغا دېيىشتى. خۇرشىدەم بۇنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. بىراق گۈلسۈمگە كەلگەندە ئىش ئەپلەشمىدى. ئۇ بۇئىشقا قەتئى قوشۇلمىدى.گەرچە ئىككى ياشنىڭ بىر-بىرىگە مەيلى بولسىمۇ ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ تەرسالىقىنى قىلدى.  ئاخىرى بىر ئۆزى يالغۇز كىلىپ قىلىپ بۇ تويغا ئامالسىز قوشۇلدى. شۇ كۈنلەردە  ناسىر ئوغلى ھېزىم ئۈچۈن ئۆي ياسىماقچى بولدى. ئۆي ياسىلىپ، ئۈستى يىپىلىدىغان چاغدا ئەسلىدىكى بىرتال ياغاچ قىسقا كىلىپ قالغانلىقتىن باغدىكى بىرتۈپ سۇۋادان دەرىخىنى كەسمەكچى بولۇشتى. ناسىر چۈشكىچە بولغان ئارىلىقتا ھېلىقى سۇۋادان تېرەكنىڭ تۈۋىنى پالتا بىلەن چانىدى. ئەمدى ئۆرىلىشكە كۆزى يەتكەن ناسىربىلەن خۇرشىدەم دەرەخنىڭ ئۇچىغا ئالدىن باغلىۋالغان ئارغامچىنى يىراقتا تۇرۇپ تارتتى. بىراق كۈچى يەتمىدى. ئامال بولمىغان ناسىر دەرەخنىڭ يېنىغا قايتا بىرىپ يەنە داۋاملىق چېپىشقا باشلىدى. يىراقتا تۇرغان خۇرشىدەم دەرەخنىڭ لىڭشىۋاتقانلىقىدىن قورقۇپ ناسىرنى بىر قانچە قىتىم ئاگاھلاندۇردى. بىراق ناسىر« مانا ئاز قالدى »دېگىنچە تېخىچىلا شۇ يەردە ئىدى. چىداپ تۇرالمىغان خۇرشىدەم يۈگۈرۈپ بارغىنچە ئۇنى تارتىپ چەتكە ماڭدى. دەل شۇچاغدا تېگى پۈتۈللەي كېسىلىپ بولغان دەرەخ ئاستا قىڭغايدى، بىراق ئەسلىدىكى يۆلۈنىشكە ئەمەس ناسىر بىلەن خۇرشىدەم تۇرغان تەرەپكە قاراپ شىددەت بىلەن ئۆرۈلدى. «گۈلدۈر –قاراس»قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي تۇرغان ئىككى تەننى ئېغىر دەرەخ يەرگە چاپلىۋەتتى.

http://www.iptihar.net/bbs/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 10:28:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(4)

بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئەنە شۇنداق. بەزىدە توۋۋا دەپمۇ قالىسەن . بىر ئۆمۈر قوغلىغاندىن قىچىپ ،ئارزۇ قىلغاننى قوغلاپ ئۆتىدىغان ئۆتىدىغان گەپ .بەزىدە ھاياتلىقتا بېشىڭغا شۇنداق قاتتىق كۈنلەر كىلىدۇكى ، ھەييات ،بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇپ ياشاپ يۈرگىنىڭگە مىڭبىر پۇشايمان قىلىسەن. `
ئارىمىزدا ئەل قەلبىدە قالغۇدەك ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىپ ئالەمدىن ئۆتكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئەنە شۇلارنىڭ ئەل قەلبىگە ئۆچمەس ئابىدە بولۇپ ئۇيۇلغان خاسىيەتلىك ئىش –ئىزلىرى ئەۋلادتىن –ئەۋلاتقا يادلىنىپ تۇرۇلىدۇ.يەنە بىر قىسىملار بولسا گەرچە ماددىي باياشاتچىلىق ئىچىدە تۇرسىمۇ بىر ئۆمۈر قولى سىرتىغا ئىگىلمەي يا ئۆزىنى يا باشقىلارنى رازى قىلالماي نام –نىشانسىز بۇ دۇنيادىن كىتىدۇ.  يەنە شۇنداق بىر قىسىم كىشىلىرىمىز باركى ، ئۇلار گەرچە ماددىي جەھەتتە يوقارقىدەك  ئىشلارنى قىلالمىسىمۇ بىراق ئۆزىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ئارقىلىق ئۆزگىلەرنىڭ قەلبىگە ئۆچمەس ئىزلارنى سىلىپ ،ئۆز يىقىنلىرىنى ئارماندا قالدۇرۇپ ئارىمىزدىن ئايرىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۈچۈن يېغلىغانغا قايتىپ كىلىدىغان ئىش بولسىدى، ماۋۇ ناسىر بىلەن خۇرشىدەم ئۈچۈن پۈتۈن يېزا خەلقى ئۇلار قايتىپ كەلگۈچە يېغلاشقا رازى ئىدى. بىراق ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۇلۇنغان بۇ ئىشلارغا بويسۇنماي، سەۋر قىلماي ئامال قانچە؟   
بۇ دۇنيادىكى بەزى بىر ئوخشاشلىقلارغا قاراپ ھەيران قالىسەن . ئەينى چاغدا پۈتۈن يېزا خەلقى ئەمەت باي ۋە ئامىنەملەرنىڭ جەسىتىنى لاي –توپا ئاستىدىن كولاپ چىققاندا ئەنە شۇنداق ئازابلانغان ، ياش تۆككەن ، ۋاقىتسىز كەتكەن بۇ بىر جۈپلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ ، ياراتقۇچىدىن  ئۇلارنىڭ ئۇ دۇنيالىقىنى تىلەشكەن ئىدى. ناسىر ۋە خۇرشىدەمنىڭ جەسىتى يېنىغا ئوۋلاشقان كىشىلەردىن ياش تۆكمىگەنلەر قالمىدى. ئۇلارنىڭ ئېسىگە ناسىرنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈمى كەلدى. ئۇلارنى قوشنىسىنىڭ بالىسى بايقىغان بولۇپ ، كىشىلەر يېتىپ كېلىشكەندە بۇ بىر جۈپلەر ئاللىبۇرۇن بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقانىدى. ناسىرنىڭ بىر قولى خۇرشىدەمنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالغان. بەلكىم ئەنە شۇنداق ھايات –ماماتلىق دەقىقىلەردە كۆڭلى تولىمۇ سېخىي بۇ ئىنسان ئۆز جۈپتىنىڭ ھاياتلىقىنى ئويلىغان ،ئۇنى تارتىپ چىقارماقچى بولغان بولۇشى مومكىن. قارىماققا ئۇلار دۇنيادىن خاتىرجەم ھالدا بىر –بىرىگە تويماي قاراپ يېتىپ ،ئۇخلاپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇلارنى دەرەخ ئاستىدىن ئېلىپ چىققاندىمۇ ئۇلارنىڭ قولىنى ئاجرىتىشقا بولمىدى. كىيىن چوڭلار بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىدى.
كەچقۇرۇن، مەھەللىدىن ئۇزاپ ماڭغان ئادەملەر توپى ئىچىدە ئاق يوپۇق يېپىلغان ئىككى جىنازا لەرزان ئۈزۈپ ،ئادەملەر توپى بىلەن قوشۇلۇپ تۇپراق بېشىغا قاراپ ئىلگىرلىدى. ھەممىنىڭ ئالدىدا ئىككى ئاغىنىسىنىڭ ھەمرالىقىدا ھېزىم كىتىپ باراتتى. ھېزىم كىچىك ۋاقتىدا دادىسىدىن بۇۋا –مومىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى توغۇرسىدىكى ئىشلارنى كۆپ ئاڭلىغان  ، ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتكەن بۇۋا –مومىسى ئۈچۈن بىغۇبار قەلبى قاتتىق  ئازابلانغان بولسا، مانا ئەمدى شۇ قارا كۈنلەر ئۇنىڭ بېشىغا كەلدى. ئۇ ئۇ ئۆزىنىڭ زادى نەگە كىتىپ بارغانلىقىنى ئەسلىيەلمىدى. بىچارە بايقۇش خۇددىي قەپەسكە سولىنىپ قىلىپ، ئۆز ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالغان قۇشتەك ئۇياق –بۇياققا ئەنسىز قاراتتى. كىشىلەر توپى  ھەش –پەش دېگۈچە تۇپراق بېشىغىمۇ يېتىپ كېلىشتى. ئۇلار يېڭىلا كولانغان ئىككى قەبرىنى چۆرىدەپ ئولتۇردى. ئىمامنىڭ ئۇزۇن قىرائىتىدىن كىيىن مىيتلەر يەرلىكىگە قويۇلدى.ئالدى بىلەن ناسىريەرلىكىگە ئېلىپ كىرىلدى. ھېزىم يالغۇز بالا بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە، باش بولۇپ يەرلىككە كىردى. دادىسىنىڭ مىيىتىنى يەرلىكىگە ئېلىپ كىرىپ ، باشقىلارنىڭ ياردىمىدە ئۇنى ئورنىغا ياتقۇزدى. دادىسىنىڭ يۈزى ئېچىلغان چاغدا ئۇ ئۆزىنى تۇتالماي قالدى.بىللە كىرگۈچى  ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ ھېزىمنى يەرلىكتىن قايتۇرۇپ چىقتى. ئاھ ، دۇنيادا ئۆز ئاتا –ئانىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆز قولى بىلەن يەرلىككىگە قويۇشتىنمۇ ئېغىر كۈنلەر بارمۇزادى؟ ئەي ،ياراتقۇچى ئاللاھ،بۇنداق  ئېغىر كۈنلەردىن بەندىلىرىڭنى ساقلىغايسەن. ھېزىم ئەمدى ئانىسىنىڭ مىيىنى ئېلىپ يەرلىكىگە چۈشتى. ئانىسىنىڭ مىيىنى يەرلىكىكىگە قويۇپ بولۇپلا ئۇنىڭ پۇت –قوللىرى بوشۇشۇپ كەتتى. باشقىلار ئۇنى تېزدىن يەرلىكتىن تارتىپ تاشقىرىغا ئىلىپ چىقتى. بىراق ھېزىم پۈتۈللەي ھوشىنى يوقاتقان ئىدى.  
ھېزىم شۇ ياتقىنىچە خىلى ئۇزۇن يېتىپ قالدى. ئاتا-ئانىسىنىڭ ،يەتتە نەزىر،قىرىق نەزىرلىرىنى يېقىلىپ –قويۇپ يۈرۈپ بەردى. ئۇنىڭ تۇنساگۈل بىلەن بولغان توي ئىشىمۇ كەينىگە سوزۇلدى. زىياۋدۇن بىر قانچە قىتىم ئاددىيلا قىلىپ ، ئۇلارنىڭ نىكاھىنى قىلدۇرۇپ قويۇشنى ئېيتقان بولسىمۇ بىراق گۈلسۈم بۇ ئىشقا ئۇنىماي تۇرۇۋالدى. ئۇنىڭچە بولغاندا ئەمدى ھېزىمغا ھەرگىز قىز بەرمەيتتى. شۇڭا ھەر ئاماللار قىلىپ بۇ توينى كەينىگە سۈردى. گۈلسۈم بۇ توينى بىر باھانە تىپىپ بۇزۇش قەستىگە چۈشتى. ناسىر ۋە خۇرشىدەملەرنىڭ تويۇقسىز ئۆلۈمى گەرچە ئۇنىڭ تىنىدىكى ئىنسانغا خاس بولغان بەزىبىر يەرلىرىنى تىترىتىپ ئۆتكەن بولسىمۇ بىراق كىچىكىدىنلا باياشات تۇرمۇش ئىچىدە چوڭ بولغان گۈلسۈم ئۈچۈن يەنە بىر جەھەتتىن بۇ تىپىلغۇسىز بىرپۇرسەت بولدى. ئۇ قىزىنى تۇرمۇشى ھاللىق ئائىلىگە ياتلىق قىلىشنى ئويلايتتى. قىزىنى ھېزىمغا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئاغىنىسى قاسىمغا ياتلىق قىلغۇسى بار ئىدى. شۇڭلاشقا بىر قانچە قىتىم بۇ ئويىنى تۇنساگۈلگە ئېيتتى. تۇنساگۈلمۇ دادىسىدىن قورقۇپ بۇ تويغا ماقۇل بولغان بولسىمۇ يەنىلا كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە نارازى بولۇپ يۈرەتتى. ھېزىمنىڭ ئاتا –ئانىسى تۈگەپ ،ھېزىم گاڭگىراپ يۈرگەن كۈنلەردە تۇنساگۈل ئانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بويىچە قاسىم بىلەن بىر قانچە قىتىم ئۇچراشتى. قاسىممۇ ئۇزۇندىن بۇيان تۇنساگۈلنىڭ ئىشقىدا پەرۋانە بولۇپ يۈرەتتى. مانا ھەدېگەندە ئۇنىڭ ئوشۇقى ئالچۇ چۈشتى. ئانىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇلار تىزلا بىر-بىرى بىلەن تىپىشتى.كىشىلىك ھايات قارىشى جەھەتتە ئانىسىنى كىيىپلا چۈشكەن تۇنساگۈلمۇ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قاسىمنىڭ ئۆزىگە سوۋغا قىلغان ئاددىي بىرتۇغۇلغان كۈن سوۋغىسىغا ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيالىقتىكى قىزلىق پاكلىقىنى ئىسپاتلاپ باشقىلار ئالدىدا يۈزىنى يورۇق قىلىغان قىممەتلىك نەرسىىسىنى تارتىشمايلا بىرىۋەتتى.  
ئارىدىن ئالتە ئاي ۋاقىت ئۆتتى. زىياۋدۇن ئەمدى ۋاقىتنىڭمۇ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ ، ئىككى ياشنىڭ تويىنى قىلىماقچى بولدى. ئۇ ئالدى بىلەن ھېزىمنى چاقىرىپ بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتتى. ھېزىم ئۇنىڭ ئالدىدا خۇددىي گۇناھكاردەك يەرنى تاتىلاپ ئولتۇردى.  
-    بالام ھېزىم ، -زىياۋدۇن سەل توختىۋىلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، - داداڭ ناسىر بىلەن مەن قىيامەتلىك ئاغىنىلەردىن ئىدۇق. ئىككىمىزنىڭ دوستلۇقى شۇنچىلىك دەرىجىدە ئىدىكى ، ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆلۈشكە توغرا كەلگەن بولسا مەن ھەرگىز بۇ ۋەزىپىدىن باش تارتمىغان بولاتتىم.   
زىياۋدۇننىڭ كۆڭلى بۇزۇلغاندەك بولدى. ھېزىمنىڭمۇ كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرى سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى.  
-    بۇ دۇنيادىكى نورغۇن ئىشلارغا ئىنسان بالىسى  ئامالسىزكەنمىز. مانا ئاتا –ئاناڭنىڭ ۋاپاتىغىمۇ ئالتە ئاي چامىسىدا بولۇپ قالدى. بىز رەھمەتلىك ھايات ۋاقتىدا سىلەرنىڭ تويۇڭلارنى قىلىپ ، خوشاللىقتا ئورتاقلاشماقچى ئىدۇق.بىراق رەھمەتلىكلەربۇكۈنلەرنى كۆرەلمىدى. ئەمدى بولسىمۇ شۇ ئارزۇيىمىزنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولىۋاتىمەن. قانداق بۇ ئىشقا نېمە دەيسەن؟
ھېزىم بىر مەھەل گەپ قىلماي ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇمۇ ئۇزۇندىن بۇيان تۇنساگۈل بىلەن كۆرۈشمىگەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ توغۇرسىدا بىر قىسىم گەپلەرنىمۇ ئاڭلىغان ئىدى. لىكىن بۇتۇغۇرسىدا زىياۋدۇنغا چىش يىرىپ بىر نەرسە دېيىشتىن نومۇس قىلدى.
-    تۇنساگۈل ئۆزى نېمە دەيدىكىن ؟ - ھېزىم قورۇنىپقىنە سورىدى.
-    نېمە ئىككىڭلار بىر نەرسە ديىشىپ قالدىڭلارمۇ بالام،- زىياۋدۇنمۇ ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ ئاللىقانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى ئويلاپ ئولتۇراتتى.  
-    ياق ،ياق ، مەن شۇ تونساگۈلنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ باقاي دېگەن ئىدىم.
-    ئاتا –ئانىسى قوشۇلغاندىن كىيىن تونساگۈل يەنە دەيتتى بالام، - زىياۋدۇن ئاخىرىدىكى سۆزىنى ئۈزۈپلا ئېيتتى، - ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلارنىڭ ئىشى ئاللىبۇرۇن بىكىتىلىپ بولغان ئىش تۇرسا .  
شۇ گەپ بولۇپ ،ئەتىسى زىياۋدۇن بۇنى ئايالىغا ئيېتتى. تويۇقسىز ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر گەپنى ئاڭلاپ گۈلسۈمنىڭ چىرايى ئۆڭدى .   
-    نېمە سىز تېخىچىلا شۇ ئويدىما؟- گۈلسۈممۇ گەپنى ئۇدۇللا ئېيتتى، - تۇنساگۈلنىڭ ئەمدى ئۇ قەلەندەرگە كۆڭلى يوق ئىكەن.  
-    ھەي ،ئېغىزىڭقا قاراپ سۆزلە ، ئاللىبۇرۇن پۈتۈشۈپ بولغان ئىشنى مۇشۇنداقلا بۇزماقچىمىسەن.   
-    بۇ ئىشنى ماڭا ئەمەس ئاۋۇ قىزىڭىزغا ئيېتىڭ ، - گۈلسۈم پىشىنى قىقىپ ئورنىدىن تۇردى دە، ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى.   
زىياۋدۇن بۇ ئىش توغۇرسىدا ئايالى بىلەن بىر قانچە قىتىم چىرايلىق سۆزلەشتى. ئىش يامىنىغائايلىنىپ ، ئانا –بالىنى راسا ئەدەبلىدى. بۇكۈنلەردە قاسىمنىڭمۇ ئىلگىرىكى تۇنساگۈلگە بولغا ن مۇئامىلىىسى ئۆزگىرىپ ، ئۇنىڭدىن قىچىپ يۈرەتتى. تونساگۈل باشقىلاردىن قاسىمنىڭ تۆۋەندىكى مەھەللىدىكى ئادالەت بىلەن تىپىشۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ يەتكەنىدى. ئامالسىز قالغان تۇنساگۈل بۇ ئىشلارنى ئانىسىغا دېدى. بۇنى ئاڭلاپ گۇلسۈمنىڭ ئىلگىرىكى بىشەملىكى بىردىنلا پەسكۈيغا چۈشتى. قىزىنىڭ يامانراق بىر يەرگە بىرىپ ، شەرمەندە بولۇپ ئەل –يۇرت ئالدىدا ئىزا –ئاھانەتكە قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن گۈلسۈم ئىرى بۇ ئىش توغۇرسىدا يەنە بىر قىتىم ئېغىز ئاچقاندا ئامالسىز قوشۇلغان بولدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ئاي ئۆتكەندە ھېزىم بىلەن تۇنساگۈلنىڭ تويى ئاددىيلا قىلىنىپ ، تۇنساگۈل بۇ غىرىبانە ئۆيگە كۆچۈرۈپ كىلىندى.


داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   madina520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-30 10:33 PM  


http://www.iptihar.net/bbs/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش