مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: madina520

ئازغانلار ۋە ئېزىۋاتقانلار(پوۋېست) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 10:36:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنىڭ داۋامىنى 2 كۈندىن كىيىن يوللايمەن . يېڭى يىللىڭ تەكشۈرۈش بار دەپ سەل ئالدىرىش بوپ قالدىم. چىن دىلىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن

http://www.iptihar.net/bbs/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4661
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 10:53:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
madina520 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 10:36 PM
بۇ تىمىنىڭ داۋامىنى 2 كۈندىن كىيىن يوللايمەن . يېڭى يىل ...

توغرا چۈشىنىمىز ، ھەممە ئىدارە - ئورگانلار ئوخشاش ، ساقلىمايمۇ ئامال قانچە بولسا يوللىغاندا خەۋرىنى بېرۋەتسىڭىز بەك ياخشى بۇلاتتى

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100845
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-12-26
ئاخىرقى: 2014-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 10:46:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
326ayixa يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 06:55 PM
پوۋىستنى بىرلا قېتىمدا يېزىپ پۈتتۈرگىلى بولمايدۇ . تو ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   سىز بىلەن ئايرىم پاراڭاشمىسام بوممىدى، مەنم ھەم جىنىسلا توغۇرلۇق بىر ھىكايە يازاي دىگەن، سىز بىلەن ماتىرياللىرىمنى ئورتاقلىشاي، يەنە سىزگە تەكلىپ پىكىرلىرىم بار خاپا بوممىسىڭىز چچ رىنى قاچلىۋېلىڭ، مەن ئۆلگىلى تاسقالدىمنى يازغان، مەن ئۈچۈنجى شەخىسنى يازغان چچ 1052585682 سىز بەككۆپ نەرسىنى بىردودا يازدىكەن سىز، باشقىلارغا كۆرسىتىشتىن ئەاۋال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100626
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 217
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2013-12-8
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 11:15:43 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ئاخىرىنى ساقلاۋاتىمىز  بىزنى بەك تەقەززا قىلىۋەتمەي تىزراق يېزىېىتەسىز ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4661
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 11:54:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى يىللق تەكشۈرۈش تېخى تۈگىمىدىما مەدىنە ؟ بەك ساقلاپكەتتۇققۇ

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100799
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2013-12-13
ئاخىرقى: 2014-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 10:56:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي خۇدا ، قىز بالا دىگەن بەك دۆت جۇمۇ زادى .............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4661
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 06:57:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى توختاپلا قالدىغۇ ؟!

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1847
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 943 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 08:51:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەدە ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى ساقلاۋاتىمەن جۇمۇ .....

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 12:39:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(5)
         تويدىن كىيىن ھېزىم تېخىمۇ شۈكلەپ كەتتى. ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولغان ئىدى. بىراق ئامال قانچە؟ زىياۋدۇن نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان  خۇددىي ئۆز ئاتىسىدەك بېشىنى سىيلىدى. ئاتا-ئانىسىنىڭ نەزىر –چىراق ئىشلىرىدا ھېزىمنى باشقىلارئالدىدا ھېچبىر خىجالەت تارتقۇزمىدى. بۇ قىتىملىق توي ئىشىدىمۇ ھەممە نەرسىنى ئۆزى تەييار قىلدى. شۇلارنى ئويلاپ ھېزىم بۇ ئىشلارنى كۆڭلىدىن چىقىرىشقا تىرىشتى. بىراق دەردىنى ھاراقتىن ئېلىشقا باشلىدى. تۇنساگۈل بۇنى سىزەتتى. دەسلەپ  ئۇمۇ بۇ ئۆيدە خۇددىي قوقاسقا دەسسەپ يۈرگەندەك يۈردى. كىيىنچە ھېزىمنىڭ ئۇ ئىشلارنى يۈزىگە سالمىغىنىنى كۆرۈپ ، ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ يۈرىيدىغان بولدى.   
تۇنساگۈل ھەر قىتىم ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا گۈلسۈم ئۇنىڭغا ئىرىنى قانداق باشقۇرۇش توغۇرسىدا مەخسۇس تەربىيە قىلاتتى. تۇنساگۈلمۇ ئانىسىنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايتتى. بارا –بارا ئۇ ئۆز ئۆيىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. شۇ كۈنلەردە قاسىممۇ توي قىلدى. قىرىشقاندەك  ئۇلارغا ئۇدۇل قوشنا بولۇپ قالدى. تۇنساگۈل دەسلەپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۈرۇپ يۈردى. بىراق قولۇم-قوشنىدارچىلىقتا بىر –بىرى بىلەن مەڭگۈ قىچىشىپ يۈرگىلى بولمايدىدە؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە قاسىم بىلەن ھېزىم ئاغىنىلەردىن. ئۇلار كۆچۈپ كىلىپ، ھەپتە بولغاندا قوشنىدارچىلىق يۈزىسىدىن ئۇلارنى چاقىرىشقا توغرا كەلدى. شۇ كۈنگىچە باشقىلارمۇ ئۇلارغا «قارشى ئېلىش چېيى»بىرىپ بولۇشقانىدى.  
تۇنساگۈل ئەتىگەندىلا تەييارلىققا چۈشتى. ھېزىممۇ بازاردىن كىرەكلىك نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بەردى. كەچتە چاقىرىلغان مېھمانلارئارقا –ئارقىدىن كېرىشتى. ئۇلار قاسىم ئەر-ئايالغا قوشۇپ، يەنە ئىككى قوشنىسىنىمۇ چاقىرىپ قويغانىدى.   
مېھمانلارغا ئالدى بىلەن ئاش تارتىلدى. ئوخشىتىپ ئېتىلگەن تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كىيىن مېھمانلارنىڭ قولىغا قايتا سۇ بىرىلىپ چاي قويۇلدى. شۇ چاغدا قاسىم:
-    ھېزىم ئاغىنە، ھېلىقى نەرسەڭنى چىقارمامسەن؟ - دېدى .   
ھېزىم ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەندى. بىراق سىرتلاردا ئېچىپ يۈرگەن بىلەن ئۆيدە تېخى باشلىمىغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا –ئانىسىنىڭ تۈگەپ كەتكىنىگە بىر يىلمۇ توشمىدى. باشقىلار بىلسە نېمە دەپ قالىدۇ؟ قالغانلارمۇ ھېزىمغا مەنىلىك قاراشتى. ئەزەلدىنلا ئاتا –ئانىسىغا ئوخشاش باشقىلارنىڭ دېلىنى رەنجىتىشنى خالىمايدىغان، نومۇسچان چوڭ بولغان ھېزىم گەپ ئايالىغا بىر نەرسىلەرنى تاپىلاپ قويۇپلا سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئۇ ئۇدۇل مەھەللە دوقمۇشىدىكى دۇكانغا بىرىپ ، ھاراقتىن ئىككى بۇتۇلكا ئالدى. ئۇ قايتىپ كەلگۈچە تۇنساگۈلمۇ ئۇلار ئۈچۈن زاكۇسكا تەييارلاپ ئۈلگۈردى.   
شۇنىڭ بىلەن ئەرلەر ئايرىم بىر ئۆيدە چىقىشتى. ھاراقنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ تۇنجى رومكىنى ھېزىم قولىغا ئالدى.   
-    ئاغىنىلەر ، - ئۇ سەل تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى، - قاسىمنىڭ مەھەللىمىزگە كۆچۈپ كەلگىنىگىمۇ ھەپتىدىن ئاشتى. ئەسلى ئۇدۇل قوشنا بولغاندىن كىيىن قائىدە بويىچە ئالدى بىلەن بىز چاقىرساق بولاتتى. بىراق سەل ئالدىراش بولۇپ قىلىپ مانا بۈگۈن ۋاقتى كەپتۇ. داستىخىنىمىز ئاددىي بولسىمۇ كۆڭلۈڭلارغا ئالماسلىقىڭلارنى سورايمەن. قىنى بۇ رۇمكىنى قاسىمنىڭ مەھەللىمىزگە كۆچۈپ كەلگەنلىكى شەرىپى ئۈچۈن كۆتۈرۋىتەي!   
ھېزىم ھاراقنى بىراقلا كۆتۈرۋىتىپ ،رومكىنى ساقىيغا بەردى. نۆۋەت قاسىمغا كەلگەندە ئۇمۇ ئۆز كۆڭلىنى بىلدۇردى.  
-    سىلەرگە كۆپ رەھمەت ،ھېلىمۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان تولا ئاۋارە بولدۇڭلار. قائىدە بويىچە مەن سىلەرنى چاقىرسام بولاتتى. ھېلىمۇ شۇنداق قىلىمەن. ھېزىم ئاداش ئاۋارە بولدۇڭلار سىلەرگە رەھمەت .تۇنساگۈلگىمۇ رەھمەت.   
ئۇ «تۇنساگۈل»دېگەننى ئۇرغۇلۇق قىلىپ ئېيتتى. ھېزىممۇ دەرھاللا ئۇنىڭغا قارىدى. قاسىم خۇددىي ھېچ ئىش بولمىغاندەك ھاراقنى بىراقلا كۆتۈرۈپ ،رومكىنى ساقىيغا تۇتتى. ئۇلار شۇ تەرىقىدە رومكىنى ئايلاندۇرۇپ ، ئۆتكەن –كەچكەن ئىشلار ھەققىدە پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇردى.ئاياللارمۇ ياندىكى ئۆيدە ئۆز –ئارا پاراڭغا  قىلىشقاچ چاي ئېچىشىپ ئولتۇراتتى. 
قاسىمنىڭ تەرىتى قىستاپ سىرتقا چىقتى. ئۇدۇل ھاجەتخانىغا تەرەپكە ماڭغان قاسىم تۇيۇقسىز ياندىكى قازىناق ئۆيدىن نەرسە ئېلىپ چىقىۋاتقان تۇنساگۈلنى كۆرۈپ قالدى. تۇنساگۈلمۇ ئۇنى كۆرۈپ نېمىشقىدۇر مەڭدەپ كەتتى. قاسىم ئىككى تاقلاپلا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.  
-    خوش جىنىم ، - دېدى قاسىم بىزەڭلىك بىلەن ، - مېنى بۈگۈن ئالاھىدە قارشى ئالغىنىڭغا كۆپ رەھمەت.  
تۇنساگۈلنىىڭ شۇ ھامان ئاچچىقى تۇتتى. ئەگەر ئۆز ئۆيى بولمىغىنىدا ئىدى، قاسىمنى تىللاپ رەسۋارىنى چىقارغان بولاتتى.   
-    تولا كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمەي نېرى ئۆتە ، قىرىشقاندەك ماڭا قوشنا بولغىچە ،يېزىنىڭ قوينى كەڭ بولغاندىن كىيىن باشقا يەردىن ماكان تۇتساڭ بولمامدۇ؟ -دېدى تۇنساگۈل ئاچچىقىدىن يانماي.   
-    ئۇنداق دېمەڭ تۇنساگۈلۈم ، سىزدىن ئايرىلغاندىن بۇيان قويغان تۇتقىنىمنى بىلمەي يۈردۈم ،ئىشەنمىسىڭىز ...  
-    بولدى ماڭا بۇ گەپلەرنى قىلما  ، مەن دېگەن ھازىر ئەرلىك ئايال. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېزىممۇ سىنىڭ ئاغىنەڭ .ھېلىمۇ ھېلىقى رەسۋالىقىم ئۈچۈن ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئالدىدا تىلىمنىڭ بىر يىرى كۆيىدۇ.  
قاسىم كاپلا قىلىپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى. تۇنساگۈل بۇ تۇيۇقسىز ھەرىكەتتىن مەڭدەپ قالدى. ئۇ ھەر ئاماللار نى قىلىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشاتتى.   
-    ئەگەر يەنە مەندىن قاچىدىغان بولساڭ ، مەن بىلەن بولغان ئىشىڭنى ھېزىمغا دەپ ،سېنى بۇ ئۆيدە ،بۇ مەھەللىدە تۇرغۇسىز قىلىۋىتىمەن. ئەگەر ھېزىم سېنىڭ مېنىڭدىن ئاللىبۇرۇن بالىلىق بولغانلىقىڭنى بىلسە يەنە قانداق ئويلا؟ سېنى بۇ ئۆيدە داۋاملىق تۇرغۇزامۇ؟   
كىيىنكى گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇنساگۈلنىڭ ئىچىگە بىردىنلا قورقۇنچ چۈشتى. تىنچ تۇرمۇشىنىڭ مۇشۇنداقلا بۇزۇلۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرىدى.دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن تۇنساگۈل  قاسىمغا ئاللىقانداق ۋەدىلەرنى بىرىپ دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.   
شۇ كۈنى ئۇلار يىرىم كىچىگىچە ئىچىشىپ ئولتۇردى. ھاراق تۈگەپ ھېزىم يەنە بىر قىتىم دۇكانغا يۈگۈردى.ئاخىرىدا ئۇلار ئاياللىرىنىڭ زۇرلىشى بىلەن سۇرۇننى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆيلىرىگە تارقىلىشتى. ھېزىم ئېغىر مەس بولۇپ كەتكەچكە مېھمانلارنى ئۇزۇتۇپ كىرىپلا كىيىمىنىمۇ سالماي يىتىپ قالدى. بىراق تۇنساگۈلنىڭ ھارغىنىغاقارىماي ئۇيغۇسى قاچقان ئىدى. قاسىمنىڭ تۇيۇقسىز مەھەللىدە پەيدا بولۇشى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ ئازاب بولۇپ كەلدى.ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىسىلا نومۇستىن ئۆلگۈدەك بولاتتى. نېمىلا قىلمىسۇن ھازىر ئۇنىڭ ئىرى ،ئۆيى بار . ئەگەر قاسىم ئۆتكەن ئىشلارنى دەپ سالسا ئۇ مەھەللىدىكىلەر ئالدىدا يۈزىنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قاسىمنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ قىلىمەن دېگىنىنى قىلماي قالمايدۇ. ئەينى چاغدىمۇ تۇنساگۈلنىڭ بويىدا قالغاندا ئۇ قاسىمغا يىغلاپ بالدۇرراق توي قىلىشنى ئېيتقانىدى. بىراق قاسىم ھازىر توي قىلغۇسى يوقلىنى دەپ تۇرىۋالدى ھەم تۇنساگۈلنى ئۇرۇپ ،زورلاپ يۈرۈپ شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ ، ھەممىنى جىمجىتلا بېسىقتۇردى. بۇ ئىشلار تۇنساگۈلنىڭ ئېسىدىن ھازىرمۇ كۆتۈرۈلگىنى يوق .بەلكىم ئۇنى داۋاملىق ئازابلاپ كىلىۋاتىدۇ. مانا ئۇلار توي قىلىپ يىرىم يىلدىن ئاشتى. بىراق ئۇنىڭدا تېخىچە ھېچقانداق ئالامەتلەر كۆرۈلمىدى.   
-ئاھ خۇدا ،-  دەپ ئۆز –ئۆزىگە پىچىرلىدى  تۇنساگۈل ، - قىلغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن ، بىلىپ –بىلمەي قىلغان گۇناھلرىىمنى مەغپىرەت قىلغايسەن.   
ئارىدىن يەنە بىر ئاي ئۆتتى. بىر كۈنى ھېزىم بىر ئىش بىلەن شەھەرگە كەتتى. بۇ كۈنى ئادالەتمۇ ئۆيدە يوق ئىدى. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن قاسىم غىپلا قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىدى. بۇ چاغدا تۇنساگۈل ھويلىدىكى چۆنەكلىكتە ئىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتاتتى. ئۇ تۇيۇقسىز كىرىپ كەلگەن قاسىمنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى. نېمىشقا دەرۋازىنى تاقاپ قويمىغانلىقىنى ئەسكە ئېلىپ پۇشايمان قىلدى. نېمىلا دېگەنبىلەن ئۇ ھويلىغا كىرىپ بولدى. ئەمدى ئۇنى قانداق ئامال بىلەن چىقىرىۋىتىشنى ئويلىدى. قاسىم ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.
-    جىنىم ياخشى تۇردىڭمۇ؟ ھەر كۈنى سېنى كۆرۈشكە تەققازا بولۇپ كىتىمەن. بىراق ماۋۇ ئىككىسى ھېچبىر ئىمكانىيەت قويمىدى. مانا بۇگۈن پۇرسەت كەلدى.   
-    ئويلاپ گەپ قىل قاسىم، - تۇنساگۈل دەرھال تەرىنى تۈردى، - نېمىلا قىلغان بىلەن ھازىر ھەر ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشى بار .ئۆتكەن ئىشلار ئۆتتى. ئۇلارنى يەنە دەپ نېمە قىلىسەن ؟  
-    شۇنداقلا بولدى قىلماقچىما؟ - قاسىممۇ بوش كەلمىدى، ئۇ بىردىنلا سەنلەشكە باشلىدى، - بىلىپ قوي، ئەمدى مەندىن ھەرگىز قۇتۇلالمايسەن.  
ئۇ شۇنداق دېدىدە، تۇنساگۈلنىڭ قولىدىن تارتتى. تۇنساگۈل دەرھال قارىشلىق كۆرسەتتى. ۋارقىراي دېسە قوشنىلارنىڭ كىرىپ كۆرۈپ قىلىشىدىن قورقتى. ئامالسىز قالغان تۇنساگۈل يالۋۇرۇشقا ئۆتتى.  
-    جىنىم قاسىم ، مېنى خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرگىلى قوي. ھېلىمۇ قىلغانلىرىمىز ئاز ئەمەس. ئەمدى بولسىمۇ تېنىچراق ياشىغىم بار.   
قاسىم ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلا ئەمەس ،ئۇ تۇنساگۈلنى سۆرىگە ن پىتى ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى.


       داۋامى جىددى يېزىلىۋاتىدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   madina520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-12 12:40 AM  


http://www.iptihar.net/bbs/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 12:41:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رويال يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 11:15 AM
‏ئاخىرىنى ساقلاۋاتىمىز  بىزنى بەك تەقەززا قىلىۋەتمەي  ...

ئاخىرى يوللاندى

http://www.iptihar.net/bbs/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش