مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: rustam205

‹‹كۈلرەڭ خاتىرە››(ۋەھىمىلىك ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2997
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3159 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 12:08:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                            ‹‹خاتالىق››
                                                         (رۇستەم بەكرى)     
                                                                 (6)


**********************************************
بۇ ۋاقىتتا مەن كارىۋېتىمدىن تۇرماق بولۇپ ئاۋۋال ئۇدۇلۇمغا قارىدىم. ئەمما ھېچنېمە يوق ئىدى. ئەمما ئۇچۇك ئىشىكتىن كارىدورغا قارسام، قاراڭغۇ كارىدوردا يەنە ھېلىقى چوغدەك يېنىپ تۇرغان ئىككى جۈپ قىپقىزىل كۆز توسساتىن پەيدا بولدىدە،  قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن يەنە بارا-بارا بۇ ئۆي ئىچىگە ئاستا سۈرۈلۈپ كېلىشكە باشلىدى....
مەن دارھاللا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن:
-ئابدۇۋەلى!!!
-ئەزىمەتجان!!! دەپ ئۇلارنىڭ ئىسمىنى قاتتىق توۋلىدىم.......
************************************************
ئەمما ئۇ ئىككىسىدىن ھېچقانداق ئىنكاس يوق ئىدى. قارىغاندا ئەزىمەتجان مېنىڭ بۇ يەر ئاستى ئۆيگە، ۋەلى بولسا ئامانلىق ئىشخانىسىنىڭ ئىچىدە بولسا ئاۋازىمنى ئاڭلىيالماي قالدىمۇ يە؟ ياق، ئۇ يەردە بولسىمۇ ئاڭلىيالايتتى بولمىسا، دەپ ئويلاپ تۇرۇشۇمغىلا، دېرىزەم تۈۋىدە ۋەلى پەيدا بولدى، ئۇ:
-نېمىش بولدى؟! دەپ سورىدى.
مېنىڭ كارىدورغا قاراپ تۇرغىنىمنى كۆرگەن ۋەلى، ئەزىمەتجاننىڭ يەنە بىر زاپپاس قول چىرىقىنى ئۆينىڭ ئىچى ھەم ئىشىك تەرەپتىكى كارىدورغا قارىتىپ چېقىپ تۇردى. ئەمما ئەمدى ئۇ يەردە ھېچنېمە يوق ئىدى. ئاڭغىچە ئەزىمەتجانمۇ كارىدورنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ ئۆي ئىچىگە كىردى. ۋە ئىشىكنىڭ يېنىدىكى چىراقنىڭ كۇنۇپكىسىنى باسقاچ:
-قانداق؟ بىرەر ئىش بولدىما؟ دېدى قولىدىكى قول چىراقنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرگەچ........
-قېنى دېگىنە نېمە ئىش بولدى؟ دەپ سورىدى ۋەلى بىز ئۈچىمىز ئەزىمەتجاننىڭ ئىشخانىسىدا  ئولتۇرغان چېغىمىزدا.
مەن ئاۋۋال ۋەلىگە، ئاندىن ئەزىمەتجانغا قاراپ:
-بۇنى ئاۋۋال سىز دەڭ، بايا ماڭا دەپ بەرمەكچى بولغان گېپىڭىزنى، دېدىم.
بۇ چاغدا ئەزىمەتجان مېڭىۋاتقان سوغۇق شامال پۇركۈگۈچنىڭ يېنىپ تۇرغان قىزىل، يېشىل رەڭلىك كۇنۇپكىلىرىغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن يان دېرىزىدىن 20 نەچچە مېتىر ئۇدۇلىمىزدىكى كىچىك دەرەخلىك يېنىدىكى ۆونا جۈجەم دەرىخىگە قاراپ:
-ېنىڭ بايا سىزگە دېمەكچى بولغىنىم ھەم مۇشۇ يېقىندىن بۇيانقى 10 نەچچە كۈندىن بۇيانقى ھېس قىلغىنىم، مېنى ئەجەپلەندۈرگەن ئىشمۇ دەل مۇشۇ جۈجەم دەرىخى بىلەن مۇناسىۋېتى بار دەپ ئويلايمەن. دېدى.
بۇ ۋاقىتتا بىزمۇ بىردەم ئۇ دەرەخكە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئاندىن، ئابدۇۋەلى ئىككىمىز ئەزىمەتجانغا قارىدۇق. ئاندىن ئابدۇۋەلى:
-قېنى ئەزىمەتجان، بىرەر نەرسە يولۇقتۇرغان ياكى ھېس قىلغىنىڭىز بولسىڭىز بىر دەپ بېقىڭە، قىزىقىپ قالدۇق، دېدى.
-مەن مۇشۇ 10 نەچچە كۈندىن ياقى دەل ئاشۇ دەرەخنىڭ ئۈستىدە بەزى يېرىم كېچىلىرى ئۇيقۇ مەستلىكتە، ئۇزۇنراق ئاق رەڭلىك، خۇددى ئادەمگە بەدىنىگە ئوخشاپراق كېتىدىغان نەرسىلەرنى نەچچە قېتىم كۆرۈپ قالدىم. ئەمما مەن ئىشخانىغا كىرىپ كېتىپ. يەنە بىر ئازدىن كېيىن قارسام ھېچنېمە يوق. ئەمما مۇشۇ يېقىندىن ياقى ىر قانچە كۈن شۇنداق كۆرۈندى. كېيىن چىقىپ قارسام يەنە يوق. مۇشۇنداق غەلىتە. يەنە بىر ئىش! مەن مۇشۇ يېقىنقى كۈنلەردە، 2،،3 قېتىم بۇ ئىشخانىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى دەرەخلىكتە ئوت-چۆپلەرنى دەسسەپ ماڭغان ئاياق ئاۋازىنى ئاڭلىغان. ئۇ چاغدا مەن ئارقىغا ئۆتۈپ قارسام ھېچنېمە يوق. شۇڭا مەن بەك ھەيران قالدىم. دەپ بولۇپلا يەنە ئۇ چوڭ دەرەخكە قارىدى.
-ھە، راست، رۇستەم، بايا نېمە ئىش بولدى؟ مەن ئاۋازىڭنى ئاڭلاپلا قول چىراقنى ئېلىپ يېنىڭغا يۈگۈرۈپ بارسام، ئەمما مەن ھېچنېمىنى بايقىمىدىم. ئەمدى سەن دەپ بېرە؟ دەپ سورىدى.
مەن ئۇ ئىككىسىگە بولغان ئىشلارنى بىرەر قۇر سۆزلەپ بەردىم. ئەمما ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىشەنگىسى كەلمىدى. ئوچۇقىنى دېسەم ئىشەنمىدى دېسەممۇ بولىدۇ. لېكىن ئەزىمەتجان ئازىراق بولسىمۇ ئىشەنگەندەك ئىدى. يەنىلا ئۇلار مېنى ئۇ يەر ئاستى ئۆيدە ئۇخلاپ قېلىپ قارا بېسىپ قاپتۇ دېدى. مەنمۇ ئۇلار بىلەن ئارتۇق تالىشى ھەم چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىدىم.
بىزمۇ يەنە بىرەر سائەتتەك پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ۋەلى بىلەن ئىككىمىز ئەزىمەتجان بىلەن خوشلىشىپ ئۆيلىرىمىزگە قايتتۇق.
ئەمما ئىشنىڭ تېخىمۇ ‹‹قىزىقى›› ھەپتە ئۆتمەي چىقتى.........
ئۇ كۈنى مەن بىر ئاغىنەمنىڭ مەسلىھەت چېيىغا قاتناشتىم. ھەم سورۇنمۇ 11 لەرگىچە داۋام قىلىپ ئاياغلاشتى. شۇنىڭ بىلەن دوستلارمۇ ئۆيلىرىگە تارقاشتى. مەنمۇ 3 ئاغىنەم بىلەن تۆتىمىز ئاستا پىيادە مېڭىپ كېتىۋاتقاندا ئارىمىزدىن بىرەيلەننىڭ تورخانىغا كىرىپ بىردەم ئويۇن ئوينايلى دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز تۆتىمىز تورخانىغا كىرىپ ئويۇن ئويناپ سائەت 1 دىن سەللا ئاشقاندا خوشلىشىپ ئۆيلىرىمىزگە قاراپ يول ئالدۇق.
مەن مەھەللىگە كەلگەندە بولسا سائەت 1 يېرىم بولۇپ قاپتۇ. يىراقتىن قارسام ئەزىمەتجاننىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىچى قاراڭغۇ، مەن ئىچىمدە:
-‹‹بۇ ئاداش نەگە كەتكەندۇ؟ ياكى ئۇخلاپ قالغانمىدۇ؟›› دېگەنلەرنى ئويلاپ،-ياق ئۇخلىشى مۇمكىن ئەمەس. دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ دېرىزىدىن قارسام ئىچىدە ھەقىقەتەن ئادەم يوق ئىدى. ھەم ئىشىكىمۇ يوغان ئېچىق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئايلىنىپ بېرىپ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ئۆيگە كىرمەيلا، ئۆي ئىچىنىڭ ئىشىكنىڭ يېنىدىكى چىراق كونۇپكىسىنى باستىم. ئەمما چىراق يانمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يانفۇنۇمنىڭ ئېكىرانىنى يورۇتۇپ ئۆينىڭ تورۇسىدىكى چىراققا چاقسام چىراق ئېتىلىپ كېتىپتۇ.
ئاندىن مەن يانفۇنۇمنىڭ يورۇقىنى يەرگە چېقىپ چۈچۈپ كەتتىم! چۈنكى يەردە بولسا، بىر ساق، بىر چېقىلغان ئىستاكان بار ئىدى. ھەم يەرنىڭ بىر قانچە يېرىدە بىر ئاز قان بار ئىدى. ۋە ئارقىدىن ئۈستەلگە چاقسام ئۈستەلنىڭمۇ بۈرجەك تەرىپى بىر ئاز قان ئىدى!
مەن ئەمدى ئاستا ئارقامغا بىر قەدەم چېكىنىپ، ئۆي ئىچىگە يەنە بىردەم قاراپ تۇرغان ۋاقىتتا، بۇ ئۆينىڭ ئارقىدىكى دەرەخلىكنىڭ ئوت-چۆپلىك يولىدا ‹‹شىرىق-شىرىق-شىرىق›› قىلىپ قاياقىدۇر ماڭغان ئاياق ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ ئېنىقلا ئادەمنىڭ قەدەم ئالغاندىكى ئاياق ئاۋازى ئىدى.
مەن شۇنىڭ بىلەن دەرھاللا بۇ ئىشخانىنىڭ ئارقىسىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ قارسام ھېچكىم يوق. ئەن شۇنىڭ بىلەن يەنە ئارقامغا قايتىپ بۇ ئىشخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ يەنە يانفۇنۇمنىڭ ئېكىرانىنى ياندۇرۇپ ئۆي ئىچىگە چېقىپ بىردەم قاراپ تۇردۇم. ئەمما ئارىلىقتىن بىر مىنۇتمۇ بولماي تۇرۇپ ‹‹شىرىق-شىرىق-شىرىق›› قىلغان قەدەم ئاۋازى يەنە بۇ ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى دەرەخلىكتىن ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا مەن ئىچىمدە:
-‹‹ بۇ ئاداش ماڭا چاقچاق قىلىۋاتامدۇ يە؟ يە بۇ ئابدۇۋەلى ئىككىسىنىڭ قىلىۋاتقان چاقچىقىمۇ يە؟›› دېگەنلەرنى ئويلاپ: ۋەلى؟ ئەزىمەتجان؟ دېگىنىمچە ئۆينىڭ ئارقىدىكى دەرەخلىككە بېرىپ قارسام يەنىلا ھېچنىمە يوق، ھەم بايامقى ئاياق ئاۋازىمۇ يوق. شۇنىڭ بىلەن مەن مۇشۇ پېتى مېڭىپ ئۆينى بىر ئايلىنىپ چىقتىم. ھەقىقەتەن ھېچكىم يوق.
مەن ئايلىنىپ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئۆيگە بىردەم قاراپ تۇرۇپ قىزىق ئشقۇ بۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ، ۋەلىگە تېلېفۇن قىلسام تېلېفۇنى ئېتىك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن ئەزىمەتجانغا تېلېفۇن قىلدىم.
مېنىڭ تېلېفۇن قىلىشىم بىلەنلا ئەزىمەتجاننىڭ يانفۇنى يىراقراق يەردىن ئاڭلاندى. بۇ ئاۋاز دەل ئارقامدىن كېلىۋاتاتتى. مەن دەرھال ئارقامغا قارسام ھېلىقى قېرى جۈجەم دەرىخىنىڭ 10 نەچچە مېتىر شىمالىي تەرىپىدىكى دەرەخلىكنىڭ ئارىسىدىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ ئارىسىدىن يېنىۋاتقان ئېكىرانىنى غىل-پال كۆردۈم دە، كۆڭلۈم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بولۇپ، شۇ تېلېفۇننىڭ ئورنىنى نىشانلاپ يۈگۈردۈم.
مەن ئۇنىڭ تېلېفۇنىنىڭ يېنىغا بارغاندا ئۇ يەردە پەقەت يانفۇنلا بار ئەمما ئەزىمەتجان ئۆزى يوق ئىدى. مەن شۇنىڭ بىلەن ئېڭىشىپ دەرھاللا ئۇنىڭ يانفۇنىنى قولۇمغا ئالدىم. ئەمما ئۇ يانفۇننى قولۇمغا ئېلىشىم بىلەنلا شۇنداق قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم. چۈنكى ئۇ يانفۇننىڭ بىر قانچە يېرى قان ئىدى! قان تېخى تولۇق ئۇيۇپ بولالمىغان ئىكەن.
مەن بۇ ۋاقىتتا دەرھال بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئەتىراپلىرىمغا قاراشقا باشلىدىم. ئەمما تۇيۇقسىز يەنە ئۇدۇلۇمدىكى قاراڭغۇ دەرەخلىك ئىچىگە قارسام قاپقارا 4 سىما ئاستا ماڭا قاراپ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مەن سىنچىلاپ قارىدىم. نەق ماڭا قاراپ كېلىۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارقىدا يەنە بىرى بار ئىدى. ئەمما ئۇ جايىدا جىم تۇرۇۋاتقان ئىدى. مەن ئىچىمدە، بۇلار كىملەردۇ؟ دېگەنلەرنىلا ئويلىيالىدىم. راستىنى دېسەم مەن بۇ ئىشلاردىن گاڭگىراپلا قالغان ئىدىم..........


(داۋامى بار)

زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96611
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 839
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 482 سائەت
تىزىم: 2013-8-1
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 03:53:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايە ياخشى داۋاملىشۋاتىدۇ ,داۋامىغا تەشنامىز ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش