مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: rustam205

‹‹كۈلرەڭ خاتىرە››(ۋەھىمىلىك ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2997
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3159 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 01:47:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
loveuighur يوللىغان ۋاقتى  2013-12-31 01:27 AM
رەخمەت دېىيشكە توغرا كەلسە، سىزنىڭ مەن ۋە مىسرانىمدى ...

شۇنداق قارىغىنىڭىزغا رەھمەت. ئەلۋەتتە ھەر قايسى ئاپتور قېرىنداشلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى بولىدۇ. شۇڭا بەلكىم بۇمۇ مېنىڭ ئۆزۈمگە خاس ئۇسلۇبىم بولسا كېرەك. قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت. 3-قىسىمىنىمۇ سەل ئۆزگەرتىپ، تۈزەتكەچ يېزىۋاتىمەن. ۋاقىت بىر ئاز ئۇزىراپ قالدى. يەنە بىر ئاز ۋاقىت يازساملا يوللايمەن.

زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2997
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3159 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 01:48:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dulanburkiti يوللىغان ۋاقتى  2013-12-31 01:18 AM
ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ، داۋامىنى تىزرەك يوللىسىڭىز بە ...

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت، مانا يەنە بىر ئاز يازساملا يوللىۋېتىمەن. بىر ئاز تۈزەتكەچ يېزىۋاتقان بۇرۇنقى ئادىتىمدەك. سەل ساقلاپ تۇرۇڭ.

زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2997
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3159 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 02:27:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                               ‹‹يېرىم كېچىدىكى خېرىدار››
                                                       (رۇستەم بەكرى)
                                                               (3)


**********************************************
مەن بىنانىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىردەم تۇرغاندىن كېيىن،ئاخىرى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ ئۇ ئولتۇرغان ئۇدۇلدىكى دەرەخلىكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تاش ئۈستەل-ئورۇندۇققا قارىدىم. ئەمما ئۇ جايدا ھېچكىم يوق ئىدى. مەن شۇنىڭ بىلەن چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋېتىپ، ئىشىكنى يېپىۋېتىپ ئۆيگە كىرىپ كېتەي دەپ ئوڭ تەرىپىمگە بىر قاراپ قويۇپ چۆچۈپ كەتتىم! چۈنكى ئۇ قىز بولسا مېنىڭ 7،،8 مېتىردەك ئوڭ تەرىپىمدە ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ تۇيۇقسىز ماڭا قاراپ ئاستا يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ تۇرۇقىدىن بىرخىل سوغۇقلۇق تۆكۈلۈپ تۇراتتى...............
************************************************
لېكىن مەن قاراڭغۇدا ئۇنىڭ چىرايىنى تازا ئېنىق كۆرەلمىدىم. ئەمما ئۇنىڭ تۇرقى ھەم ئىپادىسى ھەقىقەتەن شۇنداق ئىدى. ئۇ ماڭا قاراپ سۈرۈلۈپ ئەمدى 2 مېتىرلار قالغاندا، مەنمۇ دەرھاللا ئارقامغا ئۆرۈلۈپ بىنانىڭ ئىشىكىنى يېپىپلا 2- قەۋەتتىكى ئۆيىمىزگە قاراپ پەلەمپەيلەرنى 2،،3 نى بىر دەسسەپ تېزدىن ئۆيگە چىقىپ كەتتىم. ۋە ئاستا بالكونغا چىقىپ دېرىزىدىن بېشىمنى ئاستا چىقىرىپ قارسام. ئۇ قىزمۇ تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى! بۇ چاغدا قورققىنىمدىن يۈرۈك رېتىمىم تېزلىشىپ كەتتى...... بىز بىردەم قارىشىپ تۇرغاندىن كېيىن، مەنمۇ بېشىمنى ئاستا بالكوننىڭ دېرىزىسىدىن تارتىپ ياتاق ئۆيۈم تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. ئەمما ئۇنىڭ چىرايىنى زادىلا ئېنىق كۆرەلمىدىم. ئىچىمدە:
-ئۇ قىز مۇشۇ مەھەللىلىك بىرىمىدۇ؟ بوي-تۇرۇقىدىن بىر قارىسا تونۇشتەك؟،،  ھەي، ياق،ياق، بۇ مەھەللىلىك ئەمەستۇر بەلكىم،،،بەلكىم.........، دېگەنلەرنى ئويلاپ قۇلىقىمغا نائۇشنىكنى سېلىپ ناخشا ئاڭلاپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمىدىم.....
ئەتىسى ئەتتىگەن دۇكانغا بارسام ئەكپەر ئۆزى يالغۇز كومپيۇتېردا ئويۇن ئويناپ ئولتۇرۇپتۇ. مېنىڭ كىرىشىمگىلا ئۇ:
-قارا رۇستەم، ‹‹قىزىل سېگىنال 2 نىڭ(Yuri نىڭ ئۆچ ئېلىشى)›› دېگەن ئۇيۇننى ۋەزىپە تاماملاپ 5-بۆلۈم ‹‹ئېئاستېر›› ئارىلىدىن شۇنداق تەستە ئۆتتۈم.مۇشۇ بۆلۈمىنى دەپ ئەتتىگەن سائەت 6 لاردە كېلىۋالغان. مانا قارا ئەمدى ئۆتتۈم، دېدى.
مەن بولسام ئۇنىڭغا قاراپ ‹‹ياخشى›› دېگەندەك ئوڭ قولۇمنىڭ باشمالتىقىنى چىقىرىپ قويدۇم. ھەم ئارقىدىنلا:
-ئەكپەر، سەن ئاۋۇ يەردىكى بېكەتنىڭ لەمپىسىنىڭ ئاستىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بىر قىزنى كۆرۈپ باقتڭمۇ؟ دېمەكچى بولغىنى كە1 سائەت 1 يكى 2 لەر ئەتىراپىدا؟ دەپ سورىدىم.
-نېمە؟ بويتاقلىققا خاتىمە بېرەي دېگەنما دېدى كۈلۈپ.
-چاقچىقىڭنى قويۇپ، كۆردۈڭمۇ-كۆرمىدىڭ؟ دېدىم.
-نېمىش بولدى؟ دېگىنىدە، مەن ئاخشام بولغان ئىشلارنى بىر قۇر سۆزلەپ بەردىم.
ئەكپەر ھەيرانلىق ئىلىكىدە ماڭا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن:
-ھە، توغرا! توغرا! مەنمۇ كۆرگەن، كەچ سائەت 1دىن ئاشقاندا دۇكاننى تاقاپ قايتتىقاچ. تېخى 2 كۈننىڭ ئالدىدا. ئۇ كۈنى سەن بىر تويغا كەتكەن ئاخشىمى ئىدى، دېدى.
-ئۇ قىز نېمىش قىلىۋېتىپتىكەن؟
-شۇ ،ئۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئىككى تىزى ئۈستىدىكى بىلەكلىرىگە بېشىنى قويۇپ، تۆۋەن ئاۋازدا يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. دېدى..............
- كۆرگىنىمىز ئوخشاشكەن دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ..................
......................................
ئارىلىقتا 1 ھەپتىدەك ئۆتتى. مانا بۈگۈنگچە ھەم ئۇ قىزنىمۇ كۆرمىگىلى بىر ھەپتە بولۇپ قالدى.
لېكىن چۈشتىن كېيىن دۇكانغا كەلگەن ۋاقتىمىزدا ئۇ ماڭا:
-ئاداش بىر ئاز ئىش چىقىپ قالدى. مېنىڭ ئۇنىۋېرستىتتا بىرگە ئوقۇغان قەشقەرلىك يېقىن ئاغىنەم3 كۈندىن كېيىن يەنە مۇشۇ شەنبە كۈنى تويى بولماقچى. شۇڭا ئەتە يولغا چىقايمىكىن دەيمەن. توي تۈگىسە، ھەم شۇ قاتارىدا خوتەندىكى ساۋاقداشلىرىمنىمۇ يوقلاپ ئۆتەي دەيمەن. شۇ ئالدى-كەينى بولۇپ 1 ھەپتە ياكى 10 كۈنلەردەك كېتىدىكەن. شۇڭا سەن يالغۇز قاراپ قالىدىغان بولدۇڭ دېدى. خىجىللىق بىلەن كۈلۈپ.
-چاتاق يوق ئاداش بېرىپ كەل، مەنمۇ دۇكاننىڭ ئىشلىرىغا خېلى ئۆگۈنۈپ قالدىم. ئەمما ماڭا سوۋغا ئېلىپ كېلىشنى ئۇنتۇپ قالما جۇمۇ، دېدىم چاقچاق قىلىپ كۈلۈپ.....
بىز بىردەم ئۇنى-بۇنى پاراڭلاشىپ چاقچاقلاشتۇق............
...............
مانا بۈگۈن بىلەن ئەكپەر كەتكىلىمۇ 4- كۈنى. بۇ ئارىلىقتا دۇكانغا ئاخشىمى 11، 11 يېرىملاردا كىرىپ ئىچىملىك ھەم تاتلىق تۈرۈم سېتىۋالىدىغان بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. بۇنىڭغا ئاساسلىقى پىلاستىنكىلار، بولۇپمۇ ئەڭ مۇھىمى گىتتىرىم سەۋەپ بولدى. قارسام ئۆزىمۇ مىجەزى خېلى ئوبدان قىزكەن. ئىسمى گۈلزىرە ئىكەن. ئۆزى قوشنا ناھىيىدىن ئىكەن، ھەم 3 دوستى بىلەن مۇشۇ يولنىڭ 4 كوچىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى،يەنى بىزنىڭ مەھەللىگە ماڭىدىغان يول بويىغا جايلاشقان ئولتۇراق مەھەللىسىدا بىر يۈرۈش بىنا ئۆيدە ئولتۇرىدىكەن. ھەم مۇشۇ شەھەردە بىر شېركەتتە ئولتۇرىدىكەن.
تۈنۈگۈن ئۇنىڭ تەلىپى بىلەن بىزنىڭ يەر ئاستى ئۆيگە بېرىپ ئېلېكترونلۇق گىتتارىم بىلەن چالغان مۇزىكامنى ئاڭلىغۇسى بولغانىقى ئۈچۈن، تەلىپىگە قوشۇلۇپ بىرگە باردۇق.
بىز شۇنداق كۆڭۈللۈك ئولتۇردۇق........ ئارىلىقتا مەن:
- ھە راست گۈلزىرا سىزلەر قانچىنچى بىنادا ئولتۇرىسىز؟ دەپ سورىسام:
بۇ ھازىرچە مەخپىي، كېيىن دەپ بېرىمەن دېدى. ھەم ماڭا قاچان گىتتاردا 2 مۇزىكىنى چېلىشنى ئۆگۈتىپ قويغاندا دېدى كۈلۈپ.
-چاتاق يوق! تىرىشسىڭىزلا دېدىم.
كۈنلەر شۇنداق خۇشال ئۆتتى. مەنمۇ سائەت 9 لاردا مەھەللىگە قايتىپ يەر ئاستى ئۆيگە كىرسەم ئۇمۇ يېرىم سائەت ئارلىقىدا كېلەتتى.....
9-كۈنى ئەكپەرمۇ قايتىپ كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ مېنىڭ 9 لاردا قايتىدىغان ئىشىم داۋاملاشتى. ئەكپەر سورىغان ئىدى ئۇنىڭغا تەپسىلىي بىرەر قۇر دەپ بەردىم..........
..............
گۈلزىرا بىلەن كۆرۈشمىگىلى مانا بۈگۈن بىلەن 3 كۈن بولدى. ئۇ يە تېلېفۇن تۇتمايدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچەتۇتۇپ زېرىكپ تويۇپ كېتىپتۇ. شۇڭا مەلۈم مەزگىل تېلېفۇندىن يىراق تۇرغۇسى كەپتۇ. مەنمۇ بۈگۈب سائەت11 يېرىملاردا قەلەي قۇتىدىن نەچچىنى ئېلىۋېلىپ ئەكپەر بىلەن خوشلىشىپ كەيپىياتىم ياخشى ئەمەسلىكىنى دەپ ئۆيگە قايتتىم.
مەن يەر ئاستى ئۆيگە كىرىپ چىراقنى ئۆچۈرۈپ شامنى ياندۇرۇپ ‹‹كۈلرەڭ خاتىرە››مگە، ۋەھىمىلىك،قورقۇنۇچلۇق ئىشلارنى ھېكايە شەكىلدە يازاي دەپ ئۆيگە كىرىپ شامنى ياندۇرۇپ بىر ھېكايىنىڭ داۋامىنى يېزىشقا باشلىدىم...........
ئارىلىقتا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىىن بىر چاغدا يانفۇنۇم جىرىڭشىپ سايراشقا باشلىدى. مەن يانفۇننى ئېلىپ قارىسام سائەت 2گە ئاز قاپتۇ. ئېكىراندىكى نومۇر ئەكپەرنىڭ نومۇرى ئىدى.مەن تېلېفۇننى ئېلىشىمغىلا ئۇنىڭ شۇنداق ھالسىز ئاھاڭدا:
-رۇستەم، رۇستەم، ئاڭلاپ تۇر، سەن ئۇ قىزدىن يىراق تۇر. ئۇ ئەسلى بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەسكەن، دېدى دە، تېلېفۇدا قۇلىقىمغا ئەينەكتەك بىر نەرسىنىڭ كۈچلۈك چېقىلىپ سۇنغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ھەم بۇ ۋاقىتتا ئەكپەر قېقىلىپ-قېقىلىپ ئۇزاق ھۈتۈلۈپ كەتتى. ھەم مۇشۇ ۋاقىت بىلەن تەڭلا،يەر ئاستى ئۆيگە چۈشىدىغان پەلەمپەيدىن بىرەيلەننىڭ يېنىك تىۋىش بىلەن چۈشۈپ بولۇپلا ئاندىن ئاستا قەدەملەر بىلەن ئوڭ تەرىپىگە، يەنى مېنىڭ يەر ئاستى ئۆيۈم بار كارىدور تەرەپكە مېڭىپ كېلىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى...............


( داۋامى بار )

زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2997
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3159 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 02:29:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
madina520 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-31 12:19 AM
يېزىپ بولغاندا خەۋەر بېرىۋېتەرسىز

مانا ھازىر يوللىۋەتتىم. سەل كەچ بوپ قالدى. ئەيىپكە بۇيرىماڭ.

زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2997
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3159 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 02:31:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
loveuighur يوللىغان ۋاقتى  2013-12-31 01:27 AM
رەخمەت دېىيشكە توغرا كەلسە، سىزنىڭ مەن ۋە مىسرانىمدى ...

رەھمەت، بۇنىڭدىن كېيىن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرىشىمەن قېرىندىشىم. قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت. ئاللاغا ئامانەت.

زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................

ئەركىن مەھبۇس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94118
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 777 سائەت
تىزىم: 2013-3-30
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 09:19:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rustam205 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-31 12:08 AM
كەچۈرۈم سورىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىزگىمۇ بىر تەۋسىيە دې ...

رەھمەت تەكلىپ كە مۇشۇنداق ‹‹ سىلىق سىپايىلىق ›› بىلەن ‹‹ھەسەلدىن تاتلىق ›› گەپلەرنى قىلغىنىڭىزغا ئالەمچە تەشەككۈر ،  قارىغاندا سىزدىن رەنجىپ يۈرۈش ئارتۇقچە ،  شۇڭا سىزدىن رەنجىمىدىم  .دۇنيادا ئۈزىنى ئەڭ مۇكەممەل چاغلايدىغان ئادەم ئەڭ بىچارە ئادەمدۇر ،  
خالاس سىزمۇ ئۆز ئۇسلۇبىڭىز بىلەن ئۈزىڭىزنى خوش ئىتىپ يۈرۈڭ ،   ئادەمگە ئازراق ۋەھىمەئىلىپ كىلەلىسە ئاندىن ۋەھىمىلىك ئەسەر دىسەك بولار ئىدى ،   بوپتۇ ، سىزگە تەكىپ بىرىمەن دىگەن ئۈزۈممۇ ئەخماق ، سىزنىڭ ھەممىدە يىتىشىپ چېققان يىتۈك ئالىم پەيلاسوپ ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەي كۆز قارشىمنى ئوتتىرغا قۇيۇپ ساپتىمەن ،ئۆزرە     تىمىلىرىڭىزدىن قوغلىمىسىڭىزمۇ . خۇشتار ئەمەسمەن بۇنداق  ‹‹ ئىسىل ›› تىمىلارغا .
ئەمىسە خۇشۋاق بولۇڭ  

كۈلمە دۇنيا ! بىزنىڭ بۇ ھالىمىزغا قاراپ كۈلمە !  بىركۈنلەر كىلىىدۇ ، ھەمىمىزنىڭ دىنى ، تىلى،يىزىقى بىر بولغىنىدەك ، دىللىرىمىزمۇ ھەم   بىر  بۇلىدۇ           
باشقىلارنى ئۇنداق بۇنداق دەپ باھا بەرگەنلەر ، ئاۋال ئۈزىڭىزدىن مەن قانداق دەپ سۇراڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2997
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3159 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 09:55:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hushwah يوللىغان ۋاقتى  2013-12-31 09:19 AM
رەھمەت تەكلىپ كە مۇشۇنداق ‹‹ سىلىق سىپايىلىق ›› بىلەن ...

نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى تېمىلاردىن بولۇپمۇ ئىنكاسلارنى كۆزىتىپ ھېس قىلغانلىرىمدىن چىقارغان يەكۈنۈم نەق توغرىكەن. شۇ سەۋەپتىنمۇ شۇ قاتارىدا سىزمۇ بار، راستنى دېسەم شۇڭا  مېنىڭ سىز بىلەنمۇ قىلچىلىك ئىنكاسلاشقىم يوق ئىدى بولۇپمۇ سىز بىلەن.  شۇڭا بولدى گەپ يوق. ئەمدى مۇشۇ ئىنكاسىمدىن كېيىن قانداقلا ئىنكاسىڭىز بولسا يازسىڭىز يېزىۋېلىڭ. لېكىن مەن ئەمدى سىزگە ئىنكاس يېزىپ قەلەم ئۇرۇشى قىلغاندەك ھالەتنى شەكىللەندۈرگىم يوق. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم دەپ قوياي، سىزنىڭمۇ مەن ئالدىنكى ئىنكاسىمدا دېگەندەك، تېمامنى ئاخىرىقى قېتىم زىيارەت قىلغىنىڭىز بولۇپ قالسۇن،ئۆزىڭىزگە يارىغان تېمىغا كىرەرسىز. بولۇپمۇ ئەڭ مۇھىمى، بىزنىڭ مۇشۇ ئەڭ-ئەڭ ئاخرىقى قېتىم نەقىل ئىنكاسلاشقىمىز بولۇپ قالسۇن. ئەمىسە ئەڭ ئاخرىقى نەقىل ئىنكاسىڭىزنى باشلىۋېلىڭ. قېنى مەرھەممەت.
خۇشۋاق بولۇڭ.

زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................

ئابرال ئوغلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10451
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8587
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1437 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 11:43:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن ئاخىر نى يازامسىز؟

بىز نىمە قىلۋاتىمىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12545
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8919
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 990 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 01:12:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارايسىز بۇرادەر. يەنە بىر ياخشى تىمىڭىزنى كورۈشكە نائىل بولدۇم. داۋامىنى ساقلايمەن.تېرىشىڭ

يالغۇز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2997
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3159 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 02:19:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
781847813 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-31 01:12 PM
يارايسىز بۇرادەر. يەنە بىر ياخشى تىمىڭىزنى كورۈشكە نائ ...


ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ئاغىنەم. داۋامىنى مانا ھازىرلا يازىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rustam205 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-31 02:55 PM  


زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش