مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: rustam205

‹‹كۈلرەڭ خاتىرە››(ۋەھىمىلىك ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99231
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 316 سائەت
تىزىم: 2013-11-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 03:04:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ، داۋامىنى كۈتىمەن ، ھارمىغايسىز قېرىندىشىم .

ئاللاھ بەندىلىرىنى ھەرجايدا ئامان قىلسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101014
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 323
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2013-12-18
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 03:07:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تىزراق يوللارسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2997
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3159 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 03:11:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇقەددەس يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 11:38 AM
مۇشۇنداق ئاخىرى يوق تېمىنى نىم دەپمۇ تەستىقلايدىغ ...

باشقۇرغۇچىلانى قالايىماقان ئەيىپلىمەڭ ھەم باشقىلارغا ئاچچىق قىلماڭ. بولدى جىق گەپ قىلماي سىزگە بىر يول كۆرسىتەي. ئەگەر ياقتۇرغان بولسىڭىز، ھەم تولۇق ئوقۇغىڭىز بولسا. ھازىرچە ئوقۇماي تولۇق چىققاندا بىرلا ئوقۇڭ. خۇددى ئالدىنقى تېمىلىرىمنى ئوقۇغان بىر قىسىم مۇنبەرداشلاردەك.
ئەمما لېكىن باش سۆرىتىڭىزگە بىر ئوماق، سەبىىي،نارسىدە مەسۈم قىزنىڭ رەسىمىنى چىقىرۋېلىپ بۇنداق قوپال سۆزلەرنى قۇراشتۇرۇپ ئىنكاس يازسىڭىز سەل ئوبدان بولمايدىكەن.

شۇنداقتىمۇ ئالدىنئالا سەمىمىيلىك بىلەن ئەسكەرتىپ قوياي: ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ئەسەر داۋاملىق تۈگىگىچە (داۋامى بار). شۇڭا ئەگەر ئوقۇغىڭىز بار بولسا ئەگەردە ھە، ھەممىسى تۈگىگەندە ئوقۇرسىز. خوش،ئاللاغا ئامانەت.

زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2997
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3159 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 03:13:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hina يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 03:04 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ، داۋامىنى كۈتىمەن ، ھارمىغايسىز ق ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، رەھمەت. خاتىرىنى ئېچىپ قويدۇم مانا ئەمدى يېزىشنى باشلىدىم. سەل ساقلىتىپ قويىمەن، كەچۈرۈڭ. ئەمما تېزلىك بىلەن يوللاشقا تىرىشىمەن.

زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2997
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3159 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 03:16:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىنۇر يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 03:02 PM
بۇ چاغدا بۇ يولنىڭ مۇشۇ ئىككى بۆلىكى ئايدىڭدەك قاراڭغۇ ...

ئايدىڭ سىزنىڭچە يورۇققا تەۋەمۇ؟ ئەگەر قاپقاراڭغۇ بولسا مەن ئەلۋەتتە ھېچنىمىنى كۆرەلمەيمەندە. چۈنكى ئايدىڭنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قاراڭغۇلۇقى بولىدۇ. چۈنكى ئىككى ئەتىراپ دەرەخ ھەم بىنالار بولغان مۇھىتتا.

زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100514
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 89
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2013-12-5
ئاخىرقى: 2014-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 03:45:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rustam205 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 03:11 PM
باشقۇرغۇچىلانى قالايىماقان ئەيىپلىمەڭ ھەم باشقىلارغ ...

سىزمۇ نىم دەپ دائىملا داۋامى بار دەپلا يوللايسىز؟ مۇنبەرنىڭ بىر ئوبدان ئورگىنال ساندۇقى بارغۇ؟ شۇنى ئىشلەتسىڭىز، مۇكەممەل ئەسەر بولۇپ پۈتكەندە ئەۋەتسىڭىزمۇ كېچىكمەيتتىڭىزغۇ؟! مەن قوپال سۆزلەرنى قوراشتۇرۇپتىمەنمۇ؟ دېمەك، سىزنىڭ داۋامى يوق ئەسىرىڭىزنى ئوقۇغان گۇناھ مەندىكەندە؟! قاچاندىن بېرى كىمدىن يۇقتىكىن بىلمىدىم. ھېكايە يازىدىغانلارنىڭ داۋامى بار ئەسەرلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چىققىلى تۇردى، يا ھېچكىم كونترول قىلمىدى... ئوقۇرمەن دىگەن نىمە؟ بىر پۈتۈن ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ چىققانلارنى ئوقۇرمەن دەيمىز، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىشىڭىز، ھېسسىياتىنى ئويلىشىشىڭىز كېرەك ئەلۋەتتە...... سىزنىڭ ئەسەر يېزىش ھوقوقىڭىز بار، لېكىن يېرىم يارتا ئەسەر يېزىپ «قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە ساتىدىغان» ھوقوقىڭىز يوق!  

مەن تونۇش بىرسى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98773
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 742
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 401 سائەت
تىزىم: 2013-10-18
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 05:02:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مىسرانىمدىكى ھىكايىلەرنىڭ ھەممىسنىڭ داۋامى بار … ئاخىرغىچە يېزىلغان ھىكايىلەر بەكلا ئاز، باشقۇرغۇچىلار مۇشۇ مەسىلىگە بىر ئامال قىلمىسا بولمىدى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94793
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 206
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2013-4-13
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 05:25:52 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ۋاي توۋا .......قىززىق ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2997
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3159 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 05:26:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                ‹‹يېرىم كېچىدىكى خېرىدار››
                                                      (رۇستەم بەكرى)
                                                             (2)



**********************************************
مەن كۆڭلۈمدە: ئەڭ ياخشىسى مەن بۇ بېكەتنىڭ ئالدىدىن ئاستا ئۆتۈپ كېتىپ تېز-تېز مېڭىپ مەھەللىگە بېرىۋالاي دەپ ئويلاپ، ئارقامغا ئۆرۈلۈپلا، ئالدىمغا قاراپ ئاستا مېڭىشقا باشلىدىم. مەن مېڭىپ ئۇ قىز ئولتۇرغان ئورۇننىڭ ئارقىدىكى يولدىكى ئارلىقىم نەچچە مېتىر قالغان، ئۇنىڭ باشتىكى يەڭگىل تىتىرەۋاتقان بەدىنى بىردىنلا تىتىرەشتىن توختىدى. ۋە بېشىنى ئاستا كۆتۈردى. مەن پەقەت ئۇنىڭ ئارقىنىلا كۆرۈپ تۇردۇم. ئەمدى مەن نە ئالدىمغا مېڭىشىمنى، نە ئارقامغا مېڭىشىمنى بىلەلمىدىم. ئارقامغا قارسام كېلىۋاتقان ھېلىقى قارا سىما مېڭىپ ئارىلىقىمىز 30 مېتىردەكلا قاپتۇ. مەن ئىچىمدە: -نېمىلا بولمىسۇن ئالدىمغا قاراپ يۈگىرەي دەپ ئىدىيەمدىمۇ تەييارلىق قىلىپ تۇرغىچە، بېكەتتە ئولتۇرغان ئۇ قىزمۇ ئاستا ئورنىدىن تۇردى...................
************************************************
بۇ ۋاقىتتا ئۇمۇ ئۆرە تۇرغان ھالەتتە جىم تۇردى، مەنمۇ ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم، بۇ چاغدا ئۇ يەنە ئاستا ئولتۇرۇپ يەنە باشتىكىدەك، بېشىنى ئىككى بېلىكىگە قويۇپ ئولتۇردى. ھەم بىر ئازدىنلا كېيىن دەل مۇشۇ ۋاقىتتا لەپلا قىلىپ كوچىنىڭ چىراقلىرى قايتىدىن يېنىپ كەتتى. ئارقامغا قارىسام دۇكاننىڭ بېقىنىدىكى كوچىغا بىرىنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىنى كۆردۈم.
مەن ئەمدى ئۇ قىزغا قاراپ ئەمدى بارا-بارا جىندەكمۇ ھېس قىلمىدىم. ئۇ بولسا تۆۋەن ئاۋازدا يىغلاۋاتقاندەك ئىدى.
مەن زەن سېلىپ قارىسام ئۇ سىڭلىم دېمەتلىك قىز ئىكەن. ئۇنىڭ يىغلىشىغا قاراپ ئىچىمدە: چوقۇم بىرەرسىز بىلەن بىرنېمە دېيىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ياكى بولمىسا ئوغۇل دوستى بىلەندۇر، دېگەنلەرنى پەرەز قىلدىم. ئۇ قارىماققا 20، 21 ياشلاردا كۆرۈنەتتى. تەققى-تۇرۇقى ھەم ئۈستى بېشىمۇ شۇنداق رەتلىك ئىكەن. مەن بۇ كېچىدە ئۇنىڭ بۇ يەردە بۇندق يالغۇز تۇرۇشىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھەم ئۆيىگە قايتىپ كېتىشىنى دەپ قويماق بولۇپ ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچتىم:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىڭلىم.............، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىڭلىم..............، ئەمما ئۇنىڭدىن ماڭا نىسبەتەن يەنىلا ھېچقانداق بىر ئىنكاس يوق.
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا بىردەم قاراپ تۇردۇم. لېكىن ئۇ قىز بولسا خۇددى ھېچنېمىنى ئاڭلىمىغاندەك يەنىلا شۇ ھالەتتە تۆۋەن ئاۋازدا يىغلاپ تۇراتتى.  ئۇنىڭ بۇ كېچىدە بۇ يەردە تۇرسا خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى دەپ قوياي دەپ ئۇنىڭغا ئاستا يېقىنلاپ باردىم، مەن:
-سىڭلىم، ھەر قانچە كۆڭلىڭىز يېرىم بولسىمۇ بۇنچە كېچىدە بۇ يەردە يىغلاپ ئولتۇرسىڭىز ياخشى ئەمەس ھەم خەتەرلىك. يەنە كېلىپ ھازىر جەمئىيەتمۇ قالايىمىقان. شۇڭا ھەرقانچە كۆڭلىڭىز يېرىم بولسىمۇ ئۆيىڭىزگە قايتىپ ياتاق ئۆيىڭىزگە كىرىپ ياكى مەھەللىڭىزنىڭ ئىچىگە كىرىپ خالىي جايدا ئىچىڭىزنى بوشىتىڭ دېدىم.
ئەمما ئۇ قىزدىن بولسا يەنىلا ھېچقانداق ئىنكاس يوق ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن مەن تەۋسىيەرىمنى يەنە بىر قېتىم دېيىشىمگىلا، بۇ ۋاقىتتا ئۇ بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي:
-يوقۇلۇڭ! يوقۇلۇڭ! نەب ھازىر ھېچكىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىم يوق! مەن چوقۇم ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن! ھەممىسىنى! ئەگەر يوقالمىسىڭىز سىزنىمۇ قوشۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىمەن! دېدى يىغا ئارىلاش.
مەن ئىچىمدە:‹‹ئارىچىغا ئالتە تاياق›› دېگەندەك، ‹‹يولۇچىغا يەتتە تاياق›› دېگەن مۇشۇدە مانا. دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئۇ:
-كېتىڭ!كېتىڭ!، يوقۇلۇڭ! مېنىڭ ئۆيۈم مۇشۇ يەرگە يېقىن. مېنىڭ ھېچكىمنىڭ كۆرگۈم يوق! دېدى يىغا ئارىلاش يەنىلا بېشىنى كۆتۈرمىگەن ھالدا.
بۇ ۋاقىتتا مەن ھەيرانلىق ئىلىكىدە ئۇنىڭغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، سول يېنىمغا ئۆرۈلۈپ يولۇمغا ماڭدىم.............
مەن مېڭىپ 200 مېتىرلار ماڭغاندىن كېيىن تېلېفۇن كەلدى. ئېكىرانىغا قارىسام ئەكپەر ئىكەن. مەن تېلېفۇننى ئېلىپلا:
-ھە ئاداش نېمىش قىلىۋاتىسەن؟ ئەمدى ‹‹ئېلېكترونلۇق ئەخلەتخانىدىن›› چىقىپ ‹‹خۇمدانغا››(ماجاڭخانا) كىرىپ ‹‹كېسەك قىرلاۋاتامسەن››؟ دېدىم.
-ياقەي، ئۇنداق ئەمەس. مەن شادىيەنى ئاپىرىپ قويۇپ قايتىۋاتسام نەۋرە ئىنىم تېلېفۇن قىلىپتىكەن، ئۇلار كەچلىك بازاردا سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇپتىكەن، بارماي دېسەم تېخى شۇڭا ئۇ يەرگە بېرىپ بەك كەچ بولۇپ كېتىپتۇ. سەنچۇ قايتتىڭما؟ دېدى.
-ھەئە، مەنمۇ قايتتىم..... بىز بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن خوشلاشتۇق.
مەن تېلېفۇنۇمدىكى كۆرۈلمەي قالغان ئۇچۇرلارغا قاراپ-قاراپ مېڭىپ مەھەللىمىزنىڭ ئىچىگىمۇ كىردىم. مەن بىزنىڭ بىنانىڭ بىنانىڭ يان تەرىپىدىن ئايلىنىپ ئۆتكىنىمدە، بىنانىڭ ئالدىدىكى دەرەخلىكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تاش ئۈستەل-ئورۇندۇقتا بىرەيلەن تۈش ئۈستەل ئۈستىدىكى بىلەكلىرىگە بېشىنى قويۇپ ئولتۇرۇپتۇ. مەن زەن سېلىپ قارىسام ئۇمۇ بىر قىز ئىدى، ئىچىمدە:
-ۋوي، بۇ قانداق بوپ كەتتى بۈگۈن ئاخشام. ئوخشاش ھالەتتىكى ئىككى قىزنى كۆردۈمغۇ بۇ كېچە؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ، ئۇ قىزغا بىرخىل ھەيرانلىق ئىلىكىدە قاراپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئۇ بېشىنى ئاستا كۆتۈردى، ھەم ئورنىدىن تۇرۇپ ئاستا ئوڭ تەرىپىگە بۇرۇلۇپ، يەنى ماڭا قاراپ جىمجىت تۇردى. ھەم ماڭا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، مېنى نىشانلاپ ئاستا كېلىشكە باشلىدى. بۇ چاغدا مەن ئۇنىڭغا ئىپادىسىز ھالدا قاراپ تۇردۇم...
بىزنىڭ ئارىلىقىمىز 5 مېتىردەك قالغاندا 1- قەۋەتتىكى خوشنىلاردىن بىرىنىڭ ياتاق ئۆيىدىن قاتتىق قېقىلىپ نەچچىنى ھۈتەلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ سەل سەگەكلىشىپ، كاللامغا تېزلىك بىلەن بىر ئۇقۇم كەلدى دە، دەرھاللا ئارقامغا ئۆرۈلۈپلا يۈگۈرۈپ بىنانىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ 2- قەۋەتتىكى ئۆيىمىزگە قاراپ ماڭدىم. مەن ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن. يەنە بىر خىل قىزىقىشنىڭ تۈرتىكىسىدە، ئۇ زادى كىمدۇ؟ دېگەننى ئويلاپ يەنە ئارقامغا ئۆرۈلۈپ پەلەمپەينى ئاستا دەسسەپ تەۋەنگە چۈشتۈم.
مەن بىنانىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىردەم تۇرغاندىن كېيىن،ئاخىرى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ ئۇ ئولتۇرغان ئۇدۇلدىكى دەرەخلىكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تاش ئۈستەل-ئورۇندۇققا قارىدىم. ئەمما ئۇ جايدا ھېچكىم يوق ئىدى. مەن شۇنىڭ بىلەن چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋېتىپ، ئىشىكنى يېپىۋېتىپ ئۆيگە كىرىپ كېتەي دەپ ئوڭ تەرىپىمگە بىر قاراپ قويۇپ چۆچۈپ كەتتىم! چۈنكى ئۇ قىز بولسا مېنىڭ 7،،8 مېتىردەك ئوڭ تەرىپىمدە ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ تۇيۇقسىز ماڭا قاراپ ئاستا يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ تۇرۇقىدىن بىرخىل سوغۇقلۇق تۆكۈلۈپ تۇراتتى...............


(داۋامى بار)






زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................

ئابرال ئوغلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10451
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8587
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1437 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 05:40:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرنى كۈتىمەن

بىز نىمە قىلۋاتىمىز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش