TALUS يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 04:06 PM
ئۇنى دىسىڭىز مۇشۇ ئۈرۈمچىدىمۇ شۇ،مەن نېفىت خېمىيە زا ۋ ...
مەن 8يىل بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتىدا خىمىيە سانائىتى كەسپىنى پۈتتۈررۈش ئالدىدا ،سىلەرنىڭ زاۋۇتتا پىركتىكا قىلغان . بىلىشىمچە مەزكۇر زاۋۇتتا 80%خەنزۇ،20%كە يەتمەيدىغان ھەرخىل ئازسانلىق مىللەت ئىشچى -خزمەتچىسى بارئىدى . مۇئاشىمۇ ھەرقانداق ئۇرۇندىن يۇقىرى ،تېخى يىللىق مۇكاپاتقا ئازدىگەندە 3-4تۈمەن بېرەتتى . شۇچاغلاردا بىرمەمۇرنىڭ يىللىق مۇئاش -مۇكاپاتلىرىنى قوشۇپ كەلسىمۇ 3تۈمەنگە يەتمەيتى .
تېخى زاۋۇتۇڭلارنى ئوقۇرىنىڭ ئېگىزلىكى چۇ! بىزدەك شىنجاڭدا ئوقۇغانلارنى ئاساسەن ئالمايتى . بىز پىراكتى قىلغان سېخنىڭ باشلىقى تېخى : « ئەگەر چىنخۇا ،فۇدەن دىگەندەك داڭدار مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بولساڭلار قوبۇل قىلىشمىز مۇمكىنتى » دەپ كەتكەن قوۋۇرغامنى ئىگىپ ...نەچچە ئايلىق پىركتىكىدىغۇ ئۇ يەردە ئىشلەيدىغانلارنىڭ بىرەر ئالاھىدىكىنى كۆرۈپمۇ باقمىغان . نىترات كىسلاتانىڭ مۇلىكۇلا فورمۇلىسىنى يازالمايدىغانلار بىرتالاي ئىدى . ھەممە ئىشلەپچىقىرش پۈتۈنلەي ئاپتۇماتلاشقان ،ئىشچىلار پەقەت كونتىرۇل قىلىش ئۆيىدىكى كوپپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ،رىئاكسىيە قازانلىرنىڭ تىمپۇراتۇر،بېسىملىرنىڭ نوماللىقنى كۆزىتىپ ئولتۇراتتى شۇ . شۇڭا ئۇنداق چوڭ گەپلەر ئەمىليەتتە ئازسانلىق مىېللەتلەرنى ئالماسلقىنىڭ باھانىسى دەپ چۈشەندۈرگەن بىزنىڭ پىراكتىكا يېتەكچىمىز بولغان خۇيزۇ مۇئەللىمىمىز....