ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، ھەممىمىزگە مەلۇم دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ، خەلقئارادىكى ئورنى ئېشىپ بېرىۋاتقان ، قانۇن تۈزۈملىرى كۈنسايىن مۇكەممەللىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، ئەشۇ ياخشى تۈزۈم ، ئەۋزەل قانۇن- سىياسەتلەر نېمىشقىكىن تاڭ ئاپتونۇم رايونىمىزغا كەلگەندە ئۆزلىكىدىن ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى ياساپ يۇقىرىنىڭ دېگىنى بىلەن تۆۋەننىڭ ئىجراسى ئوخشاشمايدىغان ، بۇنىڭ بىلەن خەلق ئىچىدە تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر كۈنسايىن كۆپىيىپ ، جەمئىيەتتە ياخشى بولمىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىغان ھەتتا ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا .
گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ سىياسىتى ۋە مائارىپ سېلىنمىسى كۈنسايىن ياخشىلىنىۋاتقان ۋە كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ تۆۋەندە يەنە تۈرلۈك ئەمەلىي مەسىلىلەر مەۋجۇت .مېنىڭ بۈگۈن ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان تېماممۇ كۆپچىلىك ئىىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەم شۇنداقلا مۇنبەرلەردە كەسكىن مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىغا مۇناسىۋەتلىك تېما .
باشقا يۇرتلاردا قانداق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيمەن ، لېكىن يۇرتىمىز ئاقتۇ ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ئىش ئۈنۈم مۇئاشى » دەيدىغان بىر خىل تەمىناتى بولۇپ ، بۇ پۇل ھەر ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز مۇئاشىدىن بىر قىسمىنى تۇتۇپ قېلىپ يىل ئاخىرىدا تۈرلۈك باھالاشلاردىن كىيىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن مۇكاپات–جازا شەكلىدە تارقىتىلىدىغان تەمىنات ، بۇ خىل «ئۆز گۆشىدە ئۆز يېغىنى قورۇيدىغان» ئۇسۇلنى ئاپتونۇم رايوننىڭ قايسى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ، قانۇن-تۈزۈملىرىگە ئاساسەن تۈزۈپ چىققانلىقىنى ، يۇقۇردىن راستىنلا مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلەلمەي قالدۇق .
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پۇلنى قانداق تارقىتىشقا قارىتا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى مەخسۇس ھۆججەت چىقارغان بولۇپ ، (2011-يىلى 8-نومۇرلۇق دەپ ئاتالغان) بۇ ھۆججەتنى كۆرسىڭىز يولسىزلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى قايتىدىن تونۇپ يېتىسىز . لېكىن ئاجىز ، ئامالسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان ئوقۇتقۇچىلار بۇ خىل ھۆججەتلەرگىمۇ «كۆنۈپ» قالدى .
ئەمدى مۇشۇنداق يولسىزلىق بىلەن تۈزۈلگەن ھۆججەتنىڭ ئىجرا بولىشى تېخىمۇ يولسىزلىق بىلەن ئىجرا بولماقتا . ناھىيىمىزدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بۇخىل ئىپادە تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ مەكتەپنىڭ تارقىتىش لايىھەسىدە مەكتەپتە يىل بويى بىرەر كۈنمۇ رۇخسەت سورىماي ، بىرەر كۈنمۇ خىزمەت تاشلىماي تولۇق ئىشلەپ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا تىرىشىۋاتقانلار «كۆرسەتكۈچ نەتىجە» (پەنلەرنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ ھەر قايسى پەنلەرنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى ، دەرىسنىڭ ئۆزلىشىش نىسبىتى دېگەندەك نەتىجە كۆرسەتكۈچلىرى بېكىتىلگەن ) ئۆلچەمگە توشمىغانلىق سەۋەبى بىلەن جازالىنىپ پۇل تۇتۇلىدىغان ، يىل بويى مەكتەپكە بىرەر كۈنمۇ كېلىپ باقماي ئائىلىسىدە ئارام ئالىدىغانلار مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىر ئېغىز «ئالاھىدە سەۋەبى بار» دېگەن سۆزى بىلەن جازالانماي تولۇق پۇل ئالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەكتە ، مۇشۇلارغا قاراپ بۇ «ئىش ئۈنۈم مۇئاشى» مۇ ياكى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پۇلى » مۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم . چۈنكى مەكتەپتە تولۇق ئىشلىگەن ئادەم چوقۇم ئازراق بولسىمۇ ئۈنۈم يارىتىدۇ لېكىن يىل بويى ئائىلىسىدە ئارام ئالسا مەكتەپكە نېمە ئۈنۈم يارىتىدۇ ؟. ئۈنۈم ياراتماي تۇرۇپ تولۇق پۇل ئالسا ئۇنى قانداقمۇ «ئىش ئۈنۈم مۇئاشى» دېگىلى بولسۇن . بەلكىم نۇرغۇن تورداشلار بۇ خىل ئەھۋال بولسا يۇقىرىغا ئىنكاس قىلسا بولمامدۇ ؟ دېگەندەك سوئاللارنى ئويلاپ قالغان بولىشىڭىز مۇمكىن ، لېكىن ناھىيىمىزدە «پۇقرا»نىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ، «ئاۋام » نىڭ ھالىغا يېتىدىغان باشلىقلارنى تېپىش دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەكلا ئىش . يۇقىرىلاپ ئەرىز قىلغان تەقدىردىمۇ ئوبلاستقا بېرىشقا ئۈلگۈرمەيلا ئادەمنىڭ« بۇرنىغا تاش تېگىدىغان» گەپ .
شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئوي-پىكىرلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش بىلەن بىرگە ، مۇنبەرلەردىن بولسىمۇ بىرەر ئاۋامنىڭ ھالىغا يېتىدىغان باشلىقلىرىمىزنىڭ نەزىرى چۈشۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمىدتە يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا merkuriy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-8 03:35 PM