ئالىنۇر يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 12:50 PM
بۇ بەك ئادالەتسىزلىك بولدى،بىزنىڭ ئىدارىدىمۇ بۇيىل يى ...
بۇ تىمىدا ۋە ئىنكاسلاردا دىيىلگەن گەپلەرنىڭ ھەممسى بىزنىڭ سېستىما ئۈچۈن كونا گەپكەن . چۈنكى مەن خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ ئۈنۈم مۇئاشى دىگەن گەپ بارئىدى ، شۇنداق «كەتمەن چاپقان ئوڭدا جىگدە يەيدۇ ،ئوڭدا ياتقانگىردە يەيدۇ »دىغان بۇ تۈزۈمگە بىز تولا قاقشاپ يۈرۈپ كۆنۈپمۇ كەتتۇق ،ھازىر خىيالىمىزغا كىرىپ چىقمايدۇ ، يەپ باقسۇنا ھارامدىن قوقمايدىغان باشلىقلار قانچىلىك يەيدىكىن ....
بېيجىڭغا بارغاندا قارىسام ،ئۇيەرلەردە قوساقتا ئۇماچ بولسا تەكلىپلىك خىزمەتچىمۇ شىتاتلىق خىزمەتچىدىن يۇقىرى مۇئاش ئالىدىكەن . بىزنىڭ بۇ يەردە قاسقان شەپكە كىيدىغانلار ئەڭ ئەتىۋالىق ،مۇشۇ ئوقۇتۇش -تەتقىقات ساھەسىگە تەۋە كەسپىي ئورۇنلار بىچارە ،شۇڭا يا مائارىپىمىز راۋاج تاپمايدۇ يا تېخنىكدا يۈكسىلىش يوق .
مۇشۇ ئورگان ئىسلاھاتى بالدۇرراق باشلاپ ،كەسپىي ئورۇنلارنىمۇ كارخانىلاشتۇرۇپ ،شىتات بىلەن تۆمۈر تاۋاقنى بىر يوق قىلسا ،ئاندىن قوساقتا ئۇماچ بارلار بىلەن «سەللە يوغان ئىمان يوق »لارنىڭ پەرقى بولاتتى .
شۇچاغدا پېقىرمۇ گۈس -گۈس دەسسەپ باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ :«مەن مانداق -مانداق ئىسنىڭ ھۆدىسىدىن چىقىمەن ،ماڭا مانچىلىك بېرەلىسىڭىز ئىشلەي ،بولمىسا رۇخسەت قىلىپ رەسمىيتىمنى قولۇمغا بەرسىڭىز ،بىرەلەيدىغان يەرنى تېپىپ ئىشلەي » دەيتىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-11 01:25 PM