XaPaRaG-5 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 11:25 AM
ئەسسالامۇئەلەيكوم! سىز ئۈمىد غېنىنى ئارتۇقچە ماختاپ ك ...
ئەسسالامۇئەلەيكوم! سىز ئۈمىد غېنىنى ئارتۇقچە ماختاپ كەتتىڭىزمۇ قانداق؟ بۇ لىكسىيەنىڭ بىشىدا ئۇ «ئاۋازىڭ بوش بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ئازراق ھەقىقەت بولسىلا بولدى» دەپ باشلىسا خېلى ياخشى سۆزلەيدىغان ئوخشايدۇ دپ ئاڭلىدىم. ئەمما ئەكىسچە بولدى.
مەن ئۈچ جەھەتتىن ئويلىغىنىمنى دەپ باقاي:
1. بۇ لىكسىيەدە قايسى بىر سۇئالغا جاۋاب بېرىلگەنلىكىنى پەقەت بىلمىدىم.تورداشلار چۈشىنەلمىگەنلىنى ئىنكاس قىلىشتى.گەرچە يا خەنزۇچە يا ئېنگىلىزچە سۆزلىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما گەپ چۈشەنگىدەك، تەسىر قىلغىدەك مەزمۇننىڭ يوق بولغانلىقىدا.
لىكىسىيە سۆزلىگۈچى ئادەم مېنىڭچە مەلۇم بىر ساھەدە ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ مەلۇم تەتقىقاتى بولۇشى، كىتاب چىقىرالمىغان ھالەتتىمۇ، ماقالە-ئەسەرلىرى بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن. ئۈمىد غېنى ئەپەندىم پەقەت شۇ بىر پروگراممىدا رىياسەتچىغۇ دەيمەن.
شۇنچە جىق سۆزلەپ ئالدى بىلەن ئۆز كەسپى بولغان رىياسەتچىلىك توغرىسىدا قايىل قىلارلىق بىر ئىنىقلىمىمۇ بېرەلمىدى. ئۇ پەقەت پروگرامما ئىشلەش جەريانىدا كۆرگەن، ئاڭلىغان چالا-بۇلا ئۇچۇرلارنى دەپ بەردى، خالاس.
يەنە پالانى پروفىسسور ماۋۇ ئۇچۇرنى بىلمەيدىكەن دېيىش ئارقىلىق نېمە دېمەكچى؟ ئېسمىزدە بولسۇنكى ھۆكۈمەت قانۇنلۇق تارقىتىش ۋاستلىرى ئارقىلىق تارقالمىغان ئۇچۇرلارنى ئىشەنچىلىك دېگىلى بولمايدۇ. قانداقتۇر، ئۈندىدار، بلوگ دېگەندەك ۋاستىلەردە تارقالغان ئۇچۇرلارنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئىگىسى چىقماي قالىدۇ. بۇنى ئازراق كاللىسى بار ئادەم ئويلىيالايدۇ. يەنە بىرى نېمىگە؟ قايسى ماتېرىيالغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى %99 مۇسۇلمان دەپ ئالىدۇ؟ ئۆز پەرزى بويىچە دېمىگەن بولغىيتتى. بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك.
قارايدىغان بولساق، قايسى بىر قېرىندىشىمىز مەلۇم بىرسى توغۇلغاندا ياكى دەپنە قىلىنغاندا باشقا دىندىكىلەرنىڭ قائىدىسى بويىچە مۇراسىم ئىلىپ بارغانلىقىنى كۆرگەن. بۇ گەپنى ئويلىشىپ قىلىشى كېرەك ئىدى.
2. دۇنيا تارىخى تەرەققىيات قانۇنىيىتىدىن قارىغاندا، تەرەققىيات مەلۇم بىر مىللەت، دۆلەتكە ئەبەدىي تەئەللۇق بولمايدۇ. مەلۇم مەزگىل كۈچەيسە، يەنى مەلۇم مەزگىل ئاجىزلايدۇ ھەتتا ھالاك بولىدۇ. ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەن 6-ئەسىردىن تارتىپ تاكى ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى پۈتۈنلەي ھالاك بولغانغا قەدەر (20-ئەسىرنىڭ بىشى) دۇنيا مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا چۆگىلىگەن.
غەرب ۋە ياۋرۇپا كۈچىيىشى تېخى تۆنۈگۈنكى ئىش.
3. مېنىڭچە، مەلۇم بىر مۇلاھىزىدە قارشى تەرەپنىڭ قانداق ئېتقادتا تۇرۇپ سۆزلىشى ئالدى بىلەن دىققەت قىلىدىغان نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرنى مىللەت سۈپىتىدە ھەقىقىي بىرلەشتۈرگەن، ھازىرغىچە ساقلاپ قالغان دەل ئىسلام دىنى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىشىمىز كېرەك. كېيىنچە ئىسلام دىنىغا ئائىت ماتىرىياللارنى كۆرگەندىن كېيىن تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى. ئاتىزملىق تەر ئەگەر ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلغانلىقتىن كەينىدە قالغان دېگەن قاراشتا بولغانلار بولسا، تارىخقا قارىساق، چىڭ خاندانلىقىدىكى مانجۇلار ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلمىغان، 2 يۈز يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرۈپ ئاخىرى ھالاك بولدى. بۇنىڭغا نېمە دەيسىز.
مەيلى كىم بولۇڭ ئالدى بىلەن ئۇلۇغ قۇرئاننى، ئاندىن ئىسلام تارىخىغا ئائىت كىتابلاردىن نەچچە 10 پارچە كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن ئسىلام دىنى توغرىسىدا ئېغىز ئىچىڭ.
سىز كەچكىچە ھەممە گۇناھنى ھە دېسە ئىسلام دىنىغا، ئۇيغۇرنىڭ كەينىدە قىلىشىنى خۇجىلارغا باغلاپ زارلىنىۋەرمەڭ. شىنجاڭ ئىسلام تارىخىنى كۆرسىڭىز، چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى توغلۇق تۆمۈرخاننى ئىسلامغا كىرگۈزگەن جالالىدىننىڭ ئوغلى ئەرشىدىننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھوقۇقى كۇنسايىن ئىشىپ كېينكى خانلار بىلەن ئۆزەڭگە سۇقۇشتۇرىدىغان دەرىجىگە يەتكەندىن كېيىن بۇ جەمەتنىڭ كۈچىنى چەكلەش ئۈچۈن خۇجىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇلاردىن پايدىلانغان. ئۇلارنى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن. سىياسىنىڭ قۇرالى قىلىۋالغان. ئەلۋەتتە، ئاپئاق خۇجىنىڭ كەلتۈرگەن زىيىنى ئىنتيايىن چوڭ، ئۇ پەقەت خەلقنىڭ نادانلىقىدىن پايدىلاندى. ئاپئاق خۇجىنىڭ بۇ قىلغانلىرى ئىسلام دىنىنىڭ تەشەببۇسى ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە ئايان. لېكىن ئۇنىڭ نەۋرلىرى مانجۇ ئىستىلاچىلىرىغا قارشى جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىپ ھاياتىنى تەقدىم قىلغان.
ھەرقانداق مىللەتتىن ياخشى ئادەم، ناچار ئادەم چىقىدۇ. جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىدىمۇ ياپۇنلارغا غالچا بولۇپ قورچاق خان بولغان ۋاڭ جىڭۋىي بارغۇ.
ھەرقانداق ساھەدە پارزىت قۇرۇتلار بولىدۇ. ئەڭ ئاددىسى مائارىپ ساھەسىدە قانداق سەتچىلىكلەر بولمايۋاتىدۇ. شۇڭا، دىنىي ساھەدىمۇ بىر قىسىم چالا ساۋاتلار بولۇشى تۇرغانلا گەپ. ئۇ چالا ساۋاتلار ئىسلام دىنىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئەزھەردەك ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ھەم ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىم سۈپەت ئىلىم ئىگىلىرى كۆپىيۋاتىدۇ.
گەپ زىيالىلار دىننى چۈشەنمەي، دىنىي ئىلىم ئەھلىلىرى پەننى ۋە سىياسەتنى چۈشەنمەي بەزى ۋاقىتلىق مۇنازىرىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ. ئەمدى بىز بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىيات ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ئۈچۈن ئىزدىنىشىمىز كېرەك.
ئۈمىد غېنى مېنىڭچە ھەرگىزمۇ باشقا زىيالىلار دېيەلمىگەننى، باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى دېدى دەپكىتىپسىز. قايسى گەپنى زىيالىلار ئۈچۈن دېدى. مىسال ئېلىپ بېرىڭە. مەركىزى تىلىۋىزيە ئىستانسىنىڭ رىياسەتچىلىرىنىڭ خىزمىتىدىن چىكىنگەنلىكىمۇ، ياكى نىغمەتنىڭ باشقىلارغا گازىر پۇلى بەرگەنلىكىمۇ... بۇ گەپلىرىدىن ئادەمنىڭ كۈلگىسى كېلىدۇ.
ئۈمىد غېنى دېگەن گەپلەرنى بىلىمى ئىنتايىن يۈزەكى 3-4 كىشى قىلىدىغان ئىش تاپالماي گازىر چاققاچ، ئىچ-پۇشۇقىنى چىقارغاچ دەيدىغان گەپلەر دېسەك بولىدۇ.
خەنزۇچە ئارلاشتۇرۇپ سۆزلىسە ئاقلاپ كىتىپسىز. ئۇ ئۆزىنىڭ بېيجىڭغا، جىڭگاڭشەنگە بارغانلىقىنى نەچچە قېتىم پەش قىلدى. ھەيران قالارلىقى يوق، ھازىر خەق چەتئەللەرگە چىقىۋاتىدۇ. ئۇ رىياسەتچى بولغاچقىلا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ بۇنداق سۆزلىشى سەمىمىيەتلىك ئەمەس، بەلكى مەسئۇلىيەتسىزلىك، ئانا تىلغا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىك دېسە بولىدۇ.
قىسقىسى، بۇنداق قالايمىقان سۆزلەر بىلىم ئاساسى يۈزەكى بولغان كىشىلەرنى زەھەرلىشى تۇرغانلا گەپ. شۇڭا ئويناپ ئەمەس، ئويلاپ سۆزلىشى كېرەك ئىدى. ئۈمىد غېىنىڭ شۇ ھالىتىدىن ئۇنىڭ ئويلاپ سۆزلىمىگىنىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس. ئەمدى تەييارلىق قىلىش دېسە خاتا چۈشەنسەك بولمايدۇ. ئۈمىد غېنى ئەپەندى «كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىغا تەييارلىقسىز چىقىپ سۆز قىلمايدىغۇ دەيمەن. تەييارلىق دېگەندە مېنىڭچە لىكسىيە سۆزلىگۈچىدە نېمە سۆزلەش، قانداق سۆزلەش، قانچە ۋاقىت سۆزلەش، قانداق ئۈنۈمگە يېتىشتەك مەقسەت ئىنىق بولۇش كېرەك. ئۇ ئەپەندىدە بۇلاردىن ئەسەرمۇ يوق دېيىشكە بولىدۇ.
بىراق شۇنچىلىك كۆپ قېرىنداشلا مۇنازىرىگە پىكىر قاتناشتۇرۇپتۇ. بۇنىڭدىن خوش بولدۇم.
سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز ئەڭ لىللا مەيداندا تۇرۇپ ئوتتورغا قويولدى دەپ قارىدىم.
ئۈمىد غەنىينىڭ نۇتۇقىنىڭ ئەھمىيتى بىرى ئابدۇسالامنىڭ كىتابىنى ئوقوپ بەرگىنى ۋە بۇ ھالىتىمىزنىڭ ئىچكى سەۋەبلىرى ھەققىدە ئويلىنىشنى ئوتتورغا قويغىنى بولدى دەپ قارايمەن.بۇ ئۈمىد غەنىي لىكسىيسىنىڭ ئەڭ ياخشى تەرەپلىرى بولدى...
ئەسلى باشقىلاردىن ئىۋەن ئىزدەش بولوپ قالمىسۇن دەپ قارايتىم.شۇڭا يوقىلاڭ دەتالاش قىلغۇچە ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرىنى كۆرۈپ ھەم شۇنى سۆزلەپ،كەمچىلىك،نوقسان تەرەپلىرىدە ھەممەيلەن شاكىلىنى تاشلاپ مىغىزىنى قۇبۇل قىلىش پىرىنسپى بويىچە ئىش كۆرسەك دەپ ئويلايتىم...شۇڭا بۇنچىۋالا كۆپ دەتالاش بولوپ كىتىشىنى راسلا قۇبۇل قىلالمايتىم ...
بوپتۇ ھەممەيلەن ئۆز پىكىرلىرىنى دەۋىتىپتۇ.مەنمۇ دەۋىتەي ئەمدى ...
بايا بۇ لىكسىيەنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغان تەرپىنى دەپ ئۆتتۈم ئەمدى بولمىغان دەپ قارىغان ،ھىس قىلغان تەرەپلەرنى بىر ئوتتورغا قوياي...
1.ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇزۇن يىللىق بىر پىشقان رىياسەتچىمىزنىڭ كىكەچ ئادەمدەك تاققۇ تۇققۇ گەپلەر بىلەن لىكسىيە سۆزلىشى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.ئۈمىد ئاكىمىز لىكسىيەنى نەدىن باشلاپ نەگە ئاپاردى،ئاساسلىق نىمە توغرىسىدا سۆزلىدى ؟ بۇنىڭغا كىم جاۋاب بىرەلەيدۇ ؟مەن ئۈچ قىتىم ئاڭلىدىم بۇ لىكسىينى ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرىنى يۇقاردا دىدىم ،ئەمما نوقسان تەرپى ئۈمىد غەنى شۈنچە جىق گەپ قىلىپ گەپنى نەدىن باشلاپ نەگە ئاپاردى ؟ مەيلى لىكسىيە ياكى مەيلى ئاددى بىر سائەتلىك دەرىس بولسۇن ئۇنىڭ نىشانى،مەقسىدى،باش ئاخىرى بولىدۇ ئەمەسمۇ ،لىكىن بۇ لىكسىيەنىڭ نىشانى،مەقسىدى زادى نىمە ؟گەپ نەدىن باشلىنىپ نەدە ئاخىرلاشتى ،لىكسىيەدە نىمە تەكىتلەندى ،مەقسەت نىشانى نىمە بولدى ،ئۈمىد ئاكىمىز شۇ مەقسەتكە يىتەلىدىمۇ يوق بۇنىسى نامەلۇم...
يەنە كىلىپ ئۇزۇن يىللىق رىياسەتچىمىز ئەمەس ،كەنىتتىكى كىچىك ئەترەت باشلىقى جىنىدا گەپ سۆزنى ئۇنىڭدىن راۋان دەيدۇ.ئەزالارنى ھاشارغا ئورونلاشتۇرۇش ياكى يىغىن ئىچىش بولسۇن گەپ سۆزلىرى راۋان،باش ئاخىرى خىلى ماسلاشقان سۆزلىيەلەيدۇ .ئۇنداق ئەمەسمۇ يا .
2.كىتاب ئوقوش تىخى ئۈنچىۋالا ئوموملىشىپ بولالمىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن بەزى ناچار ئىددىيەدىكى كىتابلارنى ئوقوغاندىن ئوقومىغان ياخشى دىيىشى مىنى ئەجەپلەندۈردى .بەلكىم سىز ياقتۇرغان كىتابنى مەن ياقتۇرماسلىقىم ياكى ئۇندىن باشقا بىر كىتابنى سىز ياقتۇرغان كىتابتىن بەكرەك ياقتۇرۇشۇم مومكىن .ھەر بىر ئادەم كۆپ ئوقوماي تۇرۇپ ئۆزى ياقتۇردىغان كىتابلارنى،ئۆزى ئۈچۈن قىممەتلىك ياكى ئەخلەت كىتابلارنى بىلەلمەيدۇ.ئەمما نىمە ئۈچۈن ،نىمىگە ئاساسەن ئۈمىد ئاكىمىز بەزى ناچار ئىددىيەدىكى كىتابلارنى ئوقوغاندىن ئوقومىغان ياخشى دەيدۇ يەنە كىلىپ كىتاب ئوقوش ئىڭى ئاجىز بىر خەلىقكە.بۇ يەردە شۇنداق بىر گەپنى سورىغىمىز كىلىدۇ تىلىمىزدا قايسى كىتابلار ناچار ئىددىيەدىكى كىتابلار ؟قايسى كىتابلار خەلقىمىزنى ،كىشىلىرىمىزنى ئازدۇرىدىغان كىتابلار ؟
3.ئۈمىد ئاكىمىز لىكسىيسىدە 99% مۇسۇلمان دىگەن ئىكەن ئۇنىڭ دەلىلىنى ئۆزى بىلىدۇ.ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى توغورلوق توختالغان ئادەم، 99% مۇسۇلمان دىگەن دىيەلىگەن ئادەم نىمىشقا لايەقەتلىك مۇسۇلمان ،لايەتقەتسىز مۇسۇلمان دىگەننى نىمىشقا دىيەلمەيدۇ. 99% مۇسۇلمان دىگەن ئادەم،مۇسۇلمانلاردىكى خاتالىقلارنى سۆزلىگەن ئادەم نىمىشقا مۇسۇلمانلاردىكى خاتالىقنىڭ ھەرگىزمۇ ئىسلامدىكى خاتالىق ئەمەسلىكى ۋە بۇ خاتالىقلارنىڭ ئىسلامنى توغرا ،لايىقىدا يەتكۈزۈپ بىرەلمەسلىك شۇنداقلا توغرا، لايىقىدا يەتكۈزۈپ بەرگەن،كىشىلەر ئۇنى بىلگەن بىلەن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش-قىلماسلىق قاتارلىق تەرەپلەردە كۆرىلىۋاتقان زىددىيەت ۋە خاتالىق ئىكەنلىكىنى ئۈمىد ئاكىمىز نىمىشقا ئوتتورغا قويالمايدۇ.
بۇلارنى ئوتتورغا قويالمايدىغان ئادەم،بۇلارنى ئويلىيالمىغان ئادەم نىمە دەپ 99% مۇسۇلمان دىگەن گەپنى ئوتتورغا قويىدۇ ؟
بۇ يەردە شۇنداق ئەجەللىك بىر نوقسان بار ،ئۇ بولسىمۇ 99% مۇسۇلمان دەپ بولغاندىن كىيىن مۇسۇلمانلاردىكى نوقسان تەرەپلەر ئۈستىدە توختىلىشنىڭ ئۆزى سەل دىققەت قىلمىسا ئادەمنى مۇسۇلمانلار 99% ،ئۇلارنىڭ نوقسانلىرى مانا بۇلار،ئۇلارنىڭ ھالى مانا بۈگۈنكى دۇنيادىكىدەك،بىزمۇ مۇسۇلمان بولغىنىمىز ئۈچۈن ھالىمىز مانا مۇشۇ دىگەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.ئاللا ساقلىسۇن،بەلكىم ئۈمىد ئاكىمىزنىڭ مەقىسىدى ئۇ ئەمەستۇر....
بۇ لىكسىيەنىڭ قىممەتلىك دەپ قارالغان تەرەپلىرى بولغان بىلەن مەغلۇپ بولغان تەرەپلىرى زىيادە...
ئەگەرئۇنداق ئەمەس دىگۈچىلەر بولسا،سەن يالغاننى توقودۇڭ ياكى يوق گەپنى دىدىڭ دىگۈچىلەر بولسا مۇنازىرلىشىشكە تەييارمەن ...
لىكىن مىنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم نوقسانسىز ئادەم يوق ،شۇڭا شاكىلىنى تاشلاپ مىغىزىنى قۇبۇل قىلىشتىن ئىبارەت.ئەمما بۇ لىكسىيەنى ئاڭلىغان ئادەم شاكال ئىچىدىن مىغىز ئىزدەپ ئاۋارە بولوپ قىلىشى مومكىن .شۇڭا ياقتۇرمىغانلار ئاڭلىمايلا قويسا،دوسلارمۇ بۇ يەردە يوقىلاڭ ئاۋارە بولوپ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ يۈرگىچە ئۈمىد ئاكىمىزنىڭ تىلىۋۇزۇردا سۆلەتى يەتتە كىشىلىك بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ لىكسىيسى مۈشۈنچىلىكلا ئىكەن،ئۇ تىلىۋۇزۇردا سۇئال سوراپ ياكى ئۆزى گەپ قىتىپ مۇنازىرە ئىلىپ بارالىغان بىلەن كەنىتتىكى كىچىك گۇرپا باشلىقىچىلىكمۇ بىر نەچچە مىنوت باش _ئاخىرىنى ئوڭلاپ گەپمۇ قىلالمايدىكەن دەپ بىلىپلا قالساق بولدى باشقا ئىش يوق ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kitabhumar1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-15 04:55 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-1-16 02:39 PM):
مىنى نەقىل ئىلىپ ياكى مىنى گەپكە تارتىپ بۇ مۇنازىرىگە سۆرىمەڭلار ...