مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Misranim

ئۈمىد غېنى لىكسىيەسى نەق مەيدان فىلىمى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14954
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 06:37:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈمىد غەننىڭ لىكسىيەسىدىن بىزنىڭ ئاقىدا قىلىشمىزدىكى سەۋەپ:«دەل ياۋروپادا مۇستەبىت ھۆكۈمرانلار ئاغدۇرلۇپ ،ئادملەر روھىي ۋە جىسماني ئەركىنلىك باراۋەرلىككە ئىرىشىپ ،مەرىپەتكە ئىنتىلىش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىپ ،سانائەت ئىنقىلابى ۋە بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى ئىلىم -پەن نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ ،دۇنيادا يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈش ئۈچۈن ئىچكى ئىنىرگىيە توپلاۋاتقاندا ،ئىسلام ئەللىرنىڭ ھۆكۈمران تەبىقىسى خەلقنىڭ ئاڭ -سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ،ئۆزلىرىنى ئاللانىڭ زېمىندىكى سايسى دەۋالغان بىلەن ئەمىليەتتە ئىسلام نامىدىن پايدىلنىپ ئۆز ھەكىمىيىتنى ئىلاھلاشتۇرماقچى بولغان   چىرىك ئەپتى -بەشىرىسىنى تونۇپ يېتىپ ،تەختى -بەختىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن ،ئىلىم -مەرىپەتنى كۈچنىڭ بارىچە باسقانلىقى سەۋەبلىك ،مۇسۇلمانلار ئىسلامنىڭ ئەسلى مەنسىدىن چەتنەپ مەرىپەتتىن ۋابادىن قاچقاندەك قاچىدىغان قىلىپ قويغان ناچار تۈزۈم ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەردىن بولغان »دىمەكچى دەپ چۈشەنسەك توغرا بولىدۇ .
بۇيەردە ئۈمىد ھەرگىزمۇ ئاۋۇ كاپىتان  دىگەنلەرنى يايرىتىۋەتكەندەك ، بىزنىڭ ئارقىدا قېلىشىمىزغا ئىسلامغا ئېتقاد قىلغانلىقىمز ،قالاقلىق ،مەرىپەت -تەرەققىياتقا ئىنتىلمەسلىك ئسلامدىن كەلگەن دىگەن گەپنى قىلمىدى .ئەكسىچە ھۆكۈمران تەبىقە ۋە ئۇلارنىڭ گۇماشتىسى بولغان بەزى ئاتالمىش ئۆلىمالارنىڭ ئىسلامنى بۇرمىلاپ ،ھۆكۈمرانلارنىڭ سىياسىي ۋە قوغدىنىش قورالى قىلۋالغانلىقىدىن بولغان دىگەن مەنەنى ئۇقتۇرماقچى !
ئەمدى 1-سۇئالنى سورىغان يىگىت ناھايىتى ياخشى سۆزلىدى ،ئۇنىڭ پاراسىتى ۋە ناتىقلىقىغا قايىل بولدۇم . لېكىن مەيلى بۇيىىگىت ياكى كۆپنچە توغرا نىيەتتىكى قېرىنداشلار  ئۈمىدنىڭ باشتا قىلغان :«بىزنىڭ ئاقىدا قېلىشىمىزدا ئىچكى ئامىل مۇھىم ،بۇ ئىچكى ئامىل بولسا 99%كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولىشى »دىگەن گېپى نىرۋىسىغا قاتتىق تېگىپ كېتىپ ، باشقا سۆزلىرىگە تازا چۈشنەلمەي قالغان ياكى قۇلاق سالمىغان بولىشى مۇمكىن ،بىراق ئاخىرىدا ئۈمىد ئۇ يىگىتنىڭ سۇئالىغا خېلى ئەتراپلىق جاۋاپ بەرگەندىن كېيىن  مەيلى ئۇ يىگىت ياكى باشقىلارنىڭ قەلبدىكى تۈگۈچ يېشىلىپ كەتتى (مەنمۇ ئۈمىدنىڭ ئاخىردا قىلغان ئىزاھاتلىرىنى ئاڭلىمىغان بولسام ئېنىقلا شۇ يىگىتتەك قاراشقا كەپ قالاتتىم )،مەيلى ئۈمىد ياكى يىگىتنىڭ ھېچقايسىى ئوسال بولمىدى ،بەلكى تۈگۈچلەر يېشىلىپ ،ھەمىمىزنىڭ قەلبى يورىدى .
ئۈمىد دىگەندەك بىز 99%مۇسۇلمان مىللەت بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ،ئىسلام دۇنياسىدا يۈزبەرگەن ئاشۇ جاھالەت تۇمانلىرى بىزنىمۇ ئەسرلەپ ئېزىقتۇرۇپ ،مۇش كۈنگە قويدى . شۇڭا ئەمدى بولسىمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ،تىرىشىپ ئىلىم -مەرىپەت ئىگەللەپ ، باللرىمىزغا ئىمان -ئىتقاد تەربىيسىنى ياخشى بېرىپلا قالماي يەنە  شارائىتىمىز ياربەرگىچە قانچىلىك ئالىي ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىدا ئوقۇتالىساق شۇنچىلىك ئوقۇتۇپ ، ئاللانىڭ بىزنى مۇشۇ زېمىننىڭ خوجايىنى قىلىپ ياراتقان بۈيۈك نېئمىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلىمىكىمىز پەرز ھەم قەرزدۇر.

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 973 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 06:38:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96516
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 504
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2014-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 09:41:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاپخۇمار ، كۆكزات  نامىدىكى قېرىنداشلىرىم  رەخمەت سىلەرنىڭ تەكلىپىڭلىگە لىكىن
مەن كۇرسەم  غۇ ، ئۇمۇت غېنى ،بىزنى ئسلامدىننىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرى چەكلەپ
قويغاچقا تەرەققى قىلالمىدۇق  ئسلامدىنى بولمىغان بولسا تەرەققى قىلالايتۇق
دىمەكچى بولغاندك بىلىندى  شۇڭلاشقا سەل نىرۋام چېچىلىپ قالدى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
555rikabatqi + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95649
يازما سانى: 638
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1610
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 725 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 12:31:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
babur99 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-12 06:37 PM
ئۈمىد غەننىڭ لىكسىيەسىدىن بىزنىڭ ئاقىدا قىلىشمىزدىكى  ...

ئىنكاسىڭىزدامىنىڭ نامىمنى تىلغا ئېلىپ قاپسىز،شۇڭا سىزگىمۇ بىر-ئىككى ئېغىز ئىنكاس قايتۇرۇپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم.
ئۈمۈدغەنى مىنىڭلا كۆڭلۈمدىكىدەك ياكى مىنىلا يايرىتىۋەتكىدەك گەپ قىلمىدى نۈرغۇنلىغان ئۇيغۇرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ۋە نۇرغۇنلىغان مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇرلارنى يايرىتىۋەتكىدەك گەپ قىلدى. ئۈمۈدغەنىنىڭ دىگەنلىرى نۇرغۇنلىغان زىيالىلار دىيىشنى ئويلىغان ئەمما قانداق دىيىشنى دىيىشنى بىلمەي يۈرگەن،ھەمدە چوقۇم دىمىسە بولمايدىغان گەپلەر!!.
ئەمدى تۇنجى سوئالنى سورىغان بالىنىڭ سوئالىغا كەلسەك:تۇنجى سوئال سورىغان بالىنىڭ سوئالى يېڭىلىق ئەمەس،بۇ سوئال ئۇيغۇر جەمىيىتىدە پايتمىدەك سۆرىلىپ يۈرۈلگىلى تۇرغىلى نەچچە يىللار بولدى. يەنە كىلىپ ئاۋۇ بالىدەك دىننى قورال ئورنىدا ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ مۇنازىرىلەردە بۇنىڭدىن باشقا سورايدىغان سوئالىمۇ يوق!!. ئۈمۈدغەنىمۇ بۇ تەۋەررۈك سوئالغا ئىنتايىن لايىق جاۋاپنى بەردى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85730
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 12:49:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكوم! ئالدى بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان قېرىنداشلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. ئۇلارنىڭ مەقسىتى توغرا. رىياسەتچىلىكتىن ئىبارەت ھەممەيلەن قىزىقىدىغان تېمىنى تاللاپتۇ. ئەمما سۆزلىگۈچىنى توغرا تاللىماپتۇ دەپ قاردىم. لىكسىيە دېگەندە سۆزلىگۈچى ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىپ مەلۇم بىر يېڭى ئىديەنى ئوتتۇرغا قويالىشى كېرەك. مەن ھەممىنى ئاڭلاپ چىقىپ قاتتىق ئۈمىدسىزلەندىم. شۇنچىلىك كۆپ ئىلىم سۆيەر كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى ئالغانغا چۇشلۇق تۇزۇك بىر نەرسە يوق، يەنى گەپ بار، مەزمۇن يوق. تاغدىن-باغدىن سۆزلەپتۇ.  بۇ لىكىسيە ئەمەس، قالايمىققان جۆيلۈش بولۇپتۇ. رىياسەتچى بولغان ئادەم ئالدى بىلەن ئانا تىلنى بۇزماي سۆزلىشى كېرەك. بۇ ئەپەندىم ئۆزىنى خۇددى يىتۈك ئالىمغا ئوخشاش تۇتۇپ، ناھايىتى چوڭ نەتىجە قازىنىپ كەتكەن كىشىدەك سۆزلەپ كىتىپتۇ.
تەكلىپ: تور ۋاستىلىرى سىنغا ئېلىپ بولۇپ بولسا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە كۆرسىتىپ باھاسىنى ئىلىپ ، ياخشى تەسىر بېرەلىگەدەك ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى يوللىسا دەيمەن. بۇنداق نارازىلىق كەيپىياتى كۈچلۈك، نېمە دېمەكچى بولغىنى ئۆزىگىمۇ ئېنىق بولمىغان مەزمۇنلارنى ئاغزىغا كەلگىنىچە سۆزلىسە، ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ. بىرنىڭ بالاسى ھەممىگە تىگىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار چەكلەپ قويمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.
شۇڭا، لىكسىيە دېگەننى قارلۇق شېركىتىدىكى قېرىنداشلاردەك ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى كېرەك. شۇلاردىن ئۆگىنىشى كېرەك.
مەن كۆپ ئىنكاس يېزىپ باقمىغاچقا تازا ئويلىغانلىرىمنى يازالمىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14954
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 02:32:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kapitan2 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-13 12:31 AM
ئىنكاسىڭىزدامىنىڭ نامىمنى تىلغا ئېلىپ قاپسىز،شۇڭا س ...

سىزدەكلەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ساناقلىقلا بۇرۇنمۇ شۇنداق بولغان ،ھازىرمۇ شۇنداق بۇلىۋاتىدۇ ،كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ . ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر زىيالىلىردىن تاتىپ ئاددىي دېھقانغىچە ئىسلامنىڭ بۇ مىللەتنىڭ ھايات -ماماتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغانلقىنى ،بۇ ئىتقادتىن مەھرۇم بولۇش ئۇيغۇرنىڭ يەريۈزىدىن يوقالغانلقىغا باراۋەرلىكىنى بەش قولدەك بىلىدۇ . مەن ئىنكاسىمدا دەپ ئۆتتۈم يەنەدىسەك يەنەشۇ : ئۈمىد ۋە ۋىجدانلىق زىيالىيلىرمىزنىڭ دىمەكچى بولغىنى ،مىللەتنىڭ زەبۇنلقى دەل ئىسلامنىڭ ئەسلى مەنىسىدىن چەتنىگەن بىدئەت ۋە خۇراپاتلارنىڭ بىزنى چىرمىۋالغانلىقى .ئاللا خالىسا تەقۋا مۇسۇلمانلىرمىز ، ئىلىملىك زىيالىيلىرىمىز بۇ نۇقتىدا بىرلىككە كەلدى ،ئەمدى ھەممىمىز بىرلىشىپ ھەل قىلىش چارىسىنى تاپساقلا ،ئۇيغۇرنىڭ ئىقبال يۇلتۇزى پەلەكتە چاقنايدۇ ، ئاللا مىڭ يىللادىن بىرى ئۆزىگە سېغىنىپ كەلگەن بۇ مىللەتنى ھەرگىز بۇنداق تاشلىۋەتمەيدۇ ،بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل !!
سزدەكلەرنىڭ -دەھرىيلەرنىڭ ياكى ئىتىقاد ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرنى تەرەققىي تاپقۇزۇش (ئەمىليەتتە نادانلىق ۋە مەھكۇملۇق  پاتىقىغا ئۈزۈل -كېسىل چۆكتۈرۋېتىش ) پىلانى ئەزەلدىن روياپقا چىقىپ باقمىغان .  سىزدەك ئاتالمىسا ئوقىدىن ،چىچالمىسا پوقىدىن كۆرىدىغان روھىي زەيىپلەر ئاغزىڭلاردا مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دەپ داۋراڭ سالغىنىڭلار بىلەن ،قىلۋاتقان ئەمىليىتىڭلار بولسا كرزىس ئىچىدە تۇرۋاتقان  بۇ مىللەتنى ئىتقاد بۆھرانىغا گىرىپتار قىلىپ ھالاكىتىنى تزلىتىدىغان كاتالىزاتۇر ئىكەنلىكىنى ئەقلى ھۇشى بارلار ئالىلىقاچان تونۇپ يەتتى .
دەپ بېقىڭە سىلەردە ئىمان بولمىسىمۇ ، تومۇرۇڭلاردىكى ئۇيغۇرنىڭ قېنى بوغاندىن كېيىن  
ئازراق بولسىمۇ مىللىي ۋىجدان يوقمۇ ؟
سىزگە خېلى دىققەت قىلدىم ، مەيلى ئازغۇن ئەقىدىدە بولۇڭ ياكى دەھرىي بولۇڭ ،بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىنلىكى. خاتالاشمىسام  سىزخېلى ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە ئادەم . پوپلار ياكى ئاللىكىملەر  تارقاتقان  پۇل ئۈچۈن قىلىۋاتقان قۇتراتقۇلۇق   بۇ مىللەتنى 300يىل بۇرۇنقى ئاپاق دەۋرىدىكىدەك ئاخىرى چىقماس نىزاغا يەنە گىرىپتار قىلدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمەيدىغان يەردە ئەمەسسز.
شۇڭا ئۆزىڭىزنى ئۇيغۇر دەپ سانىسڭىز سىز ئۆزىڭىز تاللىغان يولدا مېڭىۋرىڭ،لېكىن ئاشۇ سەپسەتىلىرڭىز بىلەن ئۆز قېرىنداشلىرڭىزنىڭ يولىغا ئورا كولىماڭ .  ئۆز مىللىتىڭىزنىڭ ئەمدى ئۆزلۈك ئېڭى ئويغىنىپ  قەدىمىنى  رۇسلاي دىگەندە يولىغا تىكەن تېرىماڭ !!!
شۇندىلا سىز گەرچە مۇسۇلمان بولالمىسڭزمۇ يەنىلا ئۇيغۇر بولالايسىز!
بۇمېنىڭ سىزگە قىلغان ئاخىرقى سۆزۈم .چۈنكى  سىز  بۇ مۇنبەردىكى مۇنازىرىلەردە باشتىن -ئاخرى  ماھىيەتلىك مەسلىلەردىن  ،تىلىڭز تۇتۇلىدىغان سۇئاللارىن قەستەن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ ، ئىسلام قالاقىلق دىگەن سەپسەتىڭىزدە يولسىزلارچە چىڭ تۇرۇپ كەلدىڭىز ،دىمەك سىزدە ھەقىقىي مۇنازىرلەشكۈدەك  سەمىمىيەت ، جۇرئەت ۋە ئەخلاق يوق !بۇندىن كېيىن سىزنىڭ ھەرقانداق تىما -ئىنكاس ، سۇئالىرڭىزغا قەتئىي ئىنكاس قايتۇرمايمەن .

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

سۇيۇش ئۈچۈن ساق قالسۇن يۈرەك.

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36033
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6387
تۆھپە نۇمۇرى: 104
توردا: 728 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 03:59:17 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
asma0996 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-8 07:54 PM
ياخشى ئىش بوپتۇ، مەن بۇرۇن بەك ھۆرمەتلەيتتىم بۇ رىيا ...

ھازىرچۇ  كۆپ چىكىت بىر شۇملۇقنى ئىپادىلىمىگىيتى ئىلاھىم

كەچۈرۋىتىش مۇمكىن بولمىسىمۇ ئەمما كەچۈرۈم سورىماي كىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس..........

سۇيۇش ئۈچۈن ساق قالسۇن يۈرەك.

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36033
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6387
تۆھپە نۇمۇرى: 104
توردا: 728 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 04:02:41 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولبارس يوللىغان ۋاقتى  2014-1-13 12:49 AM
ئەسسالامۇئەلەيكوم! ئالدى بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلا ...

ھەقىقەتەن ئىنكاس يازالمايدىكەنسىز

كەچۈرۋىتىش مۇمكىن بولمىسىمۇ ئەمما كەچۈرۈم سورىماي كىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 1251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 797 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 05:11:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا خالىسا بىر كۇنلەر كىلدۇ ،مۇسۇلمانلار ئوزىنى كۆرستىدىغان ،ھازىر بىز بىلىم ئىلىش بىلەن ئەمەس ،خوتۇن ئىلىش ئەرگە تىگىش بالا يىتىم قىلىش بىلەن ئاۋارە.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
555rikabatqi + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50682
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3411
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 660 سائەت
تىزىم: 2011-8-6
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 06:53:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
asrar729 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-9 12:24 AM
ئەتە يەنى 1–ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 14دە زۈلپى ...

مۇشۇ زۇلپىقار مۇئەللىم نىمىش قىلىۋاتقاندۇ؟بىرەر مەكتەپتە پىراففىسور بولمىغانمىدۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش