America يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 12:21 PM
بەزىدە ئىسلامنىڭ شۇ پەيغەمبىرىمىز بار دەۋىرلىرىنى شۇن ...
ئىماممۇ ئوخشاشلا ئىنسان،ئىنساننىڭ ھەربىر قىلغان ياخشى يامان ئەمەللىرنى بىلىپ تۇرغۇچى بۈيۈكلۈكتە تەڭداشسىز،مەرھەمىتى چەكسىز ،شۇنداقلا ئازابىمۇ تەڭداشسىز بولغان ،كۇللى كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھقا خاستۇر!
ئىنسانچىلىق دىگەن بۇگەپنى مەن بەك ئويلاندىم،ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن قېرىنداشلىرمىز ئىنسانچىلىق دىگەن بۇ ئۇقۇمنى زامانغا ماسلاشتۇرۋالدى،تىرىكچىلىك مانا بۇ سۆزمۇ ئىنسانچىلىق دىگەن سۆزگە ئوخشاشلا مىنى ئويغا سالغان سۆزنىڭ بىرسى،تىرىكچىلىكنىمۇ قېرىنداشلىرمىز شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئىدىيسىگە سىڭدۈرۋالدى.
ئىنسانچىلىق بىلەن تىرىكچىلىكتىن ئىبارەت بۇ ئىككى سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسى زادى نىمە؟
مىنىڭ ئويلىغنىم مۇنداق ،بەلكىم خاتا ئويلىغاندىمە ياكى توغرا ئويلىغاندىمە،گەرچە يۇقارقى ئىككى ھىكمەتلىك سۆزنىڭ مەنىسنى كىچىكىپ ھىس قىلغان بولساممۇ ھەقىقي مەنىسنى ھىس قىلالۇغىدەك ئەقىلنى بەرگەن ئاللاھقا مىڭلاپ شۈكرى...
مىنىڭچە ئىنسان ئۈزىنىڭ نەدىن كەلگەنلىگنى بىلمەي قاممايدۇ،بىر ئەقىل ئىگىسى ھەرگىزمۇ مەن مايمۇندىن ئۆزگەرگەن دىمەيدۇ ،نەدىن كەلگەنلىگنى بىلگەندىن كىيىن نىمىشقا كەلگەنلىگىنى ئويلاپ باقسا بولىدۇ،بۇنى ئويلاشقا جىق ۋاقىتمۇ كەتمەيدۇ.
ئاتا-ئانىسنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدىغان ئادەمنى نىمىدەپ ئاتايمىز؟ئاتا-ئانىسغا بويۇنتاۋلىق قىلغاننىچۇ؟ۋاپادار بىر پەرزەنىت ئاتا-ئانىسنىڭ رازلىقى ئۈچۈن نۆۋىتى كەلسە جېنىدىنمۇ ئىككىلەنمەي كىچەلەيدۇ،چۈنكى ئاتا-ئانا ھەربىرمىزنىڭ يۇرۇق دۇنياغا كىلىشمىزگە ۋاستىلىك سەۋەپچى،شۇنداقلا بىزنىڭ دۇنيالىقتىكى بىردىن بىر مىھرىبان كىشلىرمىز ،ھاياتلىقمىزدا ئاتا-ئانىمىز بىزنىڭ بەختىمىز ئۈچۈن كىملەرنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسمايدۇ،بالام دەپ نىمىلەردىن ۋاز كەچمەيدۇ،ئاتا-ئانا ھەرگىزمۇ بالام چوڭ بولسا مىنى باقىدۇ ،ياكى ھازىر مۇشۇنداق قىينىلىپ باقسام قېرغاندا مىنىڭ ھالىمدىن ئوبدان خەۋەر ئالىدۇ دەپ باقمايدۇ،ئەكىسچە بىزنىڭ بەختىمىزنى ئويلايدۇ،ياخشى يولدا مېڭىپ ،ياخشى كۈن كۆرسىكەن دەيدۇ.
ئىنسانچىلىق بەزەنلىرمىزنى يولدىن چىقىرۋىتىدۇ،ئاتا-ئانىلىرمىزنىڭ گىپىنى قايرىپ قۇيۇپ ئۈزىمىز بىلگەن سەنەمگە دەسسەيمىز،ئوينايمىز ،ياشايمىز،ئەمما ئۇلار بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغاندىچۇ،ۋاي ئانام ۋاي دادامنى بولىشىغا تولايمىز،ئۇلاردىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ قەدرى ئۈتۈلگەندە بۇنى دىمىسەممۇ نىم بولدىغنىمىز ھەممىزگە ئايان......
تىرىكچىلىكمۇ ئوخشاش ،تىرىكچىلىك ئۈچۈن ھەممىنى ئۇنتىيمىز،تىرىكچىلىك ۋۇجۇدىمىزدىكى مىھىر-مۇھەببەت ،ئادىمىيلىك،شۇنداقلا ئىنسانچىلىقنىڭ ھەقىقي مەنىسنىمۇ بۇرمىلاپ بىزنى شۇ ھالەتكە ئەكىلدۇ،ئىنسانچىلىق تىرىكچىلىكنىڭ مەنىسنى بۇرمىلسا،تىرىكچىلىك ئىنسانچىلىقنىڭ ھەقىقي مەنىسنى بۇرمىلايدۇ،كۈپىنچىلەر بۇنى بىلىدۇ،بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە قىلدىغىننى قىلىۋىردۇ،سەن نىمىشقا مۇشۇنداق قىلسە دىسڭىز،ئىككىلەنمەي ئىنسانچىلىق دەپ قۇيدۇ !
بىلمىگەنلەر ،كىيىن بىلگەن بولسىمۇ دۇنيانىڭ مىھرىدىن كىچەلمەي يەن بىلگىننى قىلىۋىردۇ ،ئاللاھنىڭ بارلىقنى بىلىشىدۇ ئىتراپ قىمايدۇ[نەئۇزىبىللا]
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئۇچۇق قىلىپ ،ئىنسانلارنى ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ،ماڭا قۇلچىلىق قىلش ئۈچۈن،ياراتتىم دىدى ،ئەمما بىز نىمىش قىلۋاتمىز دىگەندە ،بۇ مۇ ھەر بىرمىزنىڭ كۆڭلىگە ئايان ،ھە راس بىز ئىنسانچىلىق قىلۋاتىمىز،ياراتقۇچىغا ئەمەس ،دۇنياغا !
بىز تىرىكچلىك قىلۋاتىمىز ئاللاھ ئۈچۈن ئەمەس ،پۇل ئۈچۈن .بىزگە رىزىق بىرۋاتقان ئاللاھقا بىز بويۇنتاۋلىق قىلۋاتىمىز ،بىرەسى قەستەن چىشىمىزغا تەگسە ،بىر قېتىم بوپتۇ دەيمىز ئىككى قېتىممۇ يەنە بوپتۇ دەيمىز ،ئۈزىمىزنى ئەقىل ئىگىسى ھىساپلايدىغانلىىرمىز ئۈچۈنجى ،تۆتىنجى قېتىمغىمۇ بوپتۇ دەپ يول قۇيمىز ،ئەمما داۋاملىشىۋەسە مىنىڭچە ھېچقايسىمىز چىدىمايمىز ....
شۇنى ئويلاپ باقتۇقمۇ،بىز نىمىش قىلىۋاتىمىز،كىمگە ئاسىيلىق قىلدۇق،كىمگە بويۇنتاۋلىق قىلدۇق،كىمگە شىلتىڭ ئېتىۋاتىمىز،كىمنىڭ ئاچچىغنى كەلتۈرۋاتىمىز،بىزنىڭ قىلغانلىرمىزغا ئاللاھ بىزگە يەنە رىزىق بىر ۋاتىدۇ،ئاللاھ بىزگە يەنە پۇرسەت بىر ۋاتىدۇ،بىر كۈنى مۇشۇ بەندەم مىنى ھەقىقي تۇنىيدۇ دەپ ....
ئەمما شۇنى ئۇنتۇپ قاممايلى ،ئاخرلاشمايدىغان سورۇن يوق،ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندەك پادىشاھلاردىن،لوقمان ھەكىمدەك ئۆلىمالاردىن قالغان بۇ دۇنيا بىزلەردىنمۇ قالىدۇ،جان تەندە ئامانەت ئاللا ئامانىتنى ھەر ۋاقىت ئالىدۇ،ھېچكىمگە مەسلىھەت بەرمەيدۇ ،بۇ دۇنيادا كەچۈرگىسىز گۇناھ قىلغان ئادەم گۇنايىغا كىلدىغان جازادىن قورقۇپ ئۈلۋالسا قۇتۇلغان بولىدۇ،ئەمما بىزنى كۈتىۋاتقان يەنە بىر دۇنيادا ئۆلۈم دەيدىغان نەرسە يوق!!!
بىزنى كۈتىۋاتقان دۇنيادا پارە بەرگىلى بولمايدۇ،ھەممە ئادەم ئوخشاش تەڭلىشدىغان گەپ،بەلكىم مۇشۇ مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرەلىگۈدەك بولغان قېرىنداشلىرمىز ئىچىدە مىيىت،يەنى ئۆلگەن ئادەمنى يۇيۇپ تاراپ رەخكە يۆگەپ يەرلىگىدە قۇيدىغان قايدىنى بىلمەيدىغانلار يوققۇ دەيمەن،ئەگەر ئۇنداق قىمماي 100مو يەرنى كولاپ شۇ يەرگە لىق مال دۇنيا قۇيۇپ ئوتتۇرسىغا مىيىتنى قۇيۇپ قويغان ھالەتتىمۇ ئۆلگەن ئادەم ئۇنى خەشلىيەلمەيدۇ،چۈنكى ئۆلگەن ئادەم گەپ قىلاممايدۇ !
كۆپ سۆزلەپ قوۇغان بولسام ئەيىپكە بۇيرىماسسىز قېرىندىشىم ،ئاللاھ جىمىكى بەندىلەرگە ھىدايەت ئاتا قىلسۇن،تىمامنىڭ ئايغىدكى مۇنۇ سۆزنى يەنە تەكرارلاپ قۇياي،ئالدىراڭلا تەۋبىگە ئۈلۈپ كىتىشتىن ئىلگىرى،ئالدىراڭلا نامازغا ۋاقتى ئۈتىشتىن ئىلگىرى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yurkimzida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-11 12:33 AM