America يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 12:21 PM
بەزىدە ئىسلامنىڭ شۇ پەيغەمبىرىمىز بار دەۋىرلىرىنى شۇن ...
جانابى رەسۇلىمىزنىڭ زامانى ھەربىر تەقۋا مۇسۇلماننىڭ ئارزۇسىدىكى دۇنيا. لېكىن ئۇكام ،سىز بىرگەپنى خاتا قىپسىز.بۇنداق دىسىڭىز چۈشەنمىگەنلەرگەرەسۇلىمىزنى زالىمكەن دىگەن خاتا ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ قويىسز.
رەسۇلىمىز ۋە كېيىكى تۆت خەلىپە دەۋرىدە ،ئىسلامىيەتنى يەر يۈزىگە تارقىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن جىھاتلار بولغان ،چۈنكى ئۇچۈر تارقىتىش ۋە ئالەقە ناھايىتى قالاق بولغان شۇ زامانغا نىسبەتەن قىلچ بۇ دىننى تارقىتىدىغان ئەڭ ئاساسىي قورال ئىدى .بۇ جىھاتنىڭ نىشانى دىنغا زورلاش بولماستىن ،بەلكى ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلپ ،مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان مۇشرىكلارغا،ئاتەشپەرەسلەرگە،يەھۇدىيلارغا ۋە بىرقىسىم ناسارالارغا قارىتىلغانىدى . چۈنكى جھاد تاجاۋۇزچلىق ئۇرۇشى ئەمەس ، بەلكى دىننىڭ شان -شەرپىنى ،مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى دىنسىزلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن مۇداپىئە قلىش ئۈچۈندۇر.
لېكىن ئۇچاغلاردا قۇرئاندىكى «دىنغا زورلاش يوق »دىگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە ھىچقانداق بىر ئىنسان زورلانمىغان .خالىسا قوبۇل قىلغان ،خالىمىسا ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلماسلىق ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا مۇۋاپىق جىزيە-تۆلەم بېرىش ھىسابىغا (بەزى نامرات كاپىر ۋە مۇشرىكلاردىن بۇ تۆلەممۇ كەچۈرۈم قىلىنغان ) ئۆز دىنىدا قالغان . بۇنداقلار زىممىيلەر دەپ ئاتىلىپ مۇسۇلمانلار بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولغان ، بۇلارنىڭ ئىتقادى ۋە جىنى ،مال -مۈلۈك .ئابرويى ئىسلام ھاكىميتىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەن .دىمەك شۇ بۈيۈك دەۋردە ئىنسانىيەت تارىخىدا بۇرۇنمۇ بولۇپ باقمىغان ۋە شۇندىن كېيىن ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىنسان بارۋەرلىكىنىڭ كاپالىتى بولغان _جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى دەل بىزنىڭ رەسۇلىمىز ۋە ئۇنىڭ سۆيۈملۈك تۆت خەلىپىسى دەۋرىدە روياپقا چىققان .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-13 11:41 PM