|
توي قىلماي نىكاھسىز بىللە تۇرۇش ۋە بالىلىق بۇلۇش ھازىر ئەتىراپىمىزدا ساماندەك , قەدەمدە بىر ئۇچىرايدۇ , بۇ ئەھۋال ئۇ تېلۋۇزۇر يوق ۋاقىتتىمۇ مەۋجۇت ئىدى , شۇڭا بۇنى تېلېۋۇزۇرغا ئارتىپ قويساق بولمايدۇ , بۇنىڭدا شۇ ئادەمنىڭ ئەخلاقى ۋە ئائىلە تەربىيسى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇردۇ, , تېلۋۇزۇر كۈرۈپ جاھان يېڭلىقلىردىن خەۋەردار بولغان ياخشى, ئۇنداق تېتىقسىز تېلۋىزيە تىياتىرنى كۈرۈش كۆرمەسلىك ۋە ئۇنىڭدىكى ئىدىيىنى قۇبۇل قىلىش قىلماسلىق ئۆزىمىزگە باغلىق , يەنە بىرسى جامائەت پىكرى ۋە بىزدىكى كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقىمىزدىن چەتنىشىمۇ مۇھىم ئامىلدۇر, ھازىر بەزىلەر قوشنا ئۆيدە تويسىز بىللە تۇرۇۋاتقانلارنى كۆرسە ئەيىپلىمەي , ئەتىراپىدىكى شۇنداق كىشىلەرنى كۆرسە ئەيىپلىمىگەنلىكتىن بەلكى توغرا چۈشەنگەنلىكتىن ئۇنداقلار ئەتراپىمىزدا كۈنسىرى ئاۋۇۋاتىدۇ,ھەممە ئىشنىڭ ياخشى ۋە يامان تەرىپى بۇلىدۇ, تېلۋۇزۇرنىڭ بىزگە كەلتۈرىۋاتقان پايدىسىنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ,شۇڭا ھەممىنى تېلېۋۇزۇرغا ۋە قانداقتۇرئۇنىڭدىكى تېلۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ۋە قويغۇچى خادىملارغا ئارتىپ قۇيۇش ئاقىلانىلىك ئەمەس, ئەلۋەتتە ئۇ فىلىملەرنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇش قانۇنىيتىمىزگە ,ئەخلاق كۆز قارشمىزغا ماس كەلمەيدىغان يەرلىرى ناھايتى كۆپ, شەخسەن مەنمۇ ياقتۇرمايمەن, ھەم ئەزەلدىن كۆرمەيمەن, شۇنداق فىلىملەرنى باشلىسىلا خەنزۇچە قاناللاردىن ياخشىراق نەرسە تېپىپ شۇنى كۆرىمەن,ئەمدى گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك ھەممە گەپ ئۆزىمىزدە, , قايسىنى قۇبۇل قىلىپ قايسىنى شاللاش ئۆزىمىزدە, ھازىر تۇرمۇشتا نىمنىڭ خاتا نىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى پەرىق ئىتەلمەي نىشانىنى يوقىتىپ قويغان قايمۇقۇپ قالغان ياشلارنىڭ بۇ ئىشلارنىئۇيالمايلا قىلىشى تۇرغانلا گەپ, بۇ نىڭغا ئادەمدە ئونۋىرسال ساپ ۋە ئىتىقاد بۇلۇشى كېرەك ,
|
|