alafasy يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 07:52 PM
قۇرئاندا مۇشۇنداق قىلىڭلار دەپتىمۇ؟ھەدىستە دەپتىمۇ؟س ...
قاراڭ ،بەلكىم سىز بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس . ھەممە ئىشقا نەق ئايەت ۋە ھەدىس كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. قۇرئان ھۆكمى زاماننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگەرمەسلكى ھەقىقەت . لىكىن زاماننىڭ ئۆزگىرىشىگە بېقىپ مەيدانغا كەلگەن بەزى ھادىسلەرگە مۇجتەھىد ئالىملار ئىجتىھات قىلىپ،ئىجماھ ۋە قىياسقا تايىنىپ پەتىۋا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئىسلامنىڭ ھۆكمىگە زىت بولمىغان ئىشنى ئاساسسىزلا بىدئەت دەپ كېسىۋەتمەسلىك كېرەك .
«ئەمەلنىڭ قوبۇل بولىشى نىيەتكە باغلىق » ،سىز ئېيىتقاندەك پەيغەمبىرمىز ۋاپاتىدىن كېيىكى ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارنىڭ پەيغەمبىرمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە (مەۋلۇت كۈنى) چوڭ پائالىيەت ئېلىپ بارماسلىقىدا بەلكىم شۇزامانلاردا كىشلەرنىڭ ئاللا ۋە ئاللانىڭ رەسۇلىغا بولغان تونۇشى ۋە مۇھەببىتى چوڭقۇر بولغاچقا ،ئۇنداق قىلىپ يۈرشنى ھاجاتسىز دەپ قارىغانلىقىدا بولۇشى مۇمكىن .
لېكىن ھازرچۇ ؟ رەسۇلىمىزنىڭ ھاياتى ،تەرجىمھالى ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاپات بولغان ۋاقتىنى بىلىدىغانلار قانچىلىك ،بىلمەيدىغانلارچۇ ؟ دىمەك ھازرقى مۇسۇلمانلارنىڭ رەسۇلىمىزغا بولغان تونۇشى ۋە مۇھەببىتى سىز دىگەن دەۋرگە يەتمەيدىغنى ئېنىق ....
شۇڭا مالايسىيادەك ئىسلام مەملىكىتدىكى مۇجتەھىد ئالىملار ،دۆلەت رەھبەرلىرى مۇشۇ نۇقتىنى چىقىش قىلپ ، مۇسۇلمانلارنىڭ رەسۇلىمىزنىڭ ھاياتى ۋە تەرجىمھالىىغا بولغان تونۇشىنى ،مۇھەببتىنى ئۆستۈرۈش يىغىنچاقلىغاندا ئىماننى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش،ئىسلامنىڭ تەسىركۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە بۇ تەبرىكلەش پائاليتىنى قىلغان دەپ چۈشەنسەك بولماسمۇ ؟
بۇلار يا بۇپائالىيەتتە تەبرىكلىدۇق دەپ ئولتۇرۇش قىلماپتۇ ، سەنئەت كېچىلكى ئۆتكۈزمەپتۇ . پەقەت ۋەز-تەبلىغ ،ئىسلامىي نۇتۇق ۋە قىرائەت قىىپتۇ. يا ئۇلار پەيغەمبىرمىزنى ئىلاھلاشتۇرۇرپ قويماپتۇ بىز چۆچۈپ كەتكۈدەك ...
بۇنداق سۇرۇنغا قاتناشقان كشىدە تەبىئىيلا «سۆھبەت تەسر قىلىدۇ »دىگەن ھەدىستە دىيلىگەندەك ئىماندا كۈچلىنىش ، قەلبىدە ئاللا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا مۇھەببەت جۇش ئۇرۇشى ئېنىقلا ئىش .
مۇشۇ نۇقتىلادىن مۇلاھىزە قىلساقمۇ ، بۇلارنىڭ قىلغىنى ھەرگىز بىدئەتكە ياتمايدۇ .چۈنكى ئىسلامنىڭ راۋاجىغا پايدىسى بولغان ئىش بىدئەت ئەمەس.
بىزلەر بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيتىگە ئىگە ئەمەسمىز. بولمىسا نۇرغۇن كىشلىرمىز شۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئىمانى كۈچىيپ قالاتتى . مۇھىمى ئېزىپ باشقا باتىل ئەقىدىلەرگە ئەگىشىپ قىلۋاتقان ياشلىرىمىز پەيغەمبىرمزنىڭ ھاياتى بىلەن چوڭقۇر تونۇشۇش ئىمكانىيتىگە ئېرىشىپ ،ھىدايەت تېپىشى مۇمكىن ئىدى .
شۇڭا بۇرادەر ، دىن بارىسدا بەك قاتتىقلىق ،قاتماللىق كىشىنى بارغانسىرى ئۆزى ياسىۋالغان زىندانغا بەنىت قىلىپ قويىدۇ . ئىسلامغا ئىتىلىۋاتقان نۇرغۇن قەلىبلەرنى زېرىكتۈرۈپ ،بەزدۈرۈپ قويىدۇ.
شۇڭا دىن بارىسدا رەسۇلىمىز ئېيىتقاندەك :« ئۇتتۇرا ھال يول تۇتقان ئەڭ ئەۋزەلدۇر ».
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-15 11:45 PM