|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم, يۇقۇرىدىكى توربەتلەردىكى پەتىۋالارنى كۆردۈڭلار ھەقاچان. لېكىن بەزىلەر تازا چۈشۈنەلمەي قالغاندەك قىلىدۇ. ئەمدى مېنىڭمۇ چۈشەنگىنىمنى سۆزلىگۈم كېلىپ قالدى.
مەۋلۇت ئبارىسى خەلقىمىزدە رەسۇلىللاغا دۇرۇت يوللاش, رەسۇلىللاھنىڭ ئش - ئزلىرىنى بايان قىلىش مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. بۇ ئككى ئشنىڭ ھەر ئككىلىسى ئەسلىدە ناھايتى پەزىلەتلىك ئەمەل بولۇپ, تالاش-تارتىش قىلىشقۇدەك مەسىلىمۇ ئەمەس ئدى. ھەركۈنى بەش ۋاق نامىزىمىزدا تەشەھھۇدتا سەللى- بارەك ئوقۇيمىز, ۋاقتىمىز كەڭرەك بولسا نامازدىن كېيىنمۇ دۇرۇت-سالام يوللايمىز, باشقا دۇئالاردىمۇ ياد ئېتىمىز. رەسۇلىللاھنىڭ نامىغا سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسسەللەم دەيمىز, ساھابىلەرگە رازىيەللاھۇ ئەنھۇ, سالىھلارغا رەھىمەھۇللاھ دەيمىز... ئشقىلىپ مۇسۇلماننىڭ بىرەر كۈنىمۇ دۇرۇت- سالامسىز ئۆتمەيدۇ. ئەمدى رەسۇلىللاھنىڭ تارىخىغا كەلسەك, ئلىم نۇقتىسىدىن ئۇنى ئۈگىنىش پەرىز, ئۈممەت نۇقتىسىدىن ئۇنى بىلىش ۋاجىپ. مانا مۇشۇ ئەمەللەرنىڭ ئاممىۋى ھالىتى تىلىمىزدا مەۋلۈت دىيىلىپ كەلگەن. ھەرگىز تۈغۈلغان كۈنىنى تەبرىكلەش مەنىسىدە قوبۇل قىلىنغان ئەمەس. ئەگەر بۇنداق پائالىيەتنى مۇشۇ ھالدا مەيلى ئائىلىدە, مەيلى مەسجىتتە ۋە ياكى باشقا سورۇنلاردا, توي-تۆكۈن, ئۇلۇم-يىتىم, مېھماندارچىلىق ۋە باشقا يىغىلىشلاردا راۋاجلاندۇرالىغان بولساق بەك كاتتا ئش بولغان بولاتتى. ئەپسۈس...
ئەمدى مۇشۇنداق ئېسىل ئەمەللەرنى رامىزان, روزا ۋە قۇربان ھېيتقا ئوخشاش يىلنىڭ مەلۇم كۈنلىرىگە تەيىن قىلىۋېلىش (شابان, بارائەت, تۇنەك دىگەندەك كۈنلەرگە), ھىجرىيە ياكى مىلادىيە ياكى قەمەرىيە دىگەندەك يىلنامىلەر بويىچە رەسۇلىللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە قەستەن توغرىلاپ بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش چوڭ بىدئەت. گەرچە قۇرئان ئوقۇلۇپ, خۇتبىلەر سۆزلەنسىمۇ ئوخشاش (ھەزرىتى ئۆمەر رازىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدىكى ئەبەسە ۋەقەسىنى ئەسكە ئېلىڭ).
ئەگەر بۇ پائالىيەت ئەر- ئاياللار ئارىلاشقان ھالەتتە بولسا ياكى رەسۇلىللاھ بەندىلىك سۈپىتىدىن ئاشۈرۈپ سۈپەتلەنسە ۋە ياكى ئۇسۇل- كۈزىكا قوشۇلسا ھارام بىدئەت. مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ پائلىيىتىدەك بولسا دىنغا قىلىنغان ھاقارەت بولىدۇ.
ئەمدى ئسلام دۆلەتلىرىدىكى مەۋلۈتنىڭ ئپادىلەيدىغان ئۇقۇمى, ھالىتى ۋە تەيىن قىلىنىشى بۇ پائالىيەتنىڭ خارەكتىرىنى بەلگىلەيدۇ.
مانا بۇ مېنىڭ ئايەت-ھەدىستىن ھەم مۇجتەھىتلەرنىڭ پەتىۋالىرىدىن ئالغان شەخسى چۈشەنچەم. ھەرگىز پەتىۋا ئەمەس. بۇ مۇنازىرە سورۇنى بولغاچقا ئويلىغانلىرىمنى يوللاپ قويدۇم خالاس. خاتا كەتكەن بولسام پىكىر بېرەرسىلەر.
ئەمدى بەزى قېرىنداشلارنىڭ ئسلام ئەللىرى بىلمەمدۇ دىگەن مەنتىقىسىز سۆزلىرىگە قارىتا شۇنى دىگۈم كېلىدۇكى: ئۇ دولەتلەرنىڭ ئشلىرىرىنى كۆنتىرول قىلىۋاتقىنى ھەرگىز دىن ئەمەس, بەلكى ئۈستىقۇرۇلما... رەسۇلىللاھنى شۇنچە ياخشى كۆرىدۇ يۇ; - رەسۇلىللاھنىڭ شەرىئتى يۈرگۈزۇلمەيدۇ ياكى تولۇق يۇرگۈزۇلمەيدۇ? يەنە ئۇلارنىڭ قىلغىنى مۇتلەق توغرا دەمسىز?
مۇسۇلمان مىللەتلەر شۇنچە كۆپ ئكەنۇ بىزدەك بىرلا دىن, بىرلا مەزھەپ, بىرلا تىلدىكىسىدىن يەنە بىرسى يوق ئكەن, ئاللاھقا شۈكۈر. ئاللاھ بەرگەن نىئمەتنى قەدىرلەيلى دوسلۇرۇم. كىچىككىنە ئشلار ئۈچۈن بىر- بىرىمىزگە ئازار بەرمەيلى. زىددىيەتلەشمەيلى. يامان نىيەتلەرنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىمايلى. بەزىلىرىمىز كۆپرەك بىلىۋالدۇق, بەزىلىرىمىز تېخى يېتەرسىز. بەزىلىرىمىز دىننى بىلىم ئالدۇق, بەزىلىرىمىز پەن-تېخنىكا ئكەللىدۇق. بەزىمىز دوكتۇر, بەزىمىز ساۋاتسىز. بەزىمىز ئەمەل قىلىۋاتىمىز, بەزىمىزنىڭ نىيىتىمىز بولسىمۇ بار...ئەمما بۇ ئشلارنىڭ ھىچقايسىسى بىزنىڭ جىدەللىشىشىمىزگ ئەرزىمەيدۇ قېرىنداشلىرىم. ئسلام ئەللىرى بىزنى تونىمايدۇ. قازاق, قىرغىز, تاجىك, ئۆزبەك قېرىنداشلار بىزنى دۈشمەن بىلىپ تورلىرىدا توختىماي تىللاۋاتىدۇ. دۆلەتلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشنىڭ كويىدا. دىنىمىز, تىلىمىز, كىيىمىمىز, مائارىپىمىز, ھەممە نەرسىمىز خەۋىپتە تۇرۇۋاتسىمۇ ئۇششاق- چۈششەك ئشلارنى تالىشىپ سوقۇشۇش بىلەن ئاۋارە. بۇ قىسمەتلەرنىڭ كەينىدە قانداق ئشلارنىڭ بارلىغى بىر ئاللاغا ئايان. بىزنىڭ ئاللاھتىن بۆلەك تايانچىمىز يوق. ئۆزىمىزدىن بولەك غەمگۈزارىمىزيوق. بىر- بىرىمىزگە ئازار بەرمەيلى. بىر بىرىمىزگە ھەقىقى كۆيۈنەيلى. بىزنى بىردىن, بىر مەزھەپ, بىر تىلدا قىلغان ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن!
ئارىمىزغا تەپرىقىچىلىق سېلىۋاتقان ۋە سالماقچى بولۈۋاتقان مىللەتداشلارغا شۇنى دىگۈم كېلىدۇ; - ئەي تىلداشلىرىم, بۇ زەبۇن خەلىقنى ئۆز ھالىغا قويۇڭلار, ھەرخىل ئازغۇن مەزھەپلەرنى, ھەر خىل باتىل دىنلارنى, ھەرخىل ئېقىم-ئددىيەلەرنى كۆتۇرۇپ كېلىپ بىزنى تەپرىقە بالاسىغا گىرىپتار قىلىشقا ئۇرۇنماڭلار! سىلەرسىزمۇ غەرىپنىڭ چىشى بىزگە بىلەكلىك, مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ يولىدىن تايغان ھۆكۈمرانلىرىنىڭ بىزگە قاراشقا چولىسى يوق, قېرىنداش مىللەتلەر بىزنى جايلاشنىڭ كۆيىدا, دوست مىللەتلەرنىڭ تىلى بىلەن دىلى باشقا, كۆرىۋاتقىنىمىز ھاقارەت ...لېكىن بۇ قەۋىم نۇرغۇن سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ پىشقان قەۋىمبىز, ئورنىمىزدا باشقا قەۋىم بولغىنىدا ئېھتىمال باشقىچە بىر ھالدا بولار ئدى... خالىساڭلار تەۋبە قىلىڭلار, خالىساڭلار خوجايىنىڭلار بەرگەن كىچىككىنە مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزەڭلار تەۋە بولغان مىللەتكە ئچىدىن تىغ ئۇرۇڭلار! ئاللاھ نىمە دىگەن كاتتا ھىمايىچى!
قېرىنداشلىرىم, ئۆزىمىزنى قەدىرلەيلى!
|
|