bora--bay يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 01:09 PM
ھەي قېرىنداشلار ئۇچۇرنى كوردۇم دەپلا ئۇيلىمايلا يازم ...
توغرا دەيسىز ! ئەگەر ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ئىسلامدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنىڭ زەررىسى بولغان بولسا مەسچىت ، مەكتەپنى پارتىلىتىش تۈگۈل ، شۇنداق قىلغانلارغىمۇ نەپرەت نەزىرى بىلەن باقاتتى . شۇڭا كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ئۇنداقلار تاشقى قىياپىتى جەھەتتە مۇسۇلمانچە قىياپەتتە ، ئەمما ئىچكى دۇنياسى ئىسلامغا دۈشمەن بولغان بىر قەلىب . ياكى سىز ئېيتقاندەك مۇسۇلمان بولسىمۇ دۈشمەن قولىدا دۈشمەننىڭ قەست ، ھىيلىسى بىلەن ئاللىقانداق ئوكۇللاردىن زەھەرلىنىپ ئۆز ئەقىل ۋە ئىرادىسى يوقىلىپ ، خۇدىنى بىلمەس بولۇپ قالغانلار ! يا بولمىسا ئىتىقاد ، مىللەت تەۋەلىكى يوق ، پۇل ئۈچۈن ھەممىنى قىلىدىغان ، ۋاستە تاللىمايدىغان قارانىيەت ، ھەقىقىي تىرورچى قالپىقىغا لايىق تىرورچىلار ! چۈنكى ھەقىقەتنى چۈشىندىغان بىر مۇسۇلمان ھەرگىز بۇنداق ئىشلارنى قىلمايدۇ !
ئەپسۇسكى ، تولىمۇ ئەپسۇسكى دۈشمەن كۈچلەر تەشۋىقات ئارقىلىق ، ئاشۇلارنى مۇسۇلمان كۆرسىتىپ ، مۇسۇلمان دېگەن مانا مۇشۇنداق دېسە ، بىز كەبى يۇرت تېشىغا تۈزۈك چىقىپ باقمىغان ، تەشۋىقاتنى پۈتۈنلەي راست دەپ ئويلايدىغان ساددا مۇسۇلمانلار ئوتتۇرا شەرىقتىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى قارىقويۇق غايىبانىسىگە تىللاپ ساراڭدىن ساراڭغا چىقىرىپ غەيۋەت بىلەن ئولتۇرماقىتىمىز ! سىزنىڭ مۇشۇنداق ئويغا كېلىشىڭىزدىن تالايلىغان كاپىرلارنىڭ شادلىنىپ كۈلىدىغىننى بەلكىم ئويلاپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن ! ئۇنۇتماڭ ، رادىئو ، گېزىت ، ژۇرنال ، مەتبۇئات... قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرى ھەقىقەتتىن كۆپرەك ، ھاكىميەتچى سىنىپنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدۇ ! ھازىر دۇنيادا ھاكىميەتچى كىم ؟ ! ئاجىزلارنىڭ تارىخىنى كۈچلۈكلەرنىڭ يازىدىغىنىنى ئويلايلى !
بىر شېئىر يادىمغا كېلىۋاتىدۇ ، ئۈچ كۇبلىتىنى مىسالغا ئالاي :
چىن ئالىمنى رادىكال ئۇنسۇر ئاتاپ يەكلەشتىڭ ،
ئېشەكلەرگە تون يېپىپ ، ئىمام قىلىپ تىكلەشتىڭ ،
ئاندىن سوئال قويۇشۇپ ، يازما يوللاپ ئەپلەشتىڭ ؟
سېسىتىشقا ئىسلامنى نەچچە پۇلغا گەپلەشتىڭ ؟
ھەقىقەتنى بېسىشقا ئامال باركەن مۇنداقمۇ !
كىتاب ، گېزىت مائارىپ ، ژۇرنال سېنىڭ قولۇڭدا ،
دىنىمىزغا ئۆچ بولدۇق تەربىيلىنىپ بۇنىڭدا ،
كىملەر ئىدۇق كىم بولدۇق ؟باشلاپ ماڭغان يولۇڭدا ؟
سەلتەنەتلىك زامانىم قالدى چەتتە بۇلۇڭدا ،
كاللا يۇيۇپ ئۆزگەرتىش سەنلەر قۇرغان قىلتاقمۇ ؟
سەن ئۆگەتكەن تەلىمات ئىبلىسقا بەك ئوخشايدۇ ،
قىزلىرىڭدىن دىن ئەمەس ھەربىر ۋىجدان قاقشايدۇ ،
پەقەت جىنسى سۆيگۈدىن كۆڭۈل ئىزلەپ ياشنايدۇ ،
ھالال قانۇن سەنلەرنى قاچان بوغۇپ تاشلايدۇ ؟
چاتاق چىقسا ھامىلە ، تاشلايدىغان قاسراقمۇ ؟!