yaro يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 04:16 PM
تىرورچىلارنىڭ ئاقلىغۇچى ئادوكاتلىرى، يازغغان شىيىرى ...
نەئۇزىبىللاھ ! گېپىمنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەپسەن ، مەن دېمەكچى ھەقىقى مۇسۇلمانلار تىرورچى بولمايدۇ . بىر مەكتەپنى پارتىلىتىشقا ، مەكتەپتىكى نارەسىدىلەرنى پارتىلىتىشقا ئۇرۇنغانلارنى مۇسۇلمان سانىمايمىز ! دىنىمىزدىمۇ بىر ئادەمنى ناھەق ئۆلتۈرۈش پۈتكۈل ئىنساننى ئۆلتۈرگەنگە باراۋەر ، بىر بىگۇناھ ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇش پۈتكۈل ئىنساننى قۇتۇلدۇرغانغا باراۋەر دەپ ! ئاشۇ 15 ياشلىق قېرىندىشىمىزغا ئاللاھنىڭ چەكسىز رەھمىتى بولسۇن ، ئۇ ھاياتى بەدىلىگە كۆپلىگەن بىگۇناھلارنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قاپتۇ .
مەيدىسىنىڭ ئەركەك تۈكى بار مۇسۇلمان ، قەلبىدە ئىمان يىلتىز تارىتقان مۇسۇلمان ئۇنداق ئىشلارنى زىنھار قىلىشنى خالىمايدۇ ! پەقەت1. مۇسۇلمانچە قىياپەتتىكى دۈشمەنلەر 2.ئىمان ئىسلامنى خاتا چۈشىنىدىغان نائەھلى بىدىئەتچىلەر3. دۈشمەننىڭ قەستى بىلەن ئەقلى ۋە ئىختىيارى كونتىروللۇقىنى يوقاتقانلار ،4.پۇل ئۈچۈن ھەممىنى قىلىدىغان ئىتىقادسىزلار ؛
مېنىڭ دېگىنىم ئۇنداق ئەشەددى قىلمىشلارنى قىلغانلارنى چورتلا ئوتتۇرا شەرىقتىكى مۇسۇلمانلار دەپ قاراپ ئوتتۇرا شەرىقتىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا خاتا چۈشەنچىدە بولمايلى ، بىر ئىشنى تولۇق تەھقىقلىماي تۇرۇپ ئىشەنمەيلى دېدىم بىلدىڭمۇ ! ئۇ تىرورچىنىڭ ئاقلىغۇچى ئادوكاتى دېگەن ئاتاققا قالغۇدەك مەن ھەرگىز ئۇ تىرورچىنى ماختىمىدىم ، ياكى قىلغانلىرىنى يوللۇق دېمىدىم ، ۋە ياكى ھېسداشلىق قىلمىدىم بىلىپ قال ! ئەگەر مەن شۇ يەرلىك قانۇن بىجىرگۈچى بولساممۇ ئۇ ناۋادا قولۇمغا تىرىك چۈشۈپ قالغان بولسا ھېچبىر سالا سۈلھىسىز ئېتىشقا بۇيرۇق بېرەتتىم !
كاللاڭ جايىدا بولسا ئەمدىغۇ دېگەن گېپىمنىڭ تېگىگە يەتكەنسەن ؟