مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: izdangvchi

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەنۇبى مەكتەپ رايونى رادىئو ئۇزېلىغا ئوچۇق خ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101626
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2014-1-1
ئاخىرقى: 2014-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 11:23:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلكىم سىز دېگەندەك ئىشلار بولىشى مۇمكىن ، مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرىستىتىنىڭ رادىئو ئۇزىلىدا ئىشلىگەن . سىلەرنىڭ مەكتەپنىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش رايۇنىنىڭ ساۋاقداشلىرى بىلەن بىز كۆرۈشكەن ، ئەينى ۋاقىتتا (2010-يىلى) سىلەرنىڭ مەكتەپنىڭ رادىئو ئۇزېلى باشقا ئالىي مەكتەپ رادىئو تارقىتىش ئورۇنلىرىغا ئۈلگە بولغۇدەك دەرىجىدە ياخشى ئىدى ، ھازىرقى يازمىڭىزنى كۆرۈپ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ . ئەمدى يازمىغا كەلسەك گەپنى بەك ئۆتكۈر يېزىپسىز ، بۇنداق زەھەرخەندە دېيىشنىڭ ئورنى يوق ،چۈنكى بىز ئىشلىگەن ۋاقىتتىمۇ بىرەرسى بىزگە مائاش بەرمىگەن ، مەيلى ياخشى بولسۇن ،ياكى يامان بولسۇن ئانا تىلىمىز مەكتەپ قورۇسى ئىچىدە ياڭراپ تۇرسۇن دەپ ئۆزۋاقتىمىزنى چىقىرىپ بۇلارغا قاتناشقان ،ھەم سەرپ قىلغان . بۇلارنىڭ بىرەرىڭلاردا قەرزى يوق ،شۇڭا بۇنداق سوغۇق سۆزلىسىڭىز بولمايدۇ. ئۇلار ياخشى قىلالمىغان بولسا خاتالىقنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ ،ئۇلار تۈزەتسە بولىدۇ . رادىئو ئۇزېلى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ(يېزا-ئېگىلىك ئۇنۋېرىستىتىنىڭ ) ،دېكتورلار گۇرۇپپىسى بىلەن مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى ، خەۋەرلەرنىڭ ۋاقتىدا يېڭىلانماسلىقى مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ يىتىشمەسلىكى ياكى مەسئۇلىيەتسىزلىكى (خاتالىقى ئەمەس) ، دېكتورلا گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشى ئەمەس . ئەمدى يەرلىك شىۋە ئارلاشقان ئىشقا كەلسەك،ئادەتتە يېڭى كەلگەن دېكتورلار بىر يىلغىچە سىناق ، مەشىق قىلىدۇ ، رادىئودا ئاڭلىتىلمايدۇ ،بەلكىم سىلەرنىڭ مەكتەپ بۇئىشقا دىققەت قىلمىغان ياكى تۈزۈلمىدە بېكىتىلمىگەن بولۇشى مۇمكىن.
  ئەمدى ئۆز يۇرتلىقىنى قوبۇل قىلىش دەپسىز ، بەلكىم شۇخىل ئىشلارمۇ بولغان بولۇشۇ مۇمكىن ،لېكىن ئۆز يۇرتلىقىنى ئەكىرۋالسا ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى يوق ،بەلكى ئەكىسچە ئۆز ۋاقتىنى قۇربان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بەلكىم سىز دېگەن ئاۋازى ياخشىلار ئېمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بولىشى مۇمكىن ،بولسىغۇ سىز دىگەن ئۆلچەم بويىچە ئادەم قوبۇل قىلغان بولسا ياخشى بولىتى ، مەركىزى رادىئو ئىستانسىسىدىنمۇ ئېشىپ كىتەتتىڭلار.
سىز دېگەن ئاساسلىق مەسلىلەر مۇشۇ ئىكەن ، بۇنى بۇ يەردە بۇنچىۋالا كۆپتۈرۈپ ،ئۇلارنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپ سۆزلەپ كېتىشىڭىزنىڭ ئورنى يوق ، رادىئو ئۇزىلىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز ياكى پونكىت باشلىقى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ . ئەگەر بولمىسا باش ئوقوتۇش رايۇنىنىڭ مەمۇرىي بىناسىغا كىرىپ رادىئو ئۇزېلى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ .
ئەينى ۋاقىتتا «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى رادىئو ئۇزېلى» بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز ئىدى ، سىز دېگەندەك ناچارلاشقان بولسىمۇ پەقەت ۋاقتىنچە ئىشلا خالاس~
  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى رادېئو ئۇزېلىدا ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ساۋاقداشلارنىڭ ئىشىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ، سىلەرنىڭ باشقىلار ئوينىغان ، ئۆگىنىش قىلغان ، ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولغان ۋاقىتتا قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش ئېلىپ بارغىنىڭلار بىكار كەتمەيدۇ ، غەيرەت قىلىڭلار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101286
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 768
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2013-12-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 11:44:48 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmansaykin يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 10:15 PM
بىزنىڭ مەركىزى مەكتەپ رايۇنىنىڭ رادىيوسى خېلى بوپ قۇي ...

قايسى مەكتەپ ئۇ

رۇجەكتىن يىراقلارغا قارا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14192
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 543 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 12:03:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ ئاچچىق دىگەن 180 گە چىقىپتۇ ھە ،
قىنى بۇنى تەكشۈردىغان ئورۇن ،تەشكىلىي ئاپارات،
بولسا  مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستانسىسىدىكى بىر ئىككى نەپەر دىكتۇرلارنى ئەكەپ دەرىس ئۆتشكە تەكلىپ قىلسسا بولاكەنتۇق،

تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83171
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3446
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2012-7-29
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 12:34:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي بۇ نىمىدىگەن خەنجەردەك گەپلەر ......

ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭ ھامان سىنى ئىزدەپ كىلىدۇ.

ئېرپان

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20801
يازما سانى: 1052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9776
تۆھپە نۇمۇرى: 702
توردا: 6322 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2014-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 06:43:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىجىرىم ........

ئۆز  ئېلىڭىڭ نېنىنى يە . كىچە كۈندۈز غېمىنى يە.

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 01:12:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sadakat7224 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 11:44 PM
قايسى مەكتەپ ئۇ

شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى مەركىزى مەكتەپ رايۇنى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101273
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 190
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2013-12-24
ئاخىرقى: 2014-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 03:14:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmansaykin يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 10:15 PM
بىزنىڭ مەركىزى مەكتەپ رايۇنىنىڭ رادىيوسى خېلى بوپ قۇي ...

پەرىزات ئەنۋەرنىڭ ئاۋازىغا مەنمۇ كۆيىمەن...ئاۋازىلا ئەمەس ئۆزىمۇ ئاپىسىدەك شۇنداق چىرايلىق ھەم سالاپەتلىك...كۆز تەگىسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61687
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5378
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 691 سائەت
تىزىم: 2011-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 02:57:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدى بىلەن سىزنىڭ نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئارىسىدىن قىممەتلىك ۋاقىتىڭىزنى ئاجرىتىپ مەكتەپ رادىيۇ ئۇزېلىنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت.
سىز تېمىڭىزدا مەكتەپ رادىيو ئۇزېلىنىڭ سۈپەتسزلىكى ، مەزمۇنلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ۋۇجۇدىڭىزدىكى ئاچچىق بىلەن تەڭ يۇغۇرۇپ قاباھەتلىك سۆزلەر ئارقىلىق تورئەھلى بىلەن يۈزكۆرۈشتۈرۈپسىز. گەرچە مەن ئۆتكەن يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغان بولساممۇ ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىسىتى جەنۇبىي مەكتەپ رايونى مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ 2009-2013 يىلىغىچە بولغان تۆت يىللىق ئەزاسى ، 2012-2013 يىللىق يېتەكچىلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزگە جاۋاب قىلاي.
1.مەزمۇنلار توغرىسىدا: بىلىشىڭىز كېرەككى مەكتەپتىكى مۇشۇ 75 مىنۇتلىق ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش ۋاقتى 2009-يىلدىكى ۋەقە سەۋەبلىك پۈتۈنلەي توختىتىۋىتىلگەن، بىز تالاي تىرىشچانلىق  بەدىلىگە بۇ ۋاقىتنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق.ئەمما مەزمۇنلار پۈتۈنلەي تاللاشتىن ئۆتىدۇ، يۇقىرىدىن قىلغان ئۆلچەم مەكتەپ گېزىتىدىكى خەۋەرلەرنى يەنى ئورگان تەرەپ تەستىقىدىن ئۆتكەن مەزمۇنلارنى ئاڭلىتىشنى شەرت قىلغان . ئازىراقلا كاشىلار كۆرۈلسە نۇرغۇن ئادەم مەسىلىگە دۇچار بولىمىز. بۇ ھەقتە ئارتۇق گەپ قىلماي
2.دىكتورلار ھەققىدە: سىز ئاشخانىغا تاماق يېگىلى ماڭغاچ قۇلىقىڭىزنىڭ بىريەرلىرىگە ئاڭلىنىپ قالغان دىكتورلارنىڭ سەۋەنلىكىنى زەھەردەك ئاچچىق سۆزلەر بىلەن تىللاۋاتقىنىڭىزدا ئويلاپ بېقىڭ.
جەنۇبىي مەكتەپ رايونىدا دىكتور رىياسەتچىلەر ياكى ئەدەبىياتقا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق كەسىپ يوق.  دىكتور رىياسەتچىلىكنى قاملاشتۇرالايدىغان باشقا قېرىنداشلىرىمىز  رادىيو ئۇزېلىدا سەيشەنبە 15مىنۇت پەيشەنبە 30 مىنۇت رادىيو ئاڭلىتىش جۈمە كۈنى كەچ ئىككى سائەت مەزمۇن تەھرىرلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانغا ۋاقتى يوق، ئۇلار ياكى ئوقۇش نۇمۇرى ياكى باشقا ماددىي مۇپاكاتى يوق بۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانغان ۋاقتى يوق . شۇ سەۋەب ئامالسىز شۇ دىكتورلىققا ھەۋەس قىلىدىغان تازا قاملاشتۇرالمىسىمۇ لېكىن شۇنى ياقتۇرىدىغان بالىلارنى چىقارماي نېمە ئامال؟
3.ئادەم سانى توغرىسىدا:شۇنچە كۆپ ئادەم دەپسىز ، قېنى شۇنچە كۆپ ئادەم نەدە ؟مېنى بىر باشلاپ ئاپىرىپ كۆرسىتىپ قويۇڭ ، مەن شۇ جىق ئادەمنى بىر كۆرىۋالاي،تۆت يىل مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىدا تۇرۇپ  شۇنچە جىق ئادەمنى مەن پەقەت بىز ئەدەبىي يىغىلىش، ياكى داڭلىق ئەدىبلىرىمىز كەلگەندە ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئاكىمىز قەدەم تەشرىپ قىلغاندا سىنىپقا پاتمىغان بالىلارنى كۆرگەن ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەرۋاقىت گۇرۇپپا چۆلدەرەپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئادەم جىق  بولغان بولسا شۇ ۋاقىتتىكى گۇرۇپپا باشلىقى مۇھەممەتجان ، مەن ، مۇھەممەتئىمىن ۋە باشقىلار كۈندە ئادەم ئالىمىز دەپ خەققە يالۋۇرۇپ ،ۋاقىت ئۇزارتىمز دەپ باشلىقلارغا يالۋۇرۇپ، نۇرغۇن ئىشلىرىمىزنى تاشلاپ قويۇپ جۈمە كۈنى  نەدە بولساق ئىىشمىزنىڭ تاشلاپ  گۇرۇپپىغا كېلىپ ‹‹ئۇنداق قىلماي كېلىڭلار، مەكتەپ ئۇيغۇرچە رادىيوسى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ››   بالىلارغا يالۋۇرىدىغاندا بىزنىڭ قىلىدىغانغا بىز ساراڭمۇ؟
بولدى گەپنى مۇشۇ يەرگىچە قىلاي، نۇرغۇن گەپنى ئېغىزدا دېگەنگىلا ھېساب ئەمەس، ئالدى بىلەن سىز شۇيەرگە كىرىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرۈڭ ،ئاندىن مۇنبەرگە چىقىپ ئادەم تىللاڭ. مۇشۇ رادىيو ،گۇرۇپپا قانچە قېتملاپ  مەكتەپ تەرىپىدىن توختىتىۋىتىش خەۋپىگە دۇچار بولدى، قانچە قېتىم باشلىقلارنىڭ ئىشخانىسىدا بىچارە بولۇپ يالۋۇرۇپ يۈردۇق سىز بۇنى بىلىپ بېقىڭ،مىللەتنى سۆيىمەن ئاق قىلىمەن ، كۆك قىلىمەن دېگەن ئىغىزدا دېگەنگىلا ھېساب ئەمەس، شۇ ئەدەبىياتقا بولغان ئىشيىتاق ، مەكتەپتە رادىيوسىدا ھىچ بولمىسا ئۇيغۇرچە زۇۋاننىڭ چىقىپ تۇرۇشى ئۈچۈن تارتقان جاپايىمىزنى بىر يېرىڭىزگە شاپاللاپلا يوق قىلماڭ، ئەگەر ياخشى قىلىشقا ئىشەنچىڭىز بولسا ماڭا  ئىسمىڭىزنى  ئىنىستىتۇتىڭىزنى قالدۇرۇڭ ، بىر تېلىفون بىلەنلا سىزنى رادىيوغا ئەكىرىپ قويىمەن، شۇ ۋاقىتتا بىڭسىڭىزنى كۆرىمىز.

ئەجدادلىرىمىز ياققان ئوت،بىزنىڭ قولىمىزدا ئۆچۈپ قالمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102879
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2014-1-28
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 05:09:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچانغىچە مۇشۇنداق دەردىمىزنى ئىچىمىزدە بىلىپ يۈرەرمىز

ئى رەببىم مېنىڭ غېمىم بار دېمەي،ئى غەم مېنىڭ رەببىم بار دېگىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47402
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4140
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 07:53:52 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yalkuni يوللىغان ۋاقتى  2014-2-3 02:57 PM
ئالدى بىلەن سىزنىڭ نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئارىسىدىن قى ...

ھە قايسىڭلاردەك نوچىلا بىر تىلفۇن بىلەنلا ئادەم ئەكىرىپ  بولا يىرى شۇكەندە...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش