غوجام دىرى ۋاق ۋاق، غوجام دىرى ۋاق،
قىچىشقاققا پايدىق قىلىدۇ گۈلە بىلەن قاق،
ھاي، ھاي، نورۇز كەلمەيلا، ئىت تالاشتۇرۇش باشلىنىپ كەتمىگەندۇ، ئىلمىي پىكىردە سۆزلەڭلار، سىنىڭ مەھەللەڭدە قاغا جىقمۇ بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ دىگەننى تالىشىپ گال سىقىشنى نادانلىق، ئىتتىپاقسىزلىق دەپ داۋراڭ سالغان بىر چاغدا بىر زىيالى، لىكىن كۆزۈمنى ئىچىپ دۇنياغا بىر بىقىۋىدىم، ئەسلى نادانلىقتىن ئەمەسكەن، چۈنكى نۇرغۇن زىيالىلارمۇ شۇنداق تالاشلاردا تالىشىپ چىقىدىكەن،
ئەردوغان ۋە گۈلەن، مىسىردىكى ئۆلىمالار، ئامرىكىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر، شۇنداقلا دۇنيادا تالاش تارتىش تۇخۇم ئىتىپ ئەيىپلەشلەرنى قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى داڭلىق ئۇنۋىرسىتىتلارنى ئەلا پۈتتۈرگەن زىيالىلار، ئەدىبلەر!!!
ئىتتىپاقسىزلىق نادانلىقتىن بولىدۇ دىگەن سۆزنى قايتا قايتا ئوقۇپ چۈشىنەلمىدىم، مىنىڭچە ئىتتىپاقسىزلىق ئەخلاقسىزلىق بولىدۇ، شەخسىيەتچىلىك ئەخلاقسىزنىڭ بىر ماددىسى، يول قويماسلىق، ئۆز مەنپەتىنى كۆزلەش ئەخلاقسىزلىقنىڭ ئىپادىسى!!!
_____________________________
يۇقارقى پىكىرنى قىلغۇچى زىيالى سالاھىيەتتە ئەمەس، يولۇچى سالاھىيتىدە بايان قىلدى، ئۆزىگە ئالماي شاپىقىنى قويلارغا، ئۇرۇقىنى توخۇلارغا بىرىپ تاۋۇزنى نەخ ئۇسسىغان يىرىگىلا داۋا قىلسا بۇ قىينىلىش تالىشىش ئازاپى بىر مىنۇتتا ئازىيىدۇ
__ تۇرانى رىستىپلىرى