uyturan يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 06:19 PM
خۇدا تۈركىيەنى ۋە تۈركلەرنى بۈگۈن ئەزىز قىلىۋاتقان ئو ...
ئىغىزىڭىزغا ناۋات .
بىزدە ئاكام ، ئالىم ئاكام ، ئېنژىنىر ئاكام ، يازغۇچى داڭلىق ئاچام .....دەپ ئازىراقلا داڭقى چىققانلارنى مەھبۇت قىلىپ كالتا ئىشتىنىغا سەجدە قىلدىغان كۆتىگە بورا يۆگەپ ئوت قويۋاتىدىغان ماڭقۇرتۇتلار خىلى بار . يىقىدد ھىس قىلغانسىز . مۇشۇنداق مۇنبەردە مىللىتىمىزنىڭ شان-شەرەپ قۇچقان كاتتىللىرىنى تەشۋىق قىلىشىڭ دىسە تا قالىدۇ مارىسقا چىقىپ كاناي چالغىلى . بىراق شۇ كاتتىلارنىڭ بىشىغا كىلىشمەسلىك كەلسە ئۆزلىرىنى يولۋاستىن ئىلىپ قاچقان جەرەندەك ئىلىپ قاچىدۇ . نىمە سايىسى تىگىپ كەتسە شۇ پىشكەلچىلىك بىزگىمۇ يۇقۇپ قالىدۇ دەيدۇ . ئىغىزدا دىمەيدۇ ئويلايدۇ بىچارىلەر ئەردۇغانمۇ مۇشۇ كاتاروگىيەنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىدۇ شەرھىلىسەك .
مەيلى راسىت بولسۇن مەيلى يالغان بولسۇن ئىلھام توختى ئەپەندىم بېيجىڭدىكى تۇرالغۇسدا قولغا ئىلىندى دىگەن خەۋەر پەيدا بولدى مەيلى ياخىشى مەيلى يامان بولسۇن مۇشۇ توردا ئىتتەك قاۋىغان شۇ مىللەت سۆيەر كاسكا ئىتلار ھىچ بولمىغىندا ئىلى يوسۇندا بىر مۇنارىزىرنى ئىلىپ بارالمىدى ، گۈلەن ئەپەندىم قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلدى دىگەن خەۋەر پەيدا بولغىندىمۇ تور دۇنياسى يەنىلا جىم . بىراق ماۋۇ ئەردۇغان ، ھاجى بابا ،ئالى بابا ،ناسىر ئاغا ....دىگەن تۈرەك ئاكىلارنىڭ گىپى چىقۋىدى نۇرغۇللىغانلار شەيتان ئاتلاپ ئاي كۆرۈپ كەتتى .
بۇلارچۇ شۇ ساپلا 1948 -يىلنىڭ ئالدىدا ئۆلۈپ كەتكەن سادىر پەلىۋان ، ئاقنانچى كۆتۈرمىكەش پوداقچى سېىيت نوچى قەھرىمانىمىز ، ئايخان ئانا....قاتارلىق پارتىيمىزگە چاپىنىڭ پىشى تەگمەيدىغان چوڭلىرىمىزنىڭ نامىنى كەمپۇت قىلىپ شوراشقا ، ئۈستىدىن ئوبروز يىزىپ داملاشقا كۆنگەن ياق كۆنۈلۈپ كىتىلگەن .
بىلىمەن ئىنكاسىم بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىزرەك ھەم تولىمۇ چۇۋالچاق بىر ئۇسۇلدا يېزىلىپ قالدى بەلىكم نېرۋام چىچىلىپ كەتكەن بولسا كىرەك .
.......... تىخمۇ قىزىق يىرى مۇنبەردە شۇنچە ئەجر بىلەن فىزىكا ساھەسىدە ئېزدىنىۋاتقان قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ ئوتترۇغا قويغان نەزىريەلىرى ئۈستىدە ئىلمىي مۇنارىزە ئىلىپ بىرىشقا بىلىمى يەتمەي ئۆزلىرىنىڭ ساختا ئابرۇي قالپىقىغا تەسىر يەتتى دەپ قارىغان بىر قىسىم مىللىي فىزىك خادىملىرىمىز قاسىم سىدىقنى چەتئەلگە باغلانغان ئۇنسىۇر ، تەجىربە ئىلىپ بىرىش نامى بىلەن مەبلەغ توپلاپ چەتئەلدىكى كۈچلەرگە ياردەم قىلماقچى .....ئاندىغەي -مۇندىغەي دەپ سىبىريەنىڭ ئىت ئىيقىدەك ئىغاڭلاپ يۈرگەنلەر ھەققىدە نىمە دىسەك بولار .
شۇ ئىلھام توختى ئاكىمىز مىللەت ئۈچۈن چىچلغاندا ھەممىز ھۇ دەپ بوغاز بولغان چىشى بۆرىدەك
ھۇلىغان ، گۈلەن سىسىق چىپەرقۇتقا يۆگۈلۈپ ئىچىپ كىتەي دەپ قالغان مىڭىمىزنى يۈيۈش ئۈچۈن ياخشى ئەسسەرلەرنى بىزلەرگە سۇنۇپ تاڭنى-تاڭغا ئۇللىغاندى قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن ، ياشاڭ ئاكا .....دىگەندەك ئىنكاسلار بىلەن تېمىسىنى بازار قىلىۋەتكەنلەرنى بۈگۈن كۆرۈڭچۇ نىمە قىلۋاتىدۇ .
‹‹بۇ سۇ مۇسۇلمانلارغا ھارام ›› دەپ بىر تېما بولدىغان شۇ تېمىغا ئوخشاپ قالغىلى قىلۋاتىمىز.
...ھازىرچۇ قىرىندىشىم ،ئەزىزىم ، جانى ، قىرىنداشلار ..........دىگەندەك ئادەمنىڭ ھاياجىننى قوزغايدىغان سۆزلەر شاتۇتقا سىڭگەندەك سىڭىپ كەتتى بىراق بۇ سۆزلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ كەينىدە چىرايلىقراق ئاچىڭىز بارمۇ دىگەن تەلەپ ئورۇن ئىلىپ كەتتى .
بۇ كۈنلەردە بىرسى نىمە دىسە شۇندامىكەن، ھە ئۇندامىكەن ئاجايىپ ئىشكەن ھە دەپ قويۈپ يۈرۈش ئاقلانە تاللاشمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم .