يېقىنقى 2 يىلدىن بېرى تۈركىيە ناخشىچىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە كىلىپ ئويۇن قويىشى كۆپىيىپ قالدى،مەن تۈركىيەدە ئوقۇغاچقىمىكىن تۈركىيەلىكلەنى ئانچە نەزىرىمگە ئىلىپ كەتمەيتتىم،لىكىن بۇ قىتىم يەنى 2.ئاينىڭ 8.كۈنى تۈركىيەلىك دوستۇمنىڭ تەكىلىپ قىلىشى بىلەن رافەت ئەل روماننىڭ ناخشا كېچىلىكىگە بادىم،ھەيران قالغىنىم شۇ بولدۇكى خەلق سارىيىغا توپلانغان 2000 تاماشىبىندىن ئەڭ ئازدا 1800 بولسا ئاياللار ئىدى،بىزنىڭ قىز ئاياللىرىمىز تۈرك تىلىنى ياىشى بىلىپ بەك چۈشىنىدىغان بوپ كەتتىمۇ ياكى تۈركىيە ئەرلىرىگە ئامراقمۇ بىلمىدىم بىلەتنىڭ 700-800 سوم بۇلىشىغا قارىماي شۇ قەھرىتان سۇغۇكتا بېرىپتۇ،بىزنىڭ چولپانلىرىمىز 200 سومدىن ساتسىمۇ كىرىدىغان ئادەم يوقلىقىدىن 300 كىشىلىك زالدا ئويۇن قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ لىكىن بىز شۇنچە قىممەت بىلەتنى ئىلىپ بىر ئېغىز چۈشەنمىسەكمۇ بېرىپ كۆرىمىز بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟؟؟ئۇ كۈنى زالدىكى ياڭراتقۇلانىڭ ئازازىمۇ تەڭشەلمىگەنىدى بۇنىڭلىق رافەت بىر قانچە ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى دەيدىن قويۇپ ئۇقۇدى شۇنداقتىمۇ نادان تاماشىبىنلىرىمىز توختىماي ئالقىش ياڭرىتىپ تۇردى قىزلىرىمىز ھاياجىنىنى باسالماي قالدى،ئارقىدىن ئاتاقلىق شائىر مۇختار بۇغرا ئەپەندى 15 مىليون ئۇيغۇرغا ۋەكىل بۇلۇپ خۇددى نۇربەكرى ئۇيغۇرغا ۋاكالەتەن تۈركىيە باش مېنىستىرىغا تون كەيگۈزگەندەك رافەتكە ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە تونىنى كىيگۈزدى لېكىن رافەت ئەپەندى بۇ توننى بەك چوڭ بىلىپ كەتمىدىمۇ ناخشا ئارلىقىدىلا سېلىۋېتىپ سەھنە سېرتىغا يوللىۋەتتى ئويلاپ باقايلى بىر مىللەتنىڭ سىموۋولىنى داڭلىق ئەربابلارغا كەيگۈزمەمدۇق ئۈرۈمچىگە كىلىپ 7-800 سومدىن بىلەت سېتىپ ئۇيغۇرنى قاختى سۇختى قىلغان بىر چەتئەل ناخشىچىسىغا خالىغانچە سوۋغا قىلامدۇق؟ھېلىمۇ نۇرغۇن قىزلىرىمىزنى ئۈرۈمچىدىكى تۈركىيە كۇردلىرىغا سوۋغا قىپ بولدۇق،بۇ يەردە شۇنى دەيمەنكى مۇختار بۇغرا ئەپەندى سىز دوپپا ۋە توننى بىزنى قاختى سوختى قىلغىلى كەلگەن بىزنى چۈشەنمەيدىغان بىر ناتۇنۇش ئادەمگە ئەمەس ئۇيغۇر خەلقىگە 50 سوم 100 سومدىن بىلەت سېتىپ بىزنى سەننەتتىن ھۇزۇرلاندۇرۇپ كېتىۋاتقان شۇ كەمبەغەل بىچارە يىگانە قالغان ئۇيغۇر سەنەتكارلىرىمىزغا كەيگۈزۈڭ چۈنكى ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە تونىنى شۇلارلا قەدىرلەيدۇ،
تېخىمۇ قىزىقى شۇكى مەن سەھنىنىڭ ئارقىسىدا تۇرسام بىزنىڭ ئارزۇگۈل ئابدۇخېلىلغۇ دەيمەن شۇ ناخشىچى ئايال يۈگۈرەپ كەپتۇ تېخى چالا پۇچۇق تۈركچە بىلىدىكەن (ھازىرغۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى تۈرك تىلىنىڭ مىنكاۋخەنلىرى بولۇپ كەتتى) رافەت بىلەن 2 مىنۇتلا كۆرىشىۋالسام بۇلاتتى دەپ يالۋۇرۇپ.ئۇ ئايالمۇ بىر ناخشىچىغۇ رافەتتىن نەرى كەم؟؟؟؟؟ئۆزىنىڭ ئابرۇيى بىلەن كۆرىشمەمدۇ .تۈركىيە چولپانلىرى مىڭ داڭلىق بولسىمۇ ئۇ بىزنىڭ چولپىنىمىز ئەمەس،بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ناخشىچىلىرى كىچىلىەك ئۆتكۈزسە 700-800 سومغا بىلىتىنى ئىلىپ بەسەك شۇلارمۇ سەنەتنىڭ نېنىنى يىيەلىسە بەلكىم تۈركىيە چولپانلىرىدىنمۇ بەكرەك ياخشى ئىجادىيەتلەرنى چىقىرىشى مۇمكىن،بىز تۈركىيەنىڭ ئىشىكى كەلسىمۇ قانداق ھاڭرايدىكىن دەپ بىلەت ئىلىپ يۈگۈرۈپ باسىاق ئۆز سەنەتكارلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالسىاق ئۇلار قانداق تەرەققى قىلالايدۇ؟؟؟؟؟
مەن بۇندىن كىيىن ئۇيغۇر سەنەتكارلىرىمىز 500 سومدىن بىلەت ساتسىمۇ ئىلىپ كۆرىمەن چۈنكى پۇل تۈركىيەگە كەتكەندىن ئۇيغۇرۇمنىڭ يانچۇقىدا قالسۇن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
مەنبە : باس باس تورىدىن ئېلىندى...! مۇشۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن بولغاچقا يوللاپ قويدۇم ...... كەچۈرۈڭلار....