esilzad يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 03:39 PM
بولسا ئىشنى باشتىن باشلاپ چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز:
1.شىركە ...
شىركەت قۇرۇشقا تىزىملاتقان كاپىتالى 200مىڭ يۇەندىن باشلىنىدۇ. رەسمىيەتلەر سودا-سانائەت ئىدارىسىدىن باشلىنىدۇ.باج ئىدارىسى، سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى دېگەندەك ئورۇنلاردىن باشلاپ قانونىي تەرتىپ بويىچە ماڭىسىز.
شىركەت تاقاشتا باج ئىدارىسىدىن باشلىنىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا بانكىدا توختايدىكەن.
قوتان توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى چارۋىچىلىق پونكىتى ۋە چارۋىچىلىق ئىدارىلىرىدىن سوراپ بېقىڭ .
چۈنكى مەن سىلەرگە مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش تۈرلەرگە تۈر مەبلىغى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇشنى ئويلاپ بۇ تېمىنى يازدىم.
مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان. ئۆزەم تاشقى سودا شىركىتىدە ئىشلەيدىغان بولغاچقا ، كۆپىنچە ھاللاردا مۇشۇنداق تۈرلەرگە تۈر مەبلىغى ئالغان كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالىمەن ۋە شۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ قالىمەن.