مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: raysima

زاۋۇت ۋە باغ،قوتان قۇرماقچى بولغانلارغا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىسى يالغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1039
يازما سانى: 1263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13918
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 734 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 06:35:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
raysima يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 07:31 PM
قۇلۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلاي ، ئاۋۋال قانداق ئىشلى ...


مىنىڭ كەسپىم باقمىچى.مەنمۇ مۇشۇنداق كوپىراتىپ قۇرۇپ ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم مەبلىغى ئارقىلىق كەسپىمنى تېخىمۇ زورايتقۇم بار ئىدى . مىنىڭ ھازىر 400كۇۋادىرات مىتىر لىق قوتانىم بار ئەگەر 1000كۇۋادىرات قىلىش شەرت بولسا تولۇقلاپ سالسام بولىدۇ ..كىيىنچە يەنە ئىشلىتىشكە ئاشۇ قوتان ئەسقاتىدۇ لېكىن ھازىر ئاشۇ قوتاننى 1000كۇۋادىرات مىتىرلىق ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش مەبلەخ كىتىدۇ.....ئەگەر ھازىر دەسمايەمنىڭ بىرقىسىمىنى قوتان ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىشلەتسەم كىيىن قوتان پۈتۈپ بولغاندا قوتاندا بېقىلغان مالنىڭ سانىغا چەك قويىۋالارمۇ؟
مەسلەن:قوتان ئۆلچەمگە يەتتى لېكىن قوتاندا مال ئاز دىگەندەك...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saltanat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-11 12:36 AM  


يىيىش ئۈچۈن ياشىماي،ياشاش ئۈچۈن يەڭ====چۇنكى ھايۋانلار يىيىش ئۈچۈن ياشايدۇ----

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1369
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3180
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 06:56:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلارنىمۇ بىلىپ قۇيسا بۇلغۇدەك، خەنلەرنى نىمىشقا  ئىككى پۇل تاپسا  شىركەت قۇرىدىكىن دىسەم، ئەسلىي ئىش مانداقكەندە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96552
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 632
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 285 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2014-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 12:13:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
saltanat يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 06:35 PM
مىنىڭ كەسپىم باقمىچى.مەنمۇ مۇشۇنداق كوپىراتىپ قۇرۇپ  ...

تۈر مەبلىغى  ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تالونلىرىڭىز تۇلۇق بۇلۇشى كېرەك . مەسىلەن ئىش ھەققى ، خىش ، تاش-قۇم ، سېمۇنت دېگەندەك بارلىق قۇرۇلۇشقا كەتكەن  ماتېرىياللارنىڭ تالونى تۇلۇق بۇلۇشى كېرەك ، چارۋىچىلىق پونكىتىنىڭ تەستىقى بۇلۇشى كېرەك. يەنە تېخى قوتان چارۋىچىلىق پونكىتىنىڭ ئۆلچىمىگە يەتكەن بۇلۇشى كېرەك .مەسىلەن :چارۋىلارنىڭ يۇيۇنۇش ئۆيى ۋە دېزىنفېكسىيە ئۆيى دېگەندەك. تۈر مەبلىغى ھەر يىلى بىر قېتىم ئىلتىماس قىلىنىدۇ ، بۇنى چارۋىچىلىق ئىدارىسى سىزگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.ئىلتىماس تەستىقلىنىپ 6 ئايغىچە پۇل چۈشۈرۈپ بېرىدۇ . چۈنكى يېزا ئاتلاپ ، ناھىيە ئاتلاپ ، شەھەر ئاتلاپ ، ۋىلايەت ئاتلاپ ، ئاپتونوم رايوننى ئاتلاپ دوكلات مەركەزگە يوللىنىدۇ. پۇل چۈشكەندىمۇ مۇشۇنداق يوللارنى بېسىپ ئاندىن چۆنتىكىڭىزگە كىرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96552
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 632
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 285 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2014-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 12:30:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەنزۇچە بىلىدىغانلار ، مۇنۇ توربەتنى تەپسىلىي كۆرۈپ بېقىڭلار ،http://wenku.baidu.com/link?url= ... 2O-5h8VYEcWnTOtdkN_
تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ۋە ئۆلچەملىرى ئىكەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   raysima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-12 12:31 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96552
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 632
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 285 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2014-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 01:26:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياغ زاۋۇتى قۇرماقچى بولغانلار تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىشقا يازىدىغان دوكلات نۇسخىسى ۋە كېتەرلىك ماتېرىياللارمۇنۇ تور بەتتە تەپسىلىي يېزىلىپتۇ.
http://www.doc88.com/p-1867101276487.html
كۆرۈپ بېقىڭلار ، تەرجىمە قىلىشقا مېنىڭ ۋاقتىم يار بەرمەيدۇ، ھەمدە خاتا تەرجىمە قىلىپ قۇيۇشۇممۇ مۇمكىن.


ماۋۇسى باقمىچىلىقنىڭ تۈر مەبلىغىغە ئائىت دوكلات ئىكەن.http://www.doc88.com/p-9791906710477.html

ماۋۇ تور بەتتە ھەرقايسى تۈرمەبلىغى ئالىدىغان كەسىپلەرنىڭ ئۆلچىمى ۋە بېرىدىغان مەبلىغىنىڭ سان سىفىرلىرى تۇلۇق ئىكەن.http://hy.nongfafa.cn/?id=14350


ماۋۇ ئۇن زاۋۇتى قۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن تۈر مەبلىغىغە يازغان دوكلاتى ئىكەن .http://wenku.baidu.com/link?url= ... P-2_Iukk4O21ADiWTrq



ماۋۇ ئۇن زاۋۇتى تۈر مەبلىغىغە ئائىت دوكلات بىر قەدەر تۇلۇق يېزىلغان ئىكەن

http://www.doc88.com/p-9721909119034.html.

ئۇن زاۋۇتى قۇرۇشقا ماڭىدىغان تەرتىپلەر مۇنۇ تور بەتتە بار ئىكەن.http://zhidao.baidu.com/link?url ... QoT1vv35Rat__0Wwx_a بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   raysima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-12 02:28 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96552
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 632
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 285 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2014-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 04:28:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا مۇشۇ تۈر مەبلىغى توغرىسىدا سورايدىغان سوئالىڭلار جىقراق بولسا ، مەنمۇ ئىزدىنىپ باقسام ، ئاندىن سىلەرگە قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرەلەيتتىم دەپ ئويلايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96552
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 632
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 285 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2014-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 04:29:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇ يېقىندا بىر خەلقئارا سودا شىركىىتىنى قۇرۇش تەرتىپ يوللىرىرىنى ماتېرىياللىرىنى ئۆزەم تەييارلاپ ، ھەممە ئىشلىرىنى ئۆزەم بىر قوللۇق بېجىرىمەن.


بۇ ئىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر تونۇشىمىزنىڭ 10مىليۇن مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان ئۇن -ياغ زاۋۇتىنىڭ يەككە تىجارەت نامىدىكى كىنىشكىسىنى بىكار قىلىپ ، قايتىدىن كارخانا تىپىدىكى تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىدىغان ئىشىنى قىلىپ بېرىش قارارىغا كەلدىم.
  
ئەسلى بۇ ئىشلارنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن بىزار بولغان ئىدىم . تورداشلارنىڭ نۇرغۇن ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ ، بۇ  زاۋۇتقا تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىشتا كېتىدىغان يوللارنى بىر بېسىپ بېقىشنى ئويلاپ قالدىم.  ئەگەر مەغلۇپ بولسام ، نېمىشقا مەغلۇب بولغىنىمنىڭ جاۋابىنى ،ئەگەر غەلبە قىلسام غەلبە قىلىش جەريانىمنى ئېنىق يېزىپ قويىمەن.


يەنە بىرەيلەننىڭ 2000مو نەشپۈتلۈك باغنى كۆتۈرىگە ئېلىپتىكەن . مۇشۇ ئادەمنىڭ ھەمكارلىق كوپراتىپى قۇرۇشۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدىم. ئەمدى ئۇنىمۇ مېڭىشىپ بېرىش قارارىغا كەلدىم.



2010- يىلىدىن 2013- يىلى 10-ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا 3 يىل سودا پاسپورتى بېجىرىپتىمەن.مۇشۇ جەرياندا 3يىللىق ھۆكۈمەت سودا ئىشى پاسپورتى(因公护照)دىن 4نى بېجىرىپتىمەن. (因私护照)شەخسىي پاسپورتتىن 5نى بېجرىپتىمەن. شۇڭا پاسپورت بېېجىرىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىغا بەك پىششىق بۇلۇپ كېتىپ 2013يىلى بېجىرگەن 5 ئادەمنىڭ پاسپورتى رەسمىيەتلىرى ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ  گۇڭئەنجۈ تاشقى ئىشلار بۆلۈمىگە كىرگۈزۋېتىپ ئالدى 15 كۈندە كەينى دولەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 22كۈندە قولغا تەگكەن ئىدى.
شۇچاغدىمۇ نۇرغۇن تاشقى سودا شىركەتلىرىدىكى كىشىلەر ۋاي بىز ماڭغىلى 3ئاي بولدى يەي ، ۋاي بىز گە 5 ئاي بولدىيەي سىلەرنىڭ پاسپورتىڭلارنىڭ ئىلتىماس جەدېۋېلىنى ئەمدى ئالغىلى كەلدىڭلارمۇ يەي دەپ ، مەن پاسپورتىنى بېجىرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ روھىنى چۈشۈرگەن ئىدى ، شۇلار ھەتتا روھىي چۈشۈپ بېجىرمەسلىك قارارىغىمۇ كەلگەن ئىدى.مەن 20كۈن ئىچىدە چىقىشىغا كاپالەت بېرىپ ئاشۇنداق باشقىلارنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرغان كىشىلەرگە ئاخىرى ئۆزەمنى كۆرسىتىپ قويدۇم. دۆلەت بايرىمى كېلىپ قېلىپ ، 22 كۈندە پاسپورتنىڭ چىققانلىق خەۋىرى كەلدى . باشقىلار 5 ئاي ماڭغان يولنى بىز 2كۈن مېڭىپ 5 ئاي يول ماڭغانلار بىلەن تەڭ قولغا ئالدۇق، شۇلار بىلەن تەڭ گىرۇزىيەگە سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇق.  بەلكىم ئۇلار ئاغزىنى ئېچىشىپ قالغاندۇ.



شۇنىڭدەك ھەممە ئىشقا پەم - پاراسەت كېتىدۇ . مەن ئادەتتە ئىش بېجىرسەم مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلەرگە تېلىفۇن قىلىپ كېتەرلىك ماتېرىياللارنى تەپسىلىي سورايمەن،ئاندىن شۇ بويىچە ماتېرىياللارنى تۇلۇق تەييارلايمەن ئاندىن ماڭىدىغان يولنى ماڭىمەن.
باشقىلار ھەربىر بارغىنىدا تەپسىلى سوراپ خاتىرىلىۋالمايدۇ. بىز بارماقچى بولغان ئىدارىدىكىلەر مۇنداقلا قاراپ قۇيۇپ مۇنۇ نەرسەڭ كامكەن دېسە ، شۇنىلا تۇلۇقلايمىزيۇ يەنە تەپسىلىي قاراپ باقساڭ نىمە كام ئىكەن دەپ سوراشقا ئېرىنىدىكەن . بۇلۇپمۇ مۇشۇ پاسپورت بېجىرىش جەريانىدا بۇنداقلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
مەن نەگىلا بارسام توشقۇزۇلمىغان  جەدېۋەلدىن بىرنەچچە پارچىنى ئارتۇق ئېلىۋالىمەن ، قەلەمدىن بىرقانچىنى ئارتۇق سومكامغا سېلىۋالىمەن . رەسمىيەت بېجىرىش جەريانىدا كېتىدىغان تامغىلارنى يېنىمدىن ئايرىمايمەن.  بەزىلەر ماۋۇ يەرنىڭ تامغىسى كام قاپتۇ دەپ قايتۇرۋەتسە  غۇدۇرلاپ ماتېرىياللىرىنى قايتۇرۋېلىپ تامغا ئۇرۇپ كېلىپ قايتىدىن يەنە ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ئاندىن ئىش بېجىرىدۇ . شۇڭا بىر كۈندە پۈتىدىغان ئىشى 2كۈندە پۈتىدۇ. 5 كۈندە پۈتىدىغان ئىشى 8 كۈندىمۇ پۈتمەيدۇ.
تۈر مەبلىغىمۇ شۇنداق ، ئادەتتە ھەممە كەسىپلەرنىڭ تۈر مەبلىغى يوللايدىغان ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ ، شۇڭا يۇقىرىدىن تۈر مەبلىغى دوكلاتىنى يوللاڭلار دېگەن ۋاقىتتا بۇ 50-60 بەتلىك خەنزۇچە ماتېرىياللارنى تەييارلاپ بولالمايدىغان ۋاقتىمىزمۇ بولىدۇ، بەزەن تۈرلەرگە بېرىدىغان ۋاقىت ئاز بولىدۇ، بەزەن تۈرلەرگە بېرىدىغان ۋاقىت كۆپ بولىدۇ ، مېاتېرىياللارنى تۇلۇق تەييارلىمىسىڭىز دوكلاتىڭىز تەستىقلانمايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن تۈر مەبلىغىمۇ ئەمىلىلەشمەيدۇ،
  

نۇرغۇن كىشىلەر يول ماڭدۇق ، تاپىنىمىز تېشىلىپ كېتەي دېدى، ئەمما پۇلنى كۆرمىدۇق دېگۈچىلەرنىڭ  بەزىلىرى  دوكلاتنى يوللىغان ، ئەمما تەستىقلانغان- تەستىقلانمىغانلىقىنى بىلەلمىگەنلىرىمۇ بۇلۇشى مۇمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96552
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 632
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 285 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2014-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 04:32:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ تورداشلارغا ئېيتىدىغىنىم ھەممىلا ئادەمنىڭ مەغلۇب بۇلۇشى ناتايىن ، سىز ئۆز ئىشىڭىزغا پۇختا بولسىڭىزلا  ھېچكىم سىزنى نېرى تۇر دېمەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61411
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3550
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 11:33:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
raysima يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 01:22 PM
ئالدى بىلەن ياخشى ئوقۇڭ ، ئاندىن دېھقانچىلىق ئىشلىرى ...

ئۇمۇ باگەپ جۇما  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29573
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6058
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 02:15:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
saltanat يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 06:35 PM
مىنىڭ كەسپىم باقمىچى.مەنمۇ مۇشۇنداق كوپىراتىپ قۇرۇپ  ...

مېنىڭ بىلىشىمچە ، گۆش قويى بولسا ، يىللىق سېتىپ چىقىرىش مىقدارى 1000 تۇياققا يىتىشى كېرەكقۇ دەيمەن ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش