|
ئابدۇللا ئابدۇرەھىم بىلەن رومانغا قىلىنغان مۇئامىلىلەر ئككى خىل جەمىيەتنىڭ ساپادىكى پەرقى. ناخشا مەستانىلىرىغا شاڭگاڭ ناخشا چولپىنى بىلەن لوس-ئاجىلىس چولپىنىنىڭ, راپات بىلەن شارۇلخاننىڭ ھىچ بىر پەرقى يوق. قېرىنداشلىقنى شىپى كەلتۈرۈشلەر پەقەتلا بىر پەرداز. ناۋادا روك ئەترىتى كەلگەن بولسىمۇ يەنىلا شۇ ئەھۋالنى, خۇدىنى يوقاتقان قىزلارنىڭ ۋە غىتمەك يىگىتلەرنىڭ سەھنە ئالدىدىكى بىمەنە, كۆڭۈلنى ئېلەشتۈرىدىغان قىلىقلىرىنى كۆرگەن بولاتتۇق.
بۇ ئشلار خۇددى زەھەرلىك چېكىملىكتەك روھىمىزنى چىرىتىپ, ھاياسىز ئاياللارنى, زەيپانە ئەرلەرنى يېتىشتۈرشتە سەركە بولدى. بىزنىڭ تېزراق خاراپ بولۇشىمىزنى خالايدىغانلار قاتتىق كۈچەۋاتىدۇ. بۇ <ئەپيۇن>دىن ئەقلىنى يوقاتقانلار ئۆزىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىغىنىمۇ بىلمەيدىكەن تېخى, خۇمارى تۇتقان ئاقچىدەك.
كۆكۈن چاققان ئىشەكتەك سەكرەش-ھاڭراشلارنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بارلىغى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزمەستىن خۇدىنىنى يوقوتۇپ, ئۆلگىدەك قىلىپ كېتىشلەر بىزدىكى چېكىگە يەتكەن ئەبگالىق.
|
|