مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kurax099

«ئۇيغۇر بولساڭ تارقات»قا رەددىيە بەرگۈچىلەرگە دىيىلگەن سۆز.   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2458
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7219
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2034 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 06:47:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتىدىغنى   ئىلىم ئىرپان،   ناخشا ئۇسۇل ئەمەس.......    ئىسىل گەپ...  
  كىلىپ  ئويۇن قويغاننىڭ ئورنىغا..بىرە  پەن توغرىسىدا لىكسىيە سۆزلىگەن بولسا...   ئەرزىيتى....

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103155
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 125
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2014-2-4
ئاخىرقى: 2014-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 07:01:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بىر نۇقتا ناھايىتى ئېنىق،  تۈركىيە بىزنىلام ئەمەس باشقا مىللەتلەرنىمۇ ئوخشاشلام قوللاۋاتىدۇ.  چىچىنلا بولامدۇ، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بولامدۇ،مىسىردىكى مۇسۇلمان قىرىنداشلار پارتىيىسى بولامدۇ ئىشقىپ تۈركىيە ھەممىسىنىڭلا ياخشى گىپىنى قىلۋاتىدۇ. ئەمما سىگانلارنى قوللاپ ئۇلارنىڭ ياخشى گىپىنى قىلغىنىنى ئاڭلىماپتىمەن، بولمىسا سىگانلارمۇ ھەممىلا يەردا تىل-دەشنام ئىششىتىپ يۈرۈيدۇغۇ ئەنە.
   قاراپ باقساقلا بىزنىڭ كىملەنىڭ قاتارىدا ئانچە مۇنچە قوللاشقا ئىرىشىپ قىلۋاتقانلىقىمىزنى ھىس قىلالايمىز. شۇڭا ھۆرمەتنى جايىنى تىپىپ قىلغىنىمىز تۈزۈك.
  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40480
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3995
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 07:05:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلەت باھاسى 800 يۈئەن بولسا بۇنى ئۇيغۇر بىر مەيدان ئۇيۇن ئۈچۈن خەجلەنسە بۇ ماس كەلمەيدۇ. شۇ پۇلغا كىتاپ سىتىۋالسا بۇلىدىغۇ، ياكى 100 كويغا ئۇيۇن كۆرۈپ قالغىنىنى ئۇبۇنتۇ تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا ئىنئانە قىلسىمۇ بولىدۇ. ھى ھى ....

www.begmurad.wix.com/yaqupjan

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89954
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1449
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 708 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 07:13:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىملاغا ،مەزمۇنغا قارىغاندا ئىككىلا خەتنى يازغۇچى ئىستانبۇلدا تۇرمايدىغاندەك،  بىزدە تۈركىيە قىزغىنلىقى بولغاچقا قىززىقتۇرۇش ئۈچۈن  ئىستانبۇل دەپ يېزىپ قويۇپتۇ

يۈرتۇم مىنىڭ ئەز

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1707
يازما سانى: 1591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16447
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 4273 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 07:36:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

windowsphone. ئۇيغۇر خەت كىرگۇزچكىمۇ بىلەن تاشلىساڭلار!


سىگانلار ياۋروپادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئازسانلىق مىللەت. مىلادى 5_ئەسىردىن باشلاپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بۇ مىللەت، ئۇزۇن يول بېسىپ يۇرتى ھىندىستاندىكى پەنجاپتىن ياۋروپاغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تېز كۆپىيىپ ھازىرقى مىليونغا يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن سانىنىڭ كۆپىيىشى، بۇ مىللەتكە ھېچقانداق ئابرۇي ئېلىپ كېلەلمىگەن. «سىگان» سۆزى سەرگەردان دېگەن مەنىدە بولغاچقا باشقا مىللەتلەر ئۇلارنى ئوغرى، مەينەت، ھۇرۇن دەپ سۈپەتلىگەن. سىگانلار شامالغا ئوخشايدىغان مىللەت، دائىم كارۋان ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇششاق قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياسايدۇ ، كوچا ئارىلاپ ئۇششاق سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەرلىرى توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىدا سۇناي، دۇمباق چېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاياللىرى بولسا باشقىلارغا قەرىت بىلەن پال سېلىپ پۇل تاپىدۇ. 15-ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپادىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەر سىگانلارنى ۋابا كېسىلى تارقاتتى، ئوغرىلۇق ۋە سېھرىگەرلىك بىلەن شۇغۇللاندى دېگەن بەتنام بىلەن ئارقا-ئارقىدىن دۆلەتتىن قوغلاپ چىقاردى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىست گېرمانىيىسى 200 مىڭ سىگاننى جازا لاگىرىدە قىرىپ تاشلىدى. شەرقى ياۋروپادىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر گەرچە سىگانلارنى «نامدا، ھوقۇقتا باراۋەر» دېگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىنى چەكلىدى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار يەنىلا 2- دەرىجىلىك پۇقرا. ياۋروپا دۆلەتلىرىدە سىگانلارنىڭ خىزمىتى يوق، قۇتقۇزۇش پۇلى يوق. گېرمانىيەدە كۆپ سانلىق كىشىلەر ئۇلار بىلەن قوشنا بولۇشنى خالىمايدۇ. فرانسىيەنىڭ مۇشۇ قېتىمقى كەڭ-كۆلەمدە سىگانلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئىشى خەلىقئارا جەمئىيەتنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ھوقۇق كومىتېتى فرانسىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئايرىم كىشىلەرنىڭ جىنايىتىنى پۈتۈن مىللەت بىلەن ئارىلاشتۇرماسلىقنى ئەسكەرتتى.


بىراق سىگانلارنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىنى پۈتۈنلەي باشقىلاردىن كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ. سىگانلارنىڭ خاس تۇرمۇش ئادىتى ۋە مىللەت ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ مۇشۇ قىيىنچىلىققا قېلىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. سىگانلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ تۈزۈمى زادى ئوخشىمايدۇ. سىگانلار كىچىك بالىلىرىنى يېتىلەپ يۈرۈپ تىلەمچىلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش بولسا ياۋروپالىقلارنىڭ تۇرمۇش مىزانى. سىگانلار قانۇن ۋە ساقچىلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى شەرەپلىك دەپ ھېس قىلىدۇ. ئۇلار تۈزۈمنى مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ. ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇلار بۇنى ئەنئەنىمىزگە بولغان بۇزغۇنچىلىق دەپ قاراپ مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ سانلىق بالىلار 15-16ياشتىلا مەكتەپتىن چېكىنىدۇ. شۇڭا سىگانلار ئىچىدە زىيالىيلار يوق دېيەرلىك. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە سىگانلارنىڭ تازلىق ئادىتىمۇ غەيرى، ئۇلار كارۋان ھارۋىلىرىنىڭ ئىچىنى كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك بېزەيدىكەن ئەمما سىرتى بىلەن كارى يوق ئىكەن. ئۇلار ئۆيدە يېمەكلىك ساقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۆي ئىچىگە ھاجەتخانا ۋە مۇنچا لايىھەلەشكە بولمايدۇ دەپ قاراپ ھەشەمەتلىك داچا سالغان ھالەتتىمۇ تالاغا قومۇشتا كەپە ياساپ تەرەت قىلىدىكەن.



بىراق سىگانلارنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىنى پۈتۈنلەي باشقىلاردىن كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ. سىگانلارنىڭ خاس تۇرمۇش ئادىتى ۋە مىللەت ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ مۇشۇ قىيىنچىلىققا قېلىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. سىگانلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ تۈزۈمى زادى ئوخشىمايدۇ. سىگانلار كىچىك بالىلىرىنى يېتىلەپ يۈرۈپ تىلەمچىلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش بولسا ياۋروپالىقلارنىڭ تۇرمۇش مىزانى. سىگانلار قانۇن ۋە ساقچىلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى شەرەپلىك دەپ ھېس قىلىدۇ. ئۇلار تۈزۈمنى مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ. ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇلار بۇنى ئەنئەنىمىزگە بولغان بۇزغۇنچىلىق دەپ قاراپ مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ سانلىق بالىلار 15-16ياشتىلا مەكتەپتىن چېكىنىدۇ. شۇڭا سىگانلار ئىچىدە زىيالىيلار يوق دېيەرلىك. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە سىگانلارنىڭ تازلىق ئادىتىمۇ غەيرى، ئۇلار كارۋان ھارۋىلىرىنىڭ ئىچىنى كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك بېزەيدىكەن ئەمما سىرتى بىلەن كارى يوق ئىكەن. ئۇلار ئۆيدە يېمەكلىك ساقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۆي ئىچىگە ھاجەتخانا ۋە مۇنچا لايىھەلەشكە بولمايدۇ دەپ قاراپ ھەشەمەتلىك داچا سالغان ھالەتتىمۇ تالاغا قومۇشتا كەپە ياساپ تەرەت قىلىدىكەن.

ئۇلار ئوغرىلىققا بەك ماھىر بولۇپ بۇ ئىشتىن قول ئۈزەلمىگەچكە، باشقىلارنىڭ دۈشمەنلىك قارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. سىگانلار ئىچىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار ئىكەن، ئەيسانى كىرىستقا مىخلايدىغان چاغدا بىر سىگان ئۇنىڭ كۈرىكىگە مىخلايدىغان مىخنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تەڭرى سىگانلارغا ئوغرىلۇق قىلىش ئىجازىتى بەرگەنمىش. قارىماققا ئەركىن ياشاۋاتقان بۇ مىللەتنىڭ ياشاش بوشلۇقى بارغانچە تارلاپ بارماقتا. سىگان يازغۇچىسى لوناردو لى «خۇدا ئۇرغان سىگانلار»دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: بىزنىڭ مۇزىكىلىرىمىز، سەنئىتىمىز، ئەنئەنىۋى كىيىم كېچەكلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوغرىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆرگەزمىخانىلاردا ئىسپانلارنىڭ، ۋېنگىرلارنىڭ، چېخلارنىڭ، فرانسۇزلارنىڭ مەدەنىيەت بۇيۇمى سۈپىتىدە كۆرگەزمە قىلىنماقتا، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ئىجادىيەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوغرىلاپ كېتىلدى، ئەمما بىز تاكى ھازىرغىچە ئوغرى دېگەن نامدىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتىمىز! ئېھتىمال بۇ سىگانلارنىڭ پاجىئەسى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ پاجىئەسىدۇر.

مەنبە:http://www.kangsay.com/ArtRead.asp?articleid=3200




قەدىرلە ئۆز ھاياتىڭنى.

يۈرتۇم مىنىڭ ئەز

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1707
يازما سانى: 1591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16447
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 4273 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 07:39:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

     قولۇمدا قەلەم، ئالدىمدا يىراقتىكى تۈركىيە زىمىنىدا يۇرت تەلپۈنۈشلىرى ئوتىدا پۇچۇلنىۋاتقان يېقىن دوستلۇرۇمنىڭ، ئوتلۇق سالاملىرى بىلەن قوشۇپ ئەۋەتىلگەن تۈركىيە دىيارىدىكى كۆپ سانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئورتاق ساداسىنى، ھەرخىل مەدەنىيەت قايناملىرىدىكى ئۆزگىچە تىڭىرقاشلىرىنى، شۇنداقلا ئۆز يۇرتىنى سېغىنغاندا بىر سىقىم توپىسىنى تۇتىيا بىلىپ كۆزىگە سۈرتكىدەك بولغان ئازابلىق ئۇھلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن،  سالام خەت ۋە تۈركىيىدىكى تۇرمۇشلىرىنىڭ بايانى، شۇنداقلا ئۆز يۇرتتىكى ۋاقىتلىرىدا سۈرگەن تۈركىيە چۈشى بىلەن تۈركىيە زىمىنىغا قەدەم قويۇپ ئۈگۈنۈش، تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا ھېس قىلغان تەسىراتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ يازغان قوليازمىلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا مېنى كۆرۈپ باقسۇن دەپ، قوشۇپ سالغان نۇرغۇن سۈرەت فېليۇنكىلىرى ئالدىمدا يېيىلىپ تۇرۇپتۇ. ئۇلارنى قىزىقىش ۋە ئىشتىياق بىلەن بىرقانچە رەت ئوقۇپ كۆرۈپ چىققانمۇ بولدۇم. كۆڭلۈمدە تۈرلۈك خىياللار، ئاچچىق ھېسلار،  گادىرماش سېلىشتۇرمىلار ئورۇن تالىشىپ تۇرۇپتۇ. قايسى بىر يېقىن دوستۇمنىڭ ماڭا ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئۇيغۇر مەدەنيىتىنىڭ بويۇن قىسىپ قىلىشلىرى توغىرسىدىكى ئاچچىق قاخشاشلىرى، دارتمىلاشلىرى ۋە بىز بىلەن تەڭتۇش بىر قىسىم بالىلارنىڭ ئۆزىچە ئاتالمىش زامانىۋى سالاپەتتە سالام-سائەت قىلىپ ئۆزنى قالتىس چاغلاپ كېتىشلىرىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي ماڭا ئۇلارنى ئەيىپلەپ بېرىشلىرى،ئارقىدىنلا يەنە ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭمۇ بۇ تۇغۇرلۇق نۇرغۇن ياخشى يازمىلارنى يازغانلىقلىرى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي بايان قىلغانلىقلىرى كۆڭۈل ئېكرانىمدىن تېزلىك بىلەن ئۆتتى . ئويلاۋاتىمەن، بۇ ئۇنىڭلا ئەمەس شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن مىللىي كىملىكىمىز ۋە ئۆزلىكىمىزنىڭ خىرسقا دۇچ كەلگەنلىكىدىن ئەنسىرەۋاتقان، تەشۋىشلىك ھېس قىلىۋاتقان بىزلەرنىڭ يۈرەك تېۋىشلىرىمىز ئىدى، ئەلۋەتتە. بۇلارنى قانداق ئىپادىلەش كېرەك؟ قانداق قىلسام دوستلىرىمنىڭ ماڭا بولغان ئۈمىدلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى سادالىرىنى كەڭ دوستلار بىلەن ئورتاقلىشالايمەن دېگەن تۈگمەس تىڭىرقاشلار، ئېنىقسىز سۇئاللار مېنى پەقەت ئارامىمدا قويمىدى . بۇ سادالار تۇغرسىدا نۇرغۇن قەلىمى كۈچلۈك ئۇستازلىرىمىز يازدى ھەم يەنە داۋاملىق  يېزىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، مېنىڭدەك بىر نەچچە پارچە كىتاپنى ئوقۇپ قويۇپلا قانائەت ھاسىل قىلۋالغان مەنىۋىيەت يالاڭتۆشلىرىنىڭ ئېغىز غېرىشلىشى ئارتۇقچىمۇ قانداق، دېگەن ئويلارمۇ ماڭا ھەمرا بۇلۇپ يۈردى. بەزىدە ئۆزۈمنى ئىغىر دەرىجىدە ئىشەنچىسىزلىك كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان ئوخشايمەن دەپ، گۇمانمۇ قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. مۇشۇنداق تەكرار ئىككىلىنىشلەردىن كېيىن يەنىلا بىرەر قېتىم بولسىمۇ يېزىپ سىناپ كۆرسەم، ھۆرمەتلىك ئۇستازلىرىمىزنىڭ توغرا يول كۆرسىتىشلىرىگە ۋە غەمخۇرلۇق بىلەن قىلغان ئىلھام نەسىھەتلىرىگە ئېرىشىپمۇ قالارمەن، دېگەن تەمەدە قەلەمنى قولۇمغا ئېلىپ يېزىشقا باشلىدىم.
     نەچچە يىللار بولغانلىقىغا مەنمۇ ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمەيمەن، ئېھتىمال خاتالاشمىغان بولسام مۇشۇ بەش يىل مابەينىدىكى تۈركىيە كىنو-تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تۈركۈملەپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى ياكى ئۆز تىلى بويىچە سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ كۆپ سانلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۈركىيىنى چۈشىنىشى چوڭقۇرلاشتى. تۈركىيە جەميىتىدىكى ئەھۋاللار بىلەن بىزدىكى ئەمەلىيەتىنى سېلىشتۇردىغان، بەزىدە يەنە ئۇلارغا ئېنتىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بەزى ياشلار ھەم ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر ئارسىدا شىددەتلىك تۈركىيە قىزغىنلىقى ۋە تۈركىيە ماللىرى ئەسەبىيلىكى قوزغالدى. نۇرغۇن تۈركىيە شېرىن چۈشلىرىنى سۈرگىچىلەرمۇ چايقالغان سۇدىكى كۈپۈك بۇژغۇنلىرىغا ئوخشاش جەمىيەتتە لەيلەپ چىقىشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئارتۇقچە دەپ ئېيتىش تەرەققىيات لوگىكىسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارنىڭ ئوتلۇق ھاياجانلىرى تۈرك مەدەنيىتى بىلەن ئويغۇر مەدەنيىتىنىڭ ئۇچىرشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ بەردى دېيىشكە بولىدۇ، بۇنى ئىلمىي نوقتىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك دەيمەن.ئەمما ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ئارسىدا ئەسەبىيلەشكەن تۈركىيە خۇراپاتلىقى ۋە ئۆزنىڭ ئەسلى ھالىتىدىن يىراقلىشىۋاتقان ئاتالمىش ئوتلۇق ھەۋەسلىرىنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى مەنتىقىسى ئورنىغا قويىۋالىدىغان، تۈركىيە خۇراپاتلىق ئوي-خىيالى بىلەن ئۆز ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاشنى ئۆزىگە ھوزۇر، ئالىي شەرەپ ھىس قىلىدىغان، بىر تۈركۈم تۈركىيە مەستانىلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشقا مۇشەررەپ بولالىدۇق. بۇنىڭغا نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ يەردە مەن ئۇلارنى بايان قىلمىساممۇ كەڭ جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا بۇ ئانچە ناتونۇش بولمىسا كېرەك.گەرچە ئۆزۈم بىۋاستە تۈركىيە تۇرمۇش قايناملىرى ئىچىدە چايقىلىپ ئۇنىڭدىكى ئوخشىمىغان لەززەت تېتىملىرىنى ھېس قىلىش ئېمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولساممۇ ئەمما بۇ توغۇرلۇق كۆرگەن ھەر خىل ماتىرىياللار ۋە ئۇ يەرگە بارغانلارنىڭ زوق-شوق بىلەن قىلغان ھەرخىل بايانلىرى، ئالدىمدىكى تۇرمۇش پۇرىقىغا تويۇنغان خەت-چەكلەردىن ئازىراق بولسىمۇ بۇنى ھېس قىلالىدىم ۋە ئازىراق بولسىمۇ تۈركىيە تەسىراتىمنى شەكىللەندۈرەلىدىم دەپ ئويلايمەن. خېلى ۋاقىتتىن بۇيان بۇ مەسىلە ئۈستىدە قىلغان تەپەككۇرلىرىمنى قەغەز يۈزىگە ئىختىرا قىلىش خىيالىدا بولغان بولساممۇ،ھازىرغىچە يېزىپ باقمىغان ئېدىم. بۇ يازمام ئارقىلىق كۆز ئالدىمدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ئەھۋاللارنى كەڭ دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىشنىڭ مەلۇم ئەھمىيىتىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىپ تۇرۋاتىمەن.
     2010-يىلى 8-ئايلارنىڭ كېينكى كۈنلىرىنىڭ بىرىدە مېنىڭ بىر يېقىن تونۇشۇم ئۆزىنىڭ يۇرتىدىن ئازىراق ئىشلار بىلەن قايتىپ كېلىشتە ھايال بولۇپ قالغانلىقىنى، يەنە ئىككى كۈندە ئۈرۈمچىگە كىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئەتە كەلمەكچى بولغان بىر تۈركىيەلىك مېھماننى مېنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋېلىشىمنى ئېيىتتى.پەقەت تۈركىيەلىك مېھمان بىلەن كۆرۈشۈپ ئەكىلىپ قويىدىغانلا ئېش بولغاندىن كېيىن، بوپتۇلا دەپ ئۇنىڭغا ماقۇل بولدۇم. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن مەن ئۈرۈمچى ئايروپورتىغا بېرىپ مېھمان كۈتۈش زالىدا ئۇنى ساقلاپ تۇردۇم، ئالاھەزەل يېرى سائەتلەر ئۆتكەندە قاتارلىشىپ چىقىپ كېلىۋاتقان بىر توپ يولۇچىلارنىڭ قاتارىدا تونۇشۇمنىڭ مېھمىنىنىڭ سىماسى زاھىر بولدى. شۇ چاغقىچە مېنى تىل جەھەتتىكى قاتماللىقنى قانداق ھەل قىلىشتىن ئىبارەت شەكىلسىز توساق ئەنسىرتىپ قويىۋاتاتتى. گەرچە تونۇشۇم ماڭا ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە بىلىدىغانلىقىنى دېگەن بولسىمۇ ئەممە يەنىلا ئەنسىرەشتىن خالىي بولالمىدىم تاكى ئۇ چىقىپ مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەنگە قەدەر .توۋا دەيمەن بەزىدە ئىككى ئۇيغۇر بىر يەرگە كەلسە بىر بىرىنىڭ گەپلىرىنى چۈشىنەلمەي قېينىلىپ كېتىدىغان ئىشلارنمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ، بىراق ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېينكى ئەھۋال مېنى بۇ ئوڭايسىزلىقلاردىن پۈتۈنلەي خالاس قىلدى. ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئەھۋاللىشش ماڭا ئاجايىپ ھەيرانلىق ھېسلىرىنى بەخش ئەتكەن ئىدى، شۇ ۋاقىتتا بەك ھەيران قالدىممۇ يا قوللىرىم كالۋالىشىپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر دەقىقە ئىچىدىكى تىڭىرقاشلىقنىمۇ بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ بولدۇم، يۇ يەنە ئېسىمنى يىغىۋالدىم. بىز پاراڭلاشقاچ ماشىنىغا (دوستۇمنىڭ ماشىنىسى بىلەن بارغان ئىدىم) چىقىتۇق. ئۇنىڭدىكى يېقىملىق، كەمتەرلىك بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان پۇختىلىقى، ئۆزىچە ئۇيغۇر مەدەنىيەت، ئۆرىپ-ئادەتلىرىگە بولغان قىزىقىشلىرى ئۇلاردىن ھەيرانلىق ھېس قىلىشلىرى ماڭا تولىمۇ سۆيۈملۈك بىلىندى. گەپ ئارلىقلىرىدا ئۇ مەندىن ماڭا ۋە مېنىڭ يۇرتمغا ئائىت نۇرغۇن قىزىقارلىق ئەمما ئەھمىيەتلىك سۇئاللارنى سورىدى، مەنمۇ ئۇنىڭغا تەپسىلى چۈشەندۈرۈشلەرنىمۇ بەردىم. قايسى بىر كىشىلەرنىڭ ‹مەنىلىك ۋاقىتلار تولىمۇ تېز ئۆتىدۇ› دېگىنىدەك بىردەمدىلا ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدۇق. ئۇنى ئۆيگىچە ئەكىرىپ تونۇشۇمنىڭ ئۆيدىكىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ ئۆزرىھالىق سوراپ قايتىپ چىقتىم. يولدا كېتىۋاتىمەن، كاللامدا باياتىندىن بېرى بولۇنغان جاھان يىڭىلىقلىرى ۋە بىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنيەتلىرىمىز توغىرسىدىكى كۆپ قىرلىق پاراڭلار، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدىن بىر قانچىنى ئېيتالايمەن دەپ پەخرلىنىشلىرى، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ بىر قانچە كۇبلىتلىق شېئىرىنى يادقا ئوقۇپ بېرىشلىرى، توۋا ئۇنىڭ يەنە قانداق مېنى ھەيران قالدۇردىغان ئىشلىرى باردۇر. كۆڭلۈمدە  دوستۇم كەلگەندە ئۇلار بىلەن بىللە ئايلىنىپ ئۇ تۈركىيەلىك دوستىمىزنى تېخىمۇ يېقىندىن چۈشۈنۈپ بېقىشنى ئويلاپ قويۇپ ياتىقىمغا قايىتتم. ئىككى كۈن ئۆتۈپ ئۇلار ماڭا تېلفۇن قىپتۇ، ئەسلىدە ئۇنىڭ قۇمۇلغا بارغۇسى باركەن، شۇڭا مېنىڭمۇ بىللە بېرىپ بېرىشىمنى دەپ تېلفۇن قىلغان ئىكەن، باشقا ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشۇم بولمىغاچقا ئۇلارغا ماقۇل بولدۇم. شۇ كۈنى بىز بىللە قۇمۇلغا يۈرۈپ كەتتۇق، ماشىنىدا كېتىۋاتقاچ مەن دوستۇمدىن تۈركىيىلىك دوستىمىزنىڭ  ئۇنىڭ دائىملىق مال ئېلىپ بېرىدىغان خېرىدارى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ھەرقېتىم شىنجاڭغا كەلگەندە مۇشۇنداق ئامال بولسا بىرەر يۇرتقا بىرىپ ساياھەت قىلىپ كېتىىدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇم.ئۇنىڭ ئۆزى بىلەنمۇ ناھايىتى قىزغىن پاراڭلاشتىم . ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ھەر بىر ئېغىز گېپى خۇددى ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا جاھاننىڭ يىراق بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىكى قەۋملەرنى سېلىشتۇرۇپ، بۇ توغرسىدىكى ئانالىزىنى يەكۈنلەپ بېرىۋاتقاندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى پىسخىكىسى ۋە ئادەت كۈچى قائىدىلىرى ئۈستىدىكى ئۆزگىچە تەپەككۇر مۇلاھىزىلىرىنى ئۆز ئەمەليىتىدىكى بىۋاستە تۇيغۇلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ماڭا بۇ توغرسىدىكى تەكشۈرۈش دوكىلاتىنى ئوقۇپ بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.  تاڭ سەھەرگە يېقىن شىنجاڭدىكى قۇغۇن ماكانى، چىلان ماكانى دەپ تەرىپلىنپ كېلىۋاتقان، بەرىكەتلىك زىمىن قۇمۇلغا كەلدۇق،ماشىنىدىن چۈشىشىمىزگە دىمىقىمىغا ئۆزگىچە بىرخىل ھاۋا ئۇرۇلدى. ياراتقۇچىنىڭ كارامەتلىرىدىن ھەيران قالىمەن، يۇرتىمىز شىنجاڭدا دۇنيادا مەۋجۈت بولغان ھەرقانداق ھاۋا كېلىماتىنى تاپقىلى بولامدىكىن دەيمەن، تۆت پەسىل خۇددى چىگرا لىنىيىسى ئارقىلىق ئايرىپ قويغاندەك ناھايىتى ئېنىق ئايرىلغان ئىدى. تەبىئەتنىڭ مۆجىزە كارامەتلىرىدىن مۇشۇ خاسىيەتلىك زىمىدا تۇرۇپلا ھەيرانلىق ھېسلىرىغا تولىمىز.قۇمۇلمۇ شۇ مۆجىزە كارامەتلەردىن خالى ئەمەس، ئەلۋەتتە. ھەيۋەتلىك تاغلار ، قىپقىزىل پىشىپ كەتكەن چىلانلىق باغلار،ئېتىزلاردا پىشىپ مەي بوپ كەتكەن قوغۇنلىرى تولۇپ تۇرغان بۇ سېخى ماكان ئەسىرلەردىن بۇيان تۆمۈر خەلىپىگە ئوخشاش باتۇر ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئەپەندىگە قەلىمى ئۆتكۈر ئالىملىرىمىزنى،   ياراملىق كىشىلىرىمىزنى تەربىيىلەپ يېتشتۈرۋاتقان بىلىمخۇمارلار جەم بولغان ماكان ئىدى. بىز ئەسلىدە تۈرك دوستىمىزىنى قۇمۇلنىڭ داڭلىق سەيلىگاھلىرىغا، ياپيىشىل تاغىلىرىغا يانداشقان گۈزەل باغلىرىغا، مەززىلىك تائاملار جەمگاھلىرىغا ئاپىرىپ ئوينىتىشنى ئويلىغان ئىدۇق، ئەمما ئۇنىڭ تەلىپى بىزنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار پىلانلىرىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرشىمىزغا مەجبۇر قىلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يەردىكى مەدەنىيەت پۇرىقى ھېدلىنىپ  تۇرغان كونا مەھەلىلەرنى، ئۇيغۇر قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىي ئەكىس ئەتكەن جايلارنى ساياھەت قىلش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيىتتى. بىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ ھەيرانلىقىمىزىنى ئىپادىلىمەي تۇرالمىدۇق، لېكىن بىز سايىپخان، ئۇ مېھمان بولغاندىن كېيىن مېھماننىڭ رايىغا باقماي ئامال يوقتە، ئۇنى تەلىۋى بويىچە ئۆزىنىڭ بارغۇسى بار يەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاپاردۇق. ئارلىقتا ئۇ تېخى ئالايىتەن قوغۇن قېقى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن بىر مويسىپىت دېھقاننىڭ كىچىككىنە يايمىسىغا باردى ۋە خېلى كۆپ قوغۇن قېقى سېتىۋالدى. بۇنىڭدىن  مەن بەكمۇ تەئەججۈپلىك ھېس قىلدىم، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بولغان ھەيرانلىق، گۇمانلىرىم بارغانچە كۈچىيىپ كەتتى. ئۈرۈمچىگە كەلگىچىمۇ ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئەنئەنىۋىيلىككە قىزىقىدىغانلىقىنى، قۇمۇلنىڭ قوغۇن قېقىنىڭ نامىنى قانداق بىلگەنلىكى دېگەندەك نۇرغۇن چىگش سۇئاللىرىمنى سورىدىم، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇر مەدەنيىتى ۋە ئۇيغۇر ماددىي فولىكلورىغا قىزىقىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ توغرسىدا ئاز بولمىغان ھاسىلاتلارغىمۇ ئىگە ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قېتىم بۇياققا كېلىشتىن ئاۋۋال بىز توغرسىدىكى ماتىرياللارنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىدىكەن، قۇمۇلنىڭ قوغۇن قېقى توغىرسىدىكى چۈشەنچىنىمۇ ئۇ خېلى بۇرۇنلا ئاڭلىغان بولۇپ، پەقەت بېرىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە شارائىتى يار بەرمەپتىكەن،  بۇ قېتىمقى ئىككى كۈنلۈك ساياھەت سەپىرى ئارقىلىق بۇ ئارزۇسىنىڭمۇ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى شۇنچىلىك خوشال ۋە پەخىرلىنەرلىك ھېسىياتى بىلەن سۆزلىگەچ بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ قەشقەرگە ، ئارتۇچ، خوتەن قاتارلىق يۇرتلارغا بېرىپ نۇرغۇن قەدىمى مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەلگەلىكىنى، بىراق نۇرغۇن ئەپسۇسلۇق ئەھۋاللارنىمۇ بايقىغانلىقىنى ئەسلەپ بەردى. گەپ ئارلىقىدا ئۇ بىزگە  تېخى بىزدە ئۇلارنى ئاسىراشتەك ئوي-خىياللارنىڭ بەك سۇس ئىكەنلىكلىرىدەك ئەھۋاللارنىمۇ دەپ ئۆتتى. تۈركىيە زىمىنىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوي پىكرىدە مەلۇم پەرىقلەتنىڭ بارلىقىنىمۇ تېلغا ئېلىپ ماڭا پۇرسەت بولسا ئىزمىرغا بېرىپ ئۇ يەردىكى بىزگە ئائىت نەرسىلەرنى كۆرۈپ بېقىشىمنى تەۋسىيە قىلغاچ، ئەگەر بېرىشنى خالىسام ماڭا تۇققان يوقلاش ئىسپاتىنى ئەۋەتىپ بىرىدىغانلىقىنى دېدى......
     مانا ئۇنىڭغا ئاق يوللۇق تىلەپ ئۇزۇتۇپ قويغىنىمىزغىمۇ نەچچە كۈنلەر بولدى. تېخىچىلا قەلبىمنى ئۆزۈممۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان ئەندىشە، خىجىللىق، مەسئولىيەت ئارقىسىدىكى شەكىلسىز بېسىم، ئەتراپىمدىكى تۈركىيە ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش چەت ئەللەرنىڭ تۈگمەس تاتلىق چۈشلىرىنىڭ لەززىتىنى سۈرۈپ ئۆزىچە ئۇنى تەرەققىي قىلغانلىقنىڭ بەلگىسى، ئاڭنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى قىلىۋالغانلار بىلەن بۇ تۈرك سودىگىرىنىڭ روشەن سېلىشتۇرمىسى كۆڭۈل بوشلۇقۇمدا تۈگمەيدىغان مۇنازىرە، جەڭگە جىدەللەرنى قىلماقتا. ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك كوچىلىرىدا سېتىلىۋاتقان تۈركىيە كىيىملىرى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ مىللى كىيم-كېچەك دۇككانلىرىمىزدىكى پەقلەر، بەزى ياشلارنىڭ ئۇيغۇر مىللى ماركىلىرىمىزنى ياراتماسلىق تەلەپپۇزى بىلەن قىلغان كۆزگە ئىلماسلىقلىرى، تېخى كىچىك بالىلارغا شاكىلات سوۋغا قىلساق ئەڭ ئاۋۋال سورايدىغان «تۈركىيە ئالبىينى»مۇ دەپ قويۇشلىرى، توۋا دەيمەن نەچچە ياشقا كىرگەن كىچىككىنە بالىلاردىكى ئېمپورت قىلىنغانلىرنى تاللاپ يەيدىغان، ئۆزىمىزنىڭكىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۇقمايدىغان، بۇ ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىۋاتقانلار زادى كىملەردۇر؟ ئاتا-ئانىلار دەپ قاراي دېسەم بۇنچە چوڭ مەسئۇليەتنى يالغۇز ئۇلارغىلا يۈكلەپ قويساق تازا ئادىل بولمايدىغانلىقىنى ۋىجدان تارازام ئەسكەرتىپ تۇرىۋاتاتتى، ئەمما بۇ جەھەتلەردىكى زىل مەسىلىلەرنى مۇشۇ يەردىكى ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئەقلى تەپەككۇرىمىز ئارقىلىق سەگەك ھالدا، ۋىجدانى مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ، چىن يۈرىكىمىزدىن سوراپ باقساق، بەلكىم سەۋەپ تەڭپۇڭلىقى ئەسلىگە كېلىپ، مەجبۇرىيەت ھېسلىرى ھەممىزنى سوراققا تارتالىشى مومكىن دەپ ئويلايمەن. قارايدىغان بولساق بىزدىمۇ ئۇلاردىن قېلىشمايدىغان تەرەپلەرنىڭ نۇرغۇن ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز، ئۆزىنى-ئۆزى قوغدىمغان قەۋىم يەنە قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى نۇرغۇن يازمىلار ئارقىلىق ئىلغارلىرىمىز بىزلەرگە سېگىنال بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ، ئەمما بىزلەر يەنىلا.... قايسى كۈنى مەن بىر تەرجىمە ماتىريالنى ئوقۇپ قالدىم، ئۇنىڭدا كورىيىنىڭ كۆكتات باھاسى ئەھۋالى توغرسىدا سۆزلەنگەن بولۇپ، كورىيىدە ئېمپورت قىلىنغان كۆكتاتنىڭ باھاسى ئۆز تۇپرىقىدا تېرىلغانغا قارىغاندا ئەرزان بولىدىغانلىقىنى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ كورىيەلىكلەرنىڭ ئۆزىنىڭكىنى ناھايىتى ئەزىز بىلىدىغانلىقى ئېمپورت ماللارنى ئۆزنىڭكىدىن قەدىرلىك ۋە سۈپەتلىك دەپ ئويلىمايدىغانلىقى سەۋەپ بولغانلىقىنى يېزىپتۇ. ئۇلاردىكى مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك رويىغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم، بىزدىچۇ چەت ئەلنىڭ دېسە خۇددى ھەرقانداق نەرسىلىرىگە ئالتۇن-جاۋارىياتلاردىن ھەل بېرىلگەندەك تەلپۈنۈپ كېتىمىز،ئەجىبا بىزدىكى ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزنى قوغداش ئېڭى ئاشۇ كورىئانلاردىن ئاجىزمىدۇ، يا ئۆز ماللىرىمىز شۇ قەدەر سۈپەتسىزمىدۇ قايسى ئامىل ئۆزىمىزنىڭكىنى نەزىرىمىزدە شۇقەدەر قەدىرسىز قىلىپ قويىۋاتىدۇ، مەن بەك قايناپ سۆزلەش ئارقىلىق سىلەرگە كايىشنى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆز كۆز-قارىشىمنى سىزلەرگە تېڭىشنى مەقسەت قىلمايمەن، بۇ ھەم ماقالەمنىڭ ئاساسلىق ئىپادە شەكلىمۇ ئەمەس.
    ئەگەر بىزدىكى مەدەنىيەت بوھتانلىقىنى چەت ئەللىكىنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەرگىنىم يىتەرلىك بولمىغان بولسا يەنىلا ئەتراپىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق بۇ نوقتىنى يەنىمۇ ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىشنى مېنىڭ بۇ يازمىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتىم دەپ تونۇيمەن.
     2012-يىلىنىڭ باش باھارىنىڭ بىر كۈنى، بۇرۇن مەن بىلەن مەلۇم بىر تىل ئۈگۈنۈش كۇرسىدا بىللە ئوقۇغان كۇرۇسدىشىم مېنى ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىگە قاتنىشىپ بىرىشىمنى ئېيىتتى، گەرچە مەن ئۇنىڭدىن ئۆزرھالىق سورىغان بولساممۇ لېكىن يەنىلا چىڭ تۇرىۋېلىشى بىلەن ئامالسىز ماقۇل بولدۇم. ئەمەلىيەتتە تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى دېگەندەك سورۇنلار بىلەن ئانچە بەك خوشۇم بولمىسىمۇ بېرىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇ تۇغۇلغان كۈن  زىياپىتىنى بىر تۈرك تائاملىرى رېستۇرانىدا قىلغان بولۇپ، ئۇ يەرنىڭ بېزىلىشى ئادەتتىكىدەك ئىدى. مەن كەلگەن چاغدا ئۇلارمۇ ئاساسەن كېلىپ بولغان بولۇپ، ئۇ مېنى دوسلىرىغا تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى مېنىڭ بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ئىزدىشىپ تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. بىلمەيمەن، ئۇ سۇرۇندىكى قىقاس-چۇقانلار، خوشاللىقلار، بىرلىرىنىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن تىلىگەن تىلەكنامىلىرى، يەنە قايسىبىرلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈن بولغۇچىنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرىنى داڭلاپ قىلغان ماختىما سۆزلىرى مېنى چۈشىنىكسىز غېرىپسىنىش كەيپىياتىغا ئەسىر قىلدى، خۇددى بۇ يەردىكىلەر بىلەن مەن ئىككى دۇنيادا ياشاۋاتقاندەك، ئوخشىمىغان مىللىي پىسخىكا، قىممەت قاراشلىرىغا ئايرىلغاندەكلا. ئىلگىرى مەنمۇ نۇرغۇن يىغىلىشلارغا بارغان، ئەمما بۈگۈنكى يىغىلىشنىڭ زادى قايسى ئېقىمغا، قايسى مىللەتكە، ۋە ياكى قايسى مودا دەۋرىنىڭ يۆنىلىشىگە ۋەكىلىك قىلىدىغانلىقىنى ئايرىيالمىدىم، تاماقلار تارتىلدى، ئادانا كاۋاپلىرى، ئىسكەندەر، نەزىمنىڭ بارمىقى دەمدۇ؟ ئەيتاۋۇر ئىشقىلىپ مەن بىلمەيدىغانلا تاماقلار، ئىچىملىكلىرىنى دېمەيلا قوياي ، ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرى ئالدىدا راستىنلا چېنىپ قالغانلىقىمنى ھېىس قىلدىم. بولمىسا مەنمۇ خېلى مودا يۈرىمەن دەپ دوسلىرىمنىڭ ئالدىدا چاقچاق پولىرىنىمۇ قىپ قوياتتىم، ئەپسۇس بۇ يەردە مېنىڭدەك كىيىنىش مەستانىسىمۇ مەدەنىيەت سۆرەلمىلىكىنىڭ، جەمئىيەتكە يېتىشىپ ماڭالمىغانلارنىڭ مىسالىغا گۇۋاھ بوپ قالدىم. داۋاملىق ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇشنىڭ قىلچە ئورۇنلۇق ئەھمىيىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ يەتتىم –دە، ئۇنىڭغا ئىشىم چىقىپ قالغانلىقىنى دەپ ئۆتۈنۈشلەر ھېسابىغا ناھايىتى تەستە ئۇ ئولتۇرۇشتىن قايتىپ چىقتىم. يولدا كېتىۋاتىمەن كاللامدا باياتىندىن بېرى كۆزلىرىم بىلەن كۆرگەن غەرىپ دېسە غەرىپ ئەمەس، مىللىيلىق  پۇرۇقى بارمىكىن دېسە قىلچە ئۇ خىل ھېدلارنى ھېدلىغىلى بولمايدىغان، ئىشقىلىپ شەرىق-غەرىپ مەدەنيىتى ئۆزئارا ئەبجەش بولۇپ كەتكەن ھېسىيات قايناملىرى ئارسىدىن ئېرىشىۋاتقان چۈشىنىكسز خوشاللىقلار ئەكس ئەتمەكتە. يولدا ماڭغاچ ئۆزەمچە ئەڭ ئاددىي بولغان ھېساباتنى قىلىپ باقتىم، بۈگۈنكى ئولتۇرۇش ئاز بولغاندا بىرەر مىڭ يۈەندىن ئاشقانىدى، لېكىن داستىغانغا داخىل بولغانلار بولسا ئاران يەتتە ئادەم ئىدى، بىر ئادەمگە ئىككى يۈز يۈەندىن توغرا كەپتۇ، ئەگەر ئۇلار ئادەتتىكى ئۇيغۇر تائاملىرى ئاشخانىسىدا ئولتۇرغان بولسا بەلكىم نۇرغۇن پۇل تىجىلىپ قالغان بولاتتى-ھە! ئۇنى تېخىمۇ مەنىلىك ئىشلارغا ئىشلەتكەن بولسا ......  قورسىقۇمنىڭ ئاچلىقى مېنى خىياللاردىن ئويغاتتى، باياتىندىن بېرى غەيرى-غەيرى تائاملارغا قاراپ ئولتۇرغىنىم بىلەن يەنىلا ئاچ قالغانلىقىمنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈردۈم ۋە قورساق توقلاش ئۈچۈن ئۆزۈم دائىم بارىدىغان ئۆي تائاملىرى ئاشخانىسىغا بېرىپ ئوخشىغان بىر تەخسە لەڭمەن يەپ كېلىش ئۈچۈن قەدەملىرىمنى ئېلدام قىلىپ يۈرۈپ كەتتىم.....
    ئاپتونوم رايونىمىزغا قارايدىغان بولساق بىزدىكى جۇغراپىيۋىلىك شارائىتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەتكە بولغان مەسئۇليەتچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان مىللەت قاتارىدىن قىلغان دەپ قارايمەن، شىنجاڭنىڭ شەرىق تەرىپىدە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، شىمال تەرەپتە روس مەدەنىيىتى، غەرىپتە ئەرەب مەدەنىيىتى، جەنۇپتا بۇددا مەدەنىيىتى، غەربىي جەنۇپتا ھېندى-پارىس مەدەنىيتى، ئەگەر غەرىپتىكى تۈركلەرنى ئوخشاش تۈركى مىللەت قاتارىدا ئەمما مەدەنىيەت جەھەتتە پەرىق چوڭ دەپ تەھلىل قىلساق، ئۇنداقتا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى شۇ قەدەر ئۇزۇن بولغان ھاياتى كۈچكە ئىگە، غايەت زور ئاسىمىلاتسىيە قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان مەدەنىيەتلەر قورشاۋىدا تۇرماقتا دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ،شۇنداق مۇھىتتىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۆزنىڭ خاسلىقىنى يوقۇتۇپ قويغىنى يوق. ئەجىبا بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىمىزنى يوقۇتۇپ قويۇش خەتىرىگە دۇچ كېلىشىمىزىنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟  
    بىزدە تارىخىمىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قۇدىرەتلىك ئۆتكەن زامانلىرى، مىللى مەدەنيىتىمىزنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى، شارائىتلىرى، ئۇلۇغ كىشىلىرىمىزنىڭ تارىختا قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك ۋە مول مەدەنىي مىراسلىرى ھەققىدە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيدىغانلار بەك جىق، بەلكىم بۇ بىزدىكى «مىللىي غورۇرچىلىق» تىن بولسا كېرەك. ئەمما بىز يەنە بىر نەرسىنى يەنى مۇشۇ  «مىللىي غورۇرچىلىق»نى قانداق ئورۇنلاردا قانداق ئەھمىيىتى بىلەن جارى قىلدۇرۇشنىمۇ سوغۇققانلىق بىلەن ئويلاشماي بولمايدۇ دەپ قارايمەن.بىزدە ئەڭ موھىم بولىۋاتقىنى ئەقىدىنىڭ كەمچىللىكى ۋە ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەت بايلىقىمىزغا بولغان ئەقىدىمىزنىڭ سۇسلاپ كېتىشىدىنمىكىن دەيمەن.
     پىراففىسۇر، تەتقىقاتچى ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىنىڭ « ئۇيغۇرلاردا ئەبگالىق» دېگەن ئەسىرىدىكى مۇنۇ قۇرلارنى بايان قىلىش ئارقىلىق، بۇ نوقتىنى ئازىراق بولسىمۇ شەرھىلەش مەقسىتىمنى ئىشقا ئاشۇرالىسام ئەجەپ ئەمەس.«.....بىراق ئەبگالىق ئىللىتى ۋۇجۇدىمىزنى چىرماپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردا ئەقىدە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ «ئەلىھەمدۇلىلا مەن مۇسۇلمان» دېگەنلىرى يالغان. بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ «ناماز ئوقۇش كونىلىق بولىدۇ، دېگەن زامانلاردا، مەھەلىسىدىكى مەسچىدلەرنى تاقاپ، ئۇنى ئەسكى-تۈسكىلەرنى قويىدىغان ئامبار قىلىۋالغانلىقى پاكىت. ئۇلارنىڭ مەن «ماركىسىزىمچى كوممۇنىستمەن» دېگەنلىرى كاززاپلىق، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ياش ۋاقتىدا كادىر بولۇپ، ناماز ئۇقىغانلارنىڭ ساقىلىنى يۇلۇپ، نامازغا ئەرزان ئېيىتقان مۇسۇلمانننىڭ قولىقىغا مۇشلاپ، ھاياتى كۈچى بار ئۆمرىنى خەلقنى قاقتى-سوقتى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇرۇقلۇق، ئەمدىلىكتە تەقۋادار مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ، مەسچىد جامائىتىنىڭ قاتارىغا قوشۇلىۋالغانلىقى، ساقاللىرىنى ئۇزۇن قويىۋېلىپ، قوللىرىدىن تەسۋىنى چۈشۈرمەي«سۇبىھانەئاللا»دەپ يۈرۈشلىرى پاكىت ۋەھاكازالار...»گەرچە بۇ پارچە بىر كىنايە بولسىمۇ ئەمما ئۇ بىزگە ئەقىدىنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى كۆرسۈتۈپ بېرەلەيدۇ.  ئەقىدە ئۇ كىشىلەردىن ئۆزى ئەقىدە قىلغان نەرسىلىرىنى ئاسىراشنى، ئۇلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەتتا زور بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماسلىقنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بىزدە كەم نەرسە دەل شۇ ئەقىدە. ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيەت بايلىقىمىزغا، شانلىق تارىخىمىزغا، گۈزەل يۇرتىمىزغا بولغان ئەقىدە ئىخلاسىمىزنىڭ كەم بولىۋاتقانلىقى،ئەقىدىسىزلىكنىڭ بىزنى بارا-بارا تۇمان ئىچىگە سۆرەپ ئېلىپ كىرىۋاتقانلىقىدۇر.   
     شىنجاڭ مەدەنيىتى ژورنىلىنى سېتىۋلغىلى نەچچە كۈنلەر بولغان بولسىمۇ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بۈگۈن تېخى ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالىدىم. كەچ بولغىنىغا قارىماي بىر خىل قىزىقىش ئىلكىدە ئەسقەر ئەنىۋەر ئەلسۆيەرنىڭ دوكتۇر، تەتقىقاتچى، جەمىيەتشۇناس زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئاكىمىز بىلەن ئاكىمىز بىللە ئېلىپ بارغان «ياشاش ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلشتۇر » سەرھەۋىلىك زىيارەت خاتىرسىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. ئۇنىڭدىكى پىكىرلەر ماڭا تولىمۇ تەسىر قىلدى. بولۇپمۇ زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ « ئۇيغۇرلاردا تۈركىيە خۇراپتلىقى ۋە ئېمپورت ماللار خۇراپاتلىقى» بەك ئېغىرلىشىپ كەتتى، دېگەن قارىشىنى قوللايدىغانلىقىمنى يوشۇرالمايمەن. سۇئاللار كۆپ ئەمما جاۋاپ بېرىشكە يېتەرسىزمەن، بىزگە نىمە بولدى؟ بىز زادى نەگە بارىمىز ؟ ياش ئەدەبىي تەنقىدچىمىز نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ:« مەن نەدىن كەلدىم؟ نەگە بارىمەن؟ قانداق بارىمەن؟.... » دېگەندەك ئۆتكۈر سۇئاللىرىغا ئوخشاش ئىزتىراپلىق تىڭىرقاشلار پۈتكۈل ئاڭ سىزىمىم ۋە تەپەككۇر ئالىمىمنڭ ئەڭ يۈكسەك چوققىلىرىدا جۇلالىنىشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ھەر بىرلىرىمىزنىڭ ئۆز-ئۆزىمزىدىن سوراپ بېقىشقا تىگشلىك مەسىلىمىكىن دەيمەن.
     تەرەققىيات ئەلۋەتتە ھەرقانداق بىر مىللەت ياكى ھەقانداق بىر رايۇندا ياشاۋاتقان قەۋىم ئۈچۈن ئېيتقاندا مۇقەررەرلىكە ئېگە ھەرىكەت جەريانى.ھەرىكەت بولىدىكەن ئۆزگىرىش بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭدا يەنە نۇرغۇنلىقان قۇربان بېرىشلەر ۋە ئېگە بولۇشلار بىلەن بولىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ئىدى، يەر شارىنىڭ 300يىللىق تەرەققىياتى جەريانىدا يوقاتقانلىرى بۇنچە ئېغىر بوپ كەتمىگەن بولاتتى. شۇنداقلا ھازىرقى بىزلەرنىڭ ياشاشتىكى قورقۇنۇشلۇق ئەندىكشلىرىمىز ئۆزىمىز ياشاۋاتقان ماكاننىڭ كەلگۈسىدىكى ھالىتىگە بولغان توختاۋىسىز خەۋىپسىرەش خارەكتىرىنى ئالغان قىياسلىرىمىزمۇ بولمىغان بولاتتى. تەرەققىيات ئۆز نۆۋىتىدە يەنە قايتىلىما بولغان ئەكىس تەسىرىنى ئانالىز قىلمىسا بولمايدىغان جەريان، بولمىسا كېلىپ چىققان ئاۋارىچىلىقلارمۇ ئاز بولمايدۇ، بۇ خۇددى يول ياسىغاندا ئەۋرەز يوللىرىنى ئويلاشماي يول پۈتكەندە يەنە قايتىدىن بۇزۇپ ساق يولغا ياماق سالغاندەكلا بىر ئىش، ئەمما بۇ خىل ئەھۋالنى  پۈتكۈل تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ياكى تەرەققياتنىڭ پۈتكۈل ساھەلىرىدە ئورتاق مەۋجۈت ھادىسە دەپ ئيتىشقىمۇ بولمايدۇ، پەقەت ئازساندىكى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ قىسمەنلىكىدىن ئىبارەت خالاس. دۇنيا تەرەققى قىلىشى كېرەك، بۇ مۇقەررەر بىر ئەھۋال، ئەمما قانداق تەرەققىي قىلىش  مەسىلىسىگە نىسبەتەن ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ياكى بولمىسا ھەرقانداق رايۇننىڭ ئۆز ئەمەليىتىىڭ يەكۈنىگە ئاساسلانغىنى بويىچە بولغىنى ئەڭ ياخشى. دۇنيا بويىچى ئەڭ كۈچلۈك ئامىرىكىمۇ تەرەققىيات ، ئالغا ئىلگىرلەش جەريانىدا ئۆزنىڭ ئامېرىكىچە يولىنى تۇتۇپ ماڭدى، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىچە مەدەنىيىتنى تەرەققىياتىقا يۈك قىلىۋالمىدى، ئەكسىچە ئىككىسى بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئامېرىكىچە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ياراتتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ بىر ئاددىي مىسال بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ناھايىتى كۆپ بۇ يەردە بىرمۇ- بىر تەكىتلەش مومكىن ئەمەس.
     دېمەككى، بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات بولغان قاراشلىرىمۇ شۇنىڭغا تەڭداش بولىشى كېرەك دەپ قارايمەن. مەن ئۇيغۇرلاردىكى ئىلىم-پەن ، مەنىۋىيەت، كامالەت، ئادىمىيلىك تۇيغۇلىرىنى پۇل-بايلىق،بىلەن چىقىشالمايدۇ دېسە پەقەت ئىشەنمەيمەن، ‹جاھاندا ماددى كاپالەت بىر قەدەممۇ مەنىۋىيەتتىن ئايرىلىپ باققان ئەمەس›(نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن). شۇنداق ھازىرقى ياشلارنىڭ ئارسىدىكى بىزنىڭ مەدەنيىتىمىزنى ئارقىدا قالدى، زامانغا ماسلاشمىدى، ئۇنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك دەيدىغان ئاز ساندىكى مودىكەشلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات سەپسەتىلىرىنىڭ قىلچە ئاساسى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۋاتىمەن.ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتى كۈچى ئېنتايىن يۇقۇرى سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىلغان، گەرچە ئەتراپىدا كۈچلۈك ئاسسىمىلاتسىيە ھەرىكەتلىرى بولسىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىۋېتىش ھەرگىز مومكىن ئەمەس. ھەممىگە مەلۇم بىر شەيئىنىڭ ئۆز مەۋجۈتلۇقىنى ساقلىشى ئۈچۈن ئۇ چوقۇم مۇھىتقا ماسلىشالىشى كېرەك، بۇنىڭ بىردىن-بىر ئامالى ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ ھەم شۇنداق بولۇشى كېرەك شۇڭا بىز پۈتۈن زېھنى كۈچىمىزىنى ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى قانداق قىلىپ تەرەققى قىلدۇرۇش، زامانىۋى جەمىيەت بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ ئورتاق ئىلگىرلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى ئۆزگىرىشلەر بىزگە بۇنىڭ تامامەن مومكىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەسلەن، بىر قىسىم كېيىم-كېچەك كارخانىلىرىمىز ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىمىزنى زامانىۋى مودا ئېقىمى بىلەن قايتا نامايەن قىلىپ ئويلىمىغان ئۈنۈملەرگە ئېرىشتى.شۇڭا بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭكىنى باشقىلاردىن تۆۋەن دېگەن قاراشلاردا بولۇشىمىز بەكلا بىر تەرەپلىمىلىكتۇر. (« ئوقۇدى ئاشتى باشقىلار بىزدىن ئەي قېرىندشلار ، كۆرگەچ ئۇلارنىڭ ئىجتىھاتىنى قاينار ۋىجدانلار . ھاۋادا لاچىندەك جەۋلەن قىلار باشقا مىللەتلەر، قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا ئويلا ئۈممەتلەر.») مېنىڭچە مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ بۇ چاقىرىقىنىڭ ۋاقتى ئۆتمىگەن بولسا كېرەك، ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ تۈركىيە زىمىنىدا نەچچە يىللاپ تۇرۇپ ئېلىم تەھسىل قىلغان ئىكەن. شۇنداق جاھالەتلىك يىللاردا ئۇ بىزگە تۈركىينى داڭلاش ئەمەس، ئۆزىمىزنى تۈركچە ئۆزگەرتىۋىلىش ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈپ ئۇلاردىن ئۆتۈپ كېتىشىمىزنى، ئۇيغۇر مىللىتى دېگەن شەجەرىلىك بايراقنى دۇنيا ئاسمىنىدا لەپىلدىتىشكە چاقىرغان ئىكەن. ئۇ ۋاقىتلاردىكى شىنجاڭ بىلەن ھازىرقى شىنجاڭنى سېلىشتۇرۇش ئەسلا مومكىن بولمىسىمۇ، ئەمما بىر تەرەپنى يەنى بىزدە تەرەققىيات، مەدەنىيەت، ئېلىم خۇمارلىق كۆز-قارىشىنىڭ دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر مىللەتتىن كام ئەمەسلىكىنى ھەتتا ئەكسىچە ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. بۈيۈك نامايەندە «قۇتادغۇبىلىك» تە (ئۆتكەنلەر «قۇت بەلگىسى بىلىگ» دەپتۇ، بىلگ بىلسەڭ بەخىتلىك بولۇر ئوقۇ دەپتۇ. بىلگسىز نادانلارنىڭ ھالىغا ۋاي، بىلگ ئال، ئەلگە قۇش قۇت، تۆھپە دەپتۇ.) راست، بىلىم بايلىق، بىلىم تەرەققيات، بىلىم بەخىت ئەيتاۋۇر يەنە قانداق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەشنىمۇ بىلمىسەممۇ ئەمما ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ تۇغرسىدىكى يۇقارقىدەك يەكۈنلىرى مۇنداقلا يېزىپ قويۇلغان نەرسە بولماستىن ناھايىتى كۈچلۈك ئاساسلار بىلەن يۇغۇرۇلغان دېيىشكە (مەيدىمىزنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ) ھەقلىقمىز دېيەلەيمىز.
     مەۋجۇتلۈق قوغداشقا مۇھتاج. ھەرقانچە شانلىق مەدەنىيەتمۇ يېتەرلىك قوغداشقا ئېرىشەلمىىسە قانداق تەغدىر قىسمەتلەرنىڭ ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قويسۇن. بەزىلەر بىزلەرنى دۇنيادىكى ئىككىنچى سىگانلار بولۇپ قالارمۇ؟ سەنئەت بىزلەرنى نەلەرگە ئاپىرىپ تاشلار؟ بىزدە سەنئەتچىلەر قۇمدەك كۆپىيىپ كەتتى ھەم بىزنىڭ (گېنىمىزغا) ئورۇنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ... دېگەندەك تۈرلۈك ئەندىشىلەردە بولماقتا. مېنىڭ ئۇلارغا دەيدىغان شەخسى قارىشىم(ئۆزۈمگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ) ئۇنداق بولمايدۇ، مەدەنىيەت ئۇ كۆپ قىرلىق بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ھەممە قىرلىرى ئىسلاھ قىلىشقا ( ئەنئەنە ئاساسىنى ساقلاش شەرتى بىلەن) ، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا موھتاج،بۇ توغرسىدىكى تەتقىقاتلارنى كۈچەيتىشكە خىزمەت قىلىش كېرەك، بولمايدىكەن ياشلىرىمىزنىڭ  ئارسىدىكى مەنىۋىي نامىراتلىقى ۋە ئۆزىدىكى شۇ نامراتلىق بوشلۇقىنى ئۆزگە مەدەنىيەتلەردىن ئىزدەيدىغان مەدەنىيەت قەلەندەرچىلىكى كۈچىيىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئېچنىشلىق مەنزىرلەرنى كۆرۈشنى ھېچقايسىمىز خالىمايمىز چۈنكى بۇ مىللەتكە بىر بۆھتان، بىر ئازاپ بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
    ئادەمدە ئۆزىنى قوغداش ئېڭى، ئۆزلۈكىنى قوغداش ئېڭى بولمايدىكەن، ئۇنىڭ مىللىي كىملىكىنى، مىللى ھېسىياتىنى قوغداش ئېڭى ئەلۋەتتە بولمايدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى پەقەتلا بىزنى روھىيەتتىكى بوھتانلىققا ئېلىپ بېرىشتىن باشقىسى ئەمەس. دۇنيا ھەر خىل شەكىلدىكى مەدەنىيەت ئېنقىلابىي ئارقىلىق بۇرۇن يۇقۇتۇپ قويغان تۇيقۇلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ھەرىكەت قىلىشماقتا، بىراق ئۇلارنىڭ قانچىلىك ھوسۇلغا ئىگە بولىشىنى بىر نەرسە دېمەك قىيىن. ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا بىز تېخى  كۆپ بەخىتلىك ھېسابلىنىمىز . قانداقلا بولمىسۇن بىزدە مىللى مەدەنىيەت بايلىقلىرى ئۆزىنىڭ جۇلاسىنى يوقاتماي داۋاملىشىپ كەلمەكتە، ئەگەر ئۇلارنى قوغداشنى ئۆزىمىزنىڭ ئالىي شەرىپى قىلىپ تۇنۇشنى ئەمدىلەردىن ھېس قىلساقمۇ كېچىككەن بولمايمىز. مەدەنىيەت ئۇ بايلىق، مەدەنىيەت ئۇ رول، بىزلەر رولچىلارمىز، رول سەرخىل بولغان بىلەن رولچى ساز بولمىسا ئوخشاشلا ئەندىشىدىن، قورقۇنۇشتىن يېراق ئەمەسمىز.ئەجدادلارنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن مەدەنىيەت مىراسلىرى بىزلەرگە پارلاق نۇرلىرى بىلەن يېتىپ كەلگەن ئىكەن، ئەۋلاتلارغا يەنە شۇ پارلاق نۇرلىرى بىلەن يەتكۈزۈش سىز بىزگە ئوخشاش بىر ئەۋلاد رولچىلارغا ئامانەتتۇر. ئۇلۇغ كىتاپلادا شۇنداق قەيىت قىلىنغان «ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلارنى ھىچكىم كەچۈرمەيدۇ، ياراتقۇچىمۇ كەچۈرمەيدۇ». شۇنداق ئىكەن بۇ مۇقەددەس ئامانەتنى ساق سالامەت كېيىنكى ئەۋلادلارغا تاپشۇرايلى، ئۇلار بىزدىن، سىزدىن ۋە ھەممىزدىن رازى بولسۇن، بىزلەرنىڭ قىلغان شۇنچىكى خىزمىتىمىز ئۈچۈن ئۇلار كەلگۈسىدە مەدەنىيەتسىزلىكنىڭ ئازابىدىن يىراق تۇرسۇن. .
مەنبەhttp://www.nur.cn/news/2014/02/154311.shtml....
؛

قەدىرلە ئۆز ھاياتىڭنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89160
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 07:41:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆنۆگۈن ئۈرۈمچىدە كەش بوپتۇ، ئەگەر بۇ ئۇچۇرنى 5 توپقا تارقاتسىڭىز چ چ رىڭىزنىڭ دەرىجىسى 3 قۇياش ئۆرلەيدۇ، ئەگەر 10 توپقا تارقاتسىڭىز چ چ گۇروھى سىزنىڭ چ چ رىڭىزنىڭ دەرىجىسىنى 10 قۇياش ئۆرلىتىپ ئۇندىن سىرت يەنە داپەنجى بىلەن مىھمان قىلدۇ ، ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ ، بىز سىناپ باقتۇق راسلا ئۈنىمىنى كۆردۇق ،  

يۈرتۇم مىنىڭ ئەز

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1707
يازما سانى: 1591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16447
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 4273 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 07:47:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ قىممىتى7 ^; m: L$ g, t8 x5 ~0 Z: c. e
) L% X4 d: y$ g: R* f

# A+ h8 L2 L- i" y1 S' _" rئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى يۈكسەك بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاسلىقىنىڭ روشەن بەلگىلىرىدىن بىرى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۇنىڭ سەر خىل ھادىسىلىرى جارى قىلدۇرۇلۇشى ۋە ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇلۇشى لازىم، ئەلبەتتە. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ قىممىتى قايسى نۇقتىلاردا ئىپادىلىنىدۇ؟ بۇ ھەقتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇرنى زىيارەت قىلدىم.  F0 F7 d6 Q$ e6 }8 ^0 g# c2 |
پولات ئاماننۇرى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئەزاسى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇيغۇرلار تارىختىن بېرى جۇڭگو تېرىتورىيەسىدە ئاۋۇپ، تىرىكچىلىك قىلىپ، تەرەققىي قىلىپ كەلگەن ۋە ئۆزىگە خاس يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان. بۇ ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيەتىنىڭ تولۇقلىنىشى، يۈكسىلىشى ھەم تاكاممۇللىشىشىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن ئورتاق ئالاھىدىلىكنى ساقلاپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تەرەققىياتىدىن ئىبارەت چوڭ ئېقىننى بويلاپ راۋاجلىنىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قىسمەن ئۆزگىچە پەرقلەرمۇ ساقلىنىپ بارغان. سىزنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟& h" n( ~# d1 l4 v8 r

; }, [; n! y' Y9 eغەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى، يەنى تەبىئەتنى بىلىش بولۇپلا قالماستىن، يەنە سوتسىئولوگىيە، سىياسىي-ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا ھەققىدە ئويلىنىشمۇ بار. ۋاقىت جەھەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىدە قەدىمكى ئەنئەنىلەرمۇ، يېقىنقى زامانغا خاس ئەنئەنىلەرمۇ بولغان.
  d$ {- B: w1 l- r3 B9 E6 d4 s( S- g& W% N# U7 ^2 h4 f* ]
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە بىردەكلىك، ۋارىسچانلىق ۋە خاسلىق يېتەكچى مەۋقە قىلىنىپ، كۆپ خىللىق، يېڭىلىنىش، ئارىلاشمىلىق يېتەكلەنگۈچىلىك ئورۇندا تۇرۇپ كېلىش بىلەن بىرگە بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىق، ۋارىسچانلىق بىلەن يېڭىلىنىش، خاسلىق بىلەن ئارىلاشمىلىق قاتارلىقلار قارىمۇ قارشىلىقنىڭ بىرلىكى بولۇش پىرىنسىپىنى ساقلىغان.* `) j5 _, Q4 g8 j8 B

9 B5 v" k* ^7 t4 J7 oئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ يادروسى، مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسىي تەرەپلىرىدىن بىرى. ئۇ چەكسىز ھاياتىي كۈچكە، يۈكسەك ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن مىللەت ئورگانىك بىر گەۋدە ھاسىل قىلغان. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ۋاستىلىرىدىن بىرى. مىللەت ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن ئايرىلىدىكەن، ئۇنىڭ مەدەنىيىتى تۇپراقتىن ئايرىلغان گىياھقا، مەنبەدىن ئايرىلغان ئېقىنغا ئوخشاپ قالىدۇ.4 g) c+ \! ~) r& G
" y# @, s- I- i- M
پولات ئاماننۇرى: ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي مەدەنىيىتى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟& e) y* Y7 }5 b/ ^
( K# p( D" O! `2 V
غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر: ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسى دېھقانچىلىقنى مەركەز قىلغان ئېكىنچىلىك بىلەن ھايات كەچۈرۈپ كەلگەن. شىنجاڭدا بۈگۈنكى كۈندە تارىختىن بۇيان ياشاپ كەلگەن 13 ئاساسىي مىللەت بار. ئۇيغۇرلار مانا مۇشۇ مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شىنجاڭ ئىگىلىكىنى يۈكسەلدۈرۈشكە بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشۇپ كەلدى. شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى يېزا-ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ناھايىتى قولايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى دەل يېزا-ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەن.
! p/ q& [# |# o, i; I& f# R+ ]' m
5 ]7 H, N' C' I8 e$ Sشىنجاڭنىڭ ئېكىنچىلىك ئىگىلىكى دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، قوغۇن-تاۋۇز تېرىقچىلىقى ۋە كۆكتات تېرىقچىلىقى قاتارلىق ساھەلەرگە ئايرىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنغان. بۇغداي، قوناق، شال، ئارپا، تېرىق قاتارلىق زىرائەتلەر؛ كېۋەز، زىغىر، زاراڭزا، ئاپتاپپەرەس، قىچا قاتارلىق تالالىق ۋە ياغلىق دان زىرائەتلەر بار. شىنجاڭدا بۇغداي ناھايىتى كۆپ تېرىلىدۇ. ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشتىن مەلۇم بولۇشىچە، جۇڭگو تەۋەسىدە بۇغداي ئەڭ بۇرۇن شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلگەن. ئالما، نەشپۈت، ئانار، ئەنجۈر، ئۈزۈم، ياڭاق، شاپتۇل قاتارلىق مېۋىلەر ۋە قوغۇن-تاۋۇزلار كۆلەم جەھەتتە كۆپ ئۆستۈرۈلۈپ قالماستىن، بەلكى بۇلار تەمىنىڭ تاتلىقلىقى، سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن مەملىكەت ئىچىدە يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە. شىنجاڭنىڭ بۇ جەھەتتە «مېۋە ماكانى» دېگەن نامىمۇ بار.5 G/ ^! x3 n% T% v3 r

; a7 d: X) D& ?  ^$ _ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدە بۇغداي ئۇنى تامىقى ئاساس قىلىنغان. بۇ دېھقانچىلىق ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە. كۈندىلىك ئىستېمالدا سۇيۇقئاش، چۆپ، لەڭمەن، چۆچۈرە، جۇۋاۋا، مانتا، ھورنان، قازان نېنى، سامسا، قۇيماق قاتارلىقلار بار. بۇغداي ئۇنىدىن يەنە ھەر خىل نانلار تەييارلىنىدۇ. ناننىڭ تۈرىلا ئون نەچچە خىلغا يېتىدۇ. قارا ئاشلىقمۇ خېلى كۆپ نىسبەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ. قوناق (ئاق قوناق، كۆممە قوناق)، تېرىق، ئارپا قاتارلىقلاردىن سۇيۇقئاش، جۇۋاۋا، ئۇماچ، يوبدان، كۈجە، تالقان تەييارلانغاندىن باشقا، نانمۇ ئېتىلىدۇ. گۈرۈچتىن ئاساسەن پولو تەييارلىنىدۇ.. G, ]! x) l9 T( t6 W% @

/ C2 ?: e7 i2 _ماش قاتارلىق پۇرچاق تىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەر؛ چامغۇر، سەۋزە، تۇرۇپ، پىياز، يۇمغاقسۈت، پىننە، سامساق، لويلا، يۇمران بېدە (كۆك)، قىزىلبۇداچ، كۈدە، كاۋا، قاپاق قاتارلىق كۆكتاتلار؛ قوغۇن-تاۋۇز، ياڭاق، ئۆرۈك، ئالما، شاپتۇل، توغاچ، ئۈزۈم، ئۈجمە، ئامۇت، نەشپۈت، جىگدە، چىلان، گىلاس، ئەينۇلا، شاتۇت قاتارلىق مېۋىلەر؛ غوراپ، سىيادان، زىرە، بەدىيان، سۈت، قېتىق، قايماق، لەيلىگۈل، قىزىلگۈل قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەبىئىي يېمەكلىكلەر بولۇپ، سۈنئىي يېمەكلىكلەر ئاساسەن ئومۇملاشمىغان.
+ t/ K) w  G$ J* N) y+ ~; Y$ q: f, S; b8 N" @
ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق ئىگىلىكى چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ زۆرۈر ياردەمدە بولۇشىنى تەقەززا قىلغان. چارۋىچىلىق ئىشلىرىدا قوي، ئۆچكە ئاساس قىلىنغاچقا، قوي گۆشىنىڭ ئىستېمال قىلىنىشى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۆچكە، كالا، ئات، توخو گۆشلىرى ۋە بېلىق قاتارلىقلارمۇ بەلگىلىك نىسبەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكىدە چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر دېھقان ئاھالىلىرى ئاساسەن مال-چارۋىدىن ئايرىلالمايدۇ.( ]9 u' q7 {. A2 N  K8 y& p

- X$ P; X( v5 t& Eشىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشى گۆش ئىستېمالىنىڭ مول بولۇشىنى شەرت قىلغان. ئۇيغۇرلار گۆشنى شورپا، قورداق، قىيمىلىق تاماقلار، نارىن چۆپ، پولو قاتارلىقلارغا قوشۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق مىجەزنى تەڭشەش، ساقلىقنى ساقلاش مۇددىئاسىغىمۇ يەتكەن. پەسىل، ھاۋارايى، ئەمگەك مەشغۇلاتى ۋە جۇغراپىيەلىك شارائىتقا قاراپ، سوغۇقلۇق، ئىسسىقلىق ۋە مۆتىدىل تاماقلارنى، ھەر خىل تەم تەڭشىگۈچ، مىزاج تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى دورا-دەرمەكلەرنى تەييارلايدۇ. مەسلەن، سوغۇقى ئېشىپ كەتكەندە ئۈستۈن ھارارەتلىك، ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماقلارنى؛ ئىسسىقى ئېشىپ، قىزىپ قالسا سوغۇق تەبىئەتلىك تاماقلارنى يېيىش ئارقىلىق بەدەننىڭ مىزاجىنى تەڭشەيدۇ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى كېسەل داۋالايدۇ. ئومۇمەن، پەرھىز تۇتۇش خەلق ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بىر خىل ئەنئەنە بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە تېبابەتچىلىكتىمۇ كېسەل داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.. o0 |- f+ n0 p" p
0 K& s/ w9 V: c$ W
ئۇيغۇرلاردا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلار كۆپ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى شىنجاڭ 4-ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلار رايونى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇنىڭدا ئىرسىيەت، جۇغراپىيەلىك مۇھىت ۋە ئۆرپ-ئادەت ئەنئەنىسىدىن باشقا، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكلەرنىڭ رولى خېلىلا چوڭ بولغان.
% F( T- j+ F' Q
5 x1 W, }2 t2 j& {- zيېمەك-ئىچمەك جەھەتتە، ئىت، ئېشەك، چوشقا، مۈشۈك، قېچىر، مايمۇن قاتارلىقلارنىڭ ۋە كۆك كەپتەر، ئۇلار، قىرغاۋۇل قاتارلىقلاردىن باشقا ئۇچار قۇشلارنىڭ گۆشىنى يېيىش پەرھىز قىلىنغان. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەزى جايلاردا ئات گۆشى يېيىلمەيدۇ. ھايۋانلارنىڭ قېنىنى ئىچىش ۋە ھارام چارۋىلارنىڭ گۆشىنى يېيىش چەكلەنگەن.
8 z8 U4 W( X/ l9 I1 O0 b  _; h. n8 m
ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ۋە ياسىنىش-تارىنىش تەرەپلەردىكى ئادەتلىرى ئۇزاق يىللار مابەينىدە شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىتى، مىللىي ئېستېتىك قارىشى، قېرىنداش مىللەتلەر ۋە قوشنا رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭ كىيىنىش-ياسىنىش ئادىتىنىڭ تەسىرى بىلەن شەكىللەنگەن.: N& a2 J: I2 J
2 m4 s! d- v9 |1 k* L
ئۇيغۇرلاردا بېشىغا باش كىيىم كىيىش ئومۇملاشقان ئادەت. يازدا دوپپا، قىشتا تۇماق كىيىلىدۇ. ئاياللار يەنە بېشىغا ياغلىق سالىدۇ. ئۇچىسىغا كۆڭلەك كىيىلىپ، ئاندىن چاپان كىيىلىدۇ. ئوتتۇرىھال كەڭلىكتىكى، ئوشۇقنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىشتان ئىچ ئىشتاننىڭ تېشىغا كىيىلىدۇ. يازدا بەتىنكە، قىشتا ئۆتەك كىيىلىدۇ. ئاياللارنىڭ كۆڭلىكى ئۇزۇن بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ كىيىملىرى سىدام رەختلەرنى ئاساس قىلىپ، جانلىق ۋە گەۋدىلىك تىكىلسە، ئاياللارنىڭ كىيىملىرى گۈللۈك رەختلەردىن سىپتا، ئەۋرىشىم تىكىلىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ كىيىملىرى روشەن پەرقلىنىدۇ. ئارىلاشتۇرۇپ كىيىلمەيدۇ.
' S# E, i+ c( W% P- e2 Q7 y  I. e( d% j* C  U4 I& t& @
ئەرلەر چېچىنى قىسقا ئۆستۈرىدۇ ياكى پات-پات ئۇستۇرىدا چۈشۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇرۇت قويۇش ۋە ئوتتۇرا ياشتىن ئۆتكەندە ساقال قويۇش خېلىلا ئومۇملاشقان. ئەرلەر مەردانە، سالاپەتلىك يۈرىدۇ.
" z$ H4 a/ A. l- E2 {9 O
+ D$ h3 y- s: A" Z: P- Iئاياللارنىڭ چېچى ئۇزۇن قويۇۋېتىلىدۇ ياكى بانتىلىنىدۇ. ئادەتتە قىزلار 7، 9، 40 تال، چوكانلار ئىككى تال، تۇل ئاياللار (ئەرگە تېگىش ئويى بارلار) بىر تال ئۆرۈۋالىدىغان ئادەت بار. ئۇلار يەنە قېشىغا ئوسما، يۈزىگە ئەڭلىك، كىرپىكىگە، قاپىقىغا سۈرمە، تىرنىقىغا خېنە قويىدۇ. ئاياللار نازاكەتلىك، ئەۋرىشىم، ئۇياتچان، ئەدەبلىك كېلىدۇ.' [3 s% `2 H; V' u

7 |, b/ c4 ]2 l! J* ]  O- E7 Uئۇيغۇرلاردا ئولتۇراق ئۆيلەر شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى، قېرىنداش مىللەتلەر ۋە قوشنا خەلقلەرنىڭ مىمارچىلىق تەسىرى ھەم شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمكى خەلقلەرنىڭ مىمارچىلىق ئەنئەنىلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن قۇرۇلۇش پاسونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە ئۇيغۇر ئۆيلىرى ئۆگزىسى تۈز، چاسا شەكىللىك، خىش-ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيلەردۇر. ئۆيلەر ئادەتتە تۆت خانىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئوتتۇرىدىكى ئۆي دەھلىز، ئىككى ياندا مېھمانخانا، ئاشخانا، ئاشخانىنىڭ يېنىدا قازناق، ئۆگزىدە بىر بالكون، ئولتۇراق ئۆي ئالدىدا ھويلا، كەينىدە باغ بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئوخشاشمىغان رايون، يەرلەردە قىسمەن ئۆزگىچىلىكلەر بار.. C" e/ y# L; @

% U2 C7 S0 \. ^* `, aجامائەت قۇرۇلۇشلىرىدىن مەكتەپ، جامە، مەسچىت، تۈنەكخانا قاتارلىقلار بار. ئولتۇراق ئۆي ۋە جامائەت قۇرۇلۇشلىرى كۆركەم بېزىلىدۇ. ئۆي ئىچىگە خىلمۇ خىل نەقىشلەر چىقىرىلىدۇ.* S! Y. c8 b* {5 L# ~* a5 X
0 A- P( S. B+ Z# l+ c4 `' y; C
ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-سەنئىتى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان. بۇ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يېزا ۋە شەھەر-بازارلارغا مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلغانلىقىدا. قول ھۈنەرۋەنلەر ياغاچ، سۆڭەك، تاش، مىس، ئالتۇن، تۆمۈر، قاڭالتىر، توپا-لاي، تېرە-ئۈچەي، يۇڭ، ياغ، شور، پاختا-پىلە قاتارلىق نەرسىلەردىن خىلمۇ خىل تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى ۋە باشقا قورال-سايمانلارنى ياساپ، ئىچكى ئېھتىياجنى قاندۇرغاندىن باشقا، بازار ئوبوروتىغا قاتناشتۇرۇپ سودىدا ئالماشتۇرۇش بۇيۇمى قىلىپ، ئىجتىمائىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ھەسسە قوشۇپ كەلگەن.( I/ Z, v9 m, q

% A5 K9 M/ u( _" ?* D  pئۇيغۇرلار سودا-تىجارەتكە ماھىر. ئۇلار ئېلىمىزنىڭ غەرب بىلەن بولغان ئالاقىسى جۈملىدىن شەرق-غەرب ئالاقىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان مەشھۇر يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىدە ياشىغاچقا، تىجارەتنىڭ ئېپىنى ئوبدان ئىگىلىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئورخۇن ۋادىسىنى مەركىزىي ئۆلكە قىلىپ خانلىق تىكلىگەندە، ئېلىمىزنىڭ تاڭ سۇلالىسى بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ سودا-ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوينىغان رولى خەنزۇچە ھۆججەتلەردىن كونا، يېڭى «تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» قاتارلىق تارىخنامىلەردە ئېنىق يېزىلغان. قوچو ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قارا خانىيلار خانلىقى زامانىسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قايسى دەۋرلەردە ئۇيغۇر سودىگەرلەر جۇڭگونىڭ سودا-ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىغا كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشۇپ كەلگەن.$ A4 B3 g- N' W; E# @3 z  v: G
4 O: X$ b/ ]' @) y# \0 a! |
ئۇيغۇرلار پەن-تېخنىكا ساھەسىدىمۇ خېلى كۆپ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن. قوچو ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قارا خانىيلار دەۋرىدە بوياقچىلىق، بىناكارلىق، كالېندارچىلىق، ھەيكەلتىراشلىق، رەسساملىق، مەتبەئەچىلىك، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، قاتناش ساھەسىدە بەلگىلىك ئۇتۇقلار قولغا كەلگەن. قوچو ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى تېبابەتچىلىك ئىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان كۆپلىگەن رېتسىپلارنى گېرمانىيەنىڭ ئۈچ قېتىملىق ئارخېئولوگىيە ئەترىتى تۇرپاندىن قولغا چۈشۈرۈپ ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇلار ھازىر بېرلىندا ساقلانماقتا. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ جۇڭگو تېبابەتچىلىك ساھەسىدە دۆلەت ئېتىراپ قىلغان بىر خىل تېببىي ئىلىم تارمىقى بولۇپ قالغانلىقى ئۇنىڭ ئۇزۇن تارىخىي ئاساسقا ئىگە بولۇشى بىلەن ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك داۋالاش تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى شەرت قىلغانلىقىدا.+ k3 J. A1 K1 I* \  f: B8 S
. c, o: e$ m  j& C7 |
پولات ئاماننۇرى: ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟+ b9 l# A0 }" i* D& V4 D
) Q+ P' ?4 c. z/ Z% c9 T5 }
غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر: ئۇيغۇرلار مول مەنىۋى مەدەنىيەت جۇغلانمىسىغا ئىگە. بۇ كۆپ قاتلامدىن تەركىب تاپقان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي ئاھالىسى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدۇ. بۇ تىل ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى، تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە تەۋە. تۈرك خانلىقى ۋە ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىن باشلاپ يېزىققا تەدبىقلانغان. تۈرك يېزىقى، ئۇيغۇر يېزىقى، مانى يېزىقى، خاقانىيە يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى قاتارلىقلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى»، «مايتىرى سىمىت»، «ئالتۇن يارۇق»، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، «قۇتادغۇبىلىك»، «خەمىسە نەۋائىي»، «خەزائىنۇلمەئانى»، «مۇھەببەت داستانلىرى» قاتارلىق ئەدەبي ئەسەرلەر دۇنياغا كەلگەن.) Z+ F/ G- C, @, C2 |

5 \$ c- u+ y1 y+ Tئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا شېئىرىيەت ئاساسىي ئىجادىيەت ئېقىمى بولۇپ كەلگەن. «قۇتادغۇبىلىك» تىن باشقا، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، «پەرھاد ۋە شېرىن»، «رابىئە-سەئىدىن» ھەمدە «غېرىب ۋە سەنەم» قاتارلىق تەسىرلىك داستانلار مەيدانغا كەلگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەد يۈكنەكى، نەۋائىي، ئابدۇرەھىم نىزارىغا ئوخشاش داڭلىق ۋە ئۇلۇغ شائىرلار ئۆتكەن.
2 i' n; A- `: l0 P& R0 ~6 H6 Y) M9 ]7 k  X* y2 _7 f
11-ئەسىردە يېزىلغان «قۇتادغۇبىلىك» تە شېئىرىي، جۈملىدىن ئەدەبىي پىكىرلەردىن باشقا پەلسەپىۋى پىكىرلەر چوڭقۇر ۋە قويۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا ساددا دىئالېكتىكا، ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي رولى، بىلىم، ئەخلاق، تىل پەزىلىتى، ئىجتىمائىي ئالاقە، ئادالەت، ئىنسانىي بۇرچ ۋە ھوقۇق، جەمئىيەتنى روناق تاپقۇزۇش ۋە غايىۋى گۈزەل جەمئىيەت قۇرۇش مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق توختالغان.
; q5 X  V+ r' y$ M( V% O- W) U3 W
5 h9 Q+ h  }) O2 q, T2 D3 ]( |, d. eئۇيغۇرلار تارىختا شامان، مانى، بۇددا، خىرىستىيان ۋە ئىسلام دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلغان. مىلادىيە 10-ئەسىردىن كېيىن ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت بىرلا دىن ئومۇمىي مىللەتنىڭ ئېتىقاد فورماتسىيەسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. بۇ دىنلاردىكى ئىنساننى قەدىرلەش، مەرىپەت يولىدا تىرىشىش، كۆيۈمچانلىق قاتارلىق ئاكتىپ ئامىللار ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىكاتىكىلىق ئەخلاق چۈشەنچىلىرىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا بەلگىلىك ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ، دىنلاردىكى سەلبىي تەسىرلەرنىڭ يېتەكچى مەۋقەنى ئىگىلەپ كېتىشىگە ئىمكانىيەت بەرمىگەن. شۇنداق بولغاچقا، تارىختىن بېرى كەڭ خەلق ئاممىسى دىننىڭ ئىخلاسمەن مۇخلىسلىرىدىن بولۇپ كېتىشمەي، رېئال ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ئۈچۈن تېنىم تاپماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋە كۆز ئالدىدىكى بەخت ئۈچۈن ئىنتىلگەن.
! g6 f+ z& o. i* U+ T: T0 P. [, {, n
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيۇشقاقلىق كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك. ئۇلار شىنجاڭغا زور دەرىجىدە مەركەزلەشكەن. مەملىكىتىمىزنىڭ باشقا جايلىرىغا تارقىلىپ ئولتۇراقلىشىش نىسبىتى بەك ئاز. ئۇلار بىر-بىرىگە كۆيۈمچان، جامائەتچىلىكى كۈچلۈك، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم، نەزىر-چىراق ئىشلىرىدا ئۆز ئارا ياردەمدە بولىدۇ؛ ئاجىز-مېيىپلار، غېرىب-غۇرۋالار، يېتىم-يېسىرلەر، نامرات-بەقىرۇلار، مۇساپىرلارغا خەيرىخاھلىق قىلىدۇ. قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىدۇ. بايلار، تىجارەتچىلەر، ھاللىق كىشىلەر ئۆشرە-زاكات ئايرىپ، ئىگە-چاقىسىز، قول ئىلكىدە يوقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ.4 L$ K/ N* ?( P& s, `7 d' l0 g
+ Q2 E, B  b9 C1 V) s$ @( f
ئۇيغۇر خەلقى شىنجاڭدىكى قېرىنداش باشقا مىللەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە كۈچلۈك ئۇيۇشچانلىق خىسلىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان غەربىي دەرۋازىسىنى ئېچىش-گۈللەندۈرۈشتىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى قوغداش، مۇستەھكەملەش جەھەتلەردىمۇ تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىقلارنى كۆرسىتىپ، بۈيۈك جۇڭخۇا ئېلىنىڭ بۈگۈنكىدەك كەڭ تېرىتورىيە ئاساسىغا ئىگە بولۇشىغا ئۆزىنىڭ بىر ئۈلۈش ھەسسىسىنى قوشقان. بۇنىڭ ئۆزى يۈكسەك ئۇيۇشقاقلىق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.7 H4 {" R; Y* @1 Q. o  h
- Y0 `) l1 g& Y
ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلى، مۇقام-مۇزىكىلىرى مول ۋە كۆپ خىل. شىنجاڭدا قەدىمكى چاغدىلا مۇزىكا-كۈيلەر ئومۇمىي تۈس ئالغان. ئۇدۇن مۇزىكىسى، سۇلى مۇزىكىسى، كۈسەن مۇزىكىسى، قوچو مۇزىكىسى، ئىۋىرغول مۇزىكىسى قاتارلىقلار جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر، سۈي-تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە جۇڭگو مۇزىكا خەزىنىسىنىڭ تەركىبىنى تولۇقلاپ، بىر پۈتۈن جۇڭگو مۇزىكا مەدەنىيەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان.
' v% y$ M" u2 v  [  E: c+ @( @$ g$ Y2 L" q2 p0 q
ئۇيغۇر «12مۇقام» ى جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر، شەرق مۇزىكىسىنىڭ گۈلتاجىسى. ئۇ قەدىمكى ئۇدۇن، سۇلى، كۈسە، قوچو، ئىۋىرغول مۇزىكىلىرى ئاساسىدا ئەرەب-ئىسلام مۇزىكىسىنىڭ ۋە ھىندى مۇزىكىلىرىنىڭ بەلگىلىك تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ شەكىللىنىپ، سىستېمىلاشقان چوڭ تىپتىكى مۇزىكا قامۇسى. بۈگۈنكى كۈندە جۇڭخۇا مىللەتلىرى مۇزىكا خەزىنىسىدىكى يۈكسەك بايلىققا ئايلاندى.
* B/ }+ A" f5 F/ l
6 d) R+ M; M: ^# }ئۇيغۇرلارنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىدا قويۇق يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىك ساقلانغان. ئات بەيگىسى، چېلىشىش، ئوغلاق تارتىشىش، دارۋازلىق قاتارلىقلار ئەۋلادتىن-ئەۋلاد داۋاملاشقان ۋە كەڭ ئومۇملاشقان. پەقەت دارۋازلىقنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇنىڭ خەتەرلىكلىكى، قىيىنلىق دەرىجىسى باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر دارۋازلىرى جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان قەھرىمانلىق روھى بىلەن كۆكتە پەرۋاز قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ غەيرىتىگە ئىلھام بەرمەكتە. ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسىنى نامايەن قىلماقتا. ۋەتەن-خەلقنىڭ شانۇ-شۆھرىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرمەكتە.
8 v+ F; \5 v8 B
" K* v4 H$ b* ?) Z5 }/ ^* a- Eئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى يۇقارقىلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئەلۋەتتە. بۇلار پەقەت سىستېمىلاشقان، تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىرىدىنلا ئىبارەت.
  r) R/ Q; A6 u2 E' R) h6 f' S6 r% W5 R/ L' Y7 w6 `+ T  R
پولات ئاماننۇرى: سىزنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ قىممىتى قايسى نۇقتىلاردا ئىپادىلىنىدۇ؟
! E! f6 M; d# Y: E3 o6 w
$ _+ t5 d; w. r7 w5 S- p) b" T7 Kغەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر: بىرىنچىدىن، مىللەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. بىر مىللەتتە بىرلىككە كەلگەن، سىستېمىلىق ۋە تىپىك مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ بولۇشى يېڭى-يېڭى كەشپىياتنىڭ بارلىققا كېلىشىنى، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرىشى، باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىنى پايدىلىق ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
' i6 v. J' ?1 Q; w7 a2 ~& _" a4 {
ئىككىنچىدىن، مىللەتنىڭ ئۇيۇشچانلىقىنى، ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەت رىشتىسى بىلەن ئاساسلانغان مىللەت قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەشتە، ئورتاق گۈللەپ ياشنىشىدا ئۆزىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرالايدۇ.
# w! W3 y( m, D6 i& W; n% d
0 o" W1 C) z3 ]. X- l4 Z, e5 Hئۈچىنچىدىن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىل بولۇشىنى، رەڭگارەڭ تۈس ئېلىشىنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. «دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك»، «قۇتادغۇبىلىك»، «12 مۇقام» قاتارلىقلار جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ موللىقىنىلا ئەمەس، بەلكى يۈكسەكلىكىنى نامايەن قىلىدىغان ئېسىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.5 [4 l' m# j$ M  i& J
. T2 @$ Z- b. v4 H' w: h1 y
تۆتىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش جۇڭگونىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ توغرىلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىلمىي ئاساسقا ۋە توغرا پاكىتقا ئىگە قىلىشتا، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئابرويىنى داۋاملىق قوغداشتا، ئىچكى-تاشقى بۆلگۈنچى كۈچلەر، يامان نىيەتلىك دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئىغۋالىرى، بۇزغۇنچىلىقى ۋە ئاغدۇرمىچىلىقى، بۆھتانلىرىغا زەربە بېرىشتە ياخشى ئىمكانىيەتكە ئىگە.7 o. b+ @" @7 x

8 d; V$ `* J& ]: x) u# tدېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تارىخنىڭ مەھسۇلى، ئۇنىڭغا قىممەتلىك جاۋاھىرلار، بىباھا تەجرىبىلەر ۋە كەشپىياتلار مۇجەسسەملەنگەن. ئۇنىڭدا ساقلىنىشقا، ۋارىسلىق قىلىشقا، جارى قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك تەرەپلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىش دىئالېكتىك ماتېرىيالىزمنىڭ پىرىنسىپى، شۇنداقلا يېڭى جۇڭگونىڭ مىللىي مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىش، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئورتاق گۈللىنىش، قەدىمكىنى بۈگۈنكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى. بۇنىڭ ئۆزى بىر تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئاقىلانىلىك.
1 O7 K! b3 S5 W2 K; o* |
  R6 D+ O1 u8 J# t6 ^6 d                مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

قەدىرلە ئۆز ھاياتىڭنى.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1970
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5032
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1421 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 07:57:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياۋۇز يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 04:56 PM
ئىنكاسىڭىزدىكى «تۈركلەر بىزگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدۇ» دىگە ...

تېتىغۇدەك گەپ بولدى ماۋۇ

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20362
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7080
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2014-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 08:15:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
urkesh يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 11:09 AM
خەق ياقتۇرغانغا چاۋاك چالسا، خۇشاللىغى ئۈچۈن پۇل خەجل ...

بەلكىم پىتنىخورلۇق قىلغاندىمىز لېكىن بىز ھەرگىز ئەبگا ئەمەس، بىز ئۇيغۇر مىللىتى ساددا، كۆڭۈلچەك ، بىر قىسىملىرىمىز ئەخمەقرەك، مېھماندوست، مەرد، ئادەمگەرچىلىكنى چوڭ بىلىدىغان مىللەت ، دەل مۇشۇ ئارتۇقچىلىقلىرىمىز سەل ئىشىپ ئارتۇق بۇلۇپ قالغاچقا ھۆل خىشقا دەسسەپ ، كىشى دىپىغا ئۇسۇل ئويناپ  ، ئەجداتلارنىڭ ئىزىدىن سەل چەتنەپ كىتۋاتىمىز، لېكىن بىز ئەبگا ئەمەس ، ناخشا ئىيتمىسۇن دىمىدۇق ئۆز يولىدا كىلىپ  ئىشلىرىنى يۈرۈشتۇرۋالسۇن،  خەخمۇ ئۆز پۇلىنى ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن خەجلىۋالسۇن ،شۇ بىلەت ئىلىپ ئۇيۇنغا كىرگەن قېرىنداشلىرىمىزدىنمۇ  بىزنىڭ ئەبگا ئەمەسلىكىمىزنى  بىلۋالغىلى بۇلىدۇ ، ئەمما ئازراق كاللىڭىزنى ئىشلەتىسىڭىز تۈركىيە بولسۇن ياكى باشقا دۆلەتلەر بولسۇن ، ئۆزىنىڭ ئىقىتىسادىنىڭ باشقىلارنىڭ يانچۇقىغا سۇدەك ئىقىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا ئاز بولمىغان ۋە چانمىغان تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى ، ھەم چېقىمنى ئازايتىپ ھەم مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ۋاقتىدا ئۇيۇشتۇرۇپ ، زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالغانلىقىنى بىلۋالالايسىز، ئەلۋەتتە بۇ تەرىپىنى ماختاشقا ھەم ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ

يامان ئادەم بولماق ئاسان، ياخشى ئادەم بولماق تەس !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش