مۇئەز يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 01:12 PM
ئۇلار شۇ يولۇن ياللۇغىنىڭ سەۋەبىدىن كۆكرەك سۆڭىكى ئا ...
دىمەك ھازىرقى دىياگىنۇز يۇلۇن ياللۇغى ۋە ئۆپكە ياللۇغى.
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك ئاۋۇ مەيدە سۆڭىكىنىڭ ئاغرىشىدا ئۆپكە ياللۇغىنىڭمۇ تەسىرى بار .ھازىرقى ئەھۋالدا ئالدى بىلەن ئۆپكە ياللۇغىغا چارە قىلىش كىرەك .يۇلۇن ياللۇغىغا چارە قىلىمەن دەپ ئالدىراپ قىپ بولغىلىمۇ بولمايدۇ.شۇڭا ئالدى بىلەن ئۆپكە ياللۇغىغا ئامال قىلىمىز، بولمىسا ئۆپكىدە مەسىلە كۆرۈلگەن ئىكەن بۇ ئىنىقلا يۈرەك ۋە قان تۇمورغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەتتا ھاياتىغا ...(ئاللا ساقلىسۇن،شۇ پەرشتە سۈپەت ئانىمىزغا ئاللا ئىگىمىز شىپالىق بەرسۇن)
ئەمدى ماۋۇ ئۆپكە ياللۇغىغا ئامال قىلىشقا كەلسەك يىڭى شەھەر ناھىيسى يىزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ قىشىدا بىر شەخسى ئامبۇلاتۇرىيە ئاچقان بىر ئادەم ئۆزى ياسىغان كۇكۇن (ئۇندەك)پاراشۇك بىر دورا باركەنتۇق.بۇ دورىنىڭ داڭقى رايونىمىزدىلا ئەمەس شىمالى شىنجاڭدا،ھەتتا خەنزۇلار ئارىسىدىمۇ ئاز ئەمەس.مىنىڭ خەنزۇ ساۋاقداشلىرىممۇ سانجى،كۇيتۇن تەرەپلەردىن ماڭا بۇ دورا ۋە شۇ كىشى توغورلوق تىلىفۇن قىلىپ جىق ئاۋارە قىلىۋەتكەن،ئۇلار چوڭلارغا ئىشلىتىپ ئۈنىمىنى كۆرۈپتىكەن ...ئاڭلاشلارغا كۆرە بۇ دورا چەتئەللەرگە قەدەر يۆتكىلىدىكەن.مەن بىر خەنزۇ ساۋاقدىشىم ۋە بىر يىقىن دوستۇم ئۈچۈن شۇ دورىنى ئالغان،بولمىسا ئۆزۈممۇ دوختور .دورا دىگەن بىزنىڭ دوختورخانىدىمۇ بار ...ئەمما دورىنىڭ ئۈنىمى باشقا گەپ.
ئەگەر پۇرسىتىڭىز بولسا شۇ دورىنى ئاپىڭىزغا ئىشلىتىپ كۆرۈڭ.ئەگەر تاپالمىغۇدەك بولسىڭىز قەشقەرگە كەپ بولغاندا ئۇچۇر قىلىڭ .مەن يىڭى شەھەرگە سىزنى باشلاپ بىرىپ شۇ دورىنى ئىزدىشىپ بەرسەم بولىدۇ.ئەمما ھازىر ئۇ كىشى بارمۇ يوق بىلمەيمەن .بىر يىلدىن ئارتۇق بوپ كەتتى دە ...
سىزگە ئىگىمىزدىن ئاسانلىق تىلەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kitabhumar1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-17 01:49 PM