raysima يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 04:20 PM
رەھمەت سىزگە ، مېنىڭ ئاڭلىغىنىمدا سۆڭەك ئۆسكەن جاينى ...
رەھمەت ئىيتىش بىھاجەت بۇرادەر ،مەنمۇ ئۆلۈپ كىتىمەن...ئالدى بىلەن ئىگىمىز ھەممەيلەنگە ئاسانلىق بەرسۇن .
توك بىلەن ئىسسىتقۇ بولسا قۇستى يىغى،زەيتۇن يىغى،يىلان يىغى،رەۋغىنى ئازاراقى دىگەندەك مايلارنى سۈركەپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
ئاۋۇ شودا ئىسسىق ئۆتكۆزۈشنىڭ ئۇسۇلى ئالى بىلەن شورنى قازان ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىگە سىلىپ ئوتتا قىزتىمىز .ئاندىن ئۇنى قىلىن لۆڭگە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىدە بىر كىچىك خالتا قىلىپ شۇ قىزىتقان شورنى شۇ خالتىغا سىلىپ ئىغىزىنى ئىتىۋەتكەندىن كىيىن شۇ ئىسسىق ئۆتكۆزمەكچى بولغان ئورونغا قويسىڭىز بولىدۇ.دىققەت قىلىدىغان نوقتا شور بەك قىززىق بولوپ كىتىپ لۆڭگىنى كۆيدۈرۋەتمىگىدەك بولىشى كىرەك بولمىسا تىرىنى كۆيدۈرۈپ زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ.بۇنىڭدىن قورقوپ بوش قىزىتىپ يىلىمان بولوپ قالسا ئىسسىق ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ.شۇڭا شورنىڭ قىززىقكىنى مۇۋاپپىق تەڭشەش موھىم.
يەنە بىر ئەڭ موھىم نوقتىنىڭ بىرى ئىسسىق ئۆتكۈزگۈچىنىڭ قان بىسىم كىسىلى بولماسلىق ياكى نورمال بولىشى كىرەك.دىيابىت كىسىلى بولماسلىق كىرەك.يەنى دىمەكچى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشكە ماس كىلىدىغان بولىشى كىرەك .ئاغرىدى دەپلا ئىسسىق ئۆتكۈزگەن بىلەن ئاۋۇ اشقا ئەھۋاللار بولوپ قالسا يەنە ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بىرىدۇ.
بۇ كىسەللىكنىڭ ئالدى ئىلىش توغرىسىدا ئالدى بىلەن ئىغىر نەرسە كۆتۈرمەسلىك،يىتىش ۋە ئولتوروش ھالىتى توغرا بولوش،مىڭىش ،ئولتوروش ياكى ئۆرە تۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولوپ كىتىپ بەلگە بىسىپ چۈشۈرمەسلىك يەنى بەل چارچاپ قالماسلىق.بەلنى يىقىلىش ۋە باشقا تاشقى بىسىمدىن ياخشى قوغداش .ئامال بار كۈندە دىگۈدەك كەينىچىلەپ مىڭىش ۋە بەلنىڭ نورمال ھەركىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قاتارلىق نوقتىلارغا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.
يىمەك ئىچمەكتە قىتىق،سۈت،لازا شوخلا قاتارلىق سوغوق،يەللىك ۋە غىدىقلىغۇچى قاتارلىق يىمەك ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلسا ئاغرىق قوزغىلىدۇ شۇڭا بۇنىڭغا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە بەلگە سوغوق ئۆتكۈزۈپ ياكى شامالدىتىپ سالماسلىق كىرەك.بولمىسا ئاغرىق يەنە قوزغىلىدۇ.
ئىنشائاللا مۇشۇ ھەپتە ۋاقىت چىقىرىپ سىز دىگەندەك بىر تىما يوللاي .ئەمما قانچىلىك ئەھمىيەت بىرىلىدۇ بىلمەيمەن.يىزىپ بولوپ سىزگە خەۋەر قىلىپ قوياي.