ئۇيغۇرلار !بۇلارنى كۆرۈپ يەنە نىمە دەيسىز ؟
ھېچنىمە دېمەيدۇ. پايدىلىق ئىش قىلسا ماختايدۇ، زىيانلىق ئىش قىلسا تىللايدۇ.
سىزنىڭچە بولغاندا تورداشلار بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى تىللىغانلىقى ئۈچۈن ھازىر كەچۈرۈم سورىسا بولىدىكەن- ھە.
بىر چاغلاردا تورداشلار «ئانارخان» فىلىمىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى تىللىدى، پاكلان توخۇسىغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى تىللىدى.... ئەمدى سىز «ئانارخان» فىلىمىدىكى ۋە پاكلان توخۇسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بۇ قېتىمقى ئاپەتكە ياردەم قولىنى سۇنغان بولسا «بۇنى كۆردۈڭلارمۇ، سىلەر ئىلگىرى تىللىغان كىشىلەر مۇنداق ياخشىلىقلارنى قىلدى، ئىلگىرى تىللىغانلىرىڭلارغا پۇشايمان قىلىڭلار، كەچۈرۈم سوراڭلار» دەپ يازامتىڭىز؟
بىر گېپىگە ياكى ئىشىغا قاراپلا بۇرۇن قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كېتىمىز- دە.