boran120 يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 10:36 PM
تىمىڭىزنىڭ بىشىدا ئۇيغۇرلار دەپ ئاپتىكەنسىز، مەنمۇ ...
نەق گەپنى دېدىڭىز ،بۇرۇن مۇشۇنداق قارايمەن .چۈنكى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كارخانىلار بىلەن ئۇچرىشىىش پۇرسىتىم كۆپ . شۇڭا سىز دىگەن ئەھۋاللارنى ھەممىدىن جىق بىلىمەن دىسەممۇ بولىدۇ .
مىللىي سانائەتنى قوللايمىز ،بىراق ئەلۋەتتە دىيارىمىزغا خەلقىمىزگە پايدىسى يېتىۋاتقانلىرىنى ، خەلقىنى ئالىدىمايۋاتقانلارنى قوللايمىز ، مەھسۇلاتنىڭ چاپىنىلا ئۇيغۇرچە قالغان يېرى يەنىلا پالانى ئۆلكىنىڭ پۇستانى شەھرى پوكۇنى لاۋبەننىڭ زاۋۇتىدا ئىشلەنسە بىز نېمىشقا قولىغىدەكمىز؟
ئارمان ،ئامىنە ...دىگەن شىركەتلەردەك دىيارىمىزدا زاۋۇت قۇرۇپ ،ياشلىرمىزنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، دىيارىمىزنىڭ خام ئەشيالرى بىلەن ئىشلىسۇن ، شۇچاغدا ئىشلىگەن يېشىل -قىزىل چايلىرىنىڭ سۈپىتى توڭيى مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېرىمىغا يەتمىسىمۇ پەقەت سالامەتلىككە زىيانلا قىلمىسا بىز چوقۇم ئالىمىز!
كاتتا نامدىكى شىركەتلەرنى قۇرۋېلىپ ،ئادەمنىڭ ئاغزىغىمۇ كەلمىگۈدەك ماركىلارنى قويىۋىلىپ ، بىراق ئىككى ئېغىز ئىشىخانىغا تۆتلا ئادەم ئىككى ئۈستەلنى قويۇپ ، تەننەرىختىن ،زاۋۇت قۇرۇشنىڭ جاپاسىدىن قېچىپ ، ئىچكرىردىكى لاۋبەننىڭ زاۋۇتىغا بۇيرۇپلا ئىشلەنگەن ئاتالمىش مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتقا ئۇيغۇرچە چاپاننى كەيدۈرۈپلا ،«مىللىي سانائەتچى » بولىۋالغان ،خەلقنىڭ مىللىي ھىسياتىدىن پايدىلنىۋاتقان بىر ئۇچۇم ۋاكالىتەن ساتقۇچىلارنىڭ مەھسۇلاتىنى ئالمايمىز قانداق !؟
مىللىي سانائەتچى بولماق شۇنچە ئوڭايمىكەن ؟ ئەينى چاغدا مۇسابايوپلار رۇسلارنىڭ يولسىز تەلىپى ،قاتناش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى ،تېخنىكىنىڭ نۆل سەۋيىدە تۇرۇشى ...قاتارلىق بىھىساپ مۈشكۈللەرنى يېڭىپ توننىلاپ ئالتۇنغا سېتىۋالغان ياۋروپانىڭ ئىلغار سانائتىنى كالا ھارۋىسى بىلەن غۇلجىغا مۇۋاپىقيەتلىك ئەكرگەن ،ئەگەر شۇنداق مۇشەققەت تارتمىسىمۇ ياۋروپانىڭ تەييار كۆن -خىرۇم مەھسۇلاتىنى دىيارىمىزغا ئەكىلىپلا پايدىسىغا ساتقان بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا كاتتا باي بولىۋىرەتتى ، بىراق دەل مىللىي سانائەت ئارقىلىق مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن شۇنچە زىيانلارغا چىدىدى .تاكى 90-يىللارغىچە نەچچە ئەۋلاد ئون مىڭلىغان كىشلىرمىز شۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەپ ئائىلىسنى باقتى ، مىڭلىغان زامانىۋى سانائەت ئىنژىنىرلىرى ،تېخنىك ئىشچىلار يېتىشىپ چىقتى .
ھازرقىلار مۇسابايوپلاردەك قىلالمىسىمۇ ئەڭ ئەقەللىيسى زاۋۇتنى مۇشۇ يەرگە قۇرۇپ ،مەھسۇلاتنى مۇشۇ يەردە ئىشلەپچىقرالماي يەنە قايسى يۈزىگە مىللىي سانائەتچى بولغىدەك ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-20 12:07 AM