بانكىر يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 03:27 PM
كەنىت ساقچىلىرى: كەنىت باشلىقىغا يان بىسىپ تۇرۇپ، دىھ ...
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن نېزاملىرىدا يېزا دەرىجىلىك ساقچىخانىلار ئۆز تەۋەسىدىكى پۇقرانى مەلۇم دېلۇغا چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلغان بولسا 6 سائەتتىن 12 سائەتكىچە تۇتۇپ تۇرۇپ سوراق ئېلىپ بارسا بولىدۇ دېگەن بەلگىلىمىسى بار. ئۇنىڭدىن تۆۋەن كەنىت دەرىجىلىك ساقچى ئىشخانلىرىنىڭ مۇددەتلىك تۇتۇپ تۇرۇش، سولاپ قويۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. بۇنداق قىلىش پۈتۈنلەي قانۇنغا خىلاپ.
ئەگەر ساقچى باشقا ساھەدىكى كادىرلار بىلەن بىرلىشىپ پۇقرالارنى ئۇرۇش، قاقتى سوقتى قىلىش، ئالداپ ئېلىۋىلىش، زورلۇق ۋاستىسى بىلەن قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتىگە دەخلى تەرۇز قىلسا ، ئۇۋلچىلىققا ئۇچىرىغۇچى ئەرىز قىلسا بولىدۇ. قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تەرىپىدىن جىسمانىيتى ناھەق دەخلى تەرۇزگە ئۇچىرىغان پەيىتنىڭ ئۆزىدە يوللۇق قوغدانسا بولىدۇ. ( يوللۇق قوغدىنىش جەزمەن قارشى تەرەپنىڭ زەربىسىدە ھاياتى بىخەتەرلىكى زىيانغا ئۇچرايدىغان ۋاقىتتا بولۇشى كېرەك. كۈشكۈرتۈپ قول سېلىشقا مەجبۇرلاش، ئاۋۋال مۇشت ئېتىش، ياكى قول شىلتىپ ھاقارەتلەپ بولغاندىن كىيين ئەھۋال يۈز بەرسە يوللۇق قوغدىنىش ھېسابلانمايدۇ)