DILKASH يوللىغان ۋاقتى 2014-2-27 05:14 PM
ئەمەلىيەتتە موڭغۇل، زاڭزۇ، مانجۇر دېگەنلەرنىڭ يېزى ...
ئەمەلىيەتتە موڭغۇل، زاڭزۇ، مانجۇر دېگەنلەرنىڭ يېزىقىمۇ ئۇيغۇر يېزىقى.
مۇڭغۇل يېزىقى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان. مانجۇ يېزىق مۇڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان. شۇڭا ئۇ يېزىقنى بىزنىڭ دېگىلى بولمايدۇ. «بۇ يېزىقىنى بۇرۇن بىزمۇ ئىشلەتكەن» دېسەك تامامەن بولىدۇ.
ھازىر ئەرەبلەر قوپۇپ ئۇيغۇرلار ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يېزىق بىزنىڭ يېزىقىمىز. ئۇ ئۇيغۇرچە يېزىق ئەمەس دېسە سىز قايىل بولامسىز؟... شۇڭا ئۇ يېزىقلار ھازىر مۇڭغۇللارنىڭ بولۇپ كەتتى. (ئەلۋەتتە قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى يەنىلا بىزنىڭ) مانجۇلاردىن ئۇ يېزىقنى بىلىدىغانلاردىن ساناقلىق تەتقىقاتچىلارلا بار. ئەمەلىي ئالاقە ۋە مائارىپتا ئىشىتىلمەيدۇ.
تىبەت (زاڭزۇ) يېزىقى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مۇناسىۋىتى سەل يىراق. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن تىبەت يېزىقىنى مەنبەسى سەل ئوخشىمايدۇ. شۇڭا تىبەت يېزىقىنى بىزنىڭ يېزىق دېسەك سەل قاملاشمايدۇ.