hattat0997 يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 12:00 AM
ھەر قېتىم كۆرسەم شۇنچە ھاياجانلىنىمەن، ئۇيغۇر يىزىقىم ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قېرىندىشىم . ئانا تىل يېزىقىمىز ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىقىمىزدىن سۆيۈنگىنىڭىزگە تەشەككۈر . ياخشىنى كۆرگەندە قەلبى ئىللىيدىغان ، ياماننى كۆرگەندە غەزىپى تاشىدىغان يۈرەكلەرنىڭ تېخىمۇ ئاۋۇشىنى ئۇلۇغ قۇدرەت ئېگىسى رەببىمىزدىن تىلەيمەن.
قارىغاندا خەتتاتلىققا قىزىقىدىغاندەك قىلىسىز . باش سۈرىتىڭىزدىكى ‹‹ ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ›› دېگەن خەتتە ‹‹غ ››ھەرىپى ‹‹ ف ›› بوپ قاپتۇ . مالال كۆرمەي ئالماشتۇرۇپ قويۇڭ . ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن.