قىشلاق يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 05:48 PM
توغرا دەيسىز ھەر كىمنىڭ ئۆز كۆز قارشى بولىدۇ.لىكىن ھە ...
سىزگە بىر نەچچە قىرىندىشىمىزغا يوللىغان ئىنكاسىمنىلا چاپلاپ قوياي .
ماڭغا قاراڭ قىرىندىشىم كۇرتلار ۋادىسىنىڭ تەرجىمە قىلىنماسلىقىنى ئازراق ئويلۇنۇپ دولىتىمىزنىڭ سىياسىتى بىلەن بىرلەشتۇرسىڭىزلا بىلەلەيسىز . دولىتىمىز ئۇ كىنو ئۇياقتا تۇرسۇن ئامرىكىنىڭمۇ نۇرغۇن كىنولىرنى تەرجىمە قىلىشتىن چەكلىگە ياكى كىنونىڭ مەلۇم قىسمىنى كىسىۋىتش ياكى تەرجىمىدە باشقىچە تەرجىمە قىلىشنى تەلەپ قىلغان . جۇملىدىن 2012-يىلى چىققان ئامرىكىنىڭ قوقۇنۇشلۇق كىنوسى مۇردىلار ئۇرۇشىنى جۇڭگۇدا قويماقچى بولغاندا ھوكۇمىتىمىز تەرپىدىن كىنودىكى بەزى ۋەقەلىكلەرنى كىسىپ چىقىرۋىتىش تەلەپ قىلىنغان . ئەڭ ياخشىسى سىز «يەكچەشمىنىڭ شەھرىدە » ياشاتىسىز ئەگەر سىز بىر كوزىڭىزنىڭمۇ ساقلىقىنى ئاشكارلاپ قويسىڭىز ئۇلار سىزنىىڭ بىر كوزىڭىزگە كىلىشتۇرۇپ بىر مۇش ئۇرۇپلا سىزنى ھەقىقى يەكچەشمە قىلىپ قويۇدۇ ئەڭ ياخشسى كوزلىرڭىزنىڭ ساقلىقىنى ئوزىڭىز بىلىپ ئۇلار يوق يەردە ئىچىپ يۇرۇڭ . گىپىمىزگە كەلسەك ئۇ كىنونىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تەسىرىنىڭ شۇنداق كوپىيىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ھازىر ئۇنىڭ يىڭى قىسىملىرنى بۇرۇنقىدەك يۇكۇ ۋە 56 دەك سىن تورلىردىن تاپالمايدىغان بولۇپ كەتتۇق ئەمدى يەنە مۇنداق ۋايساۋەسىڭىز ئەمدى پىلاستىنكىسىنىمۇ سىتىۋىلىپ كورۇشتىن مەھرۇم بولۇپ قالمايلى يەنە.
مىنڭچە بۇ كىنونىڭ سەلبى تەسىر كوسەتكىدەك بىرەر يىرى يوق پەقەت دىنىمىزدا چەكلەنگەن ئاشىق-مەشۇقلار ، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدا بولىدىغان بەزى زىل ئىشلار ئاشكارا كورسىتىۋىتلگەن . ۋە خەلىپىكنىڭ ئورنىغا ئىمپىراتورلۇق دىگەن سوز ئىشلىتىلگەن ، ئىشنى قىلىپ بۇرۇن ئوردا ئىچىدە بولىدىغان شەھۋانىلىققا ياتىدىغان ئىشلار بۇ كىنودە يىپىقراق ئىلىنماي ياۋرۇپا پەدىسىدە ئوچۇق ئاشكارا ئىلىنغان ئەردۇغاننىڭمۇ ئەيىبلىگەن يىرى شۇ ۋە يەنە دىنى ئەخلەققا زىت ئاياللارنىڭ كوكسىنىڭ يىرىمى ئىچىلىپ قالغۇدەك كىيىم كىچەك بىلەن چىققان يىرى بار لىكىن كىنودا رول ئىلىنغان تارىخى ۋەقەلىك ۋە قىممىتىگە تەسىر كورسەتمىگەن. بۇ كىنودىكى خاتالىقلار مەن يۇقۇردا دىگەندەك خالاس ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز شۇ دەۋىردىكى تارىخى ۋەقەلەرنى ۋاختى ۋە ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىنى شۇ دەۋىرگە ئائىت تارىخى ماتىرياللار بىلەن سىلىشتۇرۇپ باقسىڭىز بولىدۇ .بىز بۇ كىنودا ئەيىبلىگەن ئو ئىشلارنى غەرىبنىڭ ، كورىيەنىڭ ۋە دولىتىمىزنىڭ كىنولىردا كورۇپ ئاڭلاپ كوزىمىز ۋە قۇلىقىمىز پىشىپ بولغان مۇشۇ كىنولار تىلۋىزورلاردا قويۇلغاندا ھىچكىم بۇ كورىيە ۋە غەرىبنىڭ كىنولىرى بىزنىڭ ئەنئەنە ۋە تارىخى ، دىنى قىممىتىمىز بىلەن زىت كىلىدۇ دەپ ئەيىبلەيدىغان ئادەمدىن بىرسىمۇ چىقمىدى ئەجبا قىرى-ياش ، چوڭ - كىچىك ھەممەيلەن پاقا تەشكەن سويمىدەك تىلۋۇزۇرغا تىكىلىپ ئولتۇرۇپ كورۇپ كەتتۇق . ئەمدىلىكتە بىزنىڭ دىنى ، تارىخى ۋە قانداشلىقىمىز ئورتاق بولغان قىرىنداشلىرمىز تۇرۇكلەرنىڭ كىنولىرى چىقىشىغا خۇددى مۇشۇ يەردىمۇ بىر-بىسىمىزدىن قۇسۇر ئەيىب ئىزدەيدىغان خويىمىز بىلەن بۇلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلىدە بولدۇق .
سىزنىڭ بۇ كىنونى تۇركىيەدە بايقۇت قىلغان دىگەنلىكىڭىزگە ئىسپات ماۋۇنىڭغا قاراڭ .
بىرى تىللايدۇ،بىرى تىزراق ئاخىرى دەيدۇ،قىسقىسى كىنونى خەق ئىشلىدى بۇ يەردە تىللىغان بىكا،ئۇ يەردە تىللىغان بىكا،ئۇ بىرنىمىلەر كۆمەيدۇ،بىزنىڭ كۆرىشىمىز ئاشمىسا بۇنچە كۆپ ئىشلىمەيتى؛
توۋە سىزنىڭ كوز قارشىڭىز ئوزگىچىكەن دىمەك ئۇ كىنونىڭ كورلۇش نىسبىتىنى بىز ئۇيغۇرلار ئاشۇرۋەتتۇق شۇڭا ئىشلەتىدۇ بولمىسا ئىشلىمەيتى ، تۇرۇكلەر ئوزى كورمەيدۇ شۇنداقمۇ . ئەمدى سىزگە بىر ئىسپات كورسىتەي.
يېقىندىن بۇيان قاتتىق مودا بولۇپ كېتىۋاتقان ۋە يېڭى قىزىقىش قوزغىغان تۈركىيە فىلىمى «سەلتەنەتلىك100 يىل» نىڭ يېڭى قىسمىدا، سۇلتان سۇلايمان ئۆز ئوغلىنى يەنە شاھزادە مۇستافانى جاللاتلارغا باغلاتقان كۆرۈنۈش كۆرۈرمەنلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. 461 يىل بۇرۇنقى بۇ ۋەقە كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆزىنى ياشلاشقا قادىر بولالىدى، شۇنداقلا بۇ كۆرۈنۈشكە تىۋىتتېردا 150 مىڭ، فايىسبۇكتا ئىككى مىليون ئىنكاس چۈشتى.
«سەلتەنەتلىك 100 يىل» نىڭ بۇ قىسمى قويۇلغاندا تۈركىيەدىكى ئېچىق تۇرغان ھەر ئۈچ تېلېۋىزورنىڭ بىرىدە «سەلتەنەتلىك 100 يىل» قويۇلغان ئىدى، بۇ 15 مىليون كۆرۈرمەن بىرلا ۋاقىتتا بۇ فىلىمنى كۆردى دىمەكتۇر.
مەنبەسى :
http://www.nur.cn/news/2014/02/156191.shtml