مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Misranim

مانا بۇلار ئـــەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر - يېڭى فىلىم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103988
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 125
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2014-2-23
ئاخىرقى: 2014-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 12:42:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
babur99 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 10:28 PM
1200دىگەن پۇلغا ئۈرۈمچىدەك شەھەردە ھۈنەرسىز ،كۆپىنچىسى  ...

مۇنداقچە ئېيتقاندا بىزدىن باشقا كىشى ئىشلىمەيدۇ دىسىمۇ بۇلىدۇ،نىزدىن باشقىلار بولغان بولسا 2000كويغا يەنە500نى قاتاتتى،كۆپ سۆزلىسەك تىمىدىن چەتنەپ كىتىمىز،قالغىنى ئەقلىمىز بولسا ئۆزىمىز بىلەيلى.

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10843
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 01:53:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلار ھەقىقەتەن ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ.....  


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3525
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 02:07:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمنىڭ  مۇشۇنداق  يەرلىرىنى      دەپ  كىرىمەندە    ....

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72229
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3048
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 02:19:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غۇلجا شەھەر ئاھالىلىرى سەمىگە:          ‏يولغا قالايمىقان بىرەر ۋاراق قەغەز، بىرەر تال تاماكا قالدۇقى ياكى باشقا تۈردىكى ئەخلەت ‏تاشلىغىنىڭىزدا ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئويلىماي، ماشىنىلارنىڭ ‏تېگىدىن ئەخلەت تېرىۋاتقان شۇ تازىلىق ئىشچىلىرىنى          ‏ئويلاپ قويۇڭ، يولدا بىرەر تال ئەخلەت بولسا ئۇلاردىن ‏5 نومۇر تارتىلىدۇ (بىر نومۇر 5يۈەن)، دېمەك سىزنىڭ تاشلىغان ئەخلىتىڭىز سىز ئۇچۇن پاكىزە مۇھىت ھازىرلاپ بېرىۋاتقان شۇ جاپاكەشلەرنىڭ قان تەرىنىڭ 25 يۈەنىگە تەڭ بولىدىكەن. بۇ ئۇنىڭ بىر كۈنلۈك مائاشى دېگەنلىكتۇر. سەھەر ئۈچتە تۇرۇپ ئىشقا چىقسا كەچ سائەت 11 دە ئاران ئىشتىن چۈشىدۇ. بىر ئۆيدىكى نەچچە جان ئاشۇ پۇلغا قاراشلىق. خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىقى سەۋەپلىك تۇرمۇش كاپالەت پۇلى، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي دېگەنلەردىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىزدۇر...   بۇ مىنىڭ غۇلجىلىق قىرىنداشلىرىمىزغا دەيدىغان يۈرەك سۆزۈم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3525
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 02:38:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1200   كوي   نىمىگە   يىتىدۇ     ئۈرۈمچىدە  ،  ئۆي  ئىجارىسى    تۆلەمدۇ  ،  باللىرىنى  ئوقۇتامدۇ  ،...................ھەي  خۇدا       ئۆزەڭ  بار    ..  

ئۇلۇغ   ئاللاھ    شۇ  ئەزىزلىرىمىزنىڭ  دىلىنى  سۇنۇق قىلمىغاي   .       قېرىنداشلىرىم     ، بىزمۇ   ئاغزىمىزدا    سۆزلەۋەرمەي     ھەممە   ئشنى    ئەڭ   ئاۋال    ئۆزىمزىدىن      باشلايلى   .  گۈزەل  شنجاڭ    قۇرۇپ  چىقىشتا  ھەممىمىزنىڭ      مەسئۇلىيىتى  بار  ....

    بىزنى    مۇشنداق     ئىسىل     فىلم   ۋە  ئىسىل    خەۋەرلەردىن     بەھرىمان  قىلىۋاتقان     مىسرانىم  تورىغا      كۆپ  تەشەككۈرلەر  بولسۇن

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 09:52:44 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىلەرگە،ياخشى ئىش قىپسىلەر.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6417
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239309
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12474 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 12:09:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىر كۈنلۈك جەڭ


تاڭ سەھەر

قۇياش چىقماستا

شۇنچە ئالدىراش

بىر تۇنۇش چىراي .

چۈنكى

قېنىمىز

يىلتىزىمىز

نەسلىمىز

ئەزەلدىن ئوخشاش .

ئۇ ئاتىۋەتكەن

بارلىغىنى

ئەمگىكىنى

بارچە كۈچىنى

مۇھىت ئاسراشقا .

ھەۋەس قىلمايدۇ ،

مودا كىيىمگە

مودا گىرىمگە

ھارام كىرىمگە .

كۆزلەيدۇ ھامان ،

ئاقلىقنى

پاكلىقنى

ساقلىقنى .

ئۇ شۇنداق قەيسەر ،

قەھىرتان قىشتا

تۇمۇز ئىسىقتا ،

بوران چاپقۇندا ،

بەئەينى توغراق .....

ئۇنىڭ روھى

پاكلىق ئەلچىسى

ئەمگەك تەرى

پاكلىق تامچىسى .

ئۇ شۇنداق ،

ئىگىلمەيدىغان

يېڭىلمەيدىغان .

خىزمىتىدىن

زىرىكمەيدىغان

پەخىرلىنىدىغان

باش تارتمايدىغان

ياپيىشىل قارغاي .......

تاڭ سەھەر

قۇياش

قىزارغان چاغدا

قۇياش بىلەن تەڭ

مۇھىت ئۇچۈن

باشلايدۇ ئۇ جەڭ .

قۇياش پاتقاندا

ئاي كۈلگەندە

ئۇمۇ كۈلىدۇ

مۇھىت كۈلگەندە .

ئۇ شۇنداق ئۇيغۇر

چىدام غەيرەتلىك

مىھر - شەپقەتلىك

سېخى بەركەتلىك

كۆزلەيدۇ غورۇر .

تومۇرىدا

سادىرنىڭ

لۇتپۇلنىڭ

نۇزۇگۇمنىڭ

قىپقىزىل قېنى

فونتاندەك

دەريادەك

پاكلىق

ئاقلىق

ئۇچۇن

ھامان جۇش ئۇرار ....


مەنبە--- تاڭنۇر < خەيرۇللا قۇربان > بۆرتالا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-1 12:09 PM  


مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75733
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4812
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2012-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 12:13:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈچ سائەت ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ،بۇ تېمىدا تەپسىلى توختۇلۇپ، ئىنكاس يازغان ئىدىم. ئېنتىر كۇمۇپكىسىنى ئۇزاغراق بېسىپ قويغان بىلەن يازغان ئىنكاسىم ئۆچۈپ كەتتى. ياردەم قىلىپ ماڭا تېپىشىپ بەرسەڭلار.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41664
يازما سانى: 1777
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6385
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 5665 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 12:30:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەي تەتۈر پەلەك ! ئەڭ جاپالىق ئىشلەيدىغانلارنىڭ مۇئاشى تۆۋەن ، ئەكسىنچە بىكار تاماق يەيدىغانلارنىڭ يۇقىرى .

مىسىرانىم تورىنىڭ بۇ فىلىمنى ئىشلىگەنلىكىدىن بەك تەسىرلەندىم . بۇتەشۋىقات فىلىمى ، كۆرگۈچىلەردە تازلىق ئىشچىلىرىنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك ئىكەن دىگەن ئاڭنى شەكىللەندۈرىدىۇ .

مىسىرانىم ئەپەندى باشچىلىقدىكى قېرىنداشلار جاپا چەكتىڭلار !  دېمىسىمۇ ؛ ھازىرقى كۈندە كىممۇ مۇشۇنداق ۋاقىت چىقىرىپ ، بېكارغا فىلىم ئىشلەيدۇ دەيسىلەر .



ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتەر ماشىنا ،
ئۆتەر ۋەلسىپىت ،ھارۋا،ئۇلاغلار .
ئۇنى بۇئىشتىن سوۋۇتالمايدۇ ،
بىر-بىر ئايلنىپ رېزىنكە چاقلار .


باشقىلار ئىشقا ماڭغۇچە يولنى ،
پاكىز سۈپۈرۈپ قۇيۇشنى ئىستەر .
ئالدىراپ يولدىن ئۆتكەن كىشىگە ،
توپا-چاڭ ئۆرلەپ توزىمىسۇن دەر .


قاراپ يىراقتىن ئۆتسە ئايال ،قىز ،
ئۇ ئىزا تارتىپ قارىماس يەرگە .
ياكى ھار ئېلىپ قۇرۇلماس ئەسلا ،
يۇيۇپ مەينەتنى ئاققۇزغان تەردە .


بەزى تەڭتۇشى ھەتتا يىرگىنىپ -
كەتكەن چاغدا راھەتنى كۆزلەپ ،
ئالغان قولىغا سۈپۈرگىنى ئۇ ،
بۇئىشنى ئۆزى ئىختىيار ئەيلەپ .


چۈنكى ئۇ سۈيەر ئانا تۇپراقنى ،
خەلىق ئۈچۈن ئىشلەش تىلىگى ئۇنىڭ .
قويماس ئەمگەكتىن بۇيۇن تولغاشقا ،
تەربىيە سڭەن يۈرىگى ئۇنىڭ  .


قاچۇرۇپ چاڭدىن ئۆزىنى چەتكە ،
بۇرنىنى تۇتۇپ يۈرگەن سۆلەتنىڭ -
ناپاك قەلبىدىن تازا ۋىجدانى ،
كوچا سۈپۈرگەن ئەھلى مېھنەتنىڭ .


سۈپۈرۈپ بولدى كوچىنى يىگىت ،
ئېچىلدى يەرنىڭ بېتى چىرايلىق .
يازدى قەلىمىم ؛جاپادىن قورقماس ،
ياش يىگىت -قىزنىڭ دىلى چىرايلىق .

- مىرزاھىد كېرىمى

ئادەم ئۆز قىممىتىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44484
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3102
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 4790 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 12:34:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنلاردا خەنزۇ قىرلار قىلاتتى ئەمما لىكىن ھازىر ئۇيغۇر قىرلارغا ئوتتى .گايەن ئشلار غا  توۋا دىمەي ئىلاجىم يوق.
ئاخىردا مۇشۇ پاكىزلىك ئەلچىلىىرنى ئۇنتۇپ قالمىغان، تونۇتقان، مىسرانىم ئەپەندىگە ئاللادىن سالامەتلىك ئىشلىرنىڭ ئۇتۇقلۇق بولشىنى تىلەيمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش