مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Misranim

مانا بۇلار ئـــەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر - يېڭى فىلىم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44484
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3102
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 4790 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 12:34:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنلاردا خەنزۇ قىرلار قىلاتتى ئەمما لىكىن ھازىر ئۇيغۇر قىرلارغا ئوتتى .گايەن ئشلار غا  توۋا دىمەي ئىلاجىم يوق.
ئاخىردا مۇشۇ پاكىزلىك ئەلچىلىىرنى ئۇنتۇپ قالمىغان، تونۇتقان، مىسرانىم ئەپەندىگە ئاللادىن سالامەتلىك ئىشلىرنىڭ ئۇتۇقلۇق بولشىنى تىلەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3911
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 450 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 12:34:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ جاپاكەشلىرىمىزنى كۆرسەم كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كىلىدۇ.

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98174
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1387
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 876 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 02:32:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ئۇلارنىڭ    جاپاسىغا    چۇشلۇق    راخىتى    يوق    ،     بىز    بۇندىن     كىيىن      تومۇز    ئېسسىق     كۇنلىرى    بىر    تال    مىنرال    سۇ    سىتىۋالغاندا      يىنىمىزدا     تازلىق     قىلىۋاتقان    شۇ    قىرىنداشلىرىمىزنى     ئۇنتۇپ     قالمايلى    .
   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75733
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4812
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2012-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 02:51:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مۇنبەرداشلار! ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئابابەكرى ئەپەندىم باشلىق بارلىق مىسرانىملىقلار! ياخشىمۇ سىلەر؟
مىسرانىم مۇنبىرى ئەزەلدىن خەلقىمىز ئويلىغاننى ئويلاپ، ئاجىزلارنىڭ يىغىسىنى تەڭ يىغلاپ، خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بارلىق مۇنبەرداشلار سىلەردىن رازى. ئاللاھمۇ سىلەردىن رازى بولسۇن. مەن مەزكۇر فىلىمنى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلەندىم ۋە مىسرانىم تورىغا ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى ئابابەكرى ئەپەندىمگە بولغان قايىللىغىم تېخىمۇ ئاشتى.
مەن ئۈرۇمچى يېڭى شەھەر رايونىدا ئولتۇرىمەن. رايونىمىزدا خەنزۇلار ئاساسى سالماقنى ئېگەللەيدۇ. ئولتۇراق رايونىمىزدا ئالتە ئۇيغۇر ئائىلىسى بار. بۇلارنىڭ تۆتى مۇشۇ خىزمەتنى قىلىدۇ. ھەممىسى قوش تىللىق.يېشى 40-50 ياشلاردىكى چوكانلار. بۇ تېمىغا ئازراق بولسىمۇ تولۇقلىما بولۇپ قالار دېگەن ئۈمۇتتە تۈنۈگۈن خوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇلار بىلەن ئەھۋاللىشىپ ئاز بولمىغان مەلۇمات ۋە پىكىرلىرىنى ئېلىپ چىقتىم. تۆۋەندە كۆپچىلىككە دىئالوگ سۈپىتىدە سۇنىمەن.
- سىز بۇ خىزمەتنى قىلىۋاتقىنى قانچىلىك بولدى؟
- توققۇز يىل بولدى.
- قانچىلىك مائاش ئالىسىز؟
- 1400سوم مائاش ئالىمەن .مەن توختاملىق ئىشچى شۇڭا بەش خىل سۇغۇرتىدىنمۇ بەھرىمان بولىۋاتىمەن. ئۇنۇڭدىن سىرت قىشلىق، يازلىق خىزمەت پورما بېرىدۇ. ئىككى ئۈچ يىل بولدى ئەتتىگەنلىك ناشتىلىغىمىزنىمۇ ھۆكۈمەت بېرىدۇ.
- كۈندىلىك خىزمەت ئەھۋالىڭىزنى تەپسىلى ئېيتىپ بېرىڭە.
- ئوفففففففففففف! قايسى بىرىنى دەي. قار توختىمىسا بىزمۇ توختىماي سۈپۈرىمىز. قار توختىسا جەڭ قىلىمىز دېسەكمۇ بولىدۇ. قار ياغسىلا بېشىمغا غەم چۈشىدۇ. كېچە سائەت ئىككىدە ئىش ئورنىمىزغا چىقىپ بولمىساق بىر كۈنلۈك  مائاشىمىزنى تۇتىدۇ. ئاۋال ب ر ت ئاپتوبۇسىنىڭ رىشاتكىسىنىڭ ئاستدىكى قارنى ئىككى يانغا سۈپىرىمىز. ئاندىن ئىككى پىيادىلەر يولىنى تازلايمىز. كۆچەتلىك ئىچىدىكى قار يول چېتىدىكى تاشتىن ئېگىز بولۇپ كەتسە بولمايدۇ. شۇڭا پىييادىلەر يولىدىكى قارنى چوڭ يولغا تاشلايمىز.ئارلىق يىراق بولسا ھارۋا بىلەن ، ھارۋا بولمىسا گۈرجەك بىلەن چوڭ يولغا توشۇيمىز. ئاندىن يول چېتىدىكى تاش بىلەن قارنىڭ ئارلىغىنى 30 سانتا كەڭلىكتە ئاچىمىز . بومىسا قار ئۇسۇش ماشىنىسى ئۇسالمايدۇ. قارنى ئۇسۇپ بولغاندىن كىيىن قار توشۇش،قار ئۇسۇش ماشىنىلىرى چىڭدىۋەتكەن قارلارنى قايتا قىرىپ سۇپۇرۇمىز. كۆچەتلىك ، چىملىقلاردىكى قارنىڭ ئۈستىنى تەكشىلەپ مەينەت قارلارنى ئاق قار بىلەن ياپىمىز. قارنىڭ ئىككى يېنىنى قىرلايمىز. قار سۈپۇرۇش ماشىنىسى مەينەت قىلىۋەتكەن ب ر ت رىشاتكىلىرىنى سوغاق سۇ بىلەن يۇيۇپ ئېتىمىز(ئىسسىق سۇنى نەدىن تاپىدۇ). بۇ ئىشلارنى قىلىپ بولغىچە ئۈچ كۇن ئۆتىدۇ . ئەمدى ئوف دېسەك ئەتىسى يەنە قەر يېغىۋاتقان.
- خىزمىتىڭىز ھەقىقەتەن جاپالىق ئىكەن.
- ئۇنى بىر دېمەڭ. پۇت-قوللىرىم توڭلاپ ئاغزىم گەپكە كەلمەي قالىدۇ. بولۇپمۇ كېچىنىڭ سوغۇقى بەك يامان. يا بىزنىڭ كىرىپ ئىسسىنىۋالغۇدەك ئىشخانىمىز بولمىسا(كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالىدۇ). سىزگە دېسەم بىز قىلۋاتقان ئىشقا خېلى-خېلى ئەركەكلەرمۇ چىدىمايدۇ.
- يازدا ئىشىڭلار خېلى يەڭگىللەپ قالامدۇ؟
- يازدا قىشتىن كۆپ ياخشى. شۇنىڭدىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بار. ھە دېسە چوڭ تەكشۈرۈش دەۋاتقان (ئۇلارنىڭ چوڭ تەكشۈرۈش دېگىنى ئاھالىلەر كومىتىتى سېكىرتارىنىڭ ماشىنا بىلەن بىر ئايلىنىپ چىققىنى ) ئەتتىگەندە چىقىپ ، سائەت ئالتىگىچە سۇپۇرۇپ تازلاپ بولۇپ قايتىپ كىرىپ ناشتا قىلىپ بولغىچە بەنجاڭ تىلىفون ئۇرۇپ - ئورنۇڭ بەك مەينەت بولۇپ كېتىپتۇ تېز چىقىپ تازلاۋەت دەۋاتقان. چىقساق يەنە ھاغىچە ئەخلەت. ۋاختىدا تازلىمىساق پۇلۇمىزنى تۇتۇۋاتقان. يا بۇ خەق ئۆزىنى ئۆزى سورىمىغان. گەپ قىلسا ئادەم بىلەن سوقۇشىۋاتقان. بۇلتۇر مېنىڭ يېنىمدا ئىشلەيدىغان دوستۇمنى بىر جۈپ ئەر خوتۇن ئۇرۇپ يەرگە ياتقۇزىۋەتتى. كىقجاڭغا تېلىفون قىلپ ئىنكاس قىلغانتىم، ئۇ ماشىنا بىلەن كېلىپ دوستۇمنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ باردى ۋە  - بىز بۇ ئىشنى چوقۇم مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىمىز. دەپ قويغان بىلەن ئىش بېسىقىپ قالدى. بىچچارە دوستۇم نەچچە كۈن داۋالىنىپلا يەنە ئىشقا چۈشۈپ كەتتى. يامغۇر ياققان كۈنلىرىمۇ ئىش ئورنىمىزدىن ئايرىلمايمىز. ئەتراپتىكى دۇكانلارغا كىرىپ يامغۇردىن دالدىلىنىمىز. مەن بۇرۇن كۇز يوپۇرماقلىرىغا بەك ئامراق ئىدىم. ھازىر شۇنداق ئۆچ بولدۇم. ئاسماندىن غازاڭ چۈشسىمۇ بىز ئەيىپلىك. خۇددى غازاڭ مېنىڭ ئۇچامدىن چۇشكەندەك.
- مۇشۇ يېقىندا جەمىيەت ۋە تورلاردا مۇشۇ توغۇرلۇق ئىنكاسلار بەك كۆپ. مەنمۇ سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى تورغا يوللايمەن . بۇ ئارقىلىق جامائەت پىكرى توپلاپ ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە تارتىپ سىلەرگە تېخىمۇ كۆڭۈل بولۈش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرىمىز.
- رەھمەت سىزگە! بوسا شۇنداق قىلساڭلار بىز ھەر مىللەت تازلىق ئىشچىلىرى سىلەردىن كۆپ مىننەتتار بولغان بولاتتۇق.(كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى).
قېرىنداشلار خوشنامنىڭ سۆزلىرىدىن قانداق تەسىرات ئالدىڭلار؟ قانداق قىلىشنى ئويلاشتىڭلار؟
مەنچە يەرگە ئەخلەت تاشلاش نۇمۇس، ئالدىمىزغا ئۇچرىغان ئەخلەتنى ئېلىۋېتىش مەجبۇرىيەت.
ئەگەر مەن شەھەر باشلىغى بولسام، ھەر بىر شەھەر ئاھالىسىنى يىلدا بىر كۈن تازلىق ئىشچىلىرى بىلەن شەھەر تازلىغىنى قىلىشقا چاقىراتتىم.



باشتا يازغىنىمدەك چىقمىدى.

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24173
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3734 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 04:01:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىلىرىمىزنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلايلى .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

http://barhan88.blogbus.com/

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5568
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9315
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 04:49:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېما ماۋزۇسىغا قاراپ ھەربىيلەر توغۇرسىدىكى تېما ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن،(بۇرۇن ئەدەبىياتتا شۇنداق بىر دەرس باردەك ئىسىمدە).ئەمما ماۋۇ ھەقىقەتەن ياخشى تېما بوپتۇ.مۇمكىن بولسا مىسرانىمدا نوقۇل شەخىسنىلا زىيارەت قىلىۋەرمەي مۇشۇنىڭدەك جەمىيەتتىكى خەلىق تۇرمۇشىغا ئائىت مۇھىم تېمىلارنى ( ئانا تىل چۈشەنچىسى ھەققىدە زىيارەت،ئەخلەت يىمەكلىك ھەققىدە زىيارەت،…دىگەندەك تېمىلارمۇ بولىدۇ) فىلىم قىلىپ ئىشلەپ خەلىققە سۇنسا تېخىمۇ ئېسىل ئىش بولىدۇ، ئالدىنقى قېتىملىق يەر تەۋرەش نەقمەيدانى زىيارىتىمۇ بەك ياخشى چىققان ئىكەن،بۇمۇ شۇنداق، قەدەملىرىڭلارنىڭ مۇشۇ يولدا داۋاملىق مېڭىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   barhan88 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-1 04:56 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 05:44:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھىت ئاسراش--شەرەپلىك ئىش.ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى يۇقۇرىلاپ،مەلۇم سەۋىيىگە يەتكەندە،تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىش ئەمەس،ھەربىر ئادەم ئۆزىدە تازىلىق ئىشچىسىدەك مەسئۇلىيەت سېزىدىغان بولىدۇ. ئەمما، ئۇ كۈنلەر بىزگە تەستە كېلەرمىكىن؟!
ياز كۈنلىرى گۈزەل ساياھەت رايونلىرىنى،بولۇپمۇ تاغلارنى ساپاسىز مېھمانلار ئېغىلغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇغۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86925
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 636
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2014-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 07:13:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98729
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 424
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 07:32:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
الا  بىرىدۇ

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16657
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6595 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 08:27:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن ھەممەيلەننىڭ مۇشۇ جاپاكەشلەرگە نىسپەتەن ھىسداشلىقىمىز ھەم ھۆرمىتىمىز قوزغالدى ھەم ئاشتى .
  ئەمدىكى ئىش بولسا ھەممەيلەن مۇشۇ ھۆرمىتىمىزنى ئىنكاستا ۋە ياكى قۇرۇق مەدھىيەدە ئەمەس بەلكى ئەمەلىي ئىش پائالىيەتلىرىمىزدە باشلىساق . ھازىر ھەر قايسى شەھەر ناھىيەلەرنىڭ دوقمۇشلىرىدا ھەر 15 مىتىردىن 50 مىتىر ئارلىقتا ئەخلەت ساندۇق ، ھەر بىر مەھەللە ئولتۇراق رايونلارنى چوڭ ئەخلەت تۆكۈش ئورنى بار ، شۇڭا كىرەكسىز ئەخلەتلىرىمىزنى ئاشۇ بارارگاھىغا تاشلىساق . چۈنكى بۇ كىرەكسىزلەر ئۆز جايىغا بارمىسا ۋاقتى كەلگەندە ئاشۇ جاپاكەشلىرىمىزنىڭ جەرىمانە تالونىغا ئايلىنىدۇ . دىمەك كىرەكسىز نەرسە دەپ ئاتالغان نەزەردىن چۈشۈپ قالغان نەرسىلەرمۇ ئۆز نۆۋىتىدە قىممەت يارىتىدۇ ئەمما پايدىلىنىش قىممىتى ئەمەس بەلكى زىيان سالىدىغان قىممەت بولىدۇ .
  ئاخىرىدا قىرىندىشىمىز ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىمنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك فىلىمنى ئىشلەپ بىزگە تەقدىم ئىتىپ ، جەمىئىيەتتە نەزەرگە ئىلىنمايدىغان ئەمما ئارقا كۆرىنىشى قەلبلەرگە ئىزتىراپتا چۇلغايدىغان مۇشۇ ئاددى ئەمما مەنىۋى تەربىيە رولى زور بولغان ئىسىل ، نادىر فىلىمنى سۇنغىنىغا تەشەككۈر ئىيتىمەن ، ھەم بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا زور ئۇتۇق ھەم مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن .

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش