kudiratjan يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 12:33 PM
كۈرۈش ئادېرسىچۇ ...
ئو ما كارامەتنى تۇز موللام تېما ...
دوستىنىڭ بولماسلىقى غىرىپلىق باستۇرسا ، رەقىپنىڭ بولماسلىقى غەپلەت باستۇردۇ دەپتىكەن دانالار .... خىلى ئۇزۇن بوپتىكەن ئىككىمىز ئۇنى بۇنى دىيىشمىگىلى ، نۆۋىتىدە بىر - ئىككى شىڭگىل گەپ قىلاي :
قاراملىق خۇشھاللىقنىڭ قېرىندىشى بولغىنى بىلەن يەنىلا پۇشايمانغا ھامىلدار بىر قېلىق . كەمچىللىكتىن پايدىلىنىش ، دۈشمەننىڭ ئىشى ..........
شەخسىيەتچىلىك ئىنساننىڭ ماھىيتى ، دەل مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ، باشقىلارغا باھا بەرگەندە ئۇنىڭ پۈتۈنلەي شەخسىيەتسىز بولغانلىقى شۇنداقلا باشقىلار ئۈچۈن قانچىلىك ئىش - قىلغان قىلمىغانلىقىنى سۆزلەش ئادىللىق ئىدى . يەنى ساقال توغرىستا گەپ ئېيتىپلا زىيالى ئەپەندىم ، ئەگەر ساقال بىراۋنىڭ ئىتقاد ۋە ھۆرمەتكە ئېرشىشتىكى ۋاستە بولدىغان بولسا ، ئۆچە چوقۇم ھايۋاناتلار دۇنياسىنىڭ مۆتىۋەرىگە ئايلىناتتى .............
ھە راس ، سىلە بىلەن ئىنكاس جىڭى ھەم ئۇچۇر جىڭى قىلغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، يۇرتىمىزدكى 90 ياشتىن ئاشقان بىر ئاقساقال بىلەن ھەمسۆھبەتتە بوپ قالدىم . ئۇ كىشىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى مىنى قاتتىق ئويغا سالدى . بۇرۇن بىز بىر - بىرىمىزنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر قاچا تۇزنى بىللە يەيتۇق ، ئەپسۇس ھازىرقى چوڭ بولۋاتقان ھەم زىيالىلار بىر - بىرىنى چۈشنىش ئۈچۈن نەچچە شىشە ھاراقنى ئىچىدىكەن ئەمەسمۇ ؟!
يەنى بىر گىپى : ئىككى دېھقان يەر تالىشىپ ، بىرسى بۇ يەر مېنىڭكى دىسە ، يەنى بىرسى بۇ يەر مىنىڭكى دەپ ، تالىشىپ ئۇرشۇپ چانىشىپ كەتكەندە ، يەر تىگىدىن بىر سادا كىلىپ ، ھەي ! ئۇرۇشما ! تالاشما ! ھەر ئىككىڭ مېنىڭكى دەيدىكەن ......
مەن شۇنىڭدىن كىيىن ئاساسەن سەل كەم سۆز ھەم جىمغۇر بوپ قالدىم .
ئاخىردا شۇ مويسىپىتنىڭ ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان يەنى بىر سۆزى بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇراي :
ۋەتەنسىزلىكتىن ئىتىقادسىزلىق يامان ، چۈنكى ئىتىقادسىز ئادەمنىڭ ھېچقاچان ۋەتىنى بولمايدۇ ....
خوش ئاللاغا ئامانەت ئامان بولغايلا ~~~~