مىنىڭ كۆرۈشۈم مومكىن ئەمەسلا بىر كىنۇكەنغۇ بۇ، بۇ ئامىرىكىلىق نىمانداق قان- يىرىڭ تۆكۈلۈپ تۇردىغان فىلىم ئىشلەشنى ياخشى كۆرىدىغاندۇ..... ناۋادا بۇ كىنۇنى ئۇقۇشماي بەش مىنۇت كۆرسەملا، ھۆ بولۇپ، ئاغىرىپ يېتىپ قالغۇدەكمەن..
ئەگەر بىر قورقۇنۇچلۇق كىنۇ كۆرسەم، شۇنچە كۈن ئويغانماي ئۇخلىسام، شۇ كۈنى ئۇخلىماي چەكچىيىپ، شۇ نەرسىلەر نەدىن چىقار دەپ، ئۆينىڭ تۆت بۇلىڭىغا قاراپ ئولتۇرىدىغان خۇيۇم بار مىنىڭ، ھەرگىزمۇ قورقۇنۇچلۇق نىمىلەرگە يېقىن يولىمايمەن، ئاللاھ ساقلىسۇن!
پاكىز، يورۇق، چىرايلىق ئادەم، گۈزەل موھىت، بەخىت، خوشاللىق، نۇر، مىھىر-مۇھەببەت، ئىناقلىق،.. ۋاھاكازالار تەسۋىرلىنىدىغان ياكى فانتازىيەلىك، پەن- تېخنىكلىق فىلىم، ئېسىل كارتۇن فىلىم بولسا ياخشى كۆرۈپ كۆرىمەن!
شۇنداق فىلىم بولسا يوللاپ قويارسىلەر، ھە راسىت ئاق بۈركۈت خەتلىك فىلىم تورىنىڭ ئادىرىسىنى يۇتتۇرۇپ قويدۇم، ئۇلىنىشتىمۇ يوق ئىكەن، بىرەرسىڭلار بىلسەڭلار يوللاپ قويساڭلارمۇ بوپتىكەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nurjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-6 05:36 PM