ئالەمنىڭ شەكىللىنىشى توغرىسىدا بىرىلگەن پروگرامىدا يەنە مۇشۇ يېقىنقى 2011-يىلى 11-12-ئاي ئەتراپىدىكى بىر يەكشەنبە كۈنى CCTV-10قانىلىدا چۈشتىن بۇرۇن ئالەم توغرىسىدا دېگەن بىر ھۆججەتلىك فىلىمدە بىر ئاستېرنومىيە ئالىمى ئالەمنىڭ شەكىللىنىشى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:
«كائىنات مۇنداق شەكىللەنگەن، ئالەمدە بىر كىچىك كۆك نۇر شىددەت بىلەن پارتىلاپ يەنى نۆل پۈتۇن مىليون مىليون مىليون مىليون مىليون مىليون مىليون مىليون مىليون مىليون مىليون ...دەن بىر سېكۇنت ئىچىدە ئالەم شۇنداق تېزلىك بىلەن كىڭەيگەن ھەمدە شۇنداق كېڭىيىۋاتىدۇ ھەم بۇ كائىنات بۈگۈنكى دەۋىرگە كەلدى، ھەم ئالەم تارىيىشىمۇ مۇمكىن ، بىراق بىز ئالەم بوشلۇقىدا يەنە ئىنسانلار بار ياكى يوق دېيەلمەيمىز؛ شۇڭا كائىناتتا يەنە بىزگە ئوخشاش ئىنسانلار مەۋجۇت، ئالەمنىڭ چېكى بار دېسەك ئۇ ھالدا بىز ئالىملار ئاشۇ كۆك نۇر پارتىلىغان جاينى ئالەمنىڭ چېكى دەپ قارايمىز ھەمدە يەنە كىلىپ شۇ جاي دەل ئالەمنىڭ چېكى بولمىسا ئۇنداقتا بۇ كۆك نۇر پارتىلىغان جاي دەل ئالەمنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ ، شۇڭا بىزنىڭ قۇياشتىن يەنە نۇرغۇن نەچچە مىليارت قۇياش بولۇشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتكەن.
يەنە بىر ماتىرىيالدا مۇنداق دېگەن:
ئېنگىلىزچە «Paul Steinhardt and Neil Turok,»نىڭ «تەكىرالىنىپ تۇردىغان كائىنات»پەرىزى-كائىنات پەيدا بولۇپ يوقۇلۇپ قايتا پەيدا بولۇشى سانسىز قېتىم تەكىرارلىنىپ تۇرىدۇ.كۆپلىگەن كائىناتلار بىر چوڭ ھەجىمنىڭ ئىچىدىكى چەكسىزلىككە سۇزۇلغان يالتىراقىلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ھەر بىر يالتىراق بىر كائىناتنى تەشىكىل قىلىدۇ.
نېپىز قەغەزلەر شامالدا بىر-بىرى بىلەن سوقۇشقانغا ئوخشاش باشقا-باشقا ئۈچ ئۆلچەملىك كائىناتلار بىر- بىرى بىلەن سوقۇشىدۇ. ھەر بىرى سۇقۇشۇشتىن كىيىن ئېنىرگىيە ماددىلىرىنى پەيدا قىلىپ، بىزگە تۇنۇشلۇق بولغان بىر كائىنات يەنە گالاكسى ۋە پلانېتلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋال تەخمىنەن ھەر بىر تىرىليون يىلدا بىر قېتىم يۈز بىرىدۇ.مۇشۇ پەرەز توغرا بولسا بىزنىڭ كائىنات ئاران %0.1 ياشقا كىرگەن بولىدۇ. بۇنداق چوڭ پارتىلاش ۋاقىت بىلەن بوشلۇقنىڭ باشىلىنىش نۇقتىسى بولمايدۇ[132]
يەنە بىر ماتىرىيالدا مۇنداق دېگەن:
ۋاقىت ئىسىتىرىلكىسى
سىن كارول(1966-) (Sean Carroll)«ۋاقت ئىسىتىرىلكىسى» ئېنگىلىزچە «Time Arrow»نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قويغان.ئۇ كالغۇرنىيە تېخنىلوگىيە ئېنسستوتىنىڭ نەزىرىۋى-فىزىكا ئالىمى بولۇپ، بوشلۇقنىڭ يۆنۈلىشى يوق بولۇپ، ۋاقىت يۆنىلىشى بار بولىدۇ. كائىنات يېڭى بارلىققا كەلگەندە ئۇنىڭ تەكشىلىكى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ تەكشىلىك دەرىجىسىمۇ ئۆسۈپ مېڭىپ ئەك ئاخىرى بىرخىل «تەڭپۇڭلۇق» ھالاتكە كىلىدۇ.
يېڭى بارلىققا كەلگەن كائىنات بىر« يەل ئۇرۇلغان شار» دەك تېز چوڭيىشى ئېنگىلىزچە «inflation» باسقۇچنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. «قاراڭغۇ ئېنىرگىيە»گە ئىگە بولغان بوشلۇقتا ئاشۇنداق «چوڭىيىش» يۈز بىرىپ كۆپلىگەن يېڭى كائىناتلار بەرپا بولۇشى مۇمكىن.
بۇ كائىناتنىڭ بەزىلىرى كىچىكلەپ قارا ئۆڭكۈرگە ئايلىنىپ تۇزۇپ كىتىدۇ. قالغانلىرى بولسا مەڭگۇ كىڭىيىپ ماڭىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېڭى «بوشلۇق»ھاسىل قىلىنىپ يېڭى كائىناتلانى بارلىققا كەلتۇردىغان شارائىت ھازىرلايىدۇ. بىزنىڭكىدىن باشىقا چوڭ پارتىلاشىلارمۇ يۈز بىرىپ،ئۇلارنىڭ ۋاقىتى بىزنىڭكىگە قارمۇ –قارشى يۈنلىشىكە ماڭغان بولشى مۇمكىن . كائناتلار بۇرۇندىن تارتىپ مەۋجۇت بولغان، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مەۋجۇت بولىدۇ ۋە شۇنداق بولىدۇ.
يەنە بىر ماتىرىيالدا مۇنداق دېگەن:
-يىلىغا كەلگەندە ئالەم ئارقا كۆرىنىشتىكى رادىئاتسىيە بايقالدى. شۇنىڭ بىلەن چوڭ پارتىلاش تەلىماتى قايتىدىن يورۇقلۇققا چىقتى. ئەسلىدە چوڭ پارتىلاش تەلىماتى مۇنداق ئالدىن ھۆكۈم قىلىنغانتى. ئالەمنىڭ ھەممە جايلىرىدا«ئىپتىدائىي ئوت شارى» نىڭ قالدۇق ئىسسىقلىقى ساقلانغان بولىشى كېرەك. بۇ خىل «قالدۇق ئىسسىقلىق» بىرخىل تۆت يۈزلۈك سەككىز تەرەپلىكنىڭ ھەممىسىدە ئارقا كۆرىنىشتىكى رادىئاتسىيەنىڭ بارلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى،گاموف ئالدىن ھۆكۈم قىلغان «قالدۇق ئىسسىقلىق»نىڭ تېمپىراتۇرىسى بىلەن ئالەم ئارقا كۆرىنىشىدىكى رادىئاتسىيەنىڭ تېمپىراتۇرىسى ئوخشاش ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئاستېرىنومىيەگە مۇناسىۋەتلىك سان-سىفىرلار تېپىلغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ سان-سىفىرلارغا ئاساسلىنىپ ئالامنىڭ كېڭىيىش يېشىنى ھىسابلاپ چىقىپ ئەسلىدىكى 5مىليارت يىلدىن 10، 20 مىليارت يىلغا كۆپەيدى. بۇ ياش بىلەن ئاسمان جىسىملىرى ئۆزگىرىش تەتقىقاتىدا بايقالغان ئەڭ چوڭ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ يېشى ئۆز-ئارا ماس كىلىدۇ.
چوڭ پارتېلاش تەلىماتى باشقا ئالەم تەلىماتلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئالەم كۈزىتىش پاكىتلىرى ئارقىلىق ھادىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرەلەيتى. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ھاياتى كۈچى بارا-بارا نامايەن بولدى. ھازىر كۆپ ساندىكى ئاستېرىنومىيە ئالىملىرى «چوڭ پارتېلاش» تەلىماتى ئاساسى ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلدى. بۇرۇن چۈشەندۈرگىلى بولمىغان خېلى كۆپ مەسىلىلەر بارا-بارا ھەل بولۇشقا باشلىدى. ئۇ ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە، ئەڭ ئۈستۈنلىككە تولغان بىر ئالەم تەلىماتىدۇر.
يىغىپ ئېيىتقاندا تاكى ھازىرغىچە ئالىملار ئالەمنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بىلەلمىدى. يۇقىرىقى بايانلار پەقەت ئىنسانلارنىڭ تولۇق ئىسپاتلىيالمىغان تەلىماتى خالاس. نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار بۇ سىرلىق دۇنيا ھەققىدە تەتقىقاتىنى يەنىلا «ئاللاھ»قا ئىمان ئېيتىش بىلەن ئاياغلاشتۇرماقتا . بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى پۈتكۈل ئالەمنى تەڭپۇڭ ھالەتتە ساقلاپ، ئۆز ئىلكىگە ئالغۇچى يەنە بىر قۇدرەتلىك كۈچتۇر. ئۇ ھەم شۇنداقلا ئالەمدىكى جەمئىي مەۋجۇدىيەتنى ياراتقىچىدۇر. ھەممىگە قادىردۇر. ھەممە يەردە ھەممىگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىلاھتۇر- ئۇ بىزنىڭ ئېڭىمىزدىكى ئۇلۇغ «ئاللاھ» تۇر. [140]
شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇكى بۇ بىر مۇلاھىزىدە تىلىغا ئېلىنغان ساياھەتچى 1 بىلەن ساياھەتچى2گە 27 خىل تىل قاچىلانغان بولۇپ ئۇلار ھازىر بىزنىڭ قوياش سېستىمىمىز بىلەن باشقا سېستىمىلارنىڭ ئاخىرقى چېكىگە باردى. ھازىر ئۇنىڭدىن يىراققا بارالىغان ئالەم ئۇچقۇرلىرى يوق. ھازىرغىچە ئالەم بوشلىقىغا چىقىرىلغان تېلىسكوپلارنىڭ ھەممىسى قوياش سېستىمىسى ئىچىدە ھەمدە يەرشارىنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ھازىر بىز 30مىڭ نۇر يىلى ئىچىدىكى يۇلتۇزلاردىن بىزنىڭ يەرشارىغا ئوخشاش پىلانىتلارنى ئىزدەۋاتىمىز. يەرشارىغا ئوخشايدىغان پىلانىتلار تېپىلغان تەقدىردىمۇ ھازىر ئۇنىڭغا بارىدىغان ۋاستە ۋە ئۇچقۇرلار يوق، لىكىن كەلگۈسىدە بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.
ھازىرغىچە بىز دەسلەپتە 30مىڭ نۇر يىلى يىراقلىقتىكى پىلانىتلارغا بېرىشنى ئويلىشىشىمىز كېرەك. بىز ھاياتلىق بار بولغان پىلانىتلاردىن يەرشارىدىنمۇ باشقىسى بار دەپ قارايمىز. ھازىر ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسىدا ياساۋاتقان، 2016-يىلى قويۇپ بېرىلىدىغان«ھاياتلىق بار بولغان پىلانىتلارنى ئىزدەيدىغان تېلىسكوپ» نى ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ ساھەدە تېخى يەرشارىدىن باشقا پىلانىتلار يوق دىگەن يەكۈن چىقىرىلمىدى.
يەنە بىر ماتىرىيالدا مۇنداق دېگەن:
كائىناتنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىق ھەققىدە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان پەرەزلەردىن بىر قانچىسى بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى چوڭراقىلار (1)چوڭ پارتىلاش: ئۆلچەملىك نەزىرىيەنىڭ قارشىچە چوڭ پارتىلاش مەلۇم بىر بوشلۇق ۋە مەلۇم بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بولماستىن بەلكى ئۇ بوشلۇق بىلەن ۋاقىتنىڭ پارتىلىشى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ۋاقىت مەۋجۇت بولغان ئەمەس.
كائىنات بىر چەكسىزلىككە يېقىن قويۇقلۇق بىلەن تېمپۇراتۇرا ھالىتىدە باشلىغان. بۇنداق قۇتۇپلۇق ھالەتتە ھازىرغىچە بايقالغان فىزىكىلىق قانۇنىيەتنىڭ ھەممىسى ئىشلىمەيدۇ.
ۋاقىتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باشلىنىشىنى توغرا چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئالىملار بىر ئومۇمىيى نىسىپىيلىك نەزىرىيسى بىلەن ۋاقىت مىخانىكىنىڭ بىر قىسمىدىن تۈزۈلگەن بىر يېڭى نەزىرىيە يەنى بىر «بىرلەشتۈرۈلگەن نەزىرىيە»ئېنگىلىزچە «unified theory)»گە مۇھتاج، بۇ نەزىرىيە نوبىل مۇكاپاتى ئالىدۇ[130]
بىزنىڭ كائىنات ھازىر 13.7 مىلىيارت ياشقا كىرىدى. «بايقاش»ناملىق ژورنالنىڭ ئېنگىلىزچە « Discovery»2010-يىللىق 12-ئاينىڭ 6-كۇنىدىكى ماقالسىدە، ياۋۇرۇپا ئالەم بوشلۇق ئىدارىسى 2010-يىلى 7-ئايدا تارقاتقان رەسىمى. بۇ رەسىم ئالەم بوشلۇق تېلېسكوپى ئارقىلىق توپلانغان ئۇچۇرغا ئاساسەن تەييارلانغان[131]
[131]
http://www.Meripet.com
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 y; ]3 V' [. C! i- r* n+ A# x& u% Y
http://discovermagazine.com/2011/jan-feb/07
[132] http://www.astro.uu.se/~nisse/co ... yclic_universes.pdf
[140] «ئالەمگە ساياھەت» ئىنتىل تورىدىن ، ئەۋدەۋىل ئۇيغۇرچە خەتىلىك فىلىم،تەرجىمان:ئىستەك( ھەسەنجان ھەمدۇل)،تەھىرىر(ئانلەتىجان ئىبراھىم) چاقىماق كاۋا(ئالىمجان ياسىن) كورىكتورى(يۈسۈپچان تۇرسۇن)،كىرىشتۇرگۈچى(ئەۋدەۋل)دىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-20 12:09 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' z( P/ O, k) f2 N! W5 I
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ E3 N# L r( x9 O